مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5300|ئىنكاس: 28

ياقۇپبەگ شەجەرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7050
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 03:04:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپ بەگ— بەدەۋلەت— ھەققىدىكى تارىخىى داستان، ئورتا ئاسىيادىن يارۇپاغىچە بولغان پىپايان زېمىننى  زوراۋانلىق بىلەن ئىشغال قىلغان چار-رۇسىيە ھۆكۈمىرانلىقنىڭ تارىخچىلىرى يازغان خاتىرەلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئەمىلىيەتنى ئىزدەيدىغان بۇخارا-قەشقەر تارىقچىلىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىلىشى ۋە خاتىرلىنىشى  كېرەك!!!   veselovski_1898_yakub_bek.jpg


بۇ شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەمەل ساقلانغان بىر پارچە نەسەپنامە بولۇپ، ناھايتى كۆركەم نەقىشلەر بىلەن رەڭلىك ئىشلەنگەن. بۇ شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپىئانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان. نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا -1982يىلى "بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر" دەپ ئىزھات يېزىپ قويغان. -(مېنىڭ  ئەرەپ تىلىدىن خەۋىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەسەپنامىدىكى مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان_ توخار).

2007- يىلى -13ئۆكتەبىر كۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى  ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم  لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋاللغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار  كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.
نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن  نەسەپنامىنى -1865 يىللاردىن- -1875 يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دىگەن قىياسقا كىلىمىز.چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋاپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125يىلدىن130 يىلغىچە   تارىخقا ئىگە. (ئاپتۇرى توخار )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 04:20 AM  


ياقۇپبەگ - نەسەپ-نامىسى

ياقۇپبەگ - نەسەپ-نامىسى
ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 09:12:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  باشقا رەسىملىرى يوقمىكىنە  ئاۋۇ ياقۇپبەگنىڭ رەسىمىكەندە مەنچە ئۇ ئادەم ياخشى
بىزنىڭ تارىخى ماتىرياللىرىمىز ھەنىم بولسا ياخشى ساقلىنىۋىتىپتۇ  تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7050
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:23:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
57gulyar يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 09:12 AM
باشقا رەسىملىرى يوقمىكىنە  ئاۋۇ ياقۇپبەگنىڭ رەسىمىكە ...

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخى قىممىتى يۇقىرى كۆپلىگەن رەسىملەر بار .

ۋاقىت ئېتىبارى ۋە تەستىق ئېتىبارىغا قاراپ يوللاپ قۇيىمەن .


ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8069
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5046 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:48:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ توخار دىگەن  مۇنبەردىكى مارشال شۇدۇ .... بۇ  بالا  توينى قىلماي  نىمە قىلدۇ ئۇ شىۋىتسىيەدە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79993
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 11:46:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپبەگ توغرىسىدىكى ماتېرياللار ياقۇپبەگنىڭ يېنىدا خاتىرىلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخىي ئەمىنىيە دېگەن كىتابى ئەڭ ياخشى ئىسپات بولالايدۇ.بەدۆلەت ئاتىلىق غازى تاھارەتسز يەرگە دەسسىمەيدىغان،ئادالەتلىك،ئادىل مۇسۇلمان ئىدى.كېيىنكى يىللاردا مىجەزى چۇسلىشىپ كەتكەن ھەم دۆلەت ئىشلىرى بىلەن جىق كارى بولالماي قالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە مەن تارىخى ماتىريىاللارغا بەك ئامراق

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

قاراخان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10016
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1969 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپبەگ يەنى بەدۆۋلەت زادى كىم؟
1864-1865-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى بىر مەيدان قوزغىلاڭلار كۆتۈرۈلدى ۋە ناھايىتى تىزلا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مانجۇ ھاكىمىيىتى تىزلا يېمىرىلدى. بۇ 1755-يىلى مانجۇلار بۇ زېمىنننى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ،ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان شۇنداقلا غەلبە قىلغان بىر قوزغىلاڭ ئىدى. غەلبىگە ئەگىىشىپ كۇچادا راشىدىن خوجا ھاكىمىيىتى، ئۈرۈمچىدە تۇڭگانلار ھاكىمىيىتى، خوتەندە بولسا ھەبىبۇللاخان ھاكىمىيىتى بارلىقققا كەلدى. ئىلى رايونىدا ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ ،قومۇل ۋاڭنىڭ چىڭ ئوردىسىغا ساداقەتتە مەھكەم تۇرغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن دىيارىمىز چىڭ ئىمپىريىسىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدى.
بىراق غەلبە ئالدىدا بىزنىڭ بەگ-تۆرىلىرىمىزنىڭ شەخسى مەنپەتى ھەممىنى يوق قىلدى. دىيارىمىزدا بارلىققا كەلگەن بۇ بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر بىرلىشىپ كۈچىيىشنى ،بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت قۇرۇشنى ئويلاشماي، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋالغان بەگ-تۆرىلەر بىر -بىرىگە چوڭلىق ،مەنمەنلىك قىلىشىپ قالايمىغان ئۇرۇشتى. ئاخىرىدا قوقانلىك ھەربىي ئەمەلدار ياقۇپبەگ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بۇ بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنى بىر -بىرلەپ ھىيلە بىلەن يوقىتىپ يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى. ئۇنىڭ پەقەت خوتەندىلا بىر كۈندە 50مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى قىرغىن قىلدى. مۇناسۋەتلىك بايانلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى»دگەن كىتابىدا تولۇق يېزىلغان.   
ياقۇپبەگ ئەسلى قوقان خانلىقىنىڭ بىر ئاددىي ئوپىتسىرى بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىياغا بىسىپ كىرگەن چار روسىيە قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە قوقان خانى ئۇنى بۇزرۈك خوجىغا قوشۇپ قەشقەرگە ئەۋەتكەن. ياقۇپبەگ بۇزرۈك خوجىنىڭ نامىدا ئۇيغۇر خەلقىنى مانجۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ ،ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن يۇقارقى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنى يوقىتىپ ،يەتتە شەھەرخانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن ، بۇزرۈك خوجىنىمۇ ھەج قىلىش نامىدا ھەيدىۋەتتى . ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىدە ئاساسلىقى قوقانلىك ،ئەنجانلىقلار ھوقۇق تۇتقان بولۇپ ،يەرلىك ئۇيغۇرلار سىرتتا قالدۇرۇلدى. سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ياقۇپبەگ تۇڭگانلارنى ھەتتا تەسلىم بولغان چىڭ قوشۇنلىرىنى ئىشلەتسە ئىشلەتتىكى يەرلىك خەلققە ئىشەنمىدى. ئەسلىدە مانجۇ ھاكىمىيتى يوقىتلسا ئادەمدەك كۈن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان خەلق ،ئەمدى ياقۇپبەگنىڭ زۇلمىدا تېخىمۇ بەتتەر كۈندە قالدى. ئۇنىڭ يەرلىك خەلققە قانداق ئالۋاڭ -ياساقلارنى سېلىپ قانداق ئەزگەنلىكى «تارىخىي ھەمىدى»ۋە چارروسىيىلىك كوروپاتكىن يازغان «قەشقەرىيە»دىگەن كىتابلاردا خېلى تەپسىلي يېزىلغان.
دەرۋەقە ياقۇپبەگ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قەشقەرىيەنى ئوسمان سۇلتانلىقنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ جاكارلىغان ۋە ئىستانبۇلغا ئەلچى ئەۋەتىپ مىراخور باشى دىگەن ئەمەلگە ئىرىشىپ ،بىرقىسىم ھەربىي قورللارغا ئىرىشكەن بولسىمۇ بىراق ، چارروسىيەنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا چىڭ سۇلالىسىغا ياردەم قىلىشى ، ئەڭ ئاساسلقى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ ھىچقانداق قوللىشىغا ئىرشەلمەي زوزۇڭتاڭنىڭ قوشۇنىغا يېڭىلىپ ،قول ئاسىتىدىكىلەرنىڭ زەھەرلىشى بىلەن ئۆلدى.
چىڭ سۇلالىسى ئەسلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ۋاز كەچكەنىدى.بىراق زوزۇڭتاڭ قاتارلىق كىشىلەر :«ئەگەر بۈگۈن ياقۇپبەگكە يول قويساق كېيىن ئۇھامان سەددىچىدىندىن بېسىپ كىرىدۇ»دەپ خاننى قايىل قىلىپ زور قوشۇن بىلەن قومۇلدىن كىردى.
بۇقېتىم چىڭ قوشۇنلىرى ئىلگىركىدەك باغانلا يېرىدە يەرلىك خەلقتىن ئۆچ ئېلىپ قىرغىن قىلماستىن ، ئەكسىچە يەرلىك خەلقنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىدىن نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ ،پەقەت «قوقانلق توپىلاڭچىلاردىن قول ئۈزۈپ ،ئولۇغ خانغا ساداقەت بىلەن بەيئەت قىلسىلا»  ئىلگىركى گۇناھى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلقىنى ئېيتىپ ۋە خەلققە ئاشلىق،پۇل -پىچەك تارىقىتىپ كۆڭلىنى مايىل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جايلار ناھايىت تىزلا مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا ئەل بولدى.14يىل مەۋجۇت بولغان  ياقۇپبەگ ھاكىمىيتى ناھايىتى تىزلا يېمىرىلدى...
دىمەك ياقوپبەگ ھەرگىزمۇ خەلقىمىزنىڭ نىجادكارى ئەمەس ،بەلكى ئۆز قارانىيتى ئۈچۈن بۇ زېمىننى قانغا بويىغان ، بۇ ئالتۇن زېمىنغا ئېرىشىشىنى بىردىنبىر مەقسەت قىلغان تاجاۋۇزچىلارنىڭ بىرى ،بۇجەھەتتە ئۇنىڭ ئاپاق خوجا زامانىدىكى جۇڭغارلار ۋە كېينكى مانجۇ ئىستىبداتلىرىدىن پەرقى يوق !   
شۇڭا ياقۇببەگ ھاكىمىيتى ھەرگىزمۇ ئۇرخۇن خانلىقى ،قاراخانىيلار خانلقى ۋە سەئىدىيەلەردەك ئۇيغۇر مۇستەقىل خانلىقلىرى قاتارىغا تىزىلالمايدۇ.
ئۆز قارا نىيتى ئۈچۈن مىڭلاپ بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلغان ، (ئۇنىڭ خوتەندىكى قىرغىنچىلقى تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسىرىدە ئېنىق خاتىرلەنگەن!) ئۆزى بىلەن بىر يىلتىزدىن كۆكلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزىنىڭ قوقانلىك ،ئەنجانلىقلىرى بىلەن بىر قاتاردا باراۋەر كۆرمىگەن كىشىنى ماختاشقا بىزنى نىمە مەجبۇر قىلىدۇ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6397
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 03:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
57gulyar يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 09:12 AM
باشقا رەسىملىرى يوقمىكىنە  ئاۋۇ ياقۇپبەگنىڭ رەسىمىكە ...

بەزى ماتىرىياللاردا ئۇنىڭ شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق ئېىلپ خەلىقنى ئەزگەنلىكى سۆزلەنگەنىكەن.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 10:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرىيە دىگەن كىتاپتا رۇس سەيياھى خەلق ئارىسىدا تارقالغان بۇ ھىكايىنى نەقىل قىلىدۇ.
بىر كۈنى بازاردىكى قېتىقچى ئايال بىلەن ياقۇپبەگنىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، ئايال، قېتىقىمنى ئىچىپ پۇلۇمنى بەرمىدى دەيدۇ، ئەسكەر، مەن ئىچمىدىم دەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ ئىش ئۈستىگە كەلگەن ياقۇپ بەگ دەرھال قىلىچىنى چىقىرىپ ئەسكەرنىڭ قارنىنى يارىدۇ، ۋە قېتىق ئىچكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش