مەيلى
كۈتۈش دەپلا سەۋىر قىلىپ مەن ،
پەرۋايىڭغا دېدىم مەن مەيلى .
تىللار بىلەن سۈكۈلسەممۇ مەن ،
غورۇرۇمغا دېدىم مەن مەيلى .
يىغلىساممۇ ئۈنتىنسىز مەن ھەم ،
ئازابىمغا دېدىم مەن مەيلى .
پىغانىمنى يۈيۈپ مەن شۇ دەم ،
كۆز يېشىمغا دېدىم مەن مەيلى .
شۇنچە خوشال ئۈتىدۇ كۈنۈڭ ،
راھىتىڭغا دېدىم مەن مەيلى .
شېرىن چۈشتە ئۈتىدۇ تۈنۈڭ ،
كىرپىك قاقماي دېدىم مەن مەيلى .
مەنىلەرگە تولسۇن ھاياتىڭ ،
خوشلۇقىڭغا دېدىم مەن مەيلى ،
بەلكىم ئەتە مىنىڭ ماماتىم ،
ئەلىمىمگە دېدىم مەن مەيلى .
مەن سەپەردە بولساممۇ يىراق ،
يولدىشىڭغا دېدىم مەن مەيلى .
ھېجران چۆلىدە قالدىم يىراق ،
دۆتلىكىمگە دېدىم مەن مەيلى .
خوشال ئۆتكىن بەخىتلىك بولۇپ ،
ھىجرانىمغا دېدىم مەن مەيلى .
قەلبىمنى تاڭدىم باشقىغا يۇلۇپ ،
ۋىجدانىمغا دېدىم مەن مەيلى .
ئۆرتىنىدۇ بۇ قەلبىم ھامان ،
غەيۋەتلەرگە دېدىم مەن مەيلى.
قىيناپ يۈرەك ئازابىڭ يامان ،
غەيرىتىمگە دېدىم مەن مەيلى .
كۈتىمەن پاراغەتلىك كۈننى ،
بۇ كۈنلەرگە دېدىم مەن مەيلى .
ئىبرەت بىلەي مەن ئۆتمۈشۈمنى ،
تۈنۈگۈنگە دېدىم مەن مەيلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MSR630 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 12:11 AM