ئارىمىزدا جەننەتكە كىرىشنى ئويلىمايدىغانلار تامامەن يوق . ھەممە ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن نازۇ- نېمەتلىك ، غەم- غۇسسىسىز ،راھەت پاراغەتلىك جەننەتتە ياشىغۇسى ، تېخىمۇ بەك تېخىمۇ مۇھىمى ئاللاھنىڭ مۇبارەك دىدارىنى كۆرگۈسى بار(بۇ ئەڭ چوڭ بەخىت) . تۆۋەندىكىسى مەلۇم بىر شەھەردىكى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى چىقارغان بىر كىتابىكەن . كىتاپتا بىر كىشىنىڭ بالىلىرىغا جەننەت توغرۇلۇق ئاز-تولا سۆزلەپ بەرگىنى ئارقىلىق جەننەتنىڭ ھەرخىل تەرەپلىرى بايان قىلىنغان . گەرچە بىز جەننەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ ئەمما يەنىلا بەزى ھەدىسلەر ئارقىلىق ئاز-تولا جەننەت توغرۇلۇق بىلىۋالالايمىز . قېنى نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن. . . . . .
* * *
جەننەت قانداق جاي
ئا.قارلۇقى
تەكشۈرۈپ بېكىتكىنى: ن . تەمكىنى
رىياد شەھىرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى
(بالىلار ئۈچۈن)
ئېھ!جەننەت،جەننەت!بالىلار بىلەمسىلەر ، جەننەت قانداق جاي؟ ئەگەر مەن گەپ باشلىسام گېپىم ھېچ تۈگىمەيدۇ ...ئەمما مەيلى كېلىڭلار،مەن سىلەرگە ئازغىنا بولسىمۇ سۆزلەپ بېرەي .قالغىنىنى چوڭ كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بولغاندا بلىۋالسىلەر .سىلەرگە جەننەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قايسى شەھەرگە ، قايسى باغقا ئوخشاتسام بولاركىن-ھە! ياق ، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن.چۈنكى بۇ دۇنيادا جەننەتكە ئوخشايدىغان ھېچ بىر جاي يوقدە........ئۇ يەر شۇنداق چىرايلىقكى ئۇنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بولالمايمەن.ئۇ يەرگە پەقەت بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك .ئەنە شۇ چاغدىلا جەننەتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز ."جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن ، قۇلاق ئاڭلىمىغان ، ئادەم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن نەرسىلەر بار" دىگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام . جەننەت ھازىر بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە ، جەتتە ھازىر بار. ئۇ يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىگە ،ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان . ئۇ ناھايىتى چىرايلىق باغلاردىن ، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن، ئاجايىپ شەھەر ۋە مەملىكەتلەردىن ، سايىسى سالىقىن ئارامگاھلاردىن بىزەلگەن . جەننەت كىرگەن ئادەم بۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ قايتىپ چىققىسى كەلمەيدۇ . ئۇنداقتا قانچىلىك كاتتىلىقىنى ئېيتمايمۇ ؟ يەتتە قەۋەت ئاسمان بىلەن يەتتە قەۋەت يەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ جەننەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ . جەننەت ئەنە شۇنداق ئېسىل جاي! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى 100 يىللىق يىراق يولدىن كېلىپ تۇرىدۇ . جەننەت قەۋەت - قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ ، ئەڭ ئۈستىدىكىسى "فىردەۋىس جەننىتى " دەپ ئاتىلىدۇ .دۇنيا يوق بولۇپ كېتىدۇ ، ئەمما جەننەت ھەرگىز يوقالمايدۇ . جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار . دەرۋازىسى شۇنداق كەڭرىكى ، بۇ چېتىدىن - ئۇ چېتىگىچە 40 يىللىق يول . جەننەتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەت سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىدۇ . جەننەت شۇ كىشىگە ئېچىلىدۇ.جەننەت ئەڭ ئاۋال شۇ زات كىرىدۇ . كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۈممەتلىرى ، مۆئىمىنلەر ، يەنى بىز مۇسۇلمانلار كىرىمىز . شۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەملەرنىڭ ئۈممەتلىرى كىرىدۇ . دىن يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر ، ئىلىمگە ئەمەل قىلغان ئالىملار ،كەمبەغەللەرنى ياخشى كۆرگەن بايلار ۋە ياخشى كىشىلەر كىرىدۇ .جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسىمى كەمبەغەللەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ . ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار، ئېرىنى رازى قىلغان ئاياللار، خۇش پېئىل كىشىلەرمۇ جەننەتكە تېزرەك كىرىدۇ .جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىسى بار .ئىنسانلار دۇنيادا قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا قاراپ ، تۈرلۈك خىل دەرىجىدە جاي ئالىدۇ . جەننەتنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ يېقىملىق بولۇپ ، ئىسسىقمۇ ئەمەس ، سوغۇقمۇ ئەمەس . دائىم ئىللىق باھاردەك تۇرىدۇ . ئەتىگىنى كۈن چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىت باركى ، جەننەت دەل شۇ ۋاقىتقا ئوخشاش پاكىز ۋە ساپ بولىدۇ . ئۇ يەردە قۇياش بولمايدۇ . ئەمما ھەممە جاي ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن يوپيورۇق تۇرىدۇ .
بالىلار ! جەننەتنىڭ مىۋىلىرىگە كەلسەك ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىكەنلىكىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ . ئۇلار ھازىر مەي باغلاپ پىشىپ ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ . ئۇلار ھەرگىز پۇراپ قالمايدۇ ، سېسىپ قالمايدۇ . جەننەتنىڭ مىۋىلىرىنى ئۆرە تۇرۇپمۇ ، ئولتۇرۇپ تۇرۇپمۇ ، ھەتتا يېتىپ تۇرۇپمۇ ئۈزگىلى بولىدۇ. جەننەتنىڭ مىۋىلىرى ئۆزى ئالدىڭىزغا كېلىپ تۇرىدۇ . بىرسى ئۈزۈلگەن ھامان ئورنىغا يەنە بىرسى ئۈنۈپ چىقىدۇ . ئۇ مىۋىلەر شۇنداق شېرىنكى ، تەمى ئاغزىڭىزدىن كەتمەيدۇ .ئەگەر گۆش يىگىڭىز كېلىپ قالسا ، ئالدىڭىزغا تۈرلۈك قۇشلار ئۇچۇپ كېلىدۇ ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ ."مەن پالانى قۇشمەن . پالانى نەرسىنى يەپ چوڭ بولغانمەن . مېنىڭ يەڭ" دەيدۇ بىرسى . "مەن پالانى گۈللەرنى يەپ چوڭ بولغانمەن . مېنىڭ گۆشۈم تېخىمۇ تەملىك " دەيدۇ يەنە بىرسى . سىز قايسى بىرسىنى تاللىسىڭىز ئۇ شۇ ھامان پىشىپ ئويلىغىنىڭىزدەك پىشىپ ئالدىڭىزغا تەييار بولىدۇ. يەپ بولۇشىڭىز بىلەنلا ئۇ يەنە تىرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ . جەننەتتە بىر ئادەمگە مىڭ خىزمەتچى تەييار بولىدۇ. ئۇلار يېنىڭىزغا كەلگەن نازۇ - نېمەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . ھەر قېتىم كەلگەندە 70 خىلدىن ئارتۇق تائاملار ۋە ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. تاللىغان تائاملىرىڭىزنى ئارزۇيىڭىز بويىچە تاللاپ يەۋىرىسىز . خالىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىۋېرسىز .قورسىقىڭىز تويۇپ بىئارام بولمايسىز.تائامدىن كېيىن ھاجەت قىلىش بولمايدۇ. يىگەن تائاملىرىڭىز تەرگە ئايلىنىپ ئۆزى چىقىپ كېتىدۇ .تېرىڭىزدىن چىققان شۇ تەردىن ئاجايىپ بىر خىل خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ ھىدى كېلىدۇ. جەننەتتە مىشقىرىش ،تۈكۈرۈش،يۆتىلىش،شامالداش ،كىسەل بولۇش بولمايدۇ.ئاللاھ ئۇيەردە ھەممە ئادەمگە يېڭى بەدەن ئاتا قىلىدۇ. بەدىنىڭىزدە قان-يىرىڭ ، بەلغەم بولمايدۇ. نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا ئاغزىڭىزدىن ئۆز-ئۆزىدىن ھەمدۇ-سانالار چىقىپ تۇرىدۇ .جەننەتتە ھەر بىر ئادەمگە تائام يىيىش ، ئىچىش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە 100 ئادەمنىڭ كۈچى بېرىلىدۇ .بۇنداق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ھارام نەرسىلەرنى يىمىگەن ، ھارام ئىشلارنى قىلمىغان ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرىغان ئىشلارنى قىلغان ، نەپسىنى تىزگىنلىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
ئىھ!بالىلار ، جەننەتتە قېرى مومايلار ياش قىزلارغا ئايلىنىپ كىرىدۇ . بوۋايلار يىگىتلەرگە ئايلىنىدۇ . ساقال بولمايدۇ . جەننەتتە ھەممە ئادەم بىر خىل ياشتا يەنى 33 ياشتا تۇرىدۇ.ھەرگىز قېرىمايدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ . دائىم ياش ۋە چىرايلىق ھالەتتە تۇرىدۇ . جەننەتتە بىر بازار بولۇپ ، ئۇيەردە ھېچنىمە سېتىلمايدۇ . ئەمما ھەرخىل چىرايلىق ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ . شۇ يەردىكى قايسى سۈرەت سىزگە ياقسا شۇنى تاللايسىز .سىز شۇ سۈرەتتىكى ئادەملەرگە ئايلىنىسىز . شۇنداق قىلىپ جەننەتتە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەننەتتە بىر دېڭىزدا سۇ ، بىر دېڭىزدا سۈت ، بىر دېڭىزدا ھەسەل ۋە باشقا دېڭىزلاردا باشقا ئىچىملىكلەر بولىدۇ.ئەنە ئاشۇ دېڭىزلاردىن ، دەريالاردىن توختىماي ئىچىملىكلەر ئاقىدۇ. ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدۇ.ئەمما ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ . ئادەملەر ئۆيدە تۇرۇپ جەننەتنى تاماشا قىلىدۇ.ئۇ يەردە يەنە بىر دەريا بار.دەريانىڭ بويىدا چىرايلىق قىزلار بولىدۇ.ئۇلار بەكمۇ چىرايلىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىدۇ.ئادەملەر كېلىپ ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ.ئۇنداق چىرايلىق ئاۋازلارنى بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان. ئاشۇ قىزلاردىن كىمكى بىرسىگە ياراپ قالسا ئاللاھ شۇ قىزنى ئۇ كىشىگە ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ شۇزامان باشقىسىنى يارىتىپ قويىدۇ.ئاللاھ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ 72 قىز سوۋغا قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىككىسى بۇ دۇنيادىكى قىزلاردىن 70ى جەننەت ھۆرلىرىدىن بولىدۇ.جەننەتتە مۆئىمىن ئاياللارمۇ ئۆزى خالىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ.ئۇلارغا ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى تەييارلاپ قويغان.
ئى بالىلار! جەننەتتە بىر دەرەخ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئاستىدا ئات بىلەن 100 يىل چاپسىمۇ سايىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ.جەننەتتە ئۇچار ئاتلار بولىدۇ.ئۇنى مىنسىڭىز سىزنى ئوينىتىدۇ ئەمما يىقىتىۋەتمەيدۇ.ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ.قەيەرگە دىسىڭىز "خوپ" دەپ سىزنى شۇ يەرگە ئاپىرىدۇ.بۇ دۇنيادا كەم ئەمەل قىلغان،جەننەتكە ئەڭ ئاخىرىدا كىرگەن ،ئەڭ ئاز مۇكاپات ئالىدىغان كىشى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەيمۇ.ئۇ ئادەمگە جەننەت بېرىلىدىغان باغلار،شەھەرلەر،گۈلزارلار،مەملىكەتلەر ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن باراۋەر بولىدۇ.كىيىن ئۇنىڭغا يەنە شۇ دۇنيادىن 10 ھەسسە بېرىلىدۇ.ئەنە قاراڭ!جەننەتتىكى ئەڭ ئاز مۇكاپات شۇ تۇرسا ، ئەڭ كۆپ ئەمەل قىلغان كىشىگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن.جەننەتنىڭ شەھەر - كوچىلىرى،ساراي - قەسىرلىرى ، ھويلا -ئاراملىرى ئالتۇن كۈمۈشتىن ، ياقۇت - زەرلەردىن ، مەرۋايىت - زۇمرەتلەردىن بولىدۇ.بۇ يەردە چاڭ - توزان ۋە كىرلەر يوق بولۇپ ، يەردە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان زەفىران بولىدۇ. بولدى بەس .جەننەتتە ئىنسانلار تەبىئىتىگە نىمە ياقسا شۇ بار .نىمە ياقمىسا شۇ دەۋزەخكە يۆتكەپ قويۇلغاندۇر.جەننەتتىكى ئەڭ چوڭ نېمەت ۋە ئەڭ مۇكاپات شۇكى ، ھەممە مۆئىمىنلەر ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.شۇنداقلا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سالاملىشىدۇ،پاراڭلىشىدۇ.بۇ ئەڭ چوڭ بەخىتتۇر.دىمەك بىز جەننەتتە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىمىز.بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئىنشائاللا جەننەتتىن تاپىمىز.ئۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى ، دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ.بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قىيامەت كۈنى يوق بولۇپ كېتىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۆئىمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.جەننەت بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ئىبادەت قىلغان ، پاكىزە ھايات كەچۈرگەن سەبىرلىك ، غەيرەتلىك ، جەسۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغاندۇر.مۇسۇلمانلار جەننەتتە ئەبەدى پاراغەتتە ياشايدۇ.ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەق يولدا بولىشى ، قىيىنچىلىق ۋە سىناقلارغا سەۋىر قىلىش كېرەك.
* * *
يۇقىرقى ماتىرىيال ئېلكىتاپ شەكىلدە چىقىرىلغان بولۇپ بۇنى كۆچۈرگىلى بولمىغاچقا بىرمۇبىر يېزىشقا توغرا كەلدى. شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاللاھ ھەممەيلەننى جەننەتكە كىرىشكە نىسىپ قىلغاي.
مەنبە:ئېلكىتاپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 11:53 PM