رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
سەندىن ئايرىلىپ تەس كۈنگە قالدىم،
ئېشقى ئۇتۇڭدا چوغ بولۇپ ياندىم.
ھىجران چۆلىدە قالغاچقا تەنھا،
نەچچە رەت سېنى ئېسىمگە ئالدىم.
تاشلاپ كەتتڭ سەن بىۋاپا بولۇپ،
كەتتى ئېچىمگە دەرتلەر لىق تولۇپ.
بۇ ئازاپلارغا قويغىچە مېنى،
بىر قەدەق زەھەر بەرسەڭچۇ قۇيۇپ.
بۇلارنى بىلمەي يۈرۈيسەن بەلكىم،
يالغۇز ئۆزۈمگە ئاياندۇر دەردىم.
ئەگەر كەلمىسەڭ ناھەق يىغلىتىپ،
مەھشەرگاھ كۈنى ساڭا بار ئەرزىم.
گۇناھىڭ ئىخىر
گۇناھىڭ ئىخر ئالدىمدا سېنڭ،
كەچۈر دىسەڭمۇ ئەمدى بەرىبىر.
قەدرىڭنى قىلسام بىلمىدىڭ باشتا،
مەندىن رەنجىمە پىشانە تەغدىر.
ئاز ئەمەس چەككەن دەرىت ئازاپلىرىم،
مەندىن يۈز ئۆرۈپ تاشلىغان چاغدا.
ئاقماس سەن ئۈچۈن تامچە ياشلىرىم،
ياشاپ باق سەنمۇ پۇشايمان داغدا.
ئۆتنە ئالەمكەن دەيسەن بىلگەندە،
تەغدىر دىگەندە قېنى ئەمدى قۇس.
يىغلاپ قالىسەن قەدرىم ئۆتكەندە،
ۋاقىت كەينىگە يانمايدۇ ئەپسۇس.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 11:23 PM