مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3842|ئىنكاس: 46

‹‹تۆت پايدىلىق ۋە تۆت پايدىسىز›› نى بىلىۋېلىڭ زىيان تارتمايسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3786
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماۋۇ 4 نى بىلىۋېلىڭ زىيان تارتمايسىز

بەدەننى كۈچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-گۆش يىيىش.
2-خۇشبۇي پۇراش.
3-جىماسىزمۇ كۆپ يۇيۇنۇش.
4-زىغىر پاخىلى تالاسىدىن قىلىنغان كىيىمى كىيىش.
بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ جىما قىلىش.
2-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ مۇنچىغا كىرىش.
3-قۇرۇتۇلغان قاق گۆش يىيىش.
4-قېرى ئاياللاربىلەن جىما قىلىش.
كۆزنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-كەئىبىگە قاراپ ئولتۇرۇش
2-ئۇخلايدىغان چاغدا سۇرمە سۇرۇش.
3-يېشىل نەرسىلەرگە كۆپ قاراش.

4-ئولتۇرىدىغان ئۇرۇننى پاكىزلاش.
كۆزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-قىينالغان كىشىلەرگە تاماششا قىلىپ قاراش.
2-ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش.
3-قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇش.
4-نىجاسەتكە قاراش.
باھنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-قۇچقاچ گۆشى يىيىش.
2-چوڭ ئىتتىرىپىل يېيىش.
3-پىستە يىيىش.
4-گۇرۇچ تامىقى يىيىش.
ئەقىلنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە:
1
-ئاز گەپ قىلىش.
2-ئېغىزنى مىسۋاك قىلىش.
3-ياخشىلارنىڭ سۆھبىتى.
4-ئالىملارنىڭ  سۆھبىتى.
بەدەننى كېسەل قىلىدىغان تۆت نەرسە:
1
-كۆپ گەپ قىلىش.
2- كۆپ ئۇخلاش.
3-كۆپ يىيىش.
4-كۆپ جىما قىلىش.
خوشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان تۆت نەرسە:
1
-يېشىللىققا قاراش.
2- ئاققان سۇغا قاراش.
3-مەھبۇبىگە قاراش.
4-مىۋە -چىۋىگە قاراش.
كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
-يالاڭ ئاياق مېڭىش.
2-كۇندۇزى كەچ بولغۇچە دۇشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك چىراي بىلەن يۇرۇش.
3-كوپ يىغلاش.
4- كىچىك خەتلەرگە ئۇزاق قاراش.
بەدەننى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
- يۇمشاق كىيىم .

2-نورمال مۇنچىغا كىرىش.
3- تاتلىق ۋە مايلىق تائام يىيىش.
4-خۇش -پۇراقنى پۇراش.
يۇزىنى قۇرۇتۇپ ، چىراينىڭ نۇرىنى كەتكۇزىدىغان تۆت نەرسە:
1
- يالغانچىلىق .
2-ئۇياتسىزلىق.
3- بىلمەي تۇرۇپ كۆپ سوراش.
4- گۇناھنى كۆپ قىلىش.
چىرايىغا قان يۇگۇرتۇپ . نۇر ياغدۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1
- ئالىجاناپلىق .
2- ۋاپا.
3-سېخىلىق .
4- تەقۋالىق
كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىگىنى قوزغايدىغان تۆت نەرسە:
1
- تەكەببۇرلۇق .
2- ھەسەتخورلۇق
3-يالغانچىلىق .
4-چېقىمچىلىق
رىسقىنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە:
1
- سەھەردە قوپۇش.

2- سەھەردە ئىستىغپارنى كۆپ ئوقۇش.
3- ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.
4- ئەتتىگەن -كەچتە ئاللاھنى زىكرى قىلىش.
رىزقىنى توسۇيدىغان تۆت نەرسە:
1
- سەھەرنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى .
2- نامازنىڭ ئازلىقى .
3- ھورۇنلۇق .
4- خىيانات.
زېھنىگە زىيانلىق تۆت نەرسە:
1
- ئاچچىق نەرسىلەرنى يىيىش.
2- مىۋىلەرنى كۆپ يىيىش.
3- ئوڭدىسىغا يېتىپ  ئۇخلاش .
4- غەم -ئەندىشە.
زىھنىنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە:
1- كۆڭۇل خاتىرجەملىگى.
2- يىمەك -ئىچمەكنى ئازلىتىش.
3- مايلىق ۋە تاتلىق يىيىشكە ئەھمىيەت بېرىش.
4- بەدەنگە ئېغىر كىلىدىغان ئارتۇق نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش.


مەنبە :http://bbs.xjtsnews.com/forum.ph ... 799&from=portal

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 07:32 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان تۆت نەرسە
1-يېشىللىققا قاراش.
2- ئاققان سۇغا قاراش.
3-مەھبۇبىگە قاراش
4-مىۋە -چىۋىگە قاراش

خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولسا دائىم مۇشۇنداق قىلسام بولغۇدەك ، بىراق ئۈچىنچىسى كەمكەن مەندە.

4-زىغىر كىيىمى كىيىش.
زىغىر كىيىمى كىيىش دىگەن نىمە دىگەن گەپ ، چۈشەنمىدىمغۇ؟

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4040
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىكەن

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4636
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6032
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم دىگەن ئىسىل توت لەر بۇ؟مىنىڭمۇ قوشۇ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ:
1-ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايال زاتىغا بەك ئىشەنمەسلىك،
2-ھەرقانداق ئەھۋالدا پۇل-مالغا ئالدانماسلىق،
3-ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئىغىرلاتماسلىق،
4-ئۆزىگە پايدىسىز بىلىمنى توپلىماسلىق،

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3- بىلمەي تۇرۇپ كۆپ سوراش.

كىچىك بالىدەك بىلمىگەن نەرسەمنى سورايدىغان خۇيۇم باتتى ،ئۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلمەپتىمەنئۆزگەرتسەم بۇلغىدەك
رەھمەت بەك ياخشى تېما يوللاپسىز

سەھرايىمنى سۈيىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84216
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 07:53:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jina kilix digan nim digan gap tu quxan midim ya

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84348
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 08:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردا پايدىلىق تۆت ئىش
1- كومپىيۇتېر ئالدىدا ئىككى سائەتتىن ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق،
2- يىڭى خەۋەرلەرنى ۋاختىدا كۆرۈپ تۇرۇش،
3- ئۆزىنىڭ كەسپىگە ئائىت بىلىملەر بولسا ئۆگىنىۋىلىش،
4- كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىۋىلىش.

زىيانلىق تۆت ئىش
1- كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش،
2- شەھۋانىي كىنو-ناخشىلارنى كۆرۈش،
3- ئەسقاتماس نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن زېھنىنى خورىتىش،
4- قانداق ئادەملىكىنى چۈشەنمەيدىغان تورداشلارغا ئىشىنىش،

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6867
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 08:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ! تۈنۈگۈن مەن ( بۇ فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ ؟ ) دىگەن بۇ-تېمىنى بىزلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغاچقا ، مەنبەسى بىلەن ئەسكەرتىپ يوللىغان ئىدىم ، بىراق باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمىغان ئوخشايدۇ . ياكى بۇ-مۇنبەر ئىسلامى فىلىملەرنى تەستىقلىمامدۇ ؟ ۋە ياكى يىڭى ئەزالارنىڭ تېمىسى تەستىقلانمامدۇ بىلمىدىم ؟ شۇڭا بۇ-يەرگە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويدۇم ، چۈنكى مەن مۇشۇ تېما ئارقىلىق كاللامدىكى بەزەنبىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋالدىم ... _______________________________________________

        بۇ فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ ؟



سوئال:


يېقىنقى يىللار مابەينىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.جۈملىدىن «ھەزرىتى يۈسۈپ فىلىمى» ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ كىشىلەر بۇ فىلىمنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بەزىلەر«بۇ فىلىمنى كۆرسە بولمايدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىشتى. سىزدىن سوراپ باقسام، ئۇ فىلىمنى كۆرسە راستتىنلا بولمامدۇ؟


جاۋاب:


مۇشۇنداق گەپلەرنى چىقىرىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان چالا موللىلار مۇھەممەد سالىھ داموللام قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلغان چاغدىمۇ قارشى چىققان.


فىلىم دېگەن بىر تەمسىلدۇر، ھېچكىم فىلىم كۆرۈۋېتىپ مەن ئۆز ئەينىسىنى كۆردۈم دېمەيدۇ، ئۆزىنىڭ فىلىم كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ كۆرىدۇ. ھازىر ئۇ فىلىم (ھەزرىتى يۇسۇف فىلىمى) پۈتۈن دۇنيادا يۈزلەرچە تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرگەن ئىنسانلار ئىنسانلىقنىڭ، توغرىلىقنىڭ، دۇرۇستلۇقنىڭ، ئىپپەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىدۇ.


ئۇ فىلىمنى «كۆرسە بولمايدۇ»، دېگۈچىلەر كۈندۈزى «كېچە بولدى»، دەپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرغان تەرسالارغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى كۆزلىرىنى يۇممىغانلار ۋاقىتنىڭ كېچە ئەمەسلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.


بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدەساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە قەغەزگە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇقەغەزنى ئوقۇپ ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپبېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇ ۋەقەدىن ۋاقىپلاندۇرۇش توغرا بىر ئىشتۇر.


خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى، شۇ ۋەقەدىكى كىشىلەرنى باشقا كىشىلەر بىلەن تەمسىل قىلىپ تۇرۇپ سىنئالغۇغاتارتىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغاكۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە خىتاب قىلىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.


«بولمايدۇ» دېگۈچىلەر ئۆزلىرى ئەھلى ئىلىم ئەمەس، لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشايدىغان كىشىلەر بولغاچقا يا ئەقىلگە ئۇنىمايدۇ، يا مەنتىققە ئۇنىمايدۇ، ياكى ئايەت-ھەدىستىن «بولمايدۇ» سىغا ئېنىق دەلىل كەلتۈرەلمەيدۇ.


ئەجەبا، «ھەزرىتى يۇسۇف فىلىمى» نى كۆرسە بولمايدۇ، دېگۈچىلەر، ئەخلاقسىزلىققا ۋە ھاياسىزلىققا تەشۋىق قىلىدىغان «چەكلەنگەن سۆيگۈ»، «ئادانالىق»، «ئاچچىق ھايات»، «ئەزەل»… دېگەندەك شەھۋانىي فىلىملەر ۋە مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى بۇزىدىغان «غەربكە ساياھەت»….. توغرىسىدا نېمە دەيدىغاندۇ؟!


ئۇ فىلىمنى كۆرگۈچىلەر فىلىمنىڭ ئىچىدىكى شېرىك ۋە خۇراپاتلارغا دىققەت قىلىشلىرى مۇھىمدۇر. مەسىلەن:


قۇدۇقتا بىر ئاقساقاللىق كىشىنىڭ ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كېلىپ «مەن 1200 يىلدىن بېرى بۇ يەردە سېنى ساقلاۋاتىمەن»، دېيىشى، بۇ ئاقساقاللىق كىشىنىڭ ئەڭ ئاخىردا يەنە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە زۈلەيخانىڭ قېرىپ مۇنەكشىپ كەتكەندىن كېيىن ياش چوكانغا ئايلىنىشى خۇراپات بولسا، ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ بوينىدىكى تاشنى پات-پات چىقىرىپ سۆيۈشى ۋە بۇنى سۆيسەم كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان، دېيىشى شېرىكتۇر. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كىشىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشلىرى زۆرۈردۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ فىلىمنى كۆرگەن مۇسۇلمانلارغا سۈرە يۇسۇفنىڭ تەرجىمىسىنى دىققەت بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار «گۆشگىردىنىڭ قىيمىسىدىكى چىۋىن» نى ئايرىيالايدۇ.


سوئال:


ھازىر دىيارىمىزدا تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىنى كۆرۈش خىلى ئەۋج ئىلىپ قالدى . تۈركىيەمۇ كىنۇچىلىققا مەبلەغنى ئايىماي سالغاندەك قىلىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەخلاقىغا زىت بولغان كۆرۈنۈشلىرى ئالدىدا بەزى ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ تېڭىرقاپ قىلىشى ، ھەم زەھەرلىنىشى ئېھتىمال . ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز تۈركىيەنىڭ مۇشۇ خىل ئىسلام ئەخلاقىدىن چەتنىگەن فىلىملەرنى ئىشلەش سەۋەبى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز!


جاۋاب:


تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى سوپى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى «دىنىي فىلىم» لەردە تەسۋىرلەنگەن دىن ئىسلام ئەمەس سوپىلىقتۇر.


ئىككىنچىدىن تۈركىيە ياۋروپاغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپادىكى يالىڭاچلىشىش بۇ يەرنىڭ فىلىملىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.


ئۈچىنچىدىن تۈركىيە دۇنياغا 700 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ۋە تۈرك خەلقى شۇ ئوسمانلىنىڭ نەۋرىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى يەھۇدىي، خىرىستىيان ، مەجۇسىي ۋە باشقا پۈتۈن كاپىرلار، شۇنداقلا ئوسمانلىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان «سىياسەت مۇھەندىسلىرى» ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئىشقا تۇتۇشقىلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئادەتتىكى بىر فىلىمىنىمۇ ئاتا-بالا، ئانا قىز بىرلىكتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردىكى فىلىم شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يا يەھۇدىينىڭ ياكى خىرىستىئاننىڭ ۋە ياكى ئەرمەنىي قىزىلباش كاپىرلىرىنىڭ قولىدا. فىلىم ئارتىسلىرىنىڭ يۈزدە يۈزگە يېقىنى تۈرك ئەمەس، ياكى مۇسۇلمان ئەمەس.


ھازىر ھەر ئۆيدە تېلېۋىزور بار، تىزگىنەك ئۆي ئىگىسىنىڭ قولىدا، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىسلامغا ئۇيغۇن بەلگىلەنمەيدىغان، يامانلىقنىڭ پۈتۈن يوللىرى ئېغىزىغىچە ئېچىۋېتىلگەن، ئىنسانلار مۇسۇلمانلىقتىن قۇتۇلۇشقا يول ئىزدەۋاتقان بىر شارائىتتا ئىنسانلارغا «ئۇنى كۆرسەڭ بولمايدۇ، بۇنى كۆرسەڭ بولىدۇ» دەپ «ئەھكام كېسىش» نىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئۇ فىلىملەردىكى خاتالىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارغا توغرىلارنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولماسمۇ؟!





مەنبە : مۇسۇلمانلار تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 08:36 PM  


ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5984
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 08:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى سەمرىتدىغان تۆت ئىش
كۆپ يەپ ئازچىقرىش
ئازئىشلەپ كۆپ ئۇخلاش.

كۆپكۈلۇپ ئاز يىغلاش

سەينى ئازيەپ گۆشنى كۆپ يىيىش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش