سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا
(ئادىل تۇنىياز شېئىرى)
قۇياش ماڭا كۆتىرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سەن ھەققىدە بېرەرمۇ سۆزلەپ،
پورەكلىگەن گۈللەر باھاردا.
سۇ ئۇسقىلى چىقساڭ بۇلاققا،
يۇتىۋالماق بولارمۇ بېلىق.
كۆرۈپ قالسا سېنى ئاھۇلار،
جان بېرەرمۇ تارتمايلا تىنىق.
زىناقلىرىڭ ئېچىلسا گۈل-گۈل،
كۆمۈلەرمۇ گۈللەرگە ئالەم؟
چاچلىرىڭنى يايساڭ دېڭىزدەك،
تاڭ ئاتارمۇ بۇندا، ئەي لالەم.
چۈشلىرىمگە سىغماي كۆزلىرىڭ ،
چۆكتۈرەرمۇ تاشقىنلاپ مېنى.
كۆرۈپ قالسا يەپ كېتەرمۇ ئاي.
كۆزلىرىڭنىڭ چوقۇپ ئېقىنى.
كۈيلەشمەكتە تىنىق يۇلتۇزلار،
ئاي بىلەن كۈن سۆيۈشكەن چېغى،
بارمىقىڭنى ئويناپ ئولتۇرۇپ،
مۇڭداڭشمىدىم قانغۇدەك تېخى.
قاخشال كاككۇك گۈلى تۈۋىدە،
ھەر باھاردا ساقلىدىم سېنى،
يۈرىكىڭگە ياتسام باش قويۇپ،
چۈشلىرىڭدىن ھەيدەمسەن مېنى.
قۇياش ماڭا كۆتىرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سورىساممەن ئىسمىڭنى چوقۇم،
ئاسمان-زىمىن بىرىدۇ سادا .
ئادىل تۇنىياز شىئىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 07:17 PM