ماۋۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىدىن سەت زىرىكتىم جۇمۇ .
ئەگەر ھايات ئالدىسا سىنى
ئەگەر ھايات ئالدىسا سىنى ،
ھەسرەت چەكمە، بولما پەرىشان،
تىنىچلانماق لازىم قايغۇدا،
قوۋناق كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.
مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان،
ئۈتۈپ كىتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇر قەدىردان.
ئالكىساندىر سېرگىيۋىچ پۇشكىن
داڭلىق روس شائېىرى ئالكىساندىر سېرگىيۋىچ پۇشكىن (1799-6-6 _____1837-2-10 )
موسكىۋادا تۇغۇلۇپ سانكىت_پىتىربورىگتا ۋاپات بولغان .رىئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىسى.
ئەدەبىيات پېشۋاسى،رۇسىيە شېئىريىتىنىڭ قۇياشى دەپ تەرىپلەنگەن . ئۇ ئۆز ھاياياتىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يىزىپ قالدۇرۇپ دۇنيا ئەدەبىياتىغا ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتكەن .(ناۋادا شۇ ۋاقىتتا نوبېل مۇكاپاتى بولغان بولسا گەپ يوق ئىرىشەلەيتى).
http://baike.baidu.com/view/2139.htm
(يۇقىرىدىكسى مەنبە)
مەن بۇ شېئىرنى ناھايتى ياقتۇراتتىم ،شۇڭا تورداشلارغا ئالغاچ كەلدىم .
تەرجىمىنى كىم قىلغىنى ئىسىمدە قالماپتۇ،كەچۈرىسىلەر!
مەن خاتىرەمگە كۈچۈرۋالغىنىم بۇيىچە يازدىم .
قوۋناق_____ياخشى، خاتىرجەم دىگەن مەنىدە.
قاراپ بېقىڭلار . نەرى بولماپتۇ . رەسىممۇ بار ئىدى. لىكىن ھىچقانداق باھانە يوقلا ئەخلەتخانىغا تاشلاپتۇ.