ناخشا تېكىستى..
سېنىڭ بىلەن يۈرگەن چاغلار، ئېسىمدىن چىقماس،
بىرگە ئويناپ كۈلگەن چاغلار، ئېسىمدىن چىقماس.
ئايرىلساقمۇ بۇ تەغدىرگە، تامام تەم بىرىپ،
مۇھەببەتتىن قالغان داغلار، ئېسىمدىن چىقماس.
تەغدىرىمىز قۇشۇلمىغان، بولسىمۇ بىزنىڭ،
ئۆتمۈش بولغان ئاشۇ كۈنلەر ،ئېسىمدىن چىقماس.
گۈلى بولغىن مەيلى يار سەن، بېغىدا كېمنىڭ،
بىز سىرداشقان تالاي تۈنلەر، ئېسىمدىن چىقماس.
دىلدىن سۆيگەن تۈنجى يارنى، ئۇنتۇپ بولماق تەس،
ۋاپاسىزلىق قىلغانلىرىڭ ،ئېسىمدىن چىقماس.
ئالدىساڭمۇ مېنى قويۇپ، داغدا ھەسرەتتە،
يۈرەككە ئوت سالغانلىرىڭ، ئېسىمدىن چىقماس.
نەپرەت
ياشالمايسەن مەنسىز دەپ،ياشالايمەن سەنسىز دەپ،
تاشلاپ كەتتىڭ بىۋاپا،ھەيران قالدىم قانداق گەپ.
زار ئەمەسكە زار ئەمەس، سېنى ئۇنتۇش تەس ئەمەس،
تاشلاپ كەتسەڭ يالۋۇرۇپ،مېنىڭ كۆڭلۈم پەس ئەمەس.
كۆيگۈنۈم راس چىن دېلدىن،سۆيگۈنۈم راس يۈرەكتىن،
نە قىلاي مەن يارىم دەپ، بەخىت كۈتسەڭ بۆلەكتىن.
ھىجرانلارغا تاشلىدىڭ،مېنى ئەجەپ خارلىدىڭ،
نەپرىتىمنى قوزغىدىڭ،ئۇنتالماي سەن كېم ئىدىڭ.
ئازاپلارغا قويدۇڭ سەن،سەندىن بىزار بولدۇم مەن،
بولماس كۆزۈم ئەمدى نەم،مۇھەببەتكە تويدۇم مەن.
يانما بولدى كەينىڭگە ،ئىشەنمەيمەن سۆزۈڭگە،
ئۇنتۇپ كىتەي بىر ئۆمۈر ،كىرمىگىن ھەم چۈشۈمگە.
ئەسكەرتىش ئىشلەتكۈچلەر بولسا چۇقۇم ئالاقىلشىپ ئىشلىتىڭ.
يەنى مۇزىكا ئىشلەش بوپ قالسا دېمەكچى.
رۇستەم قاراسۇ..ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 05:16 PM