مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 643|ئىنكاس: 8

ئەسلىدە سەن ئىدىڭ (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38777
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 02:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسلىدە سەن ئىدىڭ

                                   

بەزىدە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە بولدىكەن،ئۇخلاپ چۈشڭىزدىمۇ كۆرمەيدىغان ئىشلار رىئال تۇرمۇشىڭىزدا يۈز بېردىكەن.بەزىدە تولىمۇ قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلدىكەنسىز،مەيلى سىز قانداقلا قارار چىقىرىڭ ئوخشاشلا خاتا بولدىكەن.   

    مۇنىرە ئككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلار.باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ مانا ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقتۇق،بىر سىنىپتا ،بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئويناپ كۈلۈپ كەلدۇق.مەكتەپتىكى تۇرمۇشىمىزدا  بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلالمايتتۇق،ئۇ بىر كۇن مەكتەپكە كەلمىسە مېنىڭ شۇ كۈنلۈك دەرىسىم دەرىس بولمايتتى، مەن بولمىسام ئۇمۇ شۇنداق بولاتتى،قىسقىسى،شۇنچىلىك يېقىن ئىدۇقكى،بىر –بىرىمىزنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدۇق.                                          

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياقلاشتى،مېنىڭ مۆلچەرلىگەن نومۇرۇم مۇنىرەنىڭكىدىن يىگىرمە نەچچە نومۇر يۇقرى چىقتى،شۇ چاغدىكى نومۇرۇم بىلەن خېلىلا ياخىشى مەكتەپكە ئۆتەلىشىمدە گەپ يوق ئىدى.ئەمما،مۇنىرە ئككىمىز بىر مەكتەپ ،بىر كەسىپتە ئوقۇيدىغانغا ۋەدىلەشكەن،ۋەدەمگە ئەمەل قىلىشىم كېرەك،دوسلۇقىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كەسىپنى تاللىدىم.ئەلۋەتتە،مېنىڭ نومۇر مۆلچەرلىگەندىلا ئۇنىڭدىن ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغىنىمنى بىلگەنلىكىمنى مۇنىرە ئۇقمايتتى،مەن ئۇنىڭغا سەن بىلەن ئوخشاش نومۇر ئالغۇدەكمەن دەپ قويغان ئىدىم.نەتىجىمىز چىققاندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ نومۇرۇمنى كۆرۈپ خېلىلا ئېچىندى،نېمىشقا توغرا مۆلچەرلىمىدىڭ دەپ ماڭا كايىدى،لېكىن ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر ئىدى.                                          

شۇنداق قىلىپ جان –جىگەر دوستلار ئالىي مەكتەپتىمۇ بىر سىنىپ،بىر ياتاق،بىر پارتىدا بولۇپ قالدۇق.ئۆزگە يۇرتتا بىرـبىرىمىزگە يۆلەك بولۇپ ،ھالىمىزغا يېتىپ تىخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق.دوستلىقىمىزغا ھەممە ھەۋەس قىلاتتى،ئەلۋەتتە ،ھەسەت قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەستى.                              

     بۇ يەردە مۇنىرەنىڭ تەسۋىرىنى بېرىش زۆزۈرىيىتى بولۇپ قالدى.مۇنىرە چىرايلىق ئىدى،ياق،بەك چىرايلىق ئىدى.تېرىسى ئاپئاق،كۆزلىرى يوغان ،كىرپىكلىرى ئۇزۇن ھەم ئەگىم،چىمدىپ قويغاندەك كىچىك ئەمما قاڭشارلىق بۇرنى،ئويماقتەك ئېغىزى،يۇمىلاق يۈزىدىكى دائىملا چىقىپ تۇردىغان بىر جۈپ زىنىقى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەدەن قۇرۇلمىسىمۇ چىرايلىق،  بەللىرى ئىنچىكە،بويى ئېگىز،ئشقىلىپ گۈزەللىكنى خۇدا ئۇنىڭغا ھارغۇچە بەرگەن بولۇپ،مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بېر پارچە نۇقسانسىز سىزىلغان سۈرەت ئىدى. گەرچە مەنمۇ خېلى چىرايلىق ھېسابلانساممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى تەڭ قىلالمايتتىم.                                 

  تولۇق ئوتتۇردا ئۇسىنپىمىزنىڭ گۈلى ئىدى، چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس،ناخشا ئېيتسا بۇلبۇلدەك ئۈنى بار،ئۇسۇل ئوينىسا كېپىنەك جۆر بولغۇدەك ئوينايدۇ،ئوچۇق –يورۇق،شوخ مىجەزى،جاراڭلىق كۈلكىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە قارىتاتتى.شۇ چاغلاردا سىنپىمىز ۋە قوشنا سىنىپلاردا ئۇنى قوغلىشىدىغان ئوغۇللار خېلى كۆپ ئىدى،مەنمۇ ئوغۇل بالا بولسام كۆيۈپ قالاتتىم ئۇنىڭغا.مىجەزى شوخ بولغان  بىلەن ئۇ ئۆزىنى تۇتۋالغان قىز ئىدى،شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۆزى ئۈچۈن نېمىنىڭ مۇھىم،نېمىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلەتتى.ئوغۇللار ئۇنىڭ ئۆزىدىن ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغاچقا ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولغان مېنى ئزدىشەتتى.ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،نېمىنى ياخشى كۆۇردىغانلىقىنى سورايتتى،مېنىڭ بېردىغان جاۋابىم بولسا بىرلا “بىلمەيمەن”ئىدى،بۇمۇ مۇنىرە ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى كېلشىم ئىدى.                                                         

ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سورايدىغان،مەن ئارقىلىق ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزلىرىنى ياكى مۇھەببەت خەتلىرىنى يەتكۈزىدىغانلار ئاز بولمىدى.ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان ۋە قول قويغىنىم شۇ بولدىكى ئۇ بۇلارغا يەنىلا پەرۋا قىلمىدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە بىردەملىك كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچۈن يەڭگىللىك قىلىپ بىرەرسى بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدىكەن،تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئادىمى ئۈچۈن پاك ساقلىغۇسى باركەن،ئەمما ھازىرچە كۆڭلى توختىغۇدەك بىرسى يوقكەن.ئۇ مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئىچىمدە:“خۇدا ساڭا تاشقى گۈزەللىككە قوشۇپ ئىچكى گۈزەللىكنىمۇ ھەمرا قىلغانكەن،ماڭا سەندەك بىر دوستنى بەرگىنى ئۈچۈن خۇداغا مىڭ رەھمەت  ”دەپ ئويلۇدۇم.                                                                        

قوشنا سىنىپتا بىز بىلەن بىر يۇرتلۇق نىجات ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇش باشلاپ ئىككى ھەپتە بولاي دېگەندە تاساددىبىي تونۇشۇپ قالدىم.بىر كۇنى دۇكاندىن ئستاكان ئېلىپ ياتاققا قايتىۋاتاتتىم،ياتاققا ئەگىلىدىغان يەردە نېمىگە قاراپ ماڭدىمكىن تاڭ قارشى تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلۋاتقان ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كەتتىم.قولۇمدىكى ئىستاكان يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى،ئۇ قايتا –قايتا كەچۈرۈم سورىدى ھەم ئستاكاننى تۆلەپ بېرەي دەپ تۇرۋالدى،مەندىمۇ خاتالىق بولغاچقا يەنە كېلىپ ئۇمۇ قەستەن قىلمىغاندىكىن ئۇنمۇدۇم،لېكىن ئۇ زادى تۆلەپ بەرمىسەم بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۋالدى.ھەممىنىڭ كۆزىچىلا بۇ “خىجالەت دوقمۇشى”دا ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ تۇرىۋىرىشنى خالىمىدىم ،شۇڭا بوپتۇلا دەپ ئۇنىڭ بىلەن دۇكانغا قايتا كىرىپ ئىستاكاننى ئېلىپ قايىتتىم.ئارلىقتا ئۇقايسى يۇرتتىن ئكەنلىكىمنى سوراپ قالدى،ئۇنىڭغا دەپ بەردىم،تەقدىر دىگەن شۇ بولسا كېرەك،ئويلىمىغان يەردىن ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق بولۇپ چىقتۇق،شۇنبڭ بىلەن بۇ ياقا يۇرتتا يەنە بىر يۇرتلۇقۇمنى تېپۋالدىم.                                                                     

شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ ئىچىدە،كارىدوردا ئۇچرىشىپ قالساق سالاملىشىپ،ئانچە –مۇنچە قىسقا پاراڭلارنى قىلشىدىغان بولدۇق،مۇنىرەمۇ مېنىڭ ياردىمىمدە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتى.                                                                           

نىجات بوي –تۇرقى جايىدا ،بۇغداي ئۆڭ كەلگەن چىرايلىق بالا ئىدى،يۈرۈش-تۇرۇش،كيىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى،مىجەزىمۇ ئوچۇق شۇنداقلاتولىمۇ سىپايە ئىدى.ئۈچىمىز ناھايىتى تېزلا يېقىن دوسلاردىن بوپ قالدۇق،لېكىن نېمىشقىكىن ئۇ ماڭا قارىغاندا مۇنىرە بىلەن يېقىنراق ئۆتەتتى. ئۈچىمىز بىللە تاماق يېسەك ياكى بىللە سىرىتقا چىقساق ئۇ ئىككىسىنىڭ قىلشىدىغان گېپى تۈگمەيتتى،بەزىدە ئۆزۈمنى بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا سەل ئارتۇقچە ھېس قىلىپ قالاتتىم.                                                                       

ئۆيمىزنى سېغىنغاندا ۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتكىنىدىن زارلانساقمۇ ئېتراپ قىلاتتىمكى ۋاقىت بەكمۇ تېز ئۆتكەن ئىدى.ھەش –پەش بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئۈچ ئاي بولاي دەپتۇ.شۇنداق كۈنلەردە بۇ شەھەرنىڭ تۇنجى قارىنى كۈتىۋالدۇق .ئۇ كۈنى نىجات مۇنىرە ئىككىمىزنى بىللى قار سەيلىسى قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى،مېنىڭ مىجەزىم يوق چىقالمىدىم،مۇنىرە بولسا خۇددى مۇھىم ئۇچرىشىشقا چىقىدىغاندەك كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىپ چىقىپ كەتتى. ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولدىيۇ يەنە ئۇ ئىككىسىنىڭ يېنىدا ئارتۇقچە بولۇپ قالدىغىنىمنى ئويلاپ ئاغرىپ قالغىنىمنىمۇ ياخشى بوپتۇ دەپ ئويلۇدۇم.چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا چىقىپ كەتكەن مۇنىرە كەچلىك تاماقتىن كېيىن قايتىپ كەلدى .قولىدا ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان گۆشنان،نىجات  مېنىڭ تاماق يېمەي ئولتۇرشۇمدىن ئەنسىرەپ ئالايىتەن سىرىتتىكى ئاشخانىدىن ئەكىرگەنكەن،شۇنداق تەسىرلەندىم .شۇ كۈنى كەچ مۇنىرە ئىككىمىز ياتاقتا يالغۇز قالغان ئىدۇق ،مۇنىرە مېنىڭ كارۋىتىمغا چىقىپ قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى كۆزلىرىگە قاراتقاندىن كېيىن :           -        زۇبەيدە،مەن ھىچقانداق بىر ئىشىمنى سەندىن يوشۇرمامەن،شۇڭا بۈگۈنمۇ ھاياتىمدىكى بىر مۇھىم قارارىمنى ساڭا دېمەكچىمەن                                                                  

بۇنچە سىرلىق قىلۋەتكۈدەك نېمە ئىش بولغىيتى  ،ھاياتىمدىكى   مۇھىم قارار دەيدۇ-،دەپ ئويلۇدۇم مەن.               

-            مېنىڭ مۇھەببەت  توغرىسىدا ساڭا دېگەنلىرىم ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ؟ـ،ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇراتتى.         

-        ئېسىمدە،سەن تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئۆزۈم چىن دىلىمدىن ياخشى كۆردىغان ئادەم ئۈچۈن پاك ساقلايمەن دېگەن ئىدىڭ.

-        ئۇنۇتماپسەن،جېنىم دوستۇم،مەن شۇ ئادەمنى تاپتىم

-        نېمە؟كىم ئۇ بىزنىڭ گۇزەلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۋالغان؟

-        سەن تونۇيسەن،ناھايىتى ياخشى تونۇيسەن

يۈرىكىم ئاغقاندەك بولدى،ئۇنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى پەەز قىلدىم بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاي دەپ:

         -سەن...

         -توغرا،شۇ،نىجاتنى دېمەكچىمەن

قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم،ياق،مەن خاتا ئاڭلاپ قالدىم،ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايدۇ.

مېنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغىنىمنى كۆرۈپ ئۇ سەل تېرىكتى:

   -ۋاي،نېمانداق جىمىپ كېتىسەن،سەن بۇ ئىشقا قانداق قارايسەن؟

ئېسىمنى يىغىپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم،كۆزلەر،بۇلاقتەك كۆزلەرماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.

  -نىجاتقۇ ئالتۇنغا بەرگۈسىزبالا، سىەنمۇ ھەم ئېسىل قىز،ئەگەر ئىككىڭلار ئارلىشىپ قالساڭلار گۈل گۈلىگە كەلدى دىگەن شۇ-،شۇچاغدا بۇ سۆزلەرنى ئېغىزىمدىن قانداق چىقارغىنىمغا،قانداق بولۇپ يىغلىۋەتمەي شۇ گەپلەرنى قىلالىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران.

  - رەھمەت ئاداش،ئەمدى گەپ ئۇنىڭدا قالدى،سېنىڭچە ئۇ مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟

  - بۇنى مەنمۇ بىلمىدىم،ئۇنىڭ بىلەن ماڭا قارىغاندا سەن يېقىن ئۆتىسەنغۇ

  - ئۇغۇ شۇ،مېنىڭچە ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،پەقەت ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتىدۇ شۇ،بوپتۇ،ئۇ قاچان ئۆزى ئېغىز ئېچىپ دېگۈچە مەن ساقلايمەن.

  ئۇنىڭ بۈگۈن تۇيۇقسىزلا بۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىنى كۆرۈپ چۈشتىن كېيىن بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا نېمە ئىش بولغانلىقىغا قىزىقىپ سورۇدۇم:  

-چۇشتىن كېيىن نېمە قىلدىڭلار؟سەن تۇيۇقسىزلا بۇنداق قارارغا كەپقاپسەنغۇ؟                                    

-بىردەم مەكتەپ ئىچىدە ئايلاندۇق،ئۇ ئەسلىدە سېنىمۇ بىللە چىقسا بىرلىكتە قار سەيلىسى قىلساق ،ئاندىن بىللى تاماق يېسەك دەپ ئويلاپتىكەن،سەن چىقمىغاچقا ئىككىمىز يالغۇزئايلىنىشنى ئەپسىز كۆردى بولغاي مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا كەچ قىلىپ كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ مېنى ئەكىلىپ قويۇپ ياتىقىغا قايتىپ كەتتى.

-ئەمسە سەن نېمانچە تۇيۇقسىزلا...

-تۇيۇقسىز ئەمەس،مەن ئۇنى ئالدىنقى ئايدىكى ھېلقى كۈندىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ،ئۇنىڭ مىجەزى،كىيىنىشلىرى،گەپ –سۆزلىرى،ئىشقىلىپ ھەممىسى مەن ئىزدىگەن ئادەم شۇ.دوستۇم،ماڭا بەخىت تىلە!

-سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ،ئۇنىڭدىن خەۋەريوق ساڭا بەخىت تىلەمدىم؟

-ئاۋال ماڭا بەخىت تىلە،ئۇنىڭدىنمۇ پات ئارىدا خەۋەر كېلدىغىنىغا ئىشنىمەن

-ماقۇل،ساڭا بەخىت تىلەيمەن،ئارزۇيۇڭغا يەتكەيسەن!   

شۇ كېچە ماڭا ئۇيقۇ ھارام بولدى،يىغلاپ ياشلىرىم قۇرۇپ كەتتىمىكىن دېۋىدىم،لېكىن بۇ ياش تۈگمەيدىغان نەرسىكەن.

كەيپىياتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىرىنى ئەقىللىق ئۇقۇرمەنلەر پەرەز قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.توغرا،مەنمۇ نىجاتنى ياخشى كۆرەتتىم ،بۇنىڭغا بىز تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بولغان بىر ئىش سەۋەبچى بولغان.

    مۇنىرەنىڭ   بۇ شەھەردە بىر تۇققىنى بار ئىدى،بىر شەنبە كۈنى ئىككىمىز بىللە شۇ تۇققىننىڭ ئۆيىگە باردۇق.ئۆي ئىگىسى ناھايىتى مېھماندوست ئايال ئىكەن،چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى شۇ يەردە يېدۇق.قايتىدىغاندا ئۆي ئىگىسى ئايال ئۆزنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى،مۇمكىن بولسا بۈگۈن  مەكتەپكە قايىتماي ئۇنىڭكىدە قونۇپ قېلشىمىزنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالدى.مەن قايىتمىسام بولمايتتى،چۈنكى ئەتىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا قىلدىغان ئىشىم بار ئىدى،شۇنىڭ بىلەن مۇنىرە قونۇپ قالدى،مەن قايتىپ كەلدىم.ئۇ يەردىن چىققاندىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،بىر سائەتتىن كۆپرەك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە كەلگۈچە ئەتراپنى تۈن قاراڭغۇلىقى قاپلاپ كېتىدىغىنى ئېنىق.مەكتىپىمىز شەھەرنىڭ چېتىدە بولغاچقا ماشىنا بېكتىدىن مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە يەنە ئون نەچچە مىنوت پىيادە يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.بۇ ئارلىقتا ئۇششاق يېمەكلىك ساتىدىغان يايمىلاردىن ئۆتەتتۇق،مەن بۇ يەرنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم،چۈنكى بۇنداق يەردە ھەرخىل ئادەملەر بولاتتى.ماشىنىدا ئولتۇرۇپ شۇ يەردىن قانداق ئۆتۈشنى ئويلاپ بېشىم قاتتى،ئۇ يەردىن كەچ تۇرماق كۈندىزىمۇ يالغۇز ئۆتۈشتىن قورقىدىغان تۇرسام.بىرەرسىنى ئالدىمغا چىقسۇن دەيمۇ؟لېكىن مۇنىرە يوق،بولغان تەقدىردىمۇ ئۇمۇ قىز بالا تۇرسا.كىمنى  ئىزدىسەم بولار؟گەرچە سىنىپتىكى ئوغۇللار بىلەن يامان ئەمەس ئۆتسەممۇ لېكىن بۇنداق چاغدا چاقىرغۇدەك بىرەرسىنى ئويلاپ تاپالمىدىم.شۇ دەقىقىدە ئۇنى ئەسكە ئالدىم،توغرا، نىجات بار ئەمەسمۇ؟ شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدىم ،قانداق بولار؟ ماشىنا يەنە يىگىرمە مىنوتتىن كېيىن بېكەتكە كېلەتتى،ئويلىنىشقا ۋاقىت يوق ،ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم.ئۇ تېلفۇننى تېزلا ئالدى،مەن ئەھۋالنى ئېيتىۋىدىم ئۇ ئىككىلىنمەيلا ماقۇل بولدى،ماشىندىن چۈشۈپ شۇ جايىمدا ئۆزىنى ساقلىشىمنى تاپىلىدى،ھەرنىمەبولسا بۇ يۇرتلۇقۇم يامان ۋاقىتتا  ئەسقاتتى –دە.ماشىنا بېكەتكە كېلىپ توختىدى،ماشنىندىن چۈشۈپلا نىجاتنى كۆردۈم.ئۇنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بۇ يەرگە كېلىشگىلا ئون نەچچە مىنوت ۋاقىت كېتىدىغان تۇرسا ئۇ نېمانچە تېز كەلدىكىنە.ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ چاقچاق ئارلاش سورىدۇم:

-ئەجەپ تېز كېلىپ بوپسىزغۇ،يولدا كېلۋاتمىغان بولغىتىڭىز؟

-ياقەي،ياتاقتىن كېلىشىم

-  نېمانچە تېز؟

-يۈگۈرۈپ كەلدىم،سىزنى ساقلىتىپ قويماي دەپ

-بىردەم ساقلىغانغا نېمە بولاتتى،سىزنى تازا ئاۋارە قىپتىمەن

-  بۇنداق دېمەڭ،قىز بالا دېگەن ئېھتىياتچانراق بولغىنى ياخشى سىزنى ماشنىدىن چۈشۈپلا مېنى كۆرسە تېخىمۇ بىختەر ھېس قىلارمىكىن دەپ ئالدىراپ كەلدىم

شۇنچىلىك تەسىرلىندىم،تاسلا قالدىم يىغلىۋەتكىلى.

- كەچلىك تاماق يىدىڭىزمۇ؟-سورىدى نىجات

- ھەئە،بايىلا يەپ كەلدىم

- مەن تېخى يېمىگەن،ئالدىرمىسىڭىز ئالدى تەرەپتىكى ئاشخانىدىن تاماق يەۋالاي،-ئۇ ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى.

- ئالدىرمايمەن،  بۈگۈن سىزنى مېھمان قىلاي

-ۋاي بولدى،ئۇغۇل بالا تۇرۇپ سىزنى مەن مېھمان قىلماي سىز مېنى مېھمان قىلماقچىمۇ؟

-سىزگە رەھمەت ئېيىتقىنىم بولسۇن،ئەگەر قوشۇلمىسىڭىزبولدى تاماڭ يېمەيلا كىرىپ كېتەيلى

مېنىڭ جاھىللىقىمنى كۆرۈپ ئۇمۇ ئارتۇق تالاشمىدى،ئىككىمىز بىللە تاماق يەپ قايىتتۇق.بىزنىڭ ياتاققا قايتىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانىدىن ئۆتەتتۇق.ئادەتتە مەيدان چىرىقى كەچ سائەت توققۇز يېرىم بىلەن ئۆچەتتى،شۇ چاغدا ئون بولاي دېگەن بولۇپ چىراقلار ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ بولغان ئىدى.مەيداننىڭ ئالدىغا كەلگەندە نىجات قەدەملىرىنى ئاستىلاتتى ۋە ماڭا قاراپ:

ياتاقتىمۇ باشقا ئىشىڭىز يوققۇ،بىردەم ئايلىنىپ كىرىپ كېتەيلى-،دېدى.

ھەقىقەتەن ياتاققا قايىتساممۇ باشقا ئىشىم بولمغاندىن كېيىن مەيلى دېدىم.بىز ئۇزۇن ئايلاندق،نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشتۇق،تۇرمۇش ، ئۆگنىش،بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىمىز توغرىسىدا.شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭغا دوستلىقىمىز ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇنىرەدىن يىگىرمە نەچچە نومۇر يۇقرى ئېلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپ بىر كەسىپنى تاللغىنىمنى ئېيتىپ بەردىم.كىرىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا ئۇ بىر- بىرسىمىزنى سەنلىشىپ ئۆتسەك،سىز دېسە ئادەمنىڭ كۆڭلى بەك يىراقتەك تۇيۇلدىكەن دېدى،مەنمۇ قۇشۇلدۇم ،شۇنداق قىلىپ سەنلىشىپ كەتتۇق.

      ياتاققا قايىتقاندىن كېيىن ئۇخلىيالمىدىم، ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى،كېچە شۇلارنى ئويلاپ سەھەرگە يېقىن كۆزۈم ئۇيقىغا كېتىپتۇ،چۈش كۆرۈپتىمەن،چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۈپتىمەن.بىلدىمكى،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.

ھەرقېتىم ئۇنىڭ مۇنىرە بىلەن ياخشى ئۆتكىننى كۆرسەم ئازاپلىناتتىم،مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنسىرى ئۇ مۇنىرە بىلەن شۇنچە يېقىن ئۆتەتتى،مەنچىمۇ ئۇ مۇنىرەنى ياخشى كۆرسە كېرەك،مانا ئەمدى مۇنىرەمۇ ئۇنى ياخشى كۆردىغان بولۇپ چىقتى .بۇنىڭ چۈشۈم بولۇشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلاتتىم،ئەمما بۇ مەن قوبۇل قىلمىسام بولمايدىغان رىئاللىق ئىدى.قانداق قىلاي؟مۇھەببەتنى تاللامدىم دوسلۇقنىمۇ؟ئەخمەق،تاللىغۇدەك نېمە بولسۇن،نىجات سېنى ياخشى كۆرگەن بولسىدى،ئاندىن تاللايمەن دېسەڭ،ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭ مۇنىرەنى ياخشى كۆردىغىننى ئېتراپ قىلىسەن،دېمەك ساڭا تاللاش پۇرسىتىمۇ يوق. قەلبىڭدىكى ئەمدىلا بىخ سۈرگەن بۇ ئۇرۇقنى ئۆز ۋاقتىدا يۇلۋىتىشىڭ كېرەك،بۇ ئاۋال ئۆزۈڭ ئۈچۈن،ئاندىن نەچچە ئون يىللىق دوسلۇقۇڭ ئۈچۈن،ئۆز قېرىندىشىڭدىن ئارتۇق كۆردىغان دوستۇڭ مۇنىرە ئۈچۈن.                                                                                             

ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن بۇ مۇھەببىتىمنى كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ پىنھان يېرىگە قۇلۇپلاپ  قويدۇم ،بەلكىم بۇنى سىر ھالىتىدە ئۆزۈم بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەرمەن. ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى ئىشكابىمنىڭ ئەڭ ئىچىگە بەنىت قىلۋەتتىم.ھەممە نەرسە بولۇپقۇ بارى – يوقى ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا ئېلىپ بەرگەن چاچ قىسقۇچ ۋە ئىككىمىزنىڭ تونۇشىشىغا سەۋەبچى بولغان ھېلقى ئىستاكان(ئۇنى ياخشى كۆرگەن شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىستاكاندا سوغۇق سۇ ئىچسەممۇ باشقىچە تاتلىق تېتىيدىغان بولۇپ قالغان) ئىدى.   

     مۇنىرەنىڭ نىجاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىغا كەلسەم بۇ ئونىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولغان بىر ئىش سەۋەبىدىن ئىدى.

    شۇ كۈنى مۇنىرە ئككىمىز بىللە سىرىتقا چىققان ئىدۇق.ئەتتىگەندە بىر ئوبدان تۇرغان ھاۋا چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى،قىستىلشىپ يۈرۈپ كوچا ئاپتۇبوسىغا ئارانلا چىقۋالدۇق.مەكتەپكە خېلى ئۇزۇن يول بار ئىدى،مۇنىرە تېلفۇنىدا QQ ئېچىپ ئولتۇراتتى.مەكتەپكە كەلگۈچە يامغۇر توختىماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى،بۇ ۋاقىتتا ياغقان يامغۇرنىڭ سوغۇقىمۇ جاندىن ئۆتەتتى.مۇنىرە ئىككىمىز ئەتىگەندە ھاۋانىڭ كۈلكىسىگە ئالدىنىپ نېپىزلا كىينىۋالغان ئىكەنمىز مانا ئەمدى سوغۇقتىن تۈگۈلۈپلا قالدۇق.ماشىنا بېكەتكە كېلىپ توختىدى،ئىككىمىز ئىسسىق ئورۇنىمىزدىن كۆزمىز قىيماي ئايرىلىپ ماشىندىن چۈشتۇق.خىيالىمچە بولغاندا بىزنى كۈتۋالدىغىنى سىرىتتىكى سوغۇق ۋە قاتتىق يامغۇر ئىدى،ئەمما ئويلىمغان يەردىن بىزنى نىجات ئىللىق كۈلۈپ كۈتىۋالدى،قولىدا كۈنلۈك ۋە ئۆزنىڭ ئىككى چاپىنى تۇراتتى.ئۇنىڭ ئىلتىپاتىدا ياتاققا توڭلىمايلا كېلۋالدۇق.مەن كۈنلۈك ۋە چاپان ئەچىقىشقا نىجاتنى مۇنىرە بۇيرىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،ئەمەلىيەتتە بولسا مۇنىرە ئۇنىڭغا پەقەت يامغۇردا قالغىنىمىزنى،مەكتەپكە قايتىپ كېتۋاتقىنىمىزنىلا ئېيتىپتىكەن، ئالدىمىزغا ئۇ ئۆزى چىققانكەن.بۇ ئىش مۇنىرەنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ھەم ئۇ نىجاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن.دېمەك،نىجات تۇنۇشقىنىمىزغا ئۈچ ئاي بولمايلا ئوخشاش بىر بېكىتتە ئىككى قىزنىڭ يەنە كېلىپ ئىككى يېقىن دوستنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۋالغان ئىدى،بەلكىم بۇنى ئۇمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولغىيتتى.

  بىرسىنى ياخشى كۆرۈش ئاسان بولغىنى بىلەن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇنتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن،يەنە كېلىپ ئۇ ھەر كۈنى كۆز ئالدىمدىلا يۈرسە ئۇنتاي دېسەممۇ ئۇنتىيالمىغۇدەكمەن.

     يېڭى يىل يېتىپ كەلدى،نىجات مۇنىرە ئىككىمىزگە يېڭى يىللىق سوۋغا بەردى.سوۋغات شارپا ئىدى،مۇنىرىنىڭ ھال رەڭلىك،مېنىڭ بولسا ئاق رەڭدە ئىدى.ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەيدىكەن،لېكىن مەن ئاق رەڭنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم ،مۇنىرە بولسا ھال رەڭنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى،كىيىملىرنىڭ كۆپىنچىسى  شۇ رەڭدە،ھەتتا پايپىقىمۇ شۇ.دېمەك،نىجات مۇنىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشنىدىكەن،بۇ ئۇنىڭ مۇنىرىگە بەك دىققەت قىلدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە،ئۇنىڭ مۇنىرەگە كۆڭلى بارلقى ئىسپاتلاندى مانا.كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلغىنى سوۋغات ئىچىدىكى باغاقچىگە يېزىلغان خەتلەر ئىدى.مۇنىرەنىڭكىگە《دوستۇم مۇنىرەگە ئاددىي سوۋغام،ساڭا خۇشاللىق ۋە بەخىت تىلەيمەن》دەپ   يېزىلغان،مېنىىڭكىگە《زۇبەيدەگە ئاددىي كۆڭلۈم ، ھەر ۋاقىت خۇشال ياشىغىن 》دەپ يېزىلغان ئىدى.مېنىڭكىدە دوستۇم دېگەن سۆزمۇ يوق،مەن ئۇنىڭ دوست بولشىغىمۇ ئەرزىمەسمەنمۇ؟ مۇنىرە شۇ بىر قىش ئاشۇ شارپىنىلا تاقاپ چىقتى،ئەگەر خەق زاڭلىق قىىلمايدىغان بولسا ياز كۈنلىردىمۇ تاقىۋىلىشتىن يانمايتتى،چۈنكى بۇ نجاتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تۇنجى سۇۋغىسى –دە.مەن ئۇ شارپىنى نىجاتنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بىرلا قېتىم بۇينۇمغا ئوراپ بېقىپتىمەن،ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشكاۋىمدىن چىقىرىپمۇ باقمىدىم.بىر قېتىم نىجات شارپىنى نېمىشقا تاقىمايدىغانلىقىمنى سوراپ قالدى،مەن بىر يەردە ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ يالغان ئېيىتتىم،ھېس قىلدىمكى نىجاتنىڭ كۆڭلىگە كەلدى، باشقىلار بەرگەن سوۋغىنى قەدىرلىمەسلىك شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ،لېكىن مەندە نېمە ئامال.

ئالىي مەكتەپتىكى تۇنجى قىشلىق تەتىلىمىز يېتىپ كەلدى، ئۈچ يۇرتداش پويىزدا بىللە قايىتتۇق ئۈچىمىزگە پويىزنىڭ ئۈچ كىشلىك ئورنى كەلگەن ئىدى،مەن ئىچىدە،مۇنىرە ئوتتىرىدا ،نىجات سىرتىدا ئولتۇردى .بىر كېچە پويىزدا ئولتۇرساقلا ئۆيگە باراتتۇق. مەن بالدۇرلا بېشىمنى قويۇپ يېتۋالغان بولساممۇ ئۇخلىمىغان ئىدىم،نىجات بىلەن مۇنىرە قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارلاشقۇم كەلمىدى.قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،بىر چاغدا پۇت-قوللۇرۇمنىڭ كۆيشۈپ ئاغرىغىنىنى ھېس قىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم،تاڭ ئاتاي دەپتۇ،بۇ پويىزدا كېچىنى ئۆتكۈزمەك نېمانچىمۇ تەستۇ.مۇنىرەگە قارىدىم،ئۇ نىجاتقا يۆلۈنۈپ خۇددى ئۆز ئۆيدىكى كارۋاتتا ياتقاندەك شۇنداق تاتلىق ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ،چۈشىدىمۇ نىجاتنى كۆرۋاتقان بولسا كېرەك يېنىك كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. بىلەمسەن مۇنىرە،سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن مەن ھېلىغۇ بىر نىجاتكەن باشقا خېلى –خېلى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكىمۇ تەييار.                                                                                                

  تەتىلدە نىجات بىر نەچچە قېتىم بىز تەرەپكە كەلدى،مۇنىرەنى ئىزدەپ كەلدىغۇ دېدىم ئىچىمدە. ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي مېنىمۇ چاقىرىپ چىقاتتى،بىز بىللە ئايلىناتتۇق،تاماق يەيتۇق، لېكىن مەن باشتىن ئاخىر ئازادە بولالمايتتىم،بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلىۋالغاندەكلا.

تەتىل ئاياغلىشىپ مەكتەپكە قايىتتۇق،نىجاتنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاچقا بىر نەچچە كۈن كېيىن قايىتتى.يەنە شۇ پويىزدا مۇنىرە ئىككىمىز تاڭ ئاتقۇزالماي ئۇنىڭ بۇنىڭ گېپىنى قىلشىپ نىجاتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى.مۇنىرە دەرت تۆكۈشكە باشلىدى:

-ئاداش،نىجاتتىن سادا يوققۇ؟ يا مەن ئاۋال ئېغىز ئېچىشنىڭ ئورنى بولمىسا،سەن ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىپ باقامسەن –يە؟

ئادەم دېگەن شەخسىيەتچى بولدىكەن،گەرچە مۇنىرە ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولساممۇ،نىجاتنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرشىۋاتقان بولساممۇ كۆڭلۈمدە يەنىلا نىجانىڭ مۇشۇ چاققىچە مۇنىرەگە ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېمىگىنىدىن خۇشال ئىدىم،راسلا، سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.

-        توۋا دېگىنە،مەن نېمە دەپ گەپ ئالىمەن ئۇنىڭدىن؟مۇنىرەنى ياخشى كۆرەمسەن،نېمىشقا ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچمايسەن دەپما؟

نىجاتتىن بۇنداق سورىساممۇ تامامەن بولاتتى،ئەمما،ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈركىمنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.

  -ۋايجان،ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن،پەقەت مۇنداقلا گەپ ئارلىقىدا ئەگىلدۈرۈپ سوراپ باقساڭمۇ بولىدىغۇ

   - مۇنىرە،گېپىمنى ئاڭلا،ئۇ سېنى ياخشى كۆرسە چوقۇم ئېيتىدۇ،بەلكىم ئۇ ياخشىراق پۇرسەت تېپىپ دەي دەپ ئويلىغاندۇ،ئالدىرىما جېنىم دوستۇم.

ئاغزىمدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتىمەن،كۆڭلۈمدىكى ئازابىمنى بولسا ياراتقان ئىگەم ئۆزىلا بىلىدۇ.  

ۋاقىت راستىنلا تېز ئۆتكەن ئىدى،ئارىدىن بىر يىلى ئۆتتى،يەنە بىر قىشلىق تەتىل كېلىش ئالدىدا تۇراتتى.بۇ جەرياندا ھېچقانداق يېڭىلىق بولمىدى،دېمەكچى بولغىنىم نىجات يەنىلا ساداسىز ئىدى.مۇنىرە بىچچارە ساقلاپ ھارمىدى،نىجات ئۇنى ساقلىتىپ ھارمىدى.      

مۇشۇ چاققىچە  ھېكايەمدە مۇنىرە،مەن ۋە نىجات ئۈچىمىزلا رول ئېلىپ كەلدۇق،ئەمدى يەنە بىرسىنى قوشۋالاي بۇ قاتارغا.

مۇستافا- مېنىڭ بىر سىنىپتىكى ساۋاقدىشىم.ئېغىر- بېسىق،تىرىشچان،  ئەخلاقلىق بالا.نېمىشقا ئۇنى تىلغا ئالىمەن؟ سەۋەبى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىمۇ قىسقا ھېكايە بار.

بىرىنچى يىللىقتا باشقا ئوغۇللارنىڭ مۇنىرەگە يازغان مۇھەببەت خەتلىرىنى توشۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئۆزەممۇ بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدىم،بۇ مۇستافانىڭ خېتى ئىدى. گەرچە ئۇ چاغداتېخى نىجاتنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلمىغان ئىدىم.مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دوسلۇقتىن باشقا ھېسسىيات يوق ئىدى،يەنە كېلىپ بىر پۇتۇم ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىمايلا مۇھەببەتلەشسەم سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئۇ ئېيىتقان،سىز قۇشۇلغىچە ساقلايمەن دەپ،مەن ئانچە ئېتبار بېرىپ كەتمىگەن ئىدىم،بۇ زاماندىكى ئوغۇللرنىڭ ساقلايمەن دېگىنى ئەڭ ئىشەنگىلى بولمايدىغان گەپ،بۈگۈن سىزگە كۆيدۈم – پىشتىم دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىدۇ،قۇشۇلماي بېقىڭ،ئەتىسىلا شۇ گەپنى يەنە بىرسىگە دەيدۇ.لېكىن مۇستافا دېگىننى قىلدى،مانا بىر يىلدىن ئېشىپتۇ،ئۇ يەنىلا نىيتىدىن يانمىغان ئىدى.

مەۋسۈملۈك ئىمتاھان ئاياقلىشىپ قايتىش تەييارلىقى قىلۋاتاتتىم،مۇستافا تېلفۇن قىلىپ قالدى،ئالدىم،پەسكە چۈشسىڭىز دەيدىغان گېپىم بار ئىدى دەيدۇ،قوشۇلماسلىققا باھانەم يوق ئىدى،چۈشتۈم.يەنە شۇ گەپنى قىلدى،     «بۇرۇنغۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قوشۇلمىغان ئىدىڭىز،بىلمىدىم يەنە نېمە دەپ سەۋەپ كۆرسىتەرسىز؟مۇمكىن بولسا بۇ بىر ئاي تەتىلدە يەنە بىر ئويلۇشۇپ باقسىڭىز ،جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن» دەيدۇ.نېمە دىيشىمنى بىلمەي قالدىم،ياخشى كۆردىغىنىم بار دەيمۇ؟كىملىكىنى سورىسا نېمە دەيمەن ؟ بولدىلا تەتىلدىن كەلگەندە بىر گەپ بولار.

تەتىلدە بۇ ئىشنى مۇنىرەگە دېدىم،مۇنىرە ئۇنىڭ بىريېرىم يىلدىن بېرى مىنى ساقلىغىننى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ كەتتى ھەم مېنى ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىشقا دەۋەت قىلغىلى تۇردى.مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلە پەقەتلا دوس ئىكەنلىكمنى ،باشقا ھېسسىيات يوقلىقىنى دېسەم نېمە دەيدۇ دېمەمسىلەر، -ۋاي دوستۇم،قىز – ئوغۇللار ئارىسىدا نەدىمۇ ھەقىقىي دوستلۇق بولسۇن، دوستۇم دەپ قويۇپ ئېلۋالدىغان،ئاكام دەپ قويۇپ تېگۋالدىغان ئىشلار جىققۇ ،سەن ئۇنىڭغا دوستۇڭغا قارىغان كۆز بىلەن ئەمەس،ھەقىقىي بىر ئوغۇل بالىغا قارىغان كۆز بىلەن قارىساڭ ئىشىنىمەن ئۇنى چۇقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىسەن-دەيدۇ.ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دېگەنلىرنىڭمۇ ئاساسى باركەن،ئويلۇشۇپ كۆرۈش قارارىغا كەلدىم.

نەچچە كۈن بۇ ھەقتە ئويلاندىم،ئۇنى يەنە رەت قىلىشقا سەۋەب تاپالمىدىم،ئۇنداق ئېسىل بالىنى لوپا ئەينەك تۇتۇپمۇ تاپقىلى بولماس مۇشۇ زاماندا.قۇشۇلۇش قارارىغا كەلدىم .يەنە بىر شەخسىيەتچىلىكىمنىمۇ ئاشكارلىماي بولمايدۇ، شۇ چاغدا كاللامغا بىر خىيال كەلدى،مۇشۇ چاققىچە نىجاتنى ئۇنتىيالماي كەلدىم،ئەگەر مۇستافا بىلەن ئارلىشىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالسا بۇمۇ بولغىنى،نىجاتنىڭ  قەلبىمدىكى ئورنىنى ئۇ ئالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بۇ ئازابتىن قۇتۇلىمەن.ھەي شەخسىيەتچىلىكىم،مۇستافاغا بۇنداق مۇئامىلە قىلسام ئادىل بولمايدىغىننى بىلىمەن ،ئەمما ئامالىم يوق.

مەكتەپكە قايتىپ نەچچە كۈندىن كېيىن مۇستافانىڭ تەلىۋىگە قوشۇلدۇم،ئىككىمىز ئارلاشتۇق،لېكىن پەقەت بىر ھەپتىلا ئارلاشتۇق.سەۋەبى؟

مەن ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلۇپ ئەتىسى مەن ،مۇستافا ،مۇنىرە ۋە نىجات تۆتىمىز بىللە تاماق يېدۇق،مۇنىرە مۇستافانى رەسمىي يوسۇندا بىزگە تۇنۇشتۇرغىن دەپ تۇرۋالدى.پەقەتلا خالىمايتتىم،ئۆزۈم تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن،باشقا بىرى بىلەن ئارلىشىشقا قوشۇلۇپ تۇرۇپمۇ خىيالىمدىن چىقىرالمىغان نىجاتنىڭ ئالدىدا بۇ مەن ئۈچۈن ئېيىتقۇسىز ئازاپ  

ئىدى.نىجاتنىڭ بولسا تېخى بۇ ئىشتىن خەۋرى يوق بولغاچقا ماڭا ھەيران بولۇپ قاراپ تۇراتتى،ھامىنى دەيدىغان ئىش،بوپتۇ،تونۇشتۇرسام تونۇشتۇراي.

       مەن ئۇنى «ئۇغۇل دوستۇم»دېگەن شۇ دەقىقىدە نىجاتنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز ئۆزگەردىكى،گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.نىجات ئزنىڭ خاتا ئاڭلىمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن مەندىن قايتا سورىدى:

-   بايا ئۇنى كىم دەپ تونۇشتۇردۇڭ؟

- مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم

«ئوغۇل دوستۇم»دېگەن سۆزنى يۇقىردا يېزىلغاندەك ئىككىگە بۆلۈپ تەستە تەكرارلىدىم.نېمە ئىش بولغىننى بىلمەيلا قالدۇق،نىجات ئارقىسىغا شۇنچىلىك تېز بۇرۇلدى ۋە گەپمۇ قىلماستىن چىقىپ كەتتى.مۇنىرە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەتتى،مۇستافا ئىككىمز بىر –بىرسىمىزگە تەئەججۈپ ئىچىدە قاراپ قالدۇق.

     كۆڭلۈم غەش ئىدى،نىجاتنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىننى بىلمەيتتم.مۇستافا كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولۇپ قالغىننى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى،ئامال قىلىپ مېنى كۈلدۈرمەكچى بولاتتى،ئەمما مەن كۈلەلمەيتتىم.شۇنداقتىمۇ ئىككىمز ئايلىنىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە مەكتەپكە يېتىپ كەلدۇق،ئەس –يادىم نىجاتتا بولغاچقا ئۇنىڭغا خوشمۇ دېمەي ياتاق تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدىم.ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلسەم مۇنىرە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن،كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كېتىپتۇ.نېمە ئىش بولغىننى،نىجاتنىڭ ئەھۋالىنى سورۇدۇم،ئۇپەقەت«نىجات پۇتبول مەيدانىدا سېنى ساقلاۋاتىدۇ،بارغىن»دېدى.يۈگۈرگەنچە پۇتبول مەيدانىغا كەلدىم،نىجات كۆرۈش سۇپىسىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى، مېنى كۆرۈپمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى،مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلتۇردۇم .ئەسلى ئۇنىڭ بۈگۈن قىلغانلىرى ئۈچۈن تازا تىللاپ ئاچچىقىمنى چىقرىۋالاي دېگەن ئىدىم ئەپسۇس ئۇنى كۆرگەندە تىلىم تۇتۇلۇپلا قالدى.ئىككىمىز بىردەم جىمجىت ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن چىدىمىدىم،ئۇنىڭدىن سورىدۇم:

   - نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟

   - سەنچە قانداق قىلسام بولاتتى،چاۋاك چېلىپ سېنىڭ باشقىلار بىلەن يۈرۋالغىنىڭنى تەبرىكلىسەم بولاتتىكەندە.

   - ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن،ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدا  ئازراق يۈزۇمنى قىلىپ قويساڭ بولاتتىغۇ

   - ئۇ سەن ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟

   - بۇ نېمە دېگىنىڭ؟

   - ئىككىمىزنى سېلىشتۇرغاندا قايسىمىزنىڭ قەلبىڭدىكى ئورنى مۇھىم؟

ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تېرىكتىم.

-نېمە ېمەكچىلىكىڭنى بىلمىدىم،ئۇچۇقراق ئېيتقىن بولامدۇ؟

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا يېقىن كېلىپ  :

-سېنى ياخشى كۆرمەن

دەسلەپ قۇلقىمغا ئىشەنمەي قالدىم،كېيىن ئۇنى چاقچاق قىلۋاتقان بولسا كېرەك دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ دېدىم:

-        ساراڭ ،ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلما ،ئىشىنىپ قالىمەن جۇمۇ

ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ :

-   ساڭا چاقچاق قىلمىدىم زۇبەيدە،سېنى ياخشى كۆرمەن،بىز تۇنجى قېتىم مۇشۇ مەيداندا بىللە ئايلانغاندىلا سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم .

ئۇ نېمە دەيدۇ؟ مېنى ياخشى كۆرمەن دەۋاتامدۇ؟بۇ مۇمكىنمۇ،ئۇ مۇنىرەنى ياخشى كۆرسە توغرا بولاتتى

    -مېنى ئالدىما نىجات،سېنىڭ مۇنىرەنى ياخشى كۆردىغىنىڭنى بىىلمەن

ئۇ ئارقىسىغا بىر قەدەم يېنىپ ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى.

   -مەن ساڭا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقتىممۇ؟

    - ياق

    - ئۇنىڭ ئۆزىگە دەپتىمەنمۇ؟

    - ياق

    - ئەمسە نېمىشقا مېنى مۇنىرەنى ياخشى كۆرىدۇ دەيسەن؟

    - سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىڭغا قاراپ

- مەن ئۇنىڭغا نېمە قىپتىمەن؟ شۇنداق ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمەن،لېكىن بىلسەڭ بۇنىڭ ھەممىسى بىر سەن ئۈچۈن،ئۇنىڭ سېنىڭ دوستۇڭ بولغانلىقى ئۈچۈن

بۇ ئىشلار راسمۇ؟مەن چۈش كۆرمىگەندىمەن.ياق ،بۇ چۈش ئەمەس.

-نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسەن؟

- بۇرۇنراق؟ قانداق دەيمەن؟مۇنىرەنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا نېمە دەپ دەيمەن؟ساڭا دېسەم سەن قوشۇلامتىڭ؟ سېنىڭ مۇنىرە ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بەرگىنىڭنى بىلمەن،ئەگەر ساڭا ئېيىتقان بولسىام مۇنىرە ئۈچۈن بولسىمۇ قوشۇلمايتتىڭ

    - شۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ بۈگۈن بۇ گەپلرنى نېمىشقا ماڭا دەيسەن؟

  - مېنىڭ ساڭا كۆڭلۈمنى ئىپادىلىمىگنىم ھەرگىزمۇ سەندىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ.مەن پەقەت مۇنىرە ۋاز كەچكەندىن كېيىن ساڭا دېيىشنى ئويلىغان،ئەپسۇس،كېچىكىپتىمەن

  ئاشۇ ئاخشىمى ئۇ نۇرغۇن – نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى،ھەر قېتىم ھېيىت –بايراملاردا ماڭا سوۋغا قىلغان نەرسىللىرنىڭ مەنىسى،نېمە ئۈچۈن ماڭا يازغان باغاقچىغا دوستۇم دەپ يازمايدىغانلىقى ،ئىشقىلىپ نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈنلەرنىڭ جاۋابىنى شۇ كۈنى بىلدىم.ئۇنىڭ مېنى دوستۇم دېمەسلىكىنىڭ سەۋەبى: ئۇ مۇھەببەتكە دوسلۇق قالپىقى كىيدۈرۋېلىشنى خالىمايدىكەن،مۇھەببەت بىلەن دوسلۇقنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىيدىكەن.

بۇلارنى بەكمۇ كېچىكىپ بىلگەن ئىدىم.ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەلمەيتتىم،كەچۈرۈممۇ سورىيالمايتتىم.ئۇنىڭغا مۇھەببەت بېرەلمەيتتىم،چۈنكى مېنى بىر يىلدىن ئارتۇق ساقلاپ ئەمدىلا ۋىسالغا ئېرىشكەن مۇستافانىڭ كۆڭلىنى يەنە ئاغرىتسام بولمايتتى.خەيىر ،بۇ سۆزلەر بۈگۈن مۇشۇ مەيداندىلا قالسىۇن.نىجاتقا بۇلارنى دېدىم،دېدىميۇ ئۇنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىماي يۈگۈرۈپ ياتاققا كىرىپ كەتتىم.

شۇ كۈنى بارلىق سىرلىرىمنى مۇنىرىگە دېدىم،كۈندۈزى نىجات ئۆزنىڭ ياخشى كۆردىغان ئادىمىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا دەپتىكەن،دېمەك مېنىڭمۇ ئەمدى يەنە يوشۇرشۇمنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى.

مۇنىرە ھېچنىمە دېمىدى،پەقەت مەن بىلەن تەڭ يىغلايتتى.

      ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرالماي قالدىم،پۈتۈن بەدىنىم ئۇرۇپ چېقۋەتكەندەك ئاغرىيتتى،بېشىم قاپاقتەكلا،ئويلىسام ئاخشامقى ئىشلار چۈشتەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇسسساپ كەتكەن ئىدىم ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۇ ئىچمەكچى بولۇپ ئۈستەلنىڭ قېشىغا كەلگىنىمنى بىلمەن ،باشقا ئىش ئېسىمدە يوق.كۆزۈمنى ئاچسام مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا يېتىپتىمەن،يېنىمدا مۇنىرە بىلەن مۇستافا تۇراتتى.ئەتراپتىن نىجاتنى ئىزدەيتتىم،بۇنى مۇنىرە چۈشەندى بولغاي ئۇنىڭ ئاخشام ھاراق ئىچىپ قاتتىق مەس پېتى قايىتقىننى،بۈگۈن دەرىسكىمۇ چىقماي ياتاقتا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.مۇنىرە بۇ گەپلەرنى قىلۋاتقاندا مۇستافامۇ بار ئىدى، دېمەك،نىجات ئىككىمىزنىڭ ئىشىدىن ئۇمۇ خەۋەر تېپىپتۇ،مۇنىرە ئۇنىڭغا ھەممىنى دەپتۇ.

     ئەتىسى بىر كۈن ئوكۇل سالدۇرغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم،بۇ جەرياندا مۇستافا ھېچ ئىشنى بىلمىگەندەك ھالىمدىن خەۋەرئالدى .نىجاتنىڭ مەندىن رەنجىگىننى ياكى باشقا سەۋەبنى بىلمىدىم،ئۇ كېلىپمۇ باقمىدى.                              

بىر ھەپتە ھېچقايسىمىز بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدۇق،مۇنىرەمۇ،مۇستافامۇ شۇ،خۇددى بۇنداق ئىش ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغاندەك.نىجات سۇلغۇن كۆرنەتتى،بىراق ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

شەنبە كۈنى مۇنىرەنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن تۆتىمىز قايتا جەم بولۇپ تاماق يەيدىغان بولدۇق،ئورۇننى بېكىتىپ بارىدىغان ۋاقىتتا مۇنىرە ئازراق ئىشى چىقىپ قالغىننى ،سەل كېچىكىپ باردىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئاۋال ماڭغۇزۋەتتى،ئۇ مۇستافانى ئاللىبۇرۇن بېرىپ بوپتۇ دېگەچكە  مەنمۇ تارتىشمايلا ماڭدىم.دېيىشكەن جايغا كەلدىم،ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغىنى مۇستافا ئەمەس نىجات ئىدى.سۇسلا سالام قىلىشتۇق،شۇ كۈنكى ئىشتىن كېيىن ئىككىمىز تۈزۈكمۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدۇق.

ئىككىمىز ئۇ ئىككىسىنى ساقلىدۇق،ئەمما ئۇ ئىككىسى كەلمەي ئىككلىمىز بىردىن ئۇچۇر تاپشۇرۋلدۇق.ماڭا مۇنىرە ئۇچۇر يازغانكەن:

-زۇبەيدە،جېنىم دوستۇم.مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭ ھېلىمۇ يېتەرلىك بولدى،ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى تاللىغان ئىشتىن باشلاپ(بۇنى نىجات مۇنىرەگە دېگەن بولسا كېرەك)تا ھازىرغىچە مەن ئۇچۈن ئاز قۇربانلىق بەرمىدىڭ،ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى.نىجاتنى ياخشى كۆرمەن ،بىراق ئۇنى سەندىن تالاشمايمەن،مەن ۋاز كەچتىم.سەندىن ئىككى ئۆتۈنۈشۈم بار،بۇنى بۇيرۇق دەپ چۈشەنسەڭمۇ بولىدۇ،بىرىنچىسى:نىجاتنى پۈتۈن مۇھەببىتىڭ بىلەن ياخشى كۆرگىن،شۇنداقلا مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىمۇ قۇشۇپ ياخشى كۆرگىن؛ئىككىنچىسى:سەن بەخىتلىك بولۇشقا،ئۆزۈڭگە تەۋە بەخىتكە ئېرىشىشكە ھەقلىقسەن،دېمەكچىمەن،چوقۇم بەخىتلىك بول،ماڭا چوقۇم بەخىتلىك بولىمەن دەپ ۋەدە بەر. نىجات ئىككىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن

نىجاتقا كەلگىنى مۇستافانىڭ ئۇچۇرى ئىدى:

-  نىجات ،قايسى كۈنى سەن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتكەندىلا مەن سېنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلدىغىنىڭنىڭ سىرىنى بىلىپ بولغان،ئەتىسى مۇنىرە ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى دەپ بەردى، ساڭا ھەۋەسمۇ قىلمەن ھەسەتمۇ قىلمەن.زۇبەيدەنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىنىممۇ يوق،پەقەت ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن خالاس.

ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساڭ سەن بىلەن ئاخىرغىچە ھېسابلىشىمەن.بولدى،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ،سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن!

   نىجات ئىككىمىز بىر –بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسرىدۇق.  

مەنبەنى ئەسكەرتىڭ           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 04:01 PM  


مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6795
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 04:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . سىلەرگە ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ . مەن ئونۋىرسىتىتتا ئۇقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى . بۇ يىل تۆتىنچى يىلى . لىكىن كۈنلىرىم بەك يىگانە.              

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 05:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىكىڭلانى بەخىتلىك قىلسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38777
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 05:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ دەپتىكەن،مەنبەسى:ئۆزەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 04:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ياخشى دوسلار  
بەخىتلىك بولسۇن بىر جۈپلەر ئاخىرغىچە

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:20:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن دوستلۇقتە بۇ!
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:22:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 04:03 PM
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . سىلەرگە ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ .  ...

قارىسام يىگانىلىكىڭىزدىن ئەپسۇسلىنىۋاتقان ئوخشايسىز،مەندەك خىزمەت تېپىپ بولغاندا يىگانە بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 609
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 11:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭ

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  دوسلار ياخشىمۇسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 04:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش