شەكىل نەزەريىسىنىڭ تار نەزەريىسىگە قىلغان چاقچىقى
قاسىم سىدىق
دەپسەن :ئالەم تۆزۆلەر،
بىر ئۈلچەملىك تاردىن،
بىز دەيمىزكى:تۆزۆلەر ،-
ئۈچ ئۈلچەملىك شاردىن.
بۇ ئالەمنى قىدرساڭ،
بىر ئۈلچەملىك يىپ يوق.
شۇڭا سىنىڭ بۇرادەر،
ئاساسىڭدا دىت يوق.
«يىپ»دىگىنىڭ سىلىندىر،
دوستۇم ياخشى ئويلا.
بىر ئۆلچەملىك يىپ بارمۇ،
«يىپ»لىرىڭغا قايلا!.
زوقلىنىمەن، قولۇڭ گۈل،
ھۆنىرىڭدە گەپ يۇق.
ئاساسىڭدا چاتاق بار،
ئاقىۋەتتە نەپ يوق.
«يىپ»لىرىڭمۇ تۆزۆلگەن،
ئۈچ ئۆلچەملىك شاردىن.
بىر ئۆلچەملىك «يىپ»بولسا،
مەھبۇس قورىقماس داردىن.
«ئىنىرگىيە» دىگەنمۇ،
ئۈچ ئۆلچەملىك شار ئۇ.
تىزىپ چىقساڭ يىتەرلىك،
بولۇر «يىپ» ھەم «تار»ئۇ!.
«ئىنىرگىيە»دىگىنىڭ،
قىلارتىنماي ھەركەت.
بىر ئۈلچەملىك ھەركەت،
نەدە باركەن، كۇرسەت؟!.
ماتىماتىكا - فىزىكا،
ئارىسىدا چەك بار.
ئايرالماپسەن شۇ چەكنى،
شۇڭا مەندە شەك بار.
بىر ئۆلچەملىك«يىپ»تاپساڭ.
قولۇقىمنى كىسىۋال.
مەغرۇرلانما ھۆنەردىن،
ئۆزەڭنى سەل بىسىۋال!.
2012.9.22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 10:04 PM