مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 8

قىسقا فېليەتونلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىز ياتقان شۇ بۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26927
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20031
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 885 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 11:51:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىسقا فېليەتونلار


كىچىككىنە بىر نەرسە


-شۇنچە تاپىلىسام قىلىشماپسەن، كىم بۇيرىسا قىلىشىتىڭ بۇ ئىشنى! ھەرقايسىڭ سۆرەلمىلىك قىلغاچقا ھىچقانداق ئىش ئاقمايۋاتىدۇ بۇ مەكتەپتە!-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كارىدوردا كىمگىدۇر ۋاقىرىغان، تاپا-تەنە قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

-يەنە باشلاندى،-دەپ غودىراپ قويدى ماتىرىيال رەتلەۋاتقان ئېلى كاتىپ.

دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ كۆزلىرى چەكچەيگەن، گۆرەن تومۇرلىرى كۈپكەن ھالدا مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ:

-كىچىككىنە بىر نەرسە كەم بولىۋاتىدۇ-دە، خەپ!-دېدى.

-شۇنداق، سىزگە كىچىككىنە بىر تاپانچا كەم بولىۋاتىدىغۇ؟-دېدى ئېلى كاتىپ مېيىغىدا كۈلۈپ.

-بۇ نېمە دېگىنىڭ! –دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ تەنە كۈلكىسىنى كۆرۈپ، ئاچچىقلاپ.

-ياق، ئەمدى...شۇ كىچىككىنە نەرسە بولسا، گەپ يېمەيدىغان ياغاچ قۇلاقلاردىن بىر ئىككىنى ئېتىپلاۋەتسىڭىز...گېپىڭىزنى ئاڭلىمايدىغان ئادەم قالمامتىكىن دەيمەن...


تەكشۈرۈش ئۆمىكى


ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، باشقۇرۇشنىڭ قاتماللىقى، مەكتەپ خىزمەتلىرىنىڭ چۇۋالچاقلىقى، رەھبەرلەر بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ئىشقا قويۇش ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئادالەتسىزلىكلەر... تۈپەيلى 15نەپەر ئوقۇتقۇچى بىر يەرگە يىغىلىپ مەكتەپ مۇدىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنماقچى بولدى.(ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار بۇ ھەقتە مەكتەپ مەمۇرىيتى، پارتىيە ياچېيكىسىغا كۆپ قېتىم پىكىر قىلغان بولسىمۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىغان) ئۇلار ئارىسىدىن قەلەم قۇۋىتى ياخشىراق بىرەيلەنگە قەلەمنى تۇتقۇزدى. قالغانلار يۇقارقى ئەرز ئۈچۈن بەس-بەستە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خالىق مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتكەن ئاساسلىرى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئەمەلىيەتچىل، ئەڭ مۈكەممەل بولدى.

ئەرزنامە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇلۇپ كۆپچىلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. كېيىن ھەممەيلەن بىردىن بىردىن ئىمزا قويۇپ چىقتى.

ئەتىسى ئەرزنامە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئورۇن (پارتكوم، تەشكىلات، ئىنتىزام) غا يەتكۈزۈلدى. يۇقۇرى دەرجىلىك رەھبەرلەر بۇنىڭغا جىددى قاراپ، پات ئارىدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ كۈندىن كېيىن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن مائارىپ ئىدارىسى ئىككى كىشلىك بىر تەكشۈرۈپ- دەلىللەش ئۆمىكى چىقاردى. بۇلارنىڭ بىرى ئۆمەك باشلىقى-مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، يەنە بىرى كاتىپ ئىدى.

پىكىر ئېلىش ئىككى كۈن داۋاملاشتى. ئادەم كۆپ بولغاچقا پىكىردە ئىختىلاپ كۆرىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى ئاللىقاچان بىر تۈركۈم پىدايىلار(ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق گەپ قىلىدىغانلار)نى تەق قىلىش بىلەن بىرگە  تەكشۈرۈشكە چىققان خادىملارنىڭ تاماق، ياتاق، «دەم ئېلىش»لىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار تەبئىي ھالدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئەرز بەرگۈچى تەرەپ بىلەن مەكتەپ مۇدىرى تەرەپ كەسكىن ئېلىشتى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئەرز سۇنغۇچىلاردىن خالىق مۇئەللىم چاقرىتىلدى. ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىشلىك، قايىل قىلارلىق قىلىپ ياخشى سۆزلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى باشتىن ئاخىر دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئۆمەك باشلىقى ئۇنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن:

-سىزنىڭچە بۇ مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟-دەپ سورىدى.

-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن مەكتىپىمىز كۈندىن كۈنىگە خاراپلىشىپ كەتتى. شۇڭا ئۇنى خىزمەتتىن قالدۇرۇپ، ئىقتىدارلىق، يۇقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىدىن بىرنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇش كېرەك،-دېدى خالىق مۇئەللىم كەسكىن ھالدا. ئۆمەك باشلىقى:

-بىر ئادەمنى خىزمەتتىن قالدۇرۇپ، يەنە بىرنى تىكلىمەك شۇنچە ئاسانما؟ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلەرنى تەربىيەلەشكە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇنى بىلەمسىز؟ سىز خىيالىڭىزدا، بىر پارچە ئەرز بىلەنلا جاھاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىمىز، دەپ ئويلاپسىزدە؟ خۇلاسىسى قانداق چىقىدۇ، كېيىن كۆرىمىز. ھازىرچە سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى خاتىرلىۋالدۇق، قېنى قول قويۇڭ،-دەپ كاتىپنىڭ قولىدىكى خاتىرىنى خالىق مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى.

-ئەمىسە قول قويمايمەن،-دېدى خالىق مۇئەللىم جىددىلىشىپ،-بۇ گەپلەرنى مەن دېمىگەن بولاي،-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قەلەمنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى جىجىشقا باشلىدى.

-ئۆزىڭىز دېگەن گەپكە ئۆزىڭىز ئىگە بولمامسىز! سىزنى بىرسى مەجبۇرلىدىمۇ-يا! -دېدى ئۆمەك باشلىقى خاتىرىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ.

-ياق، سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلار مەندىن ئۆچ ئالىدۇ، مەن ھەرگىز قول قويمايمەن.

-ئەمىسە ئەرزگە قول قويۇپتىكەنسىزغۇ؟

-قول قويۇشنىغۇ قويغان، بىراق ئوقۇمايلا قول قويۇۋېتىپتىكەنمەن، ھازىر پۇشايمان قىلىۋاتىمەن...-خالىق مۇئەللىم بىر نەرسىدىن قورقوپ كەتكەن ئادەمدەك لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى.

-قارىغاندا سىزدىن بىرسى پايدىلىنىپتۇ-دە؟

-شۇنداق، ياق، مەن بىلمەيمەن... مېنىڭ ھىچنىمىدىن خەۋىرىم يوق. سىلەرگە دەيدىغان گېپىممۇ يوق...-خالىق مۇئەللىم نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئادەمدەك ئالا-جوقا سۆزلىگىنىچە چىقىپ كەتتى. باشلىق كاتىپتىن:

-ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىنى يېزىۋالدىڭىزما؟-دەپ سورىدى.

-كېيىنكى گەپلىرىنىمۇ يازامدىمەن؟

-ئەلۋەتتە يازىسىز، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟ ئۇنىڭدىن باشقىلار پايدىلىنىپ كەتكەن، ئەرزنامىغىمۇ مەجبۇرى قول قويغان.

كاتىپ باشلىقنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى بىرەر سۆزىنى كەم ياكى ئارتۇق قىلماي شۇ بويىچە خاتىرلەپ قويدى.


بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش


ئۇيۇشما رەئىسى مەكتەپكە كىرگەندە كەچ سائەت توققۇز بولغانىدى. ئۇ يوغون قورسىقىدا توختىمايۋاتقان كېلەڭسىز ئىشتىنىنى كۆتۈرگەنچە ئەمدىلا نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە كىرىپ تۇرىۋىدى تېلېفۇنى سايراپ كەتتى. ئۇ نومۇرغا قاراپ كويۇپ، ئالدىراپ نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىن چىقتى ۋە خالىيراق بىر يەرگە بېرىپ تېلېفۇننى ئالدى. تېلفۇندىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ۋاقىت ئەمدى توشتىما... ساق ئۈچ سائەت كېچىكتىڭ! ياخشى يۇقۇرىنىڭ رامىزان مەزگىلدىكى نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشىنى ئۆزۈم ئوقۇپ بەرگىنىم ساڭا!

-ئۆيدە ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ...سىز مەكتەپتىما؟ -ئۇيۇشما رەئىسى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئەتراپقا ۋەھىمىلىك قاراپ قويدى: «تۆۋە، ئۇ مېنىڭ كەينىمدىن پايلاپ يۈرىۋاتامدۇ- نېمە؟»

-ياق.

-ئەمىسە ھازىر كەلگىنىمنى قانداق بىلدىڭىز؟

-مەكتەپ مۇدىرى مېنىڭ ئىشلىرىمنى بىلمەيدۇ دېگەنمىدىڭ! مېنى قاپاقباش كۆرۈپقاپسەن-دە؟ ئاڭلاپ قوي، پەقەت سەنلا ئەمەس، سېنىڭ دوستلىرىڭ ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار قاچان، قەيەردە، نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيدۇ، بۇنىڭ ھەممىنى بىلىمەن.

-شۇنداق، شۇنداق. شۇ ئىشتىن كېيىن مەنمۇ بەك نومۇس قىلدىم. سىزدىن ئايرىم بىر كەچۈرۈم سوراي دېگەن. باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ...

-مېنى يىقىتىپ ئورنۇمغا چىقىشنى ئويلىغان بولغىيتىڭ،-مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى،-دەپ قوياي ئۇنداق ئاسان ئىش يوق! سەن تاش سانىغىچە مەن قۇم سانايمەن! مېنىڭ ئۇلۇم سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاجىز ئەمەس!

-ياق، ياق، مەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ شۇنداق نېيىتى باركەن...

-ئۇنىمۇ بىلىمەن، لىكىن سەن دۆت ئەمەس، كىمگە ئەگىشىشنى، كىمنىڭ كەينىدىن مېڭىشنى بىلىۋالغانسەن؟

-بىلدىم مۇدىر!-ئۇيۇشما رەئىسىنىڭ ئاۋازى پەسلەپ كەتتى.

-بىلگەن بولساڭلا بولدى. ھە، بۈگۈن ھەممەيلەن تولۇق كەپتىما؟

-تولۇقكەن،-ئۇ ئەتراپقا يەنە بىر قېتىم قاراپ قويدى.

-راست تولۇقمىكەن!

-راست.

-دوستۇڭغا چاپان يېپىۋاتىسەن، ئۆلسەڭمۇ تۆۋە قىلمايدىغان نېمە ئىكەنسەن! مۇختەرمۇ كەپتىما! –مەكتەپ مۇدىرى جەھلى بىلەن ۋاقىراپ سورىدى.

-مەن...مەن ئۇنىڭغا ھازىر تېلېفۇن قىلاي دېگەن...

-نېمىگە تېلفۇن قىلاتتىڭ!-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى سەل پەسلىدى،-سەن خېلى ئاقىللىق ئادەم، ئۇنىڭ مۇشۇ چاققىچە نېمىشقا كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.

-مېنىڭچە، ئۇ بۈگۈن قەستەن كەلمىدىمىكىن دەيمەن،-ئۇيۇشما رەئىسى پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ ئەتراپقا يەنە بىر قېتىم قاراپ قويدى. ئۇ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆز دوستىنى سېتىۋەتتى.

-ئۇنىمۇ بىلىمەن، مېنى قانداق قىلالايتتى، دەپ قەستەن كەلمىگەندۇ! بۇ قېتىمقى ئەرزدە مېنى:«پىرىنسىپچىل ئەمەس» دەپ داتلاپتىكەنغۇ! ئۇنىڭغا پىرىنسىپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن، تېخى! بولدى، شۇنداق بولسۇن! مەكتەپكە ئوبدان قاراڭلار! چاتاق چىقىپ قالمىسۇن!

-ماقۇل، دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن، خوش...

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇيۇشما رەئىسى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ بىر پارچە قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇنىڭغا:«مۇختەر مۇئەللىم مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي، رەھبەرلىك بىلەن قارشىلىشىپ قەستەن نۆۋەتچىلىككە كەلمىگەن. باسىت مۇئەللىم پارتىيە ئەزاسى ھەم رەھبەر تۇرۇپ يۇقۇرنىڭ يوليورىقىغا بەپەرۋالىق قىلىپ، نۆۋەتچىلىككە ئۈچ سائەت كېچىككەن. نازارەتچىلىكنى ياخشى قىلمىغان. بىر ئادەم نۆۋەتچىلىككە كەلمىسىمۇ مەكتەپكە دوكلاد قىلمىغان، شۇڭا مەكتەپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 500يۈەندىن جەرىمانە قويۇش بىلەن بىرگە مەكتەپ ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى» دەپ يېزىلغانىدى.

قارارنى كۆرۈپ ئۇيۇشما رەئىسى ئولتۇرالماي قالدى. ئىچى تىتىلداپ قاتتىق تاقەتسىزلەندى ۋە ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدا پەيدا بولدى.

-بۇ قانداق قارار!-ئۇيۇشما رەئىسىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، چىرايى قارىداپ كەتكەنىدى. مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنى سالماق، تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ:

-ئالدىرىما! گېپىمگە قۇلاق سال! ئەسلىدە ساڭا ھىچقانداق جازا بەرمىگەن. لىكىن مۇختەر مۇتىھەملىك قىلىپ:«جازالىساڭلا باسىت ئىككىمىزنى تەڭ جازالايسىلەر» دەپ تۇرىۋالدى.

-نېمىشقا مەنمۇ جازالىنىدىكەنمەن!

-مۇختەر:«باسىت مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، رەھبەر تۇرۇپ ۋاقتىدا كەلمىدى، بار يوقنى سۈرۈشتە قىلىپ، نازارەتچىلىكنى ياخشى قىلمىدى. مېنىڭ يوقلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ماڭا ۋاقتىدا خەۋەر قىلمىدى.»دەپ ئەرز قىلدى.

-خەپ مۇختەر! كۆرۈپ قوي، مەن سېنى نېمە قىلىۋېتىدىكەنمەن!-ئۇيۇشما رەئىسى مۇدىر ئىشخانىسىغا قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كەتتى.

-تۈفىي... – مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىرنى تۈكۈرۈپ،-ھەرقايسىڭ ئەقىل-پاراسەتتە ھەرگىزمۇ ماڭا يېتىشەلمەيسەن! مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش!-دېدى.

مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 02:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4683
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 01:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  بولغاچقا ئالغا باسالمايۋاتىمىزدە  بىز ...

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5521
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 01:39:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ،
ما باشقۇرغۇچىلا نىمىش قىلىۋاتىدۇ زادى... قايسى كۈنىمۇ دىيىلگەن ماۋزۇنىمۇ ئوقۇمايلا تەستىقلايدىغان ئوخشايدۇ دەپ.. ئەجىبا راسلا شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟؟

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 02:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turpan0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 01:39 PM
ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئىملا ، ئ ...

سىزمۇ دىققەت قىلىڭ .‹نىمىش قىلۋاتىدۇ›ئەمەس  ‹نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ›

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5521
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 02:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuntaxvixi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 02:24 PM
سىزمۇ دىققەت قىلىڭ .‹نىمىش قىلۋاتىدۇ›ئەمەس  ‹نىمە ئىش ...

مەن ئەسلىمۇ شۇنداق نىمىش دەپ يازغان...  تەلەپپۇز بويىچە...  مەنغۇ خېلى دىققەت  قىلىمەن، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىمەن

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 04:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا قانداق قىلساق تىز ئالغا باسقىنى بولار.ھەي.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوججون ئەڭ ئاخىردىكىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12521
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فېلەيتون   ئەڭ ياخشى  قامچا

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش