يانفونغا تايىنىش كېسىلى
يانفونغا تايىنىش بىر خىل پىسخىكا كېسەللىكى بولۇپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئىشەنچىسى كەمچىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا سىز يانفونغا تايىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز:
1.يانفونىڭىزنى دائىم يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرەمسىز؟ يانفونىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئىچىڭىز سىقىلىپ، باشقا ئىش قىلىشقا رايىڭىز بارمامدۇ؟
2.يانفونىڭىز بىر مەزگىلگىچە سايرىمىسا، نورمالسىزلىق ھېس قىلىپ، تېلفون كەلگەن-كەلمىگەنلىكىگە قاراپ باقامسىز؟
3.دائىم يانفونىڭىز سايرىغاندەك ھېسسىياتتا بولامسىز، ھەتتا باشقىلارنىڭ يانفونى سايرىسا، خۇددى سىزنىڭ يانفونىڭىز سايرىغاندەك ھېسسىياتتا بولامسىز؟
4.يانفونىڭىزغا دائىم قاراپ تۇرامسىز؟
5.يانفونىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك ئېتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟
6.كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ يانفونىڭىزنى ئېچىپ قويامسىز؟
7.يانفونىڭىزنىڭ سىگىنالى تارتمىسا جىددىيلىشىپ، جەھلىڭىز تۇتامدۇ؟
8.يېقىندىن بۇيان قول-پۇتىڭىز ئۇيۇشۇپ، ئىچىڭىز سىقىلىپ، بېشىڭىز قايىدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى
http://www.radioxj.com/n16642c25.aspx