مەن شۇنداق بىر جىسىم....
مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن. شۇ خائىن يۈرەكلەر تۇرسا مۇڭ بېقىپ، نە ئامال سۆيگۈگە خەير دېمەكتىن.
مەن بەلكىم بىر جىسىم ئۇنتۇغاقسىمان، ئەتىلا چېھرىڭنى ئۇنتۇشۇم مۇمكىن. شاماللار سورىسا مەندىن ئۇ كىم دەپ، ناتونۇش بىر قىز دەپ ئېيتارمەن تەمكىن.
مەن يەنە بىر جىسىم ۋاپاسىزسىمان، ئىسمىمنى ئىزدىمە ۋاپا بابىدىن. بىر كۈنلەر يوقىلىپ كەتسە خاتىرەم، يازىمەن ئۆتمۈشنى يېڭى،قايتىدىن.
مەن چوقۇم بىر جىسىم دېكابىرسىمان، بولمىسا مۇھەببەت قالامدۇ توڭلاپ. سوغۇق تەن،سوغۇق جان سورايدۇ سەندىن، نېمە ئۇ مەڭزىڭنى ئاققىنى بويلاپ.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم.
2012-يىل2-سېنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhabbatsiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 07:30 AM
|