قەدرىڭنى قىپ ياشىساڭ ھايات گۈزەل
نۇر قۇياش زىمىنغا بولغان بىر كۈنلۈك ئىللىق ھارارىتىنى ئېلىپ ئاستا-ئاستا قىزىل پەردىسنى يېپىشقا باشلىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ چىققان تۇلۇنئاي ئاي،ئۆزىنىڭ گۈزەللىكنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن،ئىللىق كۈلۈمسىرەپ كۆك قەھرىتىدە بار-بارا جۇلالىنىۋاتاتتى... ئاسماننىڭ بىرتەرپىدە پەقەت كەچكى شەپەقنىڭ ئالتۇنرەڭ ئۇستىخانلىرىلا قالدى.دەرىزەمگە ئۈنسىز تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىم.بۇ گۈزەل مەنزىرنى كۆرۈپ خوش بولسا،يەنە بىرتەرەپتىن كۈز پەسلىنىڭ يىتىپ كىلىشىدىن بىشارەت بىرىپ،بالدۇرلا شاخلىرىدىن ئايرىلغان يۇپۇرماقلارنىڭ، يەردە دۇمۇلاپ بۇشقىنا شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇلىمۇ مەيۈسلەندى...
نېمە دېگەن تىز ئالماشقان پەسىللەر ھە! بۇ...؟كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قەھرىتان قىش،ئىللىق باھار ، ئىسسىق ياز، كۈز پەسلىگە ئۇزۇتۇپ،يىللارنى شېخىدىن ئايرىلغان يۇپۇرماقلاردەك تۆكۈلدۈرۈپ،پەسىللەر،ئايلار ئارا باغلاپ ھەر كۈننى تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرلىنىپ چىقىشى بىلەن كۈتۈۋېلىپ،كەچقۇرۇن قۇياشنى ئۇزۇتۇپ ئاينىڭ چىقىشى بىلەن، ھارغىنلىق باسقان جىسمىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ،كۆزىمىزنى يۇمۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا غەرىق بۇلدىكەنمىز....ھايات مۇشۇنداق داۋاملىشىپ يىللار چېھرىمىزدە ئىزنالىرنى قالدۇرۇپ،بۈگۈننى قىيماي ئۇزۇتۇپ ئەتىنى مېھرىمىز نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمان تىلەكلىرمىز بىلەن كۈتۋېلىپ ،بەزىلىرمىز پەرزەنىت غېمى ،بەزىلىرمىز تىرىكچىلىك غېمىدە ياشايدىكەنمىز.
قۇياش ھەر تاڭ سەھەر مېھرىدە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھارارىتى بىلەن زىمىنغا ،ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىگە خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدىكەن.ھاياتلىق بىزنى گاھ، كۈلدۈرسە گاھى يىغلىتىپ،تۇرمۇشنىڭ ،ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل بۇران-چاپقۇنلىرىدا تاۋلاپ ئىرادىمىزنى سىنايدىكەن.بەزىلىرىمىز تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ دۇلقۇنلىرىدا قېقىلىپ-سۇقۇلۇپ قىرغاققا چىقىپ قالساق،بەزىلىرمىز ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن نۇرغۇن نۈسرەتلەر قۇشۇپ ئىلىم مەرىپەت يولىدا توختىماي ئىزلىنىپ،ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىدىكى كىلەچەك ئۈچۈن،ئەجرىمىز بىلەن ئىزلارنى قالدۇرۇپ ياشايدىكەنمىز...
مانا تېخى كۈز كەلمەيلا شېخىدىن ئايرىلغان يۇپۇرماق ماڭا بىرھەقىقەتنى ئەسلىتىپ قويدى.
ئۇ بولسىمۇ بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن،ئەڭ ئاۋۋالى ئىمان-ئىتقات،شەرمى-ھايا، ئەقىل ئىدراك،ۋە قەيسەر ئىرادە بۇلىشى كىرەكلىكنى...ئادەمدە مۇشۇ خىل پەزىلەتلەر بولمىسا ئەنە ئاشۇ يۇپۇرماقتەك ياپراقلىردىن بالدۇر تۈكۈلۈپ ھاياتتىكى خۇشاللىقنى يۇقتىدىغانلىقى...بۇ خىل پەزىلەت ،ئىسىل خىسلەتلەر بولسا،تۇرمۇشى غۇربەتتە ،ئولتۇرشى كەپىدە بولسىمۇ ھەر بىر كۈنى ناھايىتى خۇشال ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
سەن ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى ئۆزۈڭ قىلىپ،ھاياتنى ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ ، ھايات ساڭا باغرىنى كەڭ
ئېچىپ تۇمۇشۇڭ قۇياش نۇرىدەك جۇلالىنىپ،ھەرگىزمۇ ئۈزۈڭنى بەخىتسىز ھىس قىلمايسەن.
مەنبە قەلىمىم