مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6594|ئىنكاس: 48

كىم ئىسلام ئۈچۈن سۆزلەيدۇ؟( تەرجىمە)1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1jpg.jpg


ئەسكەرتىش :بۇ كىتاپ جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى تەرپىدىن 2010-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلنغان ئەسلى ئاپتۇرلىرى ئامېركىلىق جون. ئېسپوستۇ بىلەن دالىيە مۇجاھىد( ئەرەپ مۇسۇلمان ئايال).

دېمەك بۇ بىرئامېرىكلىق ئىسلامىيەت ئىلمى پىروففېسورى بىلەن ئامېركىدا ئولتۇراقىشىپ قالغان ئەرەب سىياسىيۇن ئايال بىرلشىپ ئامېرىكا گەيلۇپ خەلىق رايىنى  تەكشۈرۈش ئورگىنى 2001-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان 6يىل ۋاقىت ئىچىدە يەرشارىدىكى 35دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنى قاپلىغان مەخسۇس تۈر بۇيىنچە تەكشۈرۈش نەتىنجسىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان كىتاپ. كىتاپ نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغىغىغان، شۇ سەۋەبتىن كۆپ ئۆتمەي خەنچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ كىتاپنى  2010-2012-يىلغىچە بولغان پىداگوگىكا ئونۋېرستىتدا قوش تىل بۇيىنچە تەربىيلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىمىز بەختىيار( شىنجاڭ پېداگوگىكائونۋېرسىتى تارىخ -مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقوتقۇچىسى)نىڭ تەۋسىيسى بىلەن سىنىپتىكى 22نەپەر ساۋاغداش بىردىن سېتۋالغان ئىدۇق. شۇ چاغدا بىر قانچەيلەن بۇ كىتاپنى تەرجىمگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان. ھەمدە نەشىريات بىلەنمۇ ئالاقىلاشقان. بىراق كىتاپ نەشىرياتتىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرشەلمەي پىلانىمىز سۇغا چىلاشتى. شۇڭاسەۋيەم چەكلىك بولسىمۇ چاممىمنىڭ يېتىشچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. تەرجىمدە خاتالىقلار بۇلۇشى چۇقۇم. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەنقىدى پىكىرىنى قارشى ئالىمەن.

بۇ قېتىم  ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىنى ئوقۇرمەنلىرمىزگە سۇندۇم، ئاللاھ خالىسا داۋامى يېقىن پۇرسەتتە ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۈرۈشكۈسى....


مۇقەدىدىمە: ئىسلام  سۈكۈتكە چۆمگەن كۆپ سانلىقلاردۇر

«11-سىنتەبىر »تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن كىشلەر ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمان دونياسىدىكى قىسمەن رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇش داۋاملىك كەسكىنلەشتى دەپ قارىدى. زوراۋانلىق ھەركەتلىرى تىك سىزىق بۇيىنچە ئۆرلىدى. مۇسۇلمان بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئوخشاشلا  پۈتكۈل يەرشارىدىكى تېرورزىمنىڭ قۇربانلىق مېلىغا ئايلىنىپ قالدى. ماراكەشتىن تارتىپ ھېندىنوزىيەگىچە، مادرىدتىن لوندۇنغىچە ھەممىلا جايدا تېرورلۇق ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەردى، ئافغانىستان ۋە ئېراقنى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى قاپلىدى. "11-سىنتەبىر" دىن تارتىپ مەزكۈر كىتاپ يېزىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇرۇش ۋە تېرورىزىم مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى،ئۇلارىڭ ئىچىدە زور كۆپ سانلىق قۇربانلىق بولغۇچىلار يەنىلا ئاددىي پۇقرالاردۇر.

بىز ئىلگىركى ھەرقانداق دەۋىردىنمۇ كونتۇرۇلسىز تېخمۇ خەتەرلىك دۇنيادا تۇرۇپ ئاشۇ ۋەھشىي قىلمىشلار بلەن كۈرەش قىلۋاتمىز،تېرورىزىم تەتقىقاتى مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئىسلام دىنى يەرشارىدىكى تېرورزىمغا مەسئۇل بۇلۇشى كېرەك دەيدىغان خىلمۇ-خىل تەھلىللرى ۋە ئەيىپلەشلىرى قۇلقىمىزغا ئاڭلىنۋاتىدۇ. شۇنىڭ  بىر ۋاقىتتا ئەلقايدە تەشكىلاتىغا ئوخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلار پۈتۈن دونيا مىقياسىدا  غەرپ جادىگەرلىرى ئىسلامىيەتنىڭ دۈشمىنى ،غەرىب ئىسلام دونياسدىكى بارلىق مەسىللەر ئۈچۈن ھىساپ بېرىشى كېرەك دەپ  ئۇچۇر تارقىتۋاتىدۇ.

ئۆچمەنلىككە تولغان پىكىرلەر ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان زوراۋانلىق ھەركەتلەر ئاستىدا مۇسۇلمان دونياسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى ھادىسلەر بىلەن غەرىپتىكى "ئىسلام ۋەھىيمىسى" ئوتتۇرسىدا ئىپادىلىنۋاتقان ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ياكى ئۆچمەنلىكلەر ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

"11-سىنتەبىر"دىن كېيىن ئامېركىنىڭ ئەلباشى جورجى بوش ئامېرىكا ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش ،ئىسلام دىنىغا قارشى ئۇرۇش ئەمەس دەپ تەكىتلىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاز ساندىكى تېرورچىلارنىڭ ئۇدا داۋاملىشۋاتقان ھەركەتلىرى، دىن تەشۋىقاتچىلىرى(مۇسۇلمانلار ۋە خىرستىيا مۇرىتلىرى ئوخشاش)نىڭ ئۆچمەنلىككە تولغان سۆزلىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا قارشى ياكى غەرىپكە قارشى سۆزلەرنى قىلدىغان رىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ بايانلىرى جامائەتنىڭ كەيپىياتىنى قۇتراتتى ۋە ھەققەتنى بۇرمىلدى.

تۆتتىن بىرگە يېقىن ئامېرىكىلقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن خوشنا بۇلۇشىنى خالىمايدىكەن،كۆپ قىسىم ئامېركىلىقلار ئامېركىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە سادىق بۇلۇشىغا ئىشەنمەيدىكەن.

دىن بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئاساسىي ئېقىم بولغان مۇسۇلمانلار جامائىتى ئاز ساندىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ ئېتىقادى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيۇلغان.مەسلەن، گەيلوپنىڭ بىر دوكىلاتىدا «2006بۈگۈنكى ئامېرىكا»خەلىق رايىنى تەكشۈرۈشتە بايقىلشچە:خېلى كۆپ ئامېرىكىلقلار مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان،ھەمدە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن يۈكسەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللۇنىشنى ئۈمىد قىلغان،ھەمدە بۇ تېرورىزىمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى زۈرۈز تەدبىر دەپ قارىغان،%44ئامېركىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەدىدىن زىيادە ئەسەبىي دەپ دەپ قارىغان.%22ئامېركىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىلەن خوشنا ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەن ئالغان؛ ئامېركىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتكە سادىقلىقىغا ئىشىندىغانلار يېرىمغا يەتمىگەن.

بۇ سەلبىي قاراشلار ۋەئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان زوراۋانلىق ھەركەتلىرى پەقەت بىر باشلىنىش بۇلۇپ غەرىپ بىلەن بىر مىليارد 300مىليۇن مۇسۇلمان ئوتتۇرسدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟ بۇ مەسلە ئۈستىدە ،كۆپلىگەن سادالار ئىچىدە مۇھىم بولغان بىر ھالقا كەم - ئۇبولسمۇ ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىي مۇدداسى.بۇ  ئەمىليەتتە  غەرىپ ۋە مۇسۇلمان جەمىيتىگە نىسبەتەن ،پۈتۈن دونيانىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن خەتەرلىك،ھازىرتالاش-تارتىشلار ئچىدە تۇرۇپ دېمۇگىراتتىيەنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدىغان پەيىت يىتىپ كەلدى.

بىزنىڭ تەكشۈرۈش ئوبىكتىمىز بىر مىليارد 300مىليۇن مۇسۇلماننىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى قاپلاپ ھازىرغا قەدەر دونيا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتائېلىپ بېرىلغان كۆلىمى ئەڭ زور ،ئەڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش -تەتققات بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.

« كىم ئىسلام ئۈچۈن سۆزلەيدۇـــــبىر مىليارد 300مىليۇن مۇسۇلماننىڭ ھەققىي مۇدىدىئاسى»دەل مۇشۇ سۈكۈتكە چۆمگەن كۆپ سانلىقلارغا قارتىلغان. بۇ كىتاپ گەيلوپنىڭ بىر قېتىملىك كۆلىمى زور ، ۋاقتى ئۇزۇن بولغان تەتققات نەتىنجسى. 2001-يىلدىن 2007-يىلغىچە  گەيلوپ مىليۇنلىغان ئوبىكتلارنى يۈز تۇرانە زىيارەت قىلغان بۇلۇپ زىيارەت ئوبىكتلىرى 35 دۆلەتتىكى پۇقرالارنى قاپلىدى، بۇ دۆلەتلەر مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگلىگەن دۆلەتلەرنىمۇ،مۇسۇلمانلار ئاز سانلىقنى ئىگلىگەن دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيارەتكە تاللانغان مۇسۇلمانلار ئىچىدە چوڭلارمۇ ياشلارمۇ بار،مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلغانلارمۇ ساۋاتسىزلارمۇ بار، ئەر-ئاياللار، شەھەر-يېزا قاتلىمدىكىلەرمۇ ھەم بار. گەيلوپ تەۋەككۈل قىلىپ تاللاش ئۇسسۇلىنى قوللانغان  بۇلۇپ تەكشۈرۈش نەتىنجسىدىكى ئىستاستىكىلىق پەرىق %3 ئەتراپىدا كونتورۇل قىلنغان. ئومۇملاشتۇرغاندا بىزنىڭ تەكشۈرش ئوبىكتىمىز بىر مىليارد 300مىليۇن مۇسۇلماننىڭ %90تىن ئارتۇقراقىنى قاپلىغان، شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى ئەڭ زور،ئەڭ ئەتراپلىق بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش بۇلۇپ ھېساپلىندۇ.دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغاۋەكىللىك قىلدىغان زور سانلىق مەلۇماتلار يىغىلغاندىن كېيىن بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق  ھەربىر ئادەدە بولغان گۇمان ئۈچۈن تىرشىپ جاۋاپ ئىزدىدۇق:  مۇسۇلمانلار دونياسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مەنبەسى نىمە؟  كىملەر ئەسەبىي كۈچلەر؟ مۇسۇلمانلار دېمۇكىراتتىينى ئارزو قىلامدۇ؟ ئەگەر ئارزو قىلسا ئۇ قانداق شەكىلدىكى دېمۇكىراتتىيە ؟مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەققىي ئارزوسى نىمە؟ كىتاپتىكى  ناھايىتى ئاددىي بۇ مەسىللەر ، ئىستاستىكىلىق سان-ساناقلار ــــــــــ 1مىليارد 300مىليۇن مۇسۇلماننىڭ ساداسى، ھەرگىزمۇ قايسىبىر " مۇتەخەسىس" ياكى" ئەسەبىي ئۇنسۇر"بەرگەن جاۋاب ئەمەس.

گەيلوپنىڭ تەتققاتى ناھايىتى كۆپ مەسىللەرنىن بايقىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى : مۇسۇلمانلار بىلەن غەرىب دۆلەتلىرى ئوتتۇرسدىكى تۇقۇنۇش ساقلانغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تۇقۇنۇشنىڭ سەۋەبى سىياسەت، پىرنسىپ ئەمەس. بىراق  سىياسەت بەلگىلگۈچىلەر ئاممىنىڭ ساداسىنى بىۋاستە ئاڭلىيالىسا  ھەمدە بۇ تۇقۇنۇشقا نىسبەتەن توغرا تۇنۇشقا ئىگە بولسا،ھەر قايسى تەرەپنىڭ دىنىي ئەسەبىلىكى ئاندىن مەۋجۈت بۇلۇش ئاساسىنى يۇقۇتىدۇ.

بىر كىتاپ مەڭگۈ بۇنداق بىر تەتققاتتا بايقالغان بارلىق مەسىللەرنى يۇرۇتۇپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىز ئەڭ مۇھىم بولغانلىرىنى تاللىۋالدۇق،بەزىدە  بەلكىم كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان خۇلاسىلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بۇلۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى قىسمەنلىك ۋە كىشلەرنىڭ بىۋاستە  سىزىمى بىلەن قارمۇقارشى بولغان بايقاشلار:

كىملەر غەرىبكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟: دونيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغەرىب يىمرىلمەس دەپ قارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەنقىد قىلدىغنى ياكى قارشى ئالدىغنى  بىر دۆلەت شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتى ،ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيتى ياكى دىنى ئەمەس.

ئارزو قىلغان خىزمەت: كەلگۈسىدىكى ئارزولىرنى بايان قىلغاندا ،مۇسۇلمانلارنىڭ كۈتىدىغنى" جىھاد"ئەمەس، بەلكى ياخشىراق بىر  خىزمەتكە ئېرىشىش.

ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش: مۇسۇلمانلار ۋە ئامېركىلىقلار ئوخشاشلا ئاددىي پۇقرالارغا زەربە بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇخىل زەربە ئەقلاقى جەھەتتىكى ناھەقچىلىق دەپ قارايدۇ.

مۆدىتل دىنى گورۇھ: تېرورىزىمغا كەڭ قوللۇق قىلدىغانلار پەقەت ئازسانلىق كىشلەر بۇلۇپ ئۇلار باشقا مۇسۇلمانلاردەك تەقۋادار ئەمەس.

غەرىپنى ئالقىشلاش: دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار نىڭ ئالقىشلايدىغنى غەرىپنىڭ تېخنىكىسى ۋە دېمۇكىراتتىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ بۇ ئامېركىلىقلارنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە بېرىدىغان جاۋابى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە.

غەرىپكە بولغان تەنىقىد: دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەربكە ئەڭ ئەپسۇسلىندىغان يېرى ئۇلاردىكى  ئەخلاقنىڭ يۇقۇلىشى   ۋە ئەنئەنۋى قىممەت قارشىنىڭ يىمىرلىشى ــــــــــ بۇ نوقتىدا ئامېركىلىقلار بىلەن بولغان ئىنكاسى بىردەك.

جىنىس باراۋەرلىكى : مۇسۇلمان ئاياللىرى جەميەتتە باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بۇلۇشنى ئارزو قىلدۇ، دىن جەھەتتىمۇ شۇنداق.

ھۆرمەت:دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغەرىب بىلەن مۇسۇلمان جەمئىيتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان بىرتەرەپلىمە قارىشنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئارزو قىلىدۇ.

دىننىي خادىملار ۋە ئاساسىي قانۇن: تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى دىننىي داھىيلارنىڭ بىۋاستە ئاساسىي تۈزۈشكە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، بىراق شەرىئەتنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ مەنبەسى بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تۆۋەندىكىسى كىتاپتا مۇلاھىزە قىلندىغان ئاساسى مەسىللەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلشى:

1-باپ: كىملەر مۇسۇلمان؟

نۇرغۇن غەرىپلىكلەرنىڭ كاللىسىدا "9.11"تېرورلۇق ۋەقەسى ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلارغا بىر قەۋۋەت قاراسايە تاشلىدى. بىراق 2002-يىلدىن بۇيان گەيلوپنىڭ خەلىق رايىنى تەكشۈرۈشىدە كۆپ سانلىق ئامېركىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى كىشلەرنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئېتىقادى ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. نۇرغۇن غەرىپلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇلار كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان  خەۋەرلەر بىلەن خىلمۇ-خىل زوراۋانلىق مەنزىرلىرىدىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ نىمىلىكنى،ئالىيجاناپلىقنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ،ئىسلام دىننىڭ ئاساسىي ئېتىقادىنىڭ بۈگۈنكى دەۋىردىكى تالاش-تارتشىشىقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى  ھەققىدە ھىچنىمدىن خەۋەرسىز.

2-باپ: دېمۇكىراتىيمۇ ياكى ئىلاھىي ھاكىميەتمۇ؟

ئىسلام دىنى بىلەن دېمۇكىراتتىيە راستىنلا سىغشالمامدۇ؟ نىمىشقا ئوتتورا شەرىقنىڭ دېمۇكىراتتىيسى شۇنچىلىك ئاجىز؟ بۇ نداق نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۈت بۇلۇپ كېلۋاتقان مەسىللەرگە ئەلۋەتتە دېلۇماتتيە ئىشلىرى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. زور كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىد قىلدىغنى بىر دېمۇكىراتتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتمۇ ياكى ئىلاھىي تۈزۈمدىكى دۆلەتمۇ؟ جورجى بوش ھۆكۈمىتى دېمۇكىراتتيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشتىكى، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئۇ ئوتتورا شەرقنىڭ سىياسىيدا بۇرۇلۇش ياساشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى قىلىدۇ. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئارسىدىكى غەرپنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكگە   ھەۋەس قىلىپ تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۆز تەغدىرىنى ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشنى ئارزو قىلدىغان كىشلەر ئارسىدا زور كۆپ سانلىق كىشلەر ئامېركىنىڭ ئوتتورا شەرىقتىكى دېمۇكىراتتىك سىياسىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزوسىغا ماسلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.بىراق ،ئەگەر ئۇلارنىڭ دېمۇكىراتتىيىگە بولغان ئارزوسى ئۆزگەرمەس بولسا نىمىشقا دېمۇكىراتتىيگە  قاراپ ماڭغان يول تېخىمۇ مۇقىم ۋە تېز بولمايدۇ؟ مۇسۇلمان دونياسدىكى زور كۆپ سانلىق كىشلەر ئېيتدىغان دېمۇكىراتتىيە زادى نىمە؟ ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل دېمۇكىراتتىينى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان سەمىميتى قانچىلىك؟

3-باپ : رادىكال كۈچلەر قانداق بارلىققا كەلگەن؟

پۈتكۈل يەرشارىدىكى تېرورزمغا قارشى كۆرەش پۈتكۈل يەرشارىنىڭ تېرورزىمنىڭ ماھىيتىگە  ۋە ئېلىپ بېرۋاتقان كۆرەشنىڭ ئىستىراتىگىيسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىللەرنى ئوتتۇرغا چىقىردۇ: قانچىلىك ئامما تېرورىزمىنى قوللايدۇ؟  بۇ  خىل قوللاشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نىمە؟ تېرورىزىمغا ھىسداشلىق قىلغۇچىلار غەرىپنىڭ تۇرمۇش ئۇسسۇلىغا ئۆچمەنلىك قىلامدۇ؟ سىياسىي ئەسەبىيلەر بىلەن  مۆدىتىللەر ئېقىمى ئوتتۇرسىدكى ئوخشىماسلىق قەيەردە؟ ئىسلام دىن بىلەن تېرورىزىمنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ جىھاد بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلتىۋېلىشنىڭ  مۇناسىۋىتى قانداق؟

4-باپ: ئاياللار نىمىنى ئارزو قىلىدۇ؟

بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان غەرىپلىكلەرگە نىسپەتەن مۇسۇلمان ئاياللىرى سۈيقەستچى ۋە بىچچارە سانىلاتتى. بىراق مۇسۇلمان ئاياللىرى پۇرسەت بولسا ئۆزلىرنى ئىپادىليەلەيدۇ. مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەققىي ئارزوسى نىمە؟ ئۇلارنىڭ ئاياللار ھوقۇقى، دىن ۋە غەرىپلىكلەرگە بولغان كۆز قارىشى قانداق؟مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ  تۇغما ھوقۇق ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسسۇل قايسى؟

5-باپ: تۇقۇنۇشمۇ ياكى ئورتاق ياشاشمۇ؟

يەرشارى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاچقۇچ بارلىق يۈزەكى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگۈتۈش،بىر خىل ھەمرالىق مۇناسىۋتى ئورنىتىش،شۇنداق قىلغاندىلا دونيانى ئايرىيدىغان " بىز" بىلەن " ئۇلار"دېگەن ئىدىيدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بۇلىدۇ. مۇسۇلمان تەرەپلەر، دونيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلىقلەرنىڭ بۇ نوقتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بەكمۇ مۇھىم. بىراق بۈگۈن مۇسۇلمانلار بىلەم غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا بولغان قىزغنلىقى تېرورىزىمغا بولغان قارشى قانداق بۇلشىدىن قەتئينەزەر ھەممىسى بېسىم ھىس قىلۋاتىدۇ. مەسلەن: غەرىپ بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسى راستىنلا قارشلىشۋاتامدۇ؟ راسىتىنلا مەدىنيەتلەر تۇقۇنۇشى مەۋجۈتمۇ؟ دىنىي مەسلىمۇ ياكى سىياسي مەسلىمۇ؟ دىنىي رادىكالىزىم بىلەن تېرورىزىمغا قارشى كۆرەشتە خەلىق رايىنى ۋە كاللىنى  قولغا كەلتۈرۈشتىكى   ئاچقۇچ ھەربىي ئىشلارمۇ ياكى سىياسيمۇ؟ نىمە قىلىش كېرەك؟

گەيلوپنىڭ نۇرغۇن بايقاشلىرى كونا قائىدلەرگە نىسبەتەن جەڭ ئېلان قىلغانلىق بۇلۇپ شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غەزەپلەندۈرگەن. بۇ خىل ئىلمى ئىزدىنىش روھى ئوقۇرمەنلىرمىزنى ئۆزى  چوڭ بىلدىغان  بىلملەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ۋە گۇمانلىنىشقا ئىلھاملاندۇرغىسى.خۇددى ئالبىرىت ئېينىشتىيىن ئېيىقاندەك:« مۇھىم بولغىنى گۇمانلىنىشنى توختاتماسلىقتۇر.»  ئۇ يەنە «بىر ئادەم ھەققەتنى ئىزدىمەكچى بۇلدىكەن  ئالدىراپ ھۆكۈم قىلۋەتمەسلىكى كېرەك »دەيدۇ. شۇڭلاشقا كىتاپتىكى مەزمۇنلار،سان-ساناقلار بىزنى ئوبىكتىپ مۇلاھىزىگە يىتەكلەيدۇ.

داۋامى بار........


مەنبە:  2010-يىلى 6-ئايدا نەشىرقىلنغان  خەنچە « كىم ئىسلام ئۈچۈن سۆزلەيدۇ؟» دېگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلندى .


قالايمىقان ئنكاس يازماڭ!ئىنكاس يېزىشىڭىز زۈرۈر ئەمەس! باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!












  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 11:58 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
poyuz + 55 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 155   باھا خاتىرىسى

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32890
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12085 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:37:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر موھىم مەسلە بولۇپ ، يەۋۇدىلار ۋە باشقا ئىسلامغا قارشى رادىكاللار ئىسلام ئەقىدىنى قەستەن بۇرمىلاپ كەلسە كەلمەس سەپسەتە تارقاتماقتا .......يەنى ئىسلامىنى تىرورلۇق بىلەن باغلاپ مەسىللەرنى خاتا تەھىل قىلماقتا ......
ئەمىليەتتە ئىسلام تىنىچلىقنى ئىناقلىقنى سۇيدىغان بىر دىندر

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23217
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنىڭ  تەرجىمىسى چىقىپ بولۇپتۇ،ئۇيغۇرچىغا‹‹ ئىسلامىيەتكە لىللا  قارايلى›› دەپ تەرجىمە  قىلىنىپتۇ،تېخى بايا كىتاپخانىدا كۆردۈم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72453
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرچە نەشىرى چىقىپ بولدىغۇ  ھەرقاريسى شىنىخۇا كىتاپ خانىلىرىدا باغۇ

T2X_ewXjXbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2pWOwXeJbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2VlemXlFbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T27dOIXdNbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2dkemXmVbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2ig5tXdpbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2chOAXdJbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2_SpBXnVNXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2CR5pXmBbXXXXXXXX_!!496054793.jpg

T2ND0iXl0NXXXXXXXX_!!496054793.jpg









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 10:04 PM  


T2oGBHXgFMXXXXXXXX_!!496054793.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:48:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گەپنى دەي دىگەنتىم ..............بوپتۇلا بىكا بەزىلەر قوبۇل قىلالماي جىدەل چىكەتمىسۇن مۇنبەردە..........
مۇقەددىمىدىن قاراشقىمۇ بۇ كىتابنىڭ قانداقلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.................. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jawzaa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 11:52 PM  


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3086 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:49:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورى يۈسۈپ قەرداۋىغا ئوخشاش ئوتتۇرا تىپلىق ئايال ئوخشىمامدۇ ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jawzaa + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 07:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى ئوقۇش قانۇنسىزلىقمۇ يا ؟ قەشقەردە ئوسۇرساقمۇ پۇراپ كىلىپ ، سەن دىمىدە ئىچىپسەن دەپلا ئەكىرىپ تىقىۋىرىدۇ ھىلىقى كامارغا ....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 08:07:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەرنىڭ گىپىگە گەپ قلماي چاتاق چىقمىسۇن

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 08:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى ئوقۇش قانۇنسىزلىقمۇ يا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29339
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6441
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 08:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىماققا  جاپالىق يېزىلغان كىتاپتەك قىلىدۇ

ئادالەتكە ھەمرا مەن !!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش