ئاڭلاپ قوي
مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ قوي،
ئىمانىڭغا قەست قىلغان شەيتانلارنى باغلاپ قوي.
ياشلىقىڭ باقىي ئەمەس ئاق كىرەر چاچ-ساقالغا،
كۆڭۈل دېگەن ساراڭنى،توغرا يولغا باشلاپ قوي.
<ئەجەپ نوچى ئادەم>دەپ داڭلاۋەرمەي ئۆزگىنى،
سەنمۇ ئىشلەپ تىرىشىپ ، ئۆزۈڭنىمۇ داڭلاپ قوي.
نەزەر سالغىن ئەتراپقا،دۈشمەنمۇ بار دوستمۇ بار،
ھوشيار تۇرۇپ ھەر ۋاقىت قالقىنىڭنى راسلاپ قوي.
ئېتىزىدۇر بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ تېرىلغۇ ،
نېمە تېرىساڭ ئۈنەر شۇ سۈپەتلىك دان تاللاپ قوي.
ئاتا-ئاناڭ ساقلىقى بەختىڭدۇر گەر چۈشەنسەڭ،
ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەننى ئۇلارغىمۇ ساقلاپ قوي .
ئاز ئەمەستۇر شوخلۇقتا بىز ئۆتكۈزگەن گۇناھلار،
دۇئا قىلىپ نامازدا ، كۆزلىرىڭنى ياشلاپ قوي .
ئۇچۇپ كەتتى ئۆزگىلەر ئالەم ئارا،ئاي ئارا ،
ئىلىم-ھۈنەر يولىغا سەنمۇ قەدەم تاشلاپ قوي.
گەپ باشلىدى ئۇيغۇرى ھەق سۆزلەشنى بۇرچۇم دەپ ،
ياققان بولسا كۆڭلۈڭگە دۇتتىرىڭنى سازلاپ قوي.
سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن تەقلىدچىلىقتىن خالىي بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!
ئارافات مىجىت ئۇيغۇرى