31-ئاۋغۇست كۈنى،ئىستانبۇلنىڭ يۈرىكى بولغان،قەدىمى جامە مەسجىدلەر بىلەن تولغان فاتىھ رايونىدا،ئىستانبۇل باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارقىسدىكى ئەلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزىدە بۇ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى.ئەلى ئەمىرى بولسا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدائىستانبۇلنىڭ كىتاپ بازىرىدىن تۈركى تىللار دىۋانىنى بايقاپ سىتىۋىلىپ ئۇنى ئاشكارلىغان ئالىمدۇر.
كۆرگەزمە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يىرىمدا، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.ئۇندىن كىيىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى مەھمەد كۆرمەس نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇقىدىكى بەزى جۈملىلەر...
- ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئىلىڭلار دىيىلگەن. ئۆتكەن يىلى بىرھەيئەت بىلەن جوڭگۇغا زىيارەتكە باردۇق، نىڭشىيا،لەنجۇ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزدە پۈتۈن جوڭگۇ خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىنى جوڭگۇنىڭ بىرقىسمى دەپ قارايدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق.
- يەنە تارىخى شەھەر قەشقەرنىڭ ب د ت مەدەنىيەت،پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى ئاستىدا قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
- بىرلىكتە ئىسلام ئەسەرلىرىنى خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچىغاتەرجىمە قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 x* b" a, z' U% C/ W6 h4-ئايدا باش مىنىستىر ئەردۇغان بىلەن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان چەتئەللەردىكى تۈركى مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىربوزداغ نۇتىقىدا ،ئىسرائىلينىڭ قۇدۇستىكى بىر تارىخى جامەدە ھاراق بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، ئاندىن قولىدا گىرمانىيەدە تارقىتلغان بىرتەشۋىق ۋاراقىسىنى كۆرسىتىپ،بۇ ۋاراقچە گىرمانىيەدە تارقىتىلىپتۇ،ئۈستىدەكۆرگىنىڭلاردەك بىر ھىجاپلانغان ئايالنىڭ رەسىمى بار،چۈشەندۈرىشىدە :بۇ مىنىڭ دوستۇم فاتىمە،يىقىندىن بىرى ئۇنى تونۇيالماي قىلىۋاتىمەن،ئۇ بارغانسىرى ئۆزىنى ئۇزۇن،كۆرۈنمەس كىيىملەر بىلەن ئوراپ،يۆگەپ كۆرۈنمەي قىلىۋاتىدۇ.رادىكاللىشىپ كىتىۋاتىدۇ.
سىلەرمۇ دوستلىرىڭلار مۇشۇنداق قىلسا بۇ ۋاراقتا يىزىلغان رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ئورنىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىشىڭلار..
بەكىر بوزداغ بۇنىمۇ ئەيىبلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 |6 F) j8 L3 N8 M2 E9 c" C* o, _ W
پائالىيەت ئەلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 2-قەۋتىدىكى بىر كىچىك زالدائېچىلىش نۇتۇقلىرى تاماملانغاندىن كىيىن،جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىنگىلىزچە،تۈركچە خەتلىك ھۈججەتلىك فىلىم قويۇلدى.ئاستىنقى قەۋەتتە كۆرگەزمەقىلىنغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى رەسىملەر ئىدى. بىرقانچە قەدىمى قوليازما قۇرئان ۋە فارفور بويۇملىرىمۇ بارئىدى.تۈركىيەلىك قاتناشقۇچىلار ئەتراپدىكى مەسجىدلەرنىڭ خادىملىرى ۋە ئاياللار.ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كىلىپ كۆرگەنلەرنى ئۇچراتمىدىم.
بۇ يەرمەنكە بىرقانچە كۈن داۋام قىلدىغان بولۇپ ،سەنئەت پائالىيەتلرىمۇئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.
سۈرەتلەر. http://www.diyanet.gov.tr/turkish/vitrin/arkakapi/cache/blgfilDocumentFile256.pdf
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 b5 s1 J! R0 u0 [6 d1 r5 ?) l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ^+ t) s0 Z r: k% D$ }
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 10:40 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' G+ A; G1 h" `; Nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( h; J6 K' b) X7 _0 H