|
|
|
|
قەشقەر ئاريار يولى بولسا قەشقەرنىڭ چاسا كوچا باشقارما رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ بۇ قەشقەردىكى قەدىمى ئاساسلىق يوللىرىنىڭ بىرىدۇر... مەن بۇ مەھەلىگە ئۆتمىگىلى بىر نەچچى ئاي بوپتىكەن ، بۇ قىتىم مەلۇم سەۋەپ بىلەن بۇ يولدىن ئۆتۇپ قىلىپ بۇ يەردىكى كونا شەھەر رايۇيننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىكى يىڭى ئۆزگۇرۇش ۋە ھالىقىما تەرەقياتلارنى كۆرۇپ مەن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم .... شۇنداقلا بۇ يېڭىلىقلار بىلەن تورداشلارنىمۇ ۋاقىپلاندۇرۇشنى لايىق تاپتىم ....
بۇ ئاريا يولنىڭ چۇشەندۇرۇش تاختىسى
بۇ ئاريا يولدىكى كەتمەن بازىرى يەنى ئاريا يولنىڭ باشلىنىش ئىغىزى
مانا بۇ ئاريا يولى
ئۆزگەرتىلىپ يېڭى سىلىنىۋاتقان مىللىچە ئۆيلەر
مانا بۇ ئۆزگەرتىلىپ قۇرلىۋاتقان ئاريا يولى
بۇ ئاريا يولدىكى يېڭىدىن سىلىنغان 速8مەيخانىسى .... سەپ سىلىپ قارسام بۇ يىمەكلىك ۋە مىھمانخانا بىر گەۋدىلەشكەن بىر يەر ئىكەن .... بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئورنى ساقچىخانا بولۇپ ساقچىخانا باشقا يەرگە كۆچۇپ كىتىپ بۇ يەر ھازىرقى ئۆزگىچە كىشنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدىغان بىر يارقىن سايائەت نوختىسى بولۇپ قاپتۇ يەنى قەشقەرگە سىرىتىن كەلگەن سايائەتچىلەر كونا شەھەر قەدىمى رايۇندا ئارام ئىلىپ غىزالىنىدىغان ،سىرتى مىللىچە ئىچى بولسا ....ئۆزگۇچى بىر ماكان بولۇپتۇ.
مانا بۇئاريا يولنىڭ چىقىش ئىغىزى
بۇ تەشتەك بازىرى ئاشۇ بازارنىڭ تۆۋەن تەرپى كوزىچىياربىشى مەھەلىسى بولىدۇ يەنى سىيىت نوچى ياشىغان مەھەللە ...
بۇ سائەت مۇنارىغا ئۇيغۇرچى ئىنگىلىسچى خەنزۇچى خەتلەردە مۇشۇ ئورۇننىڭ چۇشەندۇرۇلىشى يىزىلغان ... بۇ يەردە تۇرۇپ قەشقەر پىداگۇكىكا ئىنىستىتونى ۋە قەشقەر ئولتۇرا غەربىي ئاسىيا بازىرنى كۆرگىلى بولىدۇ ..... شۇڭا بۇ ئورۇن قەشقەردىكى موھىم يوللارنىڭ بىرىدۇر...
بۇ يەرنى گۇزەر دەيدىغان بولۇپ مۇشۇ سائەت مۇنارى بار يول بىلەن ئاريار يولغا كىرسىز ....
باللىق ۋاختىمدا چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە مۇشۇ سائەت مۇنارى ئەتراپى سىيىت نوچى ئىتىلغان مەيدان ئىكەن يەنى چىڭ سۇلالىسى دەۋىردە مەھبۇسلارغا ئۆلۇم جازاسى بىرىلىدىغان سىپىل سىرتىدىكى ئورۇن ئىكەن....
مانا بۇ بۇگۇنكى توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان قەشقەر كونا شەھەر ئولتۇراق رايونىنىڭ بىر قىسمى ....
مەنبە قول تىلفونۇمدا تارىتقان
|
|
|
|
|
|