|
|
|
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، دوستلار، ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللار!
مەن قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورى (قۇتيار مۇنبىرى) دىن ئەزىز (Mr.Aziz) بولىمەن. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، ئۇنى قوللاپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقىنىڭلار ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
يېقىندا تور بەت ۋە گۇرۇپپا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىزغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىقتىدارلىق تەرجىمان، مۇھەررىرلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتىمىز.
قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەندىكىچە:
1. ئانا تىل (ئۇيغۇر تىلى) نى ياخشى بىلىش بىلەن بىرگە، باشقا تىللار (خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، تۈرك تىلى، ئىسپان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتاليان تىلى، نېمىس تىلى، ياپون تىلى، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، قازاق تىلى، ئۆزبېك تىلى، ئىشقىلىپ تىللا بولسا، شۇ تىل) دىن كەم دېگەندە بىرنى بىلىشى كېرەك.
2. كەسپنى سۆيىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان روھ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
3. مەسئۇلىيەتچان ۋە ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك.
ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
قۇتيار تورى
www.Qutyar.net
قۇتيار مۇنبىرى
www.Qutyar.net/MB
قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى
www.TerjimeFilim.com
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى:
* Külke
QQ: 406878478
* Mr.Aziz
QQ: 635722821
ئەسكەرتىش:
بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mr.aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 12:04 PM
|
|
|
|
|
|