kaliptax يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:23 AM
بۇ دىگىنىڭىزمۇ توغرا بىراق ئازراق ئويلىغىنى ياخشى ئى ...
توغرا ، ئۆزىمىزگە ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما ئىشەنچ قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە قورقساق قىلغان ئىشەنچىمىز ئەتىسى يەنە سۇسلاپ قالىدۇ،
بىز دىگەن بىر ئىنسان، بىر ئىشتا 99% ئۇمىد بولسىمۇ .يەنىلا ئەتە نىمە ئىش بۇلىدىغانلىقىنى كىسىپ ئېيتالمايمىز، شۇڭا بىز ئەتىسى نىمە بۇلۇشنى بەك ئويلاپ كەتمەي،ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك بۇلىدۇ.
قانداق ئىشىنىمىز دىگەندە ، شۇ ئىشنى بىز قىلالامدۇق قىلالمامدۇق دىگەننى ئويلاش كېرەك، ئىشقىلىپ تەۋەككۇلچىلىك روھى بولمىسىمۇ بولمايدۇ. بىز دىگەن ئاجىز ئىنسان ئەتە نىمە بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز ، شۇڭا ياخۇدا دەپ تەۋەككۇل قىلىپ . قورقماي ئىش باشلىساق بۇلىدۇ.،
مەن ئۆزەم بىر تىجارەتچى، تىجارەتكە ئائىت كىتاپلارنى تولا ئوقۇپ ئىدىيەم مۇشۇنداق بۇپ قاپتۇ، بىر ئىشنى قىلغۇم كەلسە، ئاقىۋىتىنى بەك ئويلاپ، ئۆزەمنى ئۆزەم ئەنسىرەتمەيمەن،. تاساددىبى زىيان تارتساممۇ،. نىمە سەۋەبتىن زىيان تارتتىم، شۇ تەرەپتىن ئىزدىنىپ، ئىككىنچى قېتىملىق تىجارەتتە شۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، بارا بارا تىجارەتكە پىشقانسىرى ئادەم تەجىربىلىك بۇلۇپ كىتىدىكەن، كىيىنچە بازارغا قارىتا كاللىمىزدا ئېنىق نىشان بۇلۇپ، قايسى ئىشنى قىلىشنى ،قانداق قىلىشنى ، زىيانغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى كاللىمىزدا بىر قۇر ئويلاپ، قورقماي ئىش باشلايدىكەنمىز، ئاندا قىلىپ ماندا قىلىپ ، ئىشقىلىپ تىرىشساقلا خۇدايىم، كاپىر مۇسۇلمان دەپ ئايرىماي بېرىۋېردىكەن، گەپ تىرىشچانلىقتا ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 01:46 AM