مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1831|ئىنكاس: 20

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەت (تولۇق نۇسخىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:49:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەت


     توۋا دەيمەن، مۇشۇ چەتئەللىك دېگەن ئاجايىپ خەقكەن.بالىسىنى خەقنىڭ يۇرتىدا تېپىپ قۇيۇپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇغىدىكەن، شېرىن ئاي ئۆتكۈزدۇق دېگىنى مۇشۇمىكىنە؟
ئۆزەمچە قىلغان بۇ بەڭۋاش خىيالىمدىن كۈلگۈم كېلىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلۇمدىكى ئىچىملىكنى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋەتتىم ، تىرىكىپ ھۇجىرامغا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىپ بۇ داغ بولغان كىيىمىمنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكانغا بېرىپ ئىشتىنىمنى ئەكەلدىم ،شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىقارلىق ئىشلار توختىماي يۈز بەردى .ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى كۆرۇپ باقماقچى بولۇپ قۇلۇمغا ئېلىشىمغا ئىشتاننىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە شاراقلىغاندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمىدۇ دەپ ئويلاپ يانچۇقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،يانچۇقتا تۇمارچە قاتلانغان بىر ۋاراق تۇراتتى ،قىزىقىش ئىچىدە ۋاراقنى ئاچتىميۇ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم ، كىمنىڭ سۆيگۈ پەكتۇپىدۇ بۇ؟ كاللامدا غەلىتە سۇئاللار ئەكىس ئېتەتتى.بىراق بۇ ماڭا يازغان خەت ئىدى،ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدىن چىققان تۇرسا؟
بۇ خەتنى ئاشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى بىرسىنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىدى،ئۆتكەندە كىيىمنى يۇغۇزغىلى بەرگەندە كىم بار بولغىيتى ئەجەپ سەپ سالماپتىمىنا؟
مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۆزەم بېرىپ قاراپ باقماقچى بولۇپ يۇغۇزىدىغان كىيىم بارمۇ يوق دەپ ئۆينى مالىماتتاڭ قىلىۋەتتىم .چۈنكى ئۇ يەرگە كىرىشكىمۇ بانا-سەۋەپ كېرەكتە؟ئەپسۇز يۇغۇزغىلى بېرىدىغان كىيىم يوق،شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئۇچامدىكى كۆينەككە چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىم ھەمدە
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى،يېڭى تۇنۇشتۇققۇ؟
دەپ يېزىپ كۆينەكنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .دۇكاندا شۇنچە ئۇماق بىر قىزچاق تۇراتتى.
كىيىمنى بېرىپ گەپمۇ قىلماي يېنىپ چىقتىم.ئۇقىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئاغزىدىن سۇت پۇراپ تۇرىدىغان قىزكەنغۇ ئۇ دەپ ئويلاپ، ئۇقىزنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۇر قىلدىم .ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى، تەقەزالىق ئىچىدە دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلدىم ۋە ھاپىلا-شاپىلا يانچۇقىغا قارىدىم،دېگەندەكلا بىر پارچە خەت تۇراتتى ،ئەمدى بۇقىزغا بولغان ھىسياتىمدا سەل ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى ،ھاياجانلىق ئىلىكىدە خەتنى ئوقۇدۇم .
-بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز.
ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ ئۇچۇق يۇرۇقلۇقىدىن كۈلگۈم كەلدى،بۇ گېپى مېنى راستىنلا تەمتىرىتىپ قويدى،نمە دەپ خەت يېزىش كېرەك؟يەنە بىر قېتىم كىيىمىمنى داغ قىلىشىم زۆرۈر ئىدى، مانا يەنە شۇ چاي دېغى ،قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئاخىرى بولماي بىر جۈملىلا خەت يازدىم.
-مۇھاببەت دېگەن نېمە؟
دەپ خەت يېزىپ ئىشتانغا قاتلاپ سېلىپ دۇكانغا باردىم . دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىرئەر كىشى تۇراتتى،گەپمۇ قىلماي چىكەتتىم،كۈتكەن كۈنۈممۇ يېتىپ كەلدى،ئىشتىنىمنى ئالغىلى باردىم،قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام كېرەك دۇكاندىلا ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم.
-بىز ئالغاندا ئىشتاننىڭ ئىچىدە ھىچ نېمە يوق ئىكەن.
تۇيۇقسىز دېيىلگەن بۇ گەپتىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ،گەپمۇ قىلماي دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم، لېكىن خەتنىڭ بارلىقىغا چۇقۇم ئىشىنەتتتىم،شۇڭا ئۆيگە كېلىپ قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگىنىمدەك ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا بىر خەت سېلىنغان ئىدى
-سىلەدەك ياش بالىلار ئۇستىغۇ مۇھاببەت دېگەنگە؟
-سىلەدەك ياش بالىلار ئۇستىغۇ مۇھاببەت دېگەنگە؟
ئەجەپ مېنى چۈشىنىدىغاندەكلا گەپ قىلدىيا؟ ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ خارەكتىرىگە ھەيران بولۇپ قالدىم ،يامان قىزبالىكەن جۇمۇ،نىمىشقىكىن ئۇچۇق يۇرۇق قىزلار مېنى ئاسانلا مايىل قىلىۋالاتتى شۇڭا بۇقىزنىڭ گېپىدىن يۈرىكىم بىر قىسىملا بولۇپ قالدى،بۇنىڭغا جاۋابەن قانداق خەت يېزىشىم كېرەك ئەمدى؟ ئويلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم بىرخىل كۈچ بىلەن تۆۋەندىكى خەتنى يازدىم
-مېنى قانداقسىگە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ؟
يەنە كونا ئۇسۇل بويىچە چاي تۆكۈلگەن ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا خەتنى سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا باردىم.بۇ قېتىم دۇكاندا بىر ئايال تۇراتتى، بەلكىم ئۆتكەنكى ئەرنىڭ ئايالى بولسا كېرەك،قولۇمدىكى قىيىمنى ئۇ ھەدەشكە بېرىپ ئۈن-تىنسىزلا دۇكاندىن ئايرىلدىم.
قانداق جاۋاپ يازا؟دېگەن خىياللار بىلەن ئەتىمۇ بولدى،دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم. ئەپسۇز ،دۇكان تاقاق ئىدى،شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۇرقىلالمايتىم،تەلۋىلەرچە،دۇكاننى تىپىپ،شۇنچە ۋاقىراپ سادا چىقمىغاندىن كېيىنلا ئۇيەردىن كەتتىم ،تەققەزالىق ئىچىدە ساقلاپ مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى،دۇكانغا باردىم ،خۇداغا شۇكىرى دۇكان ئۇچۇقكەن ،كىيىمىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،يولدا ماڭغاچ ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم، يەنە خەت بار ئىدى ،يولدىلا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم
-كىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟
بۇ خەتتىن ھۇدۇقۇپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئادەمنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ياق،ئۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ،بولمىسا باشتىلا خەت يازمايتى،بەلكىم مەن بىلەن چىقىشىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تۆۋەنكىدەك خەتنى يازدىم ،
-ئەجىبا سىز؟
بۇقېتىمقى يۇيۇشقا تەييارلاپ قويغان ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ يەنە دۇكانغا باردىم ،بۇ قېتىم مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت تۇراتتى،ئىشتاننى بەردىميۇ ئۇيەردىن چىكەتتىم.
توۋا،نېمە بولغاندىمەن،ئەجەپ بىر قىلىپ كەتتىميا ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزغا،كۈتكىنىمدەك چىرايلىق قىز بولغىيتى.....
شۇ خىياللارغا چۆمۈپ ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،ئۆيگە كېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم ،
-مەن نېمە بوپتىمەن ئۇكا؟
خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم،ئوغۇللارغا ئوىشاش ئاخسالىق قىلىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، كۈلگۈنۈمچە ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى تەسەۋۇر قىلدىم ، ئەڭ گۈزەل بىر سىما قەلىپ ئېكرانىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا چۆمۇپ كېتىپتىمەن ،ئۇ قىز يۈزىنى ئېتىۋالغان قىياپەتتە يېنىمدا پەيدا بوپتۇ،دېمەك مەن چۈش قوينىغا غەرىق بولغانىدىم.
ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتقىدەك ،قولۇمنى قىزنىڭ يۈزىگە ئاپىرىشىمغىلا قىز مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك شۇنچە شوخ قىلىكلىرى،ياڭراق كۈلكىلىرى،قەلبىم تارىنى چېكىپ ئۇقىزغا بولغان تەشنالىقىمنى چېكىگە يەتكۈزگەنىدى.
-ھا!
تۇيۇقسىز مۇرەمگە تەگكەن شاپىلاقتىن چۆچۈپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈستەلگە قۇيۇلغان چاينى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋالدىم،ما كاساپەتنى ،تېخى بايا كەيگەن ئىشتانتى ماۋۇ،دوستۇمغا ئاچچىقلىغىنىمچە ھۇجۇرامغا كىرىپ ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرغىلى ماڭدىم ،تۇيۇقسىزلا يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ قالدىم بايا خەت مۇشۇ ئىشتان يانچۇقىدا بار ئىدىغۇ؟
خىياللار بىلەن بولغان ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم،تۇنجى كەلگەن خەتتىن باشلاپ دوستۇمنىڭ مېنى قورقىتىشىغىچە بولغان بارلىق جەرياننى ئەسلەپ چىقتىم ،بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا قىلاتتى.
-ئەجىبا،ئەجىبا مەن چۈش كۆرگەندىمەنمۇ؟
لېكىن چۈش كۆرگەنلىكىمگە قەتئىي چىن پۈتمەيتىم ،مۇمكىن ئەمەس چۈش بولىشى مۇمكىن ئەمەس؟ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ كەتتىم،لېكىن نىمە ئامال،بۇ بىر رىئاللىق ئىدى، ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويدۇم ،كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىشتاندىكى داغقا چۈشۈپ قالدى،نەق شۇداغ،دەسلەپتە ئىشتىنىمنىڭمۇ شۇ يېتى داغ بولغان ئىدى،توۋا
ما توغرا كېلىپ قېلىشىنى ،توساتتىنلا مەندە بۇ ئىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدەك ئاڭ شەكىللىنىپ قالدى،3%لىك ئۈمۈت بىلەن ئىشتىنىمنى قۇرۇق يۇيۇش دۇقىنىغا ئاپاردىم ،نېمىشقىكىن ،چۇقۇم بىرسىنىڭ ئىشتىنىمغا خەت سېلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم،بازارغا چىقتىم ،ما كىلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ ،ئەتراپتا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن تۆتى تۇراتتى،ئىشتاننى قايسىغا بېرىشنى ئۇقالماي قالدىم،ئامالسزى ئۆيگە بېرىپ يەنە ئۈچ ئىشتاننى داغ قىلىپ ھەر بىر دۇكانغا بىردىن يۇغۇزۇشقا بەردىم.
ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ،نېمە بولدۇمكىن،بەلكىم ئۇ قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،ياق!مۇقەرەر ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم ،مانا چەلەڭگۈچ خىياللار ئىچىدە تاڭ ئاتتى،روھىم شۇنچە كۆتۇرەڭگۈ،بىرىنچى قاتاردىكى دۇكانغا كىردىم، مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت كىيىم ئىسىپ تۇراتتى.
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا؟
بۇ يىگىت چۈشۈمدىكى يىگىتكە بەكلا ئوخشايتى، بىراق بۇنى ئويلاشقا ۋاقىت يوق،كىيىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،ئۆيگە كېلىپ بىرە سائەتچە ئاختۇرۇپمۇ خەتنى تاپالمىدىم،
-بۇ ئەمەس ئوخشايدۇ،يەنە ئۈچ دۇكان باغۇ تېخى.
ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ ئىككىنچى دۇكانغا كىردىم ،بىر ئايال تۇراتتى ،كىيىمنى ئېلىپلا قايتتىم ،شۇنچە ئاختۇرساممۇ خەت يوق سەل ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ،ئۈچىنچى دۇكانغا بېرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم...
دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئولتۇراتتى ،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئىشتاننى ئېلىپ ئۆيگە قايىتتىم.مانا يەنە بىر قېتىم زور ئۈمۈت بىلەن ئىشتاننىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،خەتمۇ يوق.
-ئاھ خۇدا! ئەجەپ قىلدىڭغۇ ماڭا
ئەمدى زارلىنىش كەيپىياتى جىسمىمنى كونتىرول قىلىۋالغانىدى،ئۈمۈت شاملىرىم ئۆچەي دەپ قالغانىدى ،ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈم شۇ تۆتىنچى دۇكاندا قالغان ئىدى. دۇكانغىمۇ كىردىم ،شۇنچە ئۇماق بىر قىز ئىشتاننى ئېلىپ باردى،زور ئۈمۈتتە شۇ يەردىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم،ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا راستىنلا بىر نەرسە بار ئىدى،خوشاللىقتىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كەتتىم...
-ئىشتىنىڭىزدا 40يۇئەننى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ئۇنى ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم.
-ھە!
كاللامغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ يانچۇققا قارىدىم ،دېگەندەكلا پۇلدىن باشقا بەرسە يوق،روھى جىسمىدىن چىكەتكەن ئادەمدەك ئۇيەردىن ئايرىلدىم .ئۆيگە كېلىپ بىر قولۇمدا ئىشتاننى بىر قولۇمدا پۇلنى تۇتقىنىمچە قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .
-قىزىق ئىش مەن ئەزەلدىن پۇلنى پورتىمالغا سالاتتىم ،بۇ پۇلنىڭ يانچۇقۇمدا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا چىڭ قاراپ بەرگەن تۇرسام يۇغۇزغىلى،تۆت ئىشتانغا دەل قىرىق كوي كېتىپتۇ،يۈرىكىم قاتتىدە قىلىپ قالدى،دېمەك....
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم ،ئەمما شۇ ئىشتىن باشلاپ ئۆزەمگە بىر ئىشنى ئادەت قىلىۋالدىم ،ئۇ بولسىمۇ ھەر قېتىم قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن ئىشتىنىمنى ئەكەلگەندە ئاۋال ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىم .

                                                                           2

شۇ كۈنلەدىن باشلاپ ، قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى مېنىڭ دائىملىق بارىدىغان مەنزىلىم بولۇپ قالدى،مەھەللىمىزدىكى تۆت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىمۇ مېنى ناھايىتى ئوبدانلا تۇنۇپ كەتكەنىدى، مەن ھەر قېتىم دۇكانغا پەقەت چاي دېغى تۆكۈلگەن كىيىملىرىمنى ئەكىرگىنىمدە ئۇلار ماڭا تەئەججۈپ ئىلكىدە قارايتى، مەندىن بىرەر نەرسە سوراي دەپ ئاغزىنى ئۈمەللىتەتتى يۇ ئەمما مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ ئۆزىچە ئەيمىنىپ قالاتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئۆزەم كۆرمىگەن قىزبالىنىڭ ئىشقىدا كۈيۈپ مۇھاببەت ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتاتتىم ،تۇرغان تۇرقۇمنىڭ غەلىتىلىكىچۇ تېخى كىيىملىرىمنى تولا يۇغۇزىۋەرگەچكىمىكىن ئەسلى رەڭگى ئۆڭۈپ ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان رەڭگە كىرىپ قالغانىدى،ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرى مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلاردەك خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتى.بارا -بارا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا مەن بىر ساراڭ ئاتالدىم ،توردىن ئەسەرلىرىمنى كۆرگەن كىشىلەر بولسا مېنى بىر مەجنۇن دەپ ئۆزىنى مەندىن تارتاتتى،مانا ساراڭلارچە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش مېنى دوستلىرىمدىن يېنىمدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن ئايرىدى .كۈنلىرىم تەشنالىق ئىچىدە ئۆتمەكتە،نۇرغۇنلىغان قىزلار مېنى قوغلاشقان بولسىمۇ لېكىن ھىچكىم مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئاشۇ مەۋھۇم پەرىشتىنىڭ ئورنىنى باسالمىدى،كۈندە ئۆڭۇپ كەتكەن كىيىملىرىمنى كىيىپ نەچچە رەت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنى ئايلىنىمەن ،بىر كۈنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن قايتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،ئۆي ئالدىغا كېلىشىمگە تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى باخشى-داخانلار غا ئوخشايدىغان تولىمۇ كۆرۈمسىز بىر نەچچەيلەننىڭ ئاتا-ئانام بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،ئۇلارغا سەپ سالمايلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئادىتىم بويىچە زور ئۈمۈت ئىچىدە ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئوخشاش بولغان نەتىجە،يەنى ئىشتاندا خەتنىڭ بۈرجىكىمۇ كۆرۈنمەيتى،كاللامنى چاڭگاللىغىنىمچە جايىمدا گومۇشلارچە ئولتۇرۇپ قالدىم.
-ئوغلۇم!ئوغلۇم !بۇياققا چىقە.
ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرىشىدىن چۆچىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتىم.
-مۇشۇ بالا شۇ موللام،يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى ،كۈندە كىيىملىرىنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئاپىرىدۇ،نىمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلىۋالىدىغانلىقىنى سورىسام گەپمۇ قىلماي ......
ئانام گپنىڭ ئاخىرنى دەپ بولالماي ماڭا ئېسىلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.ئەمدى بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدىم،ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدىمۇ ساراڭ بولغانىدىم.ئۇلار ھەدەپ مەن توغرىلىق سۆزلىشىۋاتاتتى،تۇيۇقسىزلا تەلۋىلىكىم تۇتتى،ئۇلارنىڭ پاك سۆيگۈمنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرالمىدىم.
-بولدى قىلىڭلار!كىم مېنى ساراڭ دەيدۇ؟سەنمۇ قىزىقكەنسەن ئانا ،مانا ئوغلۇڭ ساپساق تۇرمامدۇ،نەدىكى بىر نېمىلەرگە ئىشىنىپ ،سېنىزە.
ئاپامغا باتنىغاندەك قىلىپ ئويدىن چىكەتتىم،كاللامدا يەنە شۇ خەتنىڭ ئېگىسى،ئاشۇ جانانىمنىڭ مېھرى ئاتەش ئەمما ئۆزى كۆرۈنمەس چىرايى .دۇنيا ماڭا يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇ بىلىنىشكە باشلىدى،راست گەپنى قىلغاندا مېنىڭ تاغدەك ئىشەنچىم بارغانچە سۇسلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى،مۇشۇنداق ئازاپلىق كۈنلەردە ئەڭ ياخشى ئۈلپىتىم  يەنىلا ھاراق،ئەمما مەن بىلەن بىرگە ئۈلپەت بولۇپ ئىچىشىدىغان دوست-يارەنلەرنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ياتلاشقان، يالغۇز تازا ئىچتىم ،ئەتىسى قوپسام ئۆيدە يېتىپتىمەن ،كاللام تولىمۇ ئاغرىۋاتاتتى،ئاخشام مېنى بىرە تۇنۇشلار ئەكىرىپلا ياتقۇزۇپ قويغان چېغى كىيىملىرىمنىمۇ سالماي ئۇخلاپ قاپتىمەن ،قارىسام ئۇچامدىكى كىيىم توپا بىلەن مىلىنىپ تولىمۇ مەينەت بولۇپ كەتكەنىدى،ئۇمۇ ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،بۈگۈن قايسى كىيىمگە چاي تۆكەمەن دەپ ئارتۇق غەم  يېمەيدىغان بولدۇم.
يۈزۈمنى ھاپىلا-شاپىلا يۇيۇپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم ،دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى مېنى تۇنۇپ كەتكەنىدى،گەپمۇ قىلماي ئىشتاننى تاشلاپلا دۇكاندىن چىكەتتىم .ئەمدى يەنە بىر دۇكانغا بېرىپ تۈنۈگۈن بەرگەن ئىشتاننى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى،مانا بۇ دۇكانغىمۇ كەلدىم ،تالوننى بېرىپ ئىشتاننى ئېلىۋالاي دەپ يانچۇقنى ئاختۇرسام يانچۇقۇم قۇپقۇرۇق ،قاتتىق جىددىيلەشكىنىمچە ئۇستامغا قارىدىم ،ئۇ كىشىمۇ ئىشنى ئۇقۇپ بولغان بولسا كېرەك ھايال قالمايلا ئىشتىنىمنى ئېلىپ بەردى، چۈنكى ئىشتىنىم بۇ يەردىكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكىلەرگە تۇنۇش ئىدى، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ، بەزى يەرلىرى تىتىلىپ كەيگۈچىلىك يېرىمۇ قالمىغان ئاشۇ ئىشتان دەل مېنىڭ ئىشتىنىم ئىدى.شۇ يەردىلا ئىشتىنىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستام ئىشتىنىمنى ئاختۇرساملا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك دۇرۇس تىجارەتچى ئىكەنلىكى توغرىلىق قايناپلا كېتەتتى،ئەمما بۈگۈن ھىچ ئىپادىسىزلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرماقتا ئىدى.ئەپسۇزلۇق ئىچىدە دۇكاندىن ئايرىلدىم .تاكسى توسماقچى بولۇپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام قۇپقۇرۇق، ئەتىگەن ئالدىردشچىلىقتا پۇل ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم .ئامالسىز پىيادە ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.گەرچە ئۆي بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ نىمىشقىكىن بۈگۈن پىيادەيول مېنىش پەقەت خوش ياقمايۋاتاتتى، قۇلۇمدا تېخى بايىلا ئەپچىققان ئىشتاننى كۆتۇرگىنىمچە يولدا سەۋدايىلارچە كېتىپ بارماقتىمەن .ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.
-ھاراق چىشلىۋالدىمۇ يا؟
ئۆزەمچە شۇلارنى ئويلاپ ھاراقنىڭ چىشىنى چېقىش ئۈچۈن قاۋاققا قاراپ يول ئالدىم،يەنە ئىچتىم نىمىشقىكىن ھاراق ئىچسەملا ئازابىمنى يۇشۇرالمايتىم نەچچە رومكا ئىچىپلا مەست بولدۇم ، ئەمدى ئۆزەم بىلگەن ئاھاڭغا ناخشا توۋلاپ بۇ يەردىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدىم ، قاۋاقخانا ئىگىسى ئىلاجىسىز مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى.دەلدەڭشىپ ماڭغىنىمچە ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئۆيگە كىلىپلا يەنە ئۇيقۇغا دۇم چۈشۈپتىمەن . يېرىم كىچە بولغاندا توساتتىنلا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقنى ھىس قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلىدىم قېرىشقاندەك ھۆل-يىمىشتىن باشقا قورساق ئەستەرلىگۈدەك ھىچنىمە يوق، ئامالسىز شۇلارنى بولسىمۇ يەي دەپ ئويلاپ يېرىم كاسا تاۋۇزنى ئويۇپ يىيىشكە باشلىدىم .ئەمدى ھىچبىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، كىيىمىمنى كەيدىم دە تالاغا چىقىشقا تەمشەلدىم .
كوچا تولىمۇ جىمجىت، يالغۇز ئاي تاماشاسى قىلىش نېمىدىگەن لەززەتسىزھە؟ئەگەر ئۇ بولغان بولغان بولسا؟
شۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز چاقناپ تۇرغان بىر ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
قۇرۇق يۇيۇش دېكىنى ئىكەن ، نەچچە كۈندىن بېرى سەپ سالماپتىمەن ،قاچان ئېچىلغان بولغىيتى ،ماڭا تىگىدىغان خەت تېخى مۇشۇيەردىن چىقىپ قالامدۇ ؟
خوشلۇقۇمدا بۇ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن،ئەتىسى سەھەردىلا ئۆيدىن چىقتىم ،ئەلۋەتتە يەنە بىر ئىشتىنىمنى داغ قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان ئىدىم،بۇ قېتىم داغ قىلغان ئىشتان مەن ئەڭ ئامراق ئىشتان بولۇپ تۇنجى قېتىم ماڭا مۇشۇ ئىشتاننىڭ ئىچىدىن خەت چىققانلىقى ئېنىق ئېسىمدە ،شۇڭا بۇ ئىشتاننى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا تولىراق ئاپىراتتىم، نىمىشقىكىن بۈگۈن روھىم باشقىچە كۆتىرەڭگۈ، مەغرۈر قەدەم بىلەن بۇ يېڭى ئاچقان قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كىردىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۈش كەپسىز!
ناھايىتى زىل بىر ئاۋازدىن ئېسەڭگىرەپ ئالدىمغا قارىدىم ،ناھايىتى چىرايلىق، پەرى سۈپەت بىر قىز ئىللىق تەبەسسۇم ئىچىدە ماڭا بېقىپ تۇراتتى.توۋا!دەپ قالدىم ئىچىمدە،نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان قىزلار ماڭا ئەزەلدىن بۇنچە يېقىملىق تۇيۇلۇپ باقمىغانىدى ،بۇگۈن نىم بولغاندىمەن ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇ قىزغا ئىشتاننى قانداق بېرىپ ،دۇكاندىن قانداق ئايرىلغانلىقىمنىمۇ ئۇقمايلا قالدىم ،ئەجەپ قىزىق ئىش ،ئۇ قىزنى بىر  يەتدە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم ،شۇلارنى ئويلاپ يەنە بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كېلىپ قاپتىمەن ،بولدى ئەمدى ئاشۇ بىرلا دۇكانغا ئۈمۈدۇمنى باغلاي دېگەن خىيال بىلەن ھەممە قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا بېرىپ كىيىملىرىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم، خۇددى مۇشۇ يېڭى ئاچقان دۇكاندىن بىر جاۋاپقا ئېرىشىدىغاندەكلا قىلاتتىم،بىر كۈننىڭ ئۆتىشىنى تەقەزالىق ئىچىدە ساقلىدىم .
-ئەگەر ئەتە ئىشتىنىمنى ئالغىلى بارسام ئىچىدىن خەت چىقىپ قالسا .......
شىرىن خىياللار ئىچىدە بىردەمدىلا تاڭ ئاتتى ،گەپمۇ قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدىم ،بەك ئەتىگەن كېلىۋالدىممۇ قانداق دۇكاننى تېخى ئاچمىغانىدى، ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن دۇكاننى ئاچتى. ئۇ قىز يەنىلا تۈنۈگۈنكى ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا بېقىپ تۇراتتى ،مەن ئۇ قىز بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئىشتاننى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم ، ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگەندەكلا ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى، خەتنى ئېلىپ سىقىمداپ تۇتقىنىمچە شىرىن خىياللارغا غەرىق بولدۇم.
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىزنى ياخشى كۆرىمەن.....
چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە قۇلۇمدىكى قەغەزگە قارىدىم .
-ئاھ خۇدا! بەندەڭگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن ، نېمىشقىمۇ ئىنسانلار ئارىسىغا مۇھاببەت ئۇرۇقىنى چاچقانسەن، مۇشۇ مۇھاببەت دېگەن ئۇقۇمنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتسەم بولماسمىدى، ئاھ خۇدا.....
قولۇمدا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ تالونى تۇراتتى، شۇ ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم ، ئاتا-ئانامنىڭ مېنى كۆرسەتمىگەن دوختۇرلىرى، ئۇقۇتمىغان داخانلىرى قالمىدى، 15كۈندەك ئۆتكەندىن كېيىن سەللىمازا ياخشى بولۇپ كوچا-كويلارنى ئايلانغۇدەك بولدۇم ،چىرايىم تېخىمۇ ياداپ ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدىم.ئۆزەممۇ ئۇقمايلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ،يەنە كونا كېسىلم تۇتتى ، شاپپىدە ئۆيگە كەلدىم ، قارىسام ھەممە كىيىملىرىمنى ئاپام يۇيۇپ قۇيۇپتۇ، ئامالسىزلىقتىن  مەن ئەڭ ئامراق ئىشتانغا چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىمدە شۇ ھامانلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاترىدىم ، كىيىمنى بىرىپلا گەپمۇ قىلماي ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم ، ئەمدى يەنە بىر قېتىملىق بېسىمغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ماجالىم قالمىغانىدى.تەشۋىشلەر ئىچىدە بۇ كۈننىمۇ ئۆتكۈزىۋالدىم ،ئەتىسى دۇكانغا كىرىپ ئۇ قىزنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تالوننى كۆرسىتىپ ئىشتاننى ئەكەتمەكچى بولدۇم.
-كەچۈرۈڭ!
تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ تەكەللۇپتىن سەل ھەيران بولۇپ ئۇ قىزغا قارىدىم .
-كەچۈرۈڭ ، بۇ كىيىمىڭىزنىڭ يۇغىدەك يېرى قالماپتۇ، تۈنۈگۈن دەي دېيىشىمگىلا چىكىتىپ قالدىڭىز، ئەمدى يۇساق .....
ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق ھالەتتە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمۈدۇم بولغان بۇ ئىشتانمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋاتاتتى، مەن ئۈچۈن بۇ ئىشتاننىڭ  يوقىلىشى ئۈمۈت شامىمنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن بىشارەت بېرەتتى،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئۆيگە كەلدىم ۋە قولۇمدىكى ئىشتاننى چىڭ قاماللاپ تۇتقىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن ،بىر كەملەردە ئاۋازىم پۈتۈپ قاپتۇ،كۆزۈم يەنىلا ئاشۇ تىتىلىپ ھالى قالمىغان ئىشتاندا ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇ ئىشتاننى كىيىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى قولۇمغا  ئالدىم ، مۇشۇ تۇرقۇمدا تالاغا چىقسام خەق قانداق ئويلاپ قالار؟
ئەمما تېنىم مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى.ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ،تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل بىلىنگەن ئىدى، ئەمدىچۇ ؟ مېڭىۋاتىمەن ،مەنزىلىم قايان ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ،بەلكىم شۇ قاراڭغۇ دۇنيا ئىچىدىن يۇرۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن توختىماي مېڭىۋاتقاندىمەن....

ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايىنىڭ بېشىنى ئۆتكەندە خىيالىزىملىق ھېكايىلەر دېگەن نامدا مۇنبەرگە يوللىغانىدىم ، بىراق كىم بىلسۇن ،دوستلار ئوقۇغاندىن كېيىن مېنى ھەممىسى سەۋدايى دەيدىغان بولىۋالدى، چۈنكى مەن ئۆزەم كۆرۈپ باقمىغان قىز ئۈچۈن  نۇرغۇن بەدەل تۆلىدىم ئەمەسمۇ ؟شۇڭا مۇشۇ گەپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى يازدىم ،قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

3_834_576e34b25cf31d9[1].gif
  مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 12:56 AM  


گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21137
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6092
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4124 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:21:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhabbat xundak bolamdu ..

مەردان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:26:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتېمىنى ئوقۇپ بوپتىكەنمەن ، ياخشى يېزىلىپتىكەن ،
ئازراق تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىدىغان بولدۇم !
مۇشۇ مىسرانىمغا سۈرەتلىك ناخشا ، ياكى كىنو يوللىساق ، ئكرانغا چۈشۈرۈپ ، ياكى
ئۆزىمىز ساقلىۋالغانلىرىمىزنى يوللىغىلى بولسا دەيمەن ،
بايا youku توربىتىدىن ، پەرھاد خالىقنىڭ ، تۇرپاندا سۈرەتكە ئالغان گىرمانىيە ،
Morgenland مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تەشۋاقات فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قالغانتىم ،
مۇنبەرگە يوللاي دەپ قانچە قىپمۇ يوللىيالمىدىم ،
توربەت ئادىرسىنى كىرگۈزۈپ يوللىسام چىقمىدى ، يا ئۆچۈرۋىتەلمىدىم ،
بىردەمدىن كىيىن قارىسام ، ئەخلەتخانىغا كىتىپتۇ ، ھەجەپ سەت بولدى ! خەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   delim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 01:27 AM  


كورلا ئەلخۇش كومپىيۇتىر سېتىش،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17498
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:34:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ، بۇ ماقالە ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا دەرسلىكتە ئوقۇغان ،  كۆتەك تۇۋىدە توشقان كۈتۈش دىگەن ھېكايىنى ئەسلىتىپ قويدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 01:35 AM  


بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 936
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6641
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:37:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خاتا كۆرمىگەن بولسام بۇرۇن يوللانغان ھە؛

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45352
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 02:01:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيزى يېزىپسىز، ھوزۇرلاندىم~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 02:28:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تىمنى ئۇقۇپ،شۇنى ئويلاپ قالدىم. قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچقانلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا خىردارى كوپ بۇلامدۇ نىمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kawa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 02:29 AM  


يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 02:35:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kawa يوللىغان ۋاقتى  2012-9-1 02:28 AM
ماۋۇ تىمنى ئۇقۇپ،شۇنى ئويلاپ قالدىم. قۇرۇق يۇيۇش دۇكىن ...

سىزمۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن بىرنى ئىچىپ ، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقامسىزيە ؟
ئۇ چاغدا سودىڭىز ئالامەت يۈرۈشۈپ كىتىتى . ! چاقچاق جۇما تىرىكمەڭ .
ئنكاسىڭىزنى كۆرۈپ مۇنداقلا دەپ قويدۇم ، ھەرگىز رەنجىمەڭ ~

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84103
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 10:11:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 10:29:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس   مۇھببەتنى  چۈشەنمەيدىغان ئادەم سىزنى شۇنداق دەپتۇ ،مەن سىزنى ھەر ۋاقىت قوللايمەن .ھەم ئاشۇ قىزنى بالدۇراق تىپىۋىلىشىڭزغا تىلەكداشمەن...

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش