تىيىپجان ئېلىيېف
مىللەت ھەققىدە
سۆيىمەن دەيدۇ ھەر كىم مىللەتنى،
مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى.
سۆيۈشنىڭ راس-يالغىنى شۇندىن ئايان:
يەمدۇ يوق مىللەتنىڭ قايغۇسىنى.
ناچار دېسەڭ باشقا مىللەتنى سەن،
بولامسەن مىللىتىڭنىڭ قەھرىمانى؟
ھەممىمىزگە باشلاپ كېلەر يېتىمچىلىك،
مىللەتنىڭ مۇنداق نادان مېھىرىبانى.
ئۇ مىللەت پۈتۈنلەي داشقال بولۇپ،
بۇ مىللەت كەم-كۈتسىز ئالتۇن ئەمەس.
ئۇ مىللەت پەگادىكى پالاس بولۇپ،
بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.
مېغىزى،شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ،
ئەي ئەقىل،شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ،
بېيىيدۇ مىللەتنىڭ پەزىلىتى،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ.
ياراتقان سېسىقلىققا سەسكىنىشنى،
چىقارغان خۇش پۇراققا ئىشتىياقنى.
يۇيماستىن سېسىقىنى،ماختانسا كىم،
بۇلغايدۇ ئۆزىدىكى خۇش پۇراقنى.
ئىشتىن كېلىۋېتىپ يولدا بىرئالدىمغا بىر ژورنال ۋارىقى ئۇچراپ قالدى،مۇنداقلا ئېلىپ ئوقىسام ،ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ<< ۋەتەن ھەققىدە قوشاق>> دىگەن شئېرى بىلەن بىر يۈزىدە تىيىپجان ئېلىيېفنىڭ مەزكۇر شئېرى بار ئىكەن،ئوقىسام راسلا ياخشىكەن،شۇڭا تورداشلار بىلەن بىرگە ھۇزۇرلانغۇم كەلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 01:08 AM