مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 12

بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىدە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81589
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-6-14
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:00:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەھەرئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيەئېلانلىرىنىڭ رولى

ئادىلغاپپار كارىزى    بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار


(بۇماقالە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ 2012-يىل 2-سانىدىن ئېلىندى)

ئانا تىل تەربىيىسى ئائىلىلەردە بالاتۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈزلۈكسىز تەربىيە. بۇ خىل تەربىيە قۇيۇقتىل ئالاقە مۇھىتىغا مۇھتاج. چۈنكى، بالا ئۆز ئانا تىلىنى تىل ئالاقە مۇھىتىدائاڭلاش، دوراش، سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلەتەربىيىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىلتەربىيىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى ئاتا-ئانىلاربالىلار قىرقى توشقاندىن تارتىپ، ئۇلارغا توختىماي سۆزلەپ، گەپ قىلىپ،ناخشا-قوشاقلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ قۇلاق پەردىلىلىرىنىڭنورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭتاۋۇشلىرىنى تۇنۇشىغا پايدىلىق. ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدىكى تەجرىبە ۋە كەچۈرمىشلەرشۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، قۇيۇق تىل ئالاقە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئاناتىلىنى ئۆگىنىپ ئىشلىتىشى، تىل ئالاقە مۇھىتى كۆپ بولمىغان بالىلارنىڭكىدىن بالدۇرھەم تۇلۇق بولىدۇ. دېمەك، تىل ئالاقە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشىدىكىھالقىلىق ئامىل دىيىشكە بولىدۇ.

ئەمما، 1990-يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدەشەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شەھەرئاھالىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئائىلە مەدەنىيىتى بارغانسېرى يىمىرىلىپ، سۇسلىشىشقاباشلىدى. ئىقتىساددىي بېسىم، خىزمەت بېسىمى ۋە خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي بېسىملار ئاناتىلغا پىششىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتىنىئۈزلۈكسىز قىسقارتتى. كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتتىكى كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتھادىسىلىرىنىڭ مەزمون ۋە شەكىل جەھەتتىكى گىرەلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋەكۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، جەمئىيەتتە كۆپ خىل ئارلاشما تىل ئالاقە مۇھىتىنى شەكىللەندۈردى.مائارىپ ساھەسىدە قوش تىل ئوقۇتۇش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە كۆلەملەشتۈرىلىشىنەتىجىسىدە، شەھەرلەردىكى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتىكىيۇمشاق دېتال مۇھىتى تارىيىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيەئېلانلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە مەزمۇن بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئائىلىلەردە بالىلارنىڭئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن يېڭىچە بىر مۇھىت يارىتىپ بەردى.

ئېلان جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئورۇن ۋە ياكىشەخىس ئىدارە ئورگان، كارخانا، تاۋار قاتارلىق مەلۇم شەيئىنى سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇشھەمدە شۇ ئورۇن كارخانا ۋە ياكى تاۋارنى جەمئىيەتكە، خەلىقكە تونۇتۇش ئۈچۈنقوللىنىدىغان بىر خىل ۋاستە.[1] ھازىر ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلان ۋاستىلىرىرادىئو-تېلىۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، توربەت، مەخسۇس فىلىم، تەشۋىقات ۋارىقى قاتارلىقلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشىبولغان ئېلان ۋاستىسى تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقىدۇر. تېلېۋىزىيە ئېلانچىلىقى مۇئەييەنكۆرۈنۈش ئارقىلىق مەلۇم مەھسۇلات تەشۋىق قىلىنىدىغان، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك،قاپلىنىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان ئېلان سەنئىتىدۇر.[2] تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋەتەربىيلەش قاتارلىق رولى بار.

مۇشۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان،ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى قۇيۇق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى، سۈزۈكئېكران، تىپىك مىللىي ئوبراز، يېقىملىق مىللىي مۇزىكا، ئېنىق ۋە راۋان تىل بىلەنمەيدانغا چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ  دىققىتىنىئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ماختاشلىرىغا سازاۋەربولدى. شۇنداقلا، بىر قسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە يات بولغانسۈپەتسىز ئېلانلار ۋە تەرجىمە ئېلانلار كىشىلەرنى بىزار قىلدى ۋە تەنقىدكە ئۇچرىدى.ئەلۋەتتە، ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئېلانلارنىڭتەربىيلەش رولى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۇلىمۇپايدىلىق بولماقتا. ئېلانلاردىكى سۈزۈك ئېكران، يېقىملىق مۇزىكا، تىپىك بەدىئىيئوبراز، راۋان ۋە ئېنىق تىل، ئائىلىلەردىكى تارىيىپ كەتكەن ئانا تىلدىكى ئالاقەمۇھىتىنىڭ قىسمەن بوشلۇقلىرىنى تۇلۇقلاپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك بالىلاردائېلانخۇمارلىق پىسخىكىسى شەكىللەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن، بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربالىلارنىڭ بۇ خىل پىسخىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كوچا-كويلاردىن مەخسۇس ئېلانپىلاستىنكىسى ئىزدەشكە مەجبور بولماقتا. چۈنكى، بالىلار بىر تەرەپتىن بۇ ئېلان ۋەئېلان پىلاستىنكىلىرى ئارقىلىق ئۆزىدىكى خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىقاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنەلەيتتى.ئۇنداقتا بالىلار قانداق قىلىپ ئېلاندىن ئانا تىل مەدەنىيتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ؟ شەھەرئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيەئېلانلىرىنىڭ زادى قانداق رولى بار؟ بىز بۇنى تۆۋەندىكى بىر تىپىك مىسالنى تەھلىلقىلىش ئارقىلىق تەپسىلى يىشىپ چۈشەندۈرىمىز.

تىپىك مىسال: ئۈرۈمچىدىكىمەلۇم بىر ئائىلىدە تۇنجى بالا تۇغۇلۇپ، قىرقى مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، ئانىسىدائىم بالىسى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، چوڭ ئېكرانلىقتېلىۋىزور ئالدىدا تېلىۋىزور كۆرگەچ بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىپتۇ. بۇ جەريانداتېلىۋىزورنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى توختىماي بالىنىڭ قۇلاق تۆۋىدە ياڭراپ تۇرۇپتۇ. بالائۈچ ئايلىق بولغاندا، تېلىۋىزوردا ئۇيغۇرچە ئېلان قويۇلسىلا، بالا قىلمىشلىرىنى توختىتىپدىققەت بىلەن ئېلانغا قۇلاق سالىدىغان، ھەتتا يىغلاۋاتقان بولسا يىغىسىنىتوختىتىپ، ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بولسا ئېمىشىنى توختىتىپ، بېشىنى تېلىۋىزور تەرەپكەبۇراپ ئېلانغا قارايدىغان قىلمىش ھالەتلىرى بارلىققا كېلىپتۇ. بۇنى بايقىغانئاتا-ئانىسى بالىمىز ئېلانغا ئامراقكەن دەپ، ئېلان چىقىشى ھامان بالىنى تېلىۋىزورتەرەپكە قارىتىدىغان بوپتۇ. بەزىدە بالا يىغلاپ كەتسە بەزلەش ئۈچۈنمۇ تېلىۋىزورنىئېچىپ ئۇيغۇرچە ئېلان ئىزدەپ قويۇپ بېرىدىغان بوپتۇ. بالا ئېلاننى كۆرگەن ھامانيىغىسىنى توختىتىدىغان ئېلانخۇمار بولۇپ قاپتۇ. بەزىدەيېرىم كېچىدە، بالا بەك يىغلاپ كەتسە، تېلىۋىزوردىن ئېلانمۇ تېپىلمىغاچقا، بالىنىڭدادىسى بازاردىكى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي پىلاستىنكا ساتىدىغان دۇكانلاردىن مەخسۇسئېلان دېسكىسى ئىزدەشكە مەجبور بوپتۇ. بەزىلەر دادىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ، «تازابىر ئەخمەق كىشكەن ماۋۇ، خەق ئېلاندىن بىزار بولۇپ يۈرسە، ئېلان پىلاستىنكىسىئالىمەن دەپ يۈرگىنىنى» دەپ مازاق قىلىشىپتۇ. ئاخىرى بولماي، شىنجاڭتىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلان بۆلىمىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرچەئىشلەنگەن ئېلان فىلىملىرىنى تاللاپ پىلاستىنكىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بالىغا قويۇپبېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بالا ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانسىلا ئۇيغۇرچە ئېلان كۆرىدىغانبولىۋاپتۇ. بالا ئالتە ئايلىق بولغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپچۈشىنەلەيدىغان، ئاددىي سۆزلەرنى پىششىق دىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. 9 ئايلىق بولغاندا،گەپ-سۆزلەرنى تۇلۇق چۈشىنىدىغان، ئاددىي جۈملىلەرنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغانبولۇپتۇ. بىر يېرىم ياش كىرگەندە، جۈملىلەرنى(گەپ-سۆزلەرنى) تەلەپپۇزى توغرا،سۆز-جۈملىلىرى ئېنىق ۋە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. بالا ئىككى ياشقا كىرگەنمەزگىللەردىن باشلاپ، ئانىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تۇركىيە، ئېران ۋە كورىيەنىڭتەرجىمە فىلىملىرىنى كۆرىدىغان، ئېلانغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھازىر بالائۈچ ياش 7 ئايلىق بولغان بولۇپ، يەسلىنىڭ باشلانغۇچ سىنىپىغا ئاپىرىپ بەرگەنكەن.بالىنىڭ ئانىسى دائىم يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن «بالىڭىزنىڭ گېپى بەك جىق» دىگەندەكئىنكاسلارنى تاپشۈرۈپ ئالىدىكەن. يېقىندا، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ بالىنى تېخىيېشى توشماي تۇرۇپلا يەسلىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپقا چىقىرىپ قويۇپتۇ. بالا بۇ يەردە 4-5ياشلىق بالىلار بىلەن بىللە دەرس ئۆگىنىدىكەن. ئانىسى سۈرۈشتە قىلسا، ئوقۇتقۇچىسىئانىسىغا:«بالىنىڭ تۇتىۋېلىش قابىليىتى بەك ياخشىكەن، كىچىك سىنىپتىكى ھەممەمەزموننى ئۆگىنىپ بولدى، لېكىن بەك كۆپ گەپ قىلىپ، باشقا بالىلارغا پۇرسەتبەرمەيدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا سىنىپقا چىقىرىپ قويدۇق» دەپتۇ.[3]

بۇ مىسالنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن تەھلىلقىلىشقا بولىدۇ.


1. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭبىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

يۇقىرىقى مىسالغا ئاساسلانغاندا، تەكرارقويۇلغان ئېلانلاردىكى ئېنىق ئاۋاز، يېقىملىق مۇزىكا، سۈزۈك ئېكران، ئىللىقچىرايلار بالىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىدا چوڭقۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ ۋە ئانىسىيېنىدا تۇرۇپ بەخىش ئەتكەن بىخەتەرلىك تۇيغۇلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ، بالىنىڭبىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىغا ئايلانغانىدى. روسىيىلىك فىزولوگ ئېۋانپاۋلوف(IvanPavlov,1870-1932)نىڭ قارىشىچە، «ئەسلىدە ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان ئىككى نەرسەئۇزۇن ۋاقىت بىرگە پەيدا بولسا، كېيىن ئارىسىدىن بىرسى پەيدا بولغان ۋاقىتتا، يەنەبىرسىنى ئەسكە ئالماي تۇرغىلى بولمايدۇ.مانا شەرتلىك رېفلىكىستۇر.»[4] ئانا بالىسىنى ئىمىتۋاتقان، ئەركىلىتىۋاتقان، ئۇخلىتىۋاتقان ۋەبالا تۇلىمۇ خاتىرجەم ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئېلانلار تەكرار-تەكرارقويۇلىدۇ. تەكرار قويۇلغان ئېلانلار بالىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، بالىدا شەرتلىك رېفلىكىس شەكىللەندۈرىدۇ. يەنى بالا ئېلاننىئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئانىسىنىڭ يېنىدىكى بىخەتەر، خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈكھالەتنى ئەسكە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بالا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىپ، خاتىرجەم ۋەخوشال بولىدۇ. دەسلەپتە، بالا بۇ ئېلاننى كۆرۈش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇئېلانلار ئۆزىگە تېخىمۇ بىخەتەر تۇيغۇ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاڭلايدۇ ۋە كۆرىدۇ.شۇڭا، بالىلاردا ئېلانخۇمارلىق پىسخىك ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرچەئېلانلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىغا ئىگە دىيىشكە بولىدۇ.

2. ئېلانلاردىكى سۈزۈك ئېكران ۋە رەڭداركۆرىنىشلەر بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەپايدىلىق.

يۇقىرىقى مىسالغا ئاساسلانغاندا، بالاقىرقى مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان. بالايېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىلىرى تېخى تۇلۇقيېتىلمىگەن بولۇپ، تۇلىمۇ نازۇك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قىرقى مەزگىلىدە بالىنىتېلىۋىزورغا قارىتىشقا بولمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «يېڭىتۇغۇلغان بالا تۇغۇلغاندىن كېينلا كۆز ئالدىدىكى نۇرنى سېزەلەيدۇ. دەسلەپكى ئىككىئاي ئىچىدە بوۋاقنىڭ نۇرنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگە بولغان سېزىمچانلىق تەرەققىياتىناھايىتى تېز بولىدۇ.»[5] شۇڭا، قىرقى مەزگىلى ئىچىدە، بالىنىڭكۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرى نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، نۇرغا نىسبەتەن ماس ئىنكاسقايتۇرالايدىغان، كۆزىنى قوغدىيالايدىغان بولىدۇ. ئەمما، كۆز قارچوغىنىڭ ھەركىتىنى كونتىرول قىلىش ۋە رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈشجەھەتتە يەنىلا تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. «بالا ئىككى ئايلىق بولغاندا،ئاندىن ئۆزى كۆرۈش فوكۇس نۇقتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. تۆت ئايلىق بولغاندا، ئاندىنكىرىستال تەنچىنىڭ شەكلىنى چوڭلارغا ئوخشاش ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغانئارلىقتىكى شەيئىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا، رەڭلەرنىپەرىقلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى دۇنيا پەقەت ئاق، قارا ۋە كۈلرەڭدۇنيادۇر. بالا 3-4-ئايدىن باشلاپ رەڭ ۋە غەيرى رەڭنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ.»[6] بالا تېلىۋىزورغا قارىغاندىن باشلاپ، تېلىۋىزور ئېكرانىنىڭ نۇرى،سۈزۈك ئېلان سۈرەتلىرى، رەڭدار كۆرۈنۈشلەر بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىئۈزلۈكسىز غىدىقلاشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا، ئېكران نۇرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى،ئېلان سۈرەتلىرىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى، كۆرۈنۈشلەرنىڭ رەڭدارلىقى قاتارلىقلاربالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى، كىرىستال تەنچە، مۈڭگۈزسىمانپەردە ۋە مۇناسىۋەتلىك نېرۋىلىرىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، كۆزنىڭنۇر ۋە رەڭلەرگە بولغان سىزىمچانلىقى ۋە ئىنكاسىنى كۈچەيتىپ، نۇر ۋە رەڭلەرنىپەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇئەييەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. بالا ئېلانكۆرگەندە، ئېلانلاردىكى رەڭدار كۆرۈنىشلەرنىڭ تېز سۈرەتتە ئۈزلۈكسىز ئالمىشىشغائەگىشىپ، بالىنىڭ كۆز قاپىقى، كۆز قارىچۇغى ۋە كۆز ئالمىسىمۇ ماس ھالدا ھەرىكەتقىلىدۇ. بۇ جەرياندا، بالىنىڭ كۆز قاپىقى، كۆز قارىچوغى ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكەتقېتىم سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئۇلارنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجى تەرەققىيقىلىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ رەڭلەرگە بولغان سېزىمچانلىقىئېشىپ، كۆپ خىل رەڭلەرنى ئىدراك قىلىش ۋە پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىلگىرىسۈرىلىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىيقىلىشى، ئوبرازلىق تىل مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن تۇنۇشىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

3. ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى يېقىملىق ئاۋازۋە ناخشا-مۇزىكا بالىلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈشكە پايدىلىق.

«بالا تۇغۇلغان بىرىنچى كۈنىلا بالىدا ئاڭلاش سەزگۈ ئىنكاسىبولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا ئاۋازلارنى ئاڭلاپلا قالماي، بەلكى ئاۋازنىڭيۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقى ۋە ئاۋازنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىمۇپەرىقلەندۈرەلەيدۇ.»[7] ئامېرىكىلىق پىسخولوگ فىرىدمەن (Freedman D.G.)نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «يېڭىتۇغۇلغان بالىنىڭ قۇڭغۇراق ئاۋازىغا قارىغاندا، بىر ئايالنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىغانىسبەتەن ئىنكاسى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوخشاش بولمىغانھېسسىيات ئاھاڭلىرىنى پەرىقىلەندۈرەلەيدۇ.»[8] دېمەك، بالا قىرقى مەزگىلىدىن كېيىن،ئاتا-ئانىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇيغۇرچەئېلانلاردىكى مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېقىملىق مۇزىكىنى ئارقا كۆرىنىشقىلغان ھالدا ئايال دېكتورلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بېرىلۋاتىدۇ. بۇ ئېلانلاردىكىئېنىق، يېقىملىق، نورمال چاستوتىدىكى ئاۋازلار بالىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنىئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنىپەرىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتىرىدۇ. شۇڭا،ئېلاننى كۆپ كۆرگەن بالىلارنىڭ ئاۋازغا بولغان سېزىمچانلىقى ۋە ئىنكاسى باشقابالىلارغا قارىغاندا تېزراق بولىدۇ. بالىلاردىكى ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بۇ خىلتەرەققىياتى، بالىلارنىڭ ئانا تىل تاۋۇشلىرى ۋە باشقا تىل ماتېرىياللىرىغا ئېنىق،توغرا، تېز ئىنكاس قايتۇرىشى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.

4. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ دىققەتقابىلىيىتىنىڭ تەرەقىقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، «بالا يېڭىتۇغۇلغاندا، ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش شەرتسىز رېفلىكىس قۇرۇلمىسى بولىدۇ. پەقەت بالىغاماس ھالدىكى غىدىقلىغۇچ بېرىلسە، ماس ھالدىكى رېفلىكىس قىلمىشىنى بارلىققاكەلتۈرىدۇ. يېڭى بىر غىدىقلىغۇچ پەيدا بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىدا قاراتمىلىقرېفلىكىس پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بالىنىڭ يۈرەك رېتىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ،دىققەت قابىلىيىتى غىدىقلىغۇچ تەرەپكە قارايدۇ. باشقا ئېلىپ بېرىۋاتقانپائالىيەتلەر(ئېمىش، بەدەن ھەرىكىتى) دەرھال توختايدۇ.»[9] ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى ئاۋاز ۋە سۈرەتلەردىكىئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بالىغا نىسبەتەن يېڭى غىدىقلىغۇچ بولۇپ، بالىدا قاراتمىلىقرېفلىكىسنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بالىنىڭ قىرقى مەزگىلىدىن كېيىنلا، بۇ خىل دىققەتنىمەلۇم بىر شەيئىي ئۈستىگە قارىتىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشىنەتىجىسدە، بالا دىققىتىنىڭ قارىتىشچانلىق ۋە مەركەزلۈشتۈرۈشچانلىق قابىلىيىتىئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. دىققەتنىڭ قاراتمىلىقلىقى ئېنىق، مەركەزلەشتۈرۈشچانلىقىكۈچلۈك ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا، بالا ئېلان قويۇلغان ھامان بارلىق قىلمىشلاردىنتوختاپ، دىققەت بىلەن ئېلان ئاڭلايدۇ ۋە كۆرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرچە ئېلانلاربالىلارنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ تەرەقىقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

5. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنى ئانا تىلماتېرىياللىرى ۋە زۆرۆر تىل شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

شەھەر ئائىلىلىرىدە ئانا تىل ئالاقەمۇھىتى تارىيىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئۇيغۇرچە ئېلانلاردىكى چۈشەندۈرۈش،دىئالوگ، ناخشا، شېئر-قوشاق قاتارلىقلار بالىلارنىڭ خىلمۇ-خىل تىل ماتېرىياللىرىۋە تىل مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىشىغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. ئېلانلاردىكىئۈزلۈكسىز تەكرارلانغان ئېنىق ۋە راۋان ئېلان تىلىنىڭ تاۋۇش، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملەقاتارلىق تىل ماتېرىياللىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىل ئالاقى جەريانىدىكىتاۋۇش، بوغۇم، سۆز ۋە جۈملە قاتارلىق تىل ماتېرىياللىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋەئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى، بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى زۆرۆر تىل ماتېرىيالى ۋەتىل مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى توغرا، پىششىق، تېزئۆگىنىشگە پايدىلىق. شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بۇ خىل تىل مۇھىتى بىلەن بالىلاردىكىئېلانخۇمارلىق پىسخىكىسى زىچ بىرلىشىپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنىئۆگىنىشىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە.

6. ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنىڭ ئاناتىل ئۆگىنىشىنى قۇيۇق مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەھەر ئائىلىلىرىدە بالىلار ماكان، زامانۋە بىرقىسىم ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن، ئۆز مىللىتىنىڭنۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت مەزمونى ۋە ھادىسىلىرى بىلەن ئۈچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگەبولالمايدۇ. ئۇيغۇرچە ئېلانلار شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بۇ بوشلۇقنىڭ قىسمەنتەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ، ئېكران ئارقىلىق ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنىسەنئەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىبىلەن تۇنۇشىشىغا پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە. بالىلار بۇ ئېلانلارئارقىلىق ئانا تىلنى ئىشلىتىش مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن ئۇچىرىشىپ،بىر تەرەپتىن ئانا تىلنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبئىي مۇھىت ۋەئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تۇنۇشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاناتىلنى ئىشلىتىشكەمۇناسىۋەتلىك بولغان مەدەنىيەت مەزمونى ۋە ھادىسىلىرى بىلەن تۇنىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆگىنىدۇ.دېمەك، ئۇيغۇرچە ئېلانلار بالىلارنى ئانا تىل ئالاقە مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئارقاكۆرىنىشى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇبالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى توغرا، راۋان ۋە ئورۇنلۇق ئىشلىتىشىگە پايدىلىق.

خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيەئېلانلىرى شەھەر ئائىلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل مەدەنىيىتىنى ئۆگنىشى ئۈچۈنزۆرۆر بولغان ئەقلى قابىليەت ئامىللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىئويناپلا قالماي، بەلكى يەنە بالىلارنى زۆرۆر بولغان ئانا تىل ماتېرىيالى، ئاناتىل ئالاقە مۇھىتى ۋە ئانا تىل ئالاقىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بىلەنتەمىنلەش رولىنى ئوينىماقتا. بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئاناتىلىنى جانلىق، توغرا، سېستىمىلىق ئۆگىنىپ، ئۇنى توغرا، راۋان ئىشلىتىشىگە تۇلىمۇپايدىلىق شارائىت ھېسابلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:


[1] مەنبە: قابىللار تورى. http://www.kabillar.com/mazmun_okux.asp?cat_id=71&art_id=1603 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

[2] گۈلزار نۇردۇن: « تېلېۋىزىيە ئېلانچىلىقى ھەققىدە نەچچە ئېغىز سۆز»، شىنجاڭ گېزىتى، 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى

[3] بۇ ماتېرىيال 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋەنئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى XX نىڭ ئائىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن ئېلىندى.

[4] پېڭ دەنلىڭ: «ئومومىي پىسخولوگىيە»، بېيجىڭ پىداگوگىكائونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2001-يىل 5-ئاي 10-نەشىرى، 54-بەت

[5] لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭپىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى، 78-بەت

[6] لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭپىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى، 78-79-بەت

[7] لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭپىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى، 80-81-بەت

[8] لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭپىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى، 81-بەت

[9] لىيۇۋ جىنخۇا: «بالىلار تەرەققىيات پىسخولگىيىسى»، خۇادۇڭپىداگوگىكا ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي 6-نەشىرى، 78-بەت



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 12:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5227
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:26:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىۋىزىيە ئېلانلىرى بالىلارنىڭ روھىنى بۇلغۇمىسىلا  ئۇلارنىڭ تىلىنى چىقىرىشتا بەلگىلىك تەسىرى بار .  ئەمما يەنىلا  توغرىسى تىلىۋىزور بالىلارنىڭ كۆزىگە يەنى جىسمانى بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ . شۇڭا ئاتا ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى رولى چوڭ . ئۇلار بالىلارنىڭ ئەڭ بىرىنچى ئۇستازى . شۇڭا ئائىلە قۇرماقچى بولغان ياش قېرىنداشلار  سىلەرنىڭ مىللىتىمىزگە بولغان مەسھۇلىيىتىڭلار چوڭ .   يۇزەكى پىكىر بۇلۇپ قالدى .  

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:03:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى بار.سىناپ بېقىشقا تېگىشلىك.ھازىر تىلۋىزۇردىكى قۇرۇق كوت كوت كىنولاردىن ئۇيغۇرچە ئىلانلار ياخشى.بولۇپمۇ 5-قانال ۋە 2-قاناللارنىڭ ئىلانلىرى بەك ياخشى.ناھيە شەھەرلەرنىڭ  تىلۋىزۇر ئىلانلىرى بەك ئەخلەت.ئادەم كۆرۈشتىنمۇ نۇمۇس قىلدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awyamatka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 01:04 AM  


ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82057
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-6-24
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 09:28:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رادىئودىكى  [ يۇرتۇم ئاي توقىچى] ئىلانى نى  بەك ياخشى ئشلەپتۇئەۋازىمۇ بەك يىقملق  شۇ ئىلاننى  ئشلىگەن  قىرنداشلرغا  كوپ رەھمەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84103
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 10:07:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61687
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5293
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 677 سائەت
تىزىم: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 11:25:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياخشى تېما ئىكەن اباشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىغا بولسىمۇ رەھىم قىلغاي. مۇنبەر ئەخلەتخانىسىدىن نېرى قىلغاي !

ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4147
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 12:41:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەخىمەت   بەك  ياخىشى  تېما يوللاپسىز !~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 01:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالغىنى تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدىكى تاغا ھەدىلىرىمىزدە قالدى،ئۇلار نېمىنى ئويلايدىكىن؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10675
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10523
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 7011 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 08:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى !  بالىلارغا كۈڭۈل بۆلگەنلىك كىيىنكى ئەۋلادغا يۇل ئاچقانلىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 08:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخىمەت   بەك  ياخىشى  تېما يوللاپسىز !~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش