ياش ناخشىچى –دىلشات ئىسمائىل ،ئۇيۇلتاش كۇلۇبىدا
ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن << قونچاق مۇھاببەت >>،<< قەشقەر قىزى >> قاتارلىق مودا ، يېقىملىق بولغان ئىجادىي ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ ، ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن يېڭى يۇلتۇز- دىلشات ئىسمائىل ،2012-يىلى 9– ئاينىڭ 1-كۈنى ، شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8:30 دا،ئۇيۇلتاش كۇلۇبىنىڭ << ئۇيۇلتاشتا مەشرەپ >> پائالىيىتىنىڭ نەخ مەيدانىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى .
بۇ پائالىيەتنى << ئۇيۇلتاش كۇلۇبى >> مىز، ھەر قايسى ئۇيغۇرچە پائالىيەتنى ئاساس قىلغان YYكۇلۇبلىرى ،شۇنداقلا دىلشات ئىسمائىل بىلەن ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق تەييارلىغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول ،جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى .
بۇ<< ئۇيۇلتاش كۇلۇبى>> نىڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن كەڭ تور ئەھلىگە سۇنغان تۇنجى سوۋغىسى. پائالىيەتتە،دىلشات ئىسمائىلنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرى،مۇڭ كۈيلىرى ، شۇنداقلا ھەر قايسى كۇلۇبلاردىن تەكلىپ قىلىنغان يېتىلىۋاتقان ناخشىچىلارنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى ھۇزۇرىڭلاردا بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيۇلتاش كۇلۇبىنىڭ ئارلىقتىكى كىچىك پائالىيەتلىرى ، دىلشات ئىسمائىلدىن تورداشلارنىڭ سوئال سوراش باسقۇچى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ . پائالىيەت تەخمىنەن 3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ .
<< ئۇيۇلتاش كۇلۇبى >> 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان تور دۇنياسىدىكى نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئىللىق ماكانىغا ئايلاندى . ئۇيۇلتاش كۇلۇبى << چولپانلار ناۋاسى >><< ئىنگىلىزتىلى دەرسخانىسى >><< ياپون تىلى دەرسخانىسى >><< تۈرك تىلى دەرسخانىسى >><< ئەدەبىي ئەسەر ئاڭلىتىش ئۆيى >><<ئەركىن پائالىيەت ئۆيى >> قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ، كۇلۇبىمىز كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىرگە تورداشلارغا بىلىم ئۆگىتىش شارائىتىنى ھازىرلاپ ،ياخشى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا ، ئىلھام-مەدەت بېرىشىڭلارغا مۇھتاج .
ھازىر << ئۇيۇلتاش كۇلۇبى >> مىزنىڭ ئەزا سانى قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە 6000 غا، ئىستىداتلىق، تالانىتلىق،ئۆزىدە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ساپانى ھازىرلىغان باشقۇرغۇچىلار سانى 50 كە يەتتى . ئىشىنىمىزكى بىز تېخىمۇتىرىشىپ كەڭ تور ئەھلىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز .
<< ئۇيۇلتاشتا مەشرەپ >> پائالىيىتىمىزگە تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ، مەشرەپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش بىلەن بىرگە ، قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئۇيۇلتاش كۇلىبىمىزنىڭY YIDئادرېسى : 563434
ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى :13070052782 13040487417
QQ 253523869 1378137735
QQ توپ نومۇرى :16656688
Y Yتوپ نۇمۇرى :6773532
مەشرەپنىڭ باشلىنىش ۋاقتى : 2012-يىلى9– ئاينىڭ 1– كۈنى كەچ سائەت 8:30 دا پۇرسەت غەنىمەت ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ . << ئۇيۇلتاش كۇلۇبى – بىلىم خۇمارلارنىڭ ، چولپانلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى !!>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 09:01 PM