ئۇيغۇرلىرىمىز ئىستىمال ئۆرۈپ -ئادىتىدە بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماي كەلگەن . پارتىيە ، ھۆكۈمەت بۇ نوختىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، يىمەك - ئىچمەك تىجارەت سورۇنلىرىغا پەرىقلىق بولغان بەلگىلەرنى ئېسىشنى تۈزۈملەشتۈرگەن . لىكىن ، يىيىش- ئىچىش ھەر كىشنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولغاچقا، مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكنى ئىستمال قىلسا بۇنىڭغا باشقىلار ئارلىشالمايدۇ . بۇ يەردە بەزىلەر ئويلىشى مۇمكىن ، مۇسۇلمان تۇرۇپ قانداقمۇ بىھالال نەرسىلەرنى كۆڭلى كۆتۈرۈپ ئىستىمال قىلىدۇ دەپ ، لىكىن كۆز يۇمالمايمىزكى ئارىمىزدا بىھالال نەرسىلەرنى خالاپ ياكى خالىماي ئىستىمال قىلۋاتقانلار ئاز بولمىسا كېرەك . سەۋەبى ئۈستىدە ، جەمئىيەتنى كۈزۈتۈش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن . شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، يۈرگۈزگەن بۇ پىكىرىمنى چۇقۇم توپتوغرا دەپ ھىچكىمگە تاڭمايمەن ، پەقەت «مۇسۇلمانچە » دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى ھەممىمىز ئورتاق ئاشۇرساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرگە خىرىس
1. ئەپچىل «ئىسپات»
بىزگە مەلۇمكى مۇسۇلمانچە بولمىغان ئاشخانىلارغا «مۇسۇلمانچە » دەپ يالغان ۋىۋىسكا ئېسىلسا ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ . لىكىن بەزىلەر بۇنىڭمۇ ئەپچىل چارىسىنى تېپىۋالغاندەك قىلىدۇ . بىر قىسىم مۇسۇلمانچە بولمىغان ئاشخانلار مۇسۇلمانلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ، بىر-ئىككى ئۇيغۇر ياكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتتىن ئادەم ياللاپ مۇلازىمەتچىلىككە قۇيۇپ «ئىسپات» قىلىدىكەن (مائاشى يۇقىرراقتۇ بەلكىم ) ، بۇ شۇ ئاشخانىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىمىش . خېرىدارلار «مۇسۇلمانچىمۇ ...؟ » دەپ سورىسا ، «ھەئە....قارا بۇلارمۇ مۇشۇ يەردە تاماق يەيدۇ.. » دەپ ئىشەندۈرمەكچى بۇلىدىكەن . بەلكى ئۇلار شۇ مۇلازىمەتچىلەرنىمۇ ئالدىغاندۇ مۇلازىمەتچىلەر ھەممە ئىشقا ئارلىشالمىغاندىكىن ، ياكى مۇلازىمەتچىلەر بىلىپ تۇرۇپ شۇلارغا ماسلاشقاندۇ ئۆزى يىمىگەندىكىن ، ۋە ياكى جان بېقىشنىڭ كۇيىدا بۇلاڭچىلىقتىن ، قاتىللىقتىن ، قىماردىن ، ئوغرىلىقتىن ، تېنىنى سېتىشتىن..... يانمايدىغان ئادەىملەر بار تۇرۇقلۇق ، بىھالالنىڭ كاتتىسى بولغان ھاراقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىچىدىغانلار تۇرۇقلۇق ، باشقىنى قىلسىمۇ قىلغاندۇ ( ئادەتتىغۇ ھىچبىر خېرىدار «ئەمسە يەپ باق» دەپ تەلەپ قىلمايدىغۇ ) . نىمىگە ئاساسەن ئۇلارغا ئىشەنگۈدەكمىز ؟! شۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى بولغانلىقى ئۈچۈنلىمۇ ؟! ئۇيغۇر ساتقانلىكى ، ئۇيغۇر يىگەنلىكى نەرسە مۇسۇلمانچە بۇلۇپ قالامدۇ ؟!
2. «مۇسۇلمانچە» ئىجازەتنامىنى ۋاكالىتەن بىجىرىش
يۇقىردا «مۇسۇلمانچە» ئىجازەتنامىسى يوق ،لىكن مۇسۇلمان مىللەتتىن خىزمەتچىسى بار ئاشخانىلار ھەققىدە توختالدۇق ، ئۇنداقتا «مۇسۇلمانچە» ئىجازەتنامىسى بار ئاشخانىلار مۇتلەق ئىشەنچىلىكمۇ ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ . بەزى «مۇسۇلمانچە» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئاشخانىلار ئەسلى تىزىملاتقاندا مۇسۇلمانلار مىللەت تىزىملىتىپ ، قالدى جەريان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلىدىكەن . ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلار بېشىغا ئاق دوپپا كىيۋېلىپ «خۇيزۇ» دىسە چىرايىدىن ، تىلىدىن پەق قىلغىلى بولمىغاندىكى كىشلەر ئىشىنىپ يەۋېرىدىكەن . بۇ ھەقتە جەميەتتە مۇنداق بىر ئىنكاس باركەن (بۇ جەمئيەتتىكى بىر ئىنكاس خالاس ، چۇقۇم راست دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن ) . مەلۇم بىر «牛肉面» خانا ( كۆپۈنچە خېرىدارى ئۇيغۇر ) ، ئەسلى خۇيزۇ نامىدا مۇسۇلمانچە ۋىۋىسكا بىجىرگەن ، لىكىن خوجايىن خەنزۇ بۇلۇپ ، ئىشلەتكىنى كالا گۆشى ئەمەس بەلكى ئىشەك گۆشىكەن . ئۇيغۇرلار ئىشەك قېرىپ كۈچتىن قالغاندا كار قىلمايدۇ ، شۇنداق ئىشەكنى ئەزان باھادا سېتىۋالغاندا گۆشنىڭ تەننەرخىنى كۆپ تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدىكەن ، مۇسۇلمانلارغا يىگۈزىمىز دىمىگەندىكى ئۇلارمۇ سېتىۋېردىغان ئوخشايدۇ . كىشىىنى چۈچىتىدىغىنى ، ئۇ ئىشەك گۆشلىرىنى ئۇيغۇر بالا ئەپكىلىپ بېرىدىكەن . بىر كۈنى خوجايىن بىلەن ئۇ بالا ئارسىدا سۈركىلىش بولۇپ قالغاندا ، ئۇ بالا خېرىدارلارغا ئەينەن ئەھۋالنى ئاشكارلاپ قۇيۇپتۇ .
3.نەپسىگە ئەگىشىپ باشقىلارغا قاتتىق ئىشىنىش ھەم باشقىلارغا يول باشلاش
ئادەتتە پالانى يەرنىڭ پۇكۇنى تامىقى بەك داڭلىقكەن دەپ ئاڭلاپ قالىمىز ، بەزىلەرنىڭ شۇ يېڭى نەرسىنى بىر تېتىپ باققۇسى كىلىدۇ -دە ، دەرھال شۇ جاينى ئىزدەپ تاپىدۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسى بولماي قالسا ، ئېسىلغان ۋىۋىسكىدىن «مۇسۇلمانچە» دىگەن خەتنى ئالدىراش ئىزدەيدۇ ، تاپالمىغاندىن كىيىن كۆڭلى سەل يېرىم بۇلىدۇ-يۇ ، ئۈمۈدنى ئاشخانا خوجاينىغا باغلايدۇ ، مۇسۇلمانچە بۇلۇپ قالسىتى دەپ ئۈمۈد قىلىدۇ ، خوجايىن «مۇسۇلمانچە» دەپلا قالسا ....بولدى ، ئۇ خوشاللىقتا مۇسۇلمانچە ئىجازەتنامە بارمۇ يوقمۇ ، بار بولسا قېنى ، قەيەرگە ئېسىلدى بۇلارنى سوراش خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايدۇ . ئايالىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ تالاي چۈشەندۈرشىگە ئىشەنمەي جەڭگە جىدەل قىلدىغانلارمۇ ، ئۆزى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىرسىنىڭ بىر ئېغىز گىپگە پاكىتسزلا ئىشنىپ ، خاتىرجەم غىزالىىندۇ . شۇ كىشى شۇ يەردىن تاماق يەپلا ئىش تۈگەمدۇ ؟! ئۇنداق ئەمەس ، شۇ يېڭى نەرسىنى تېتىپ باققۇسى بار ، لىكىن مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىپ بۇلالمايۋاتقان بىر قىسىم كىشلەر ، ئۇيغۇرلانىڭ يەۋاتقىنىنى كۆرۈپ كاللىسىدا مۇسۇلمانچىكەندە دىگەن بىر ئوي شەكىلىندۇ-دە ، ئۇلارمۇ شۇ يەرنىڭ خېرىدارىغا ئايلىندۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ جاي كىشلەرنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمانچە بۇلۇپ قالىدۇ . مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرسىمۇ پايدىسى يوق ، ئېغىزاكى دىگەن گەپتىن تېنىۋالسا بۇلىۋېرىدۇ .
4. ئىچىلغان يولدا مەجبۇرى مېڭىش
يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ئالاھىدە بىرەر تاماق ئاغزىغا تېتىپ قالغاندىن بىرسى ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەستىن ، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمانچە ئاتىلىپ قالغان شۇنداق جايلارغا ، راست مۇسۇلمانچە ئوخشايدۇ دەپ ئۇيغۇر باشلىقلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىۋېرىدۇ . كىيىنچە باشقا خىزمەتداشلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر بۇ يەرنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ يىيىشكە ئۇنىماي قالسا ، «شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار يەۋاتمامدۇ ، پالانى كۈنى پۇكۇنى ئۇيغۇر باشلىقىمىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاماق يىگەن تۇرسا ، ئەمسە ئۇ باشلىق مۇسۇلمان ئەمەسمىكەن... » دەپ ئېچىلىپ بولغان يولغا ماڭغۇسى يوقلارنىمۇ مەجبۇرى دەسسىتىدۇ .
5. مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە بولغان خاتا چۈشەنچە
بەزى غەيرى مۇسۇلمان يولداشلار مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئۆرۈپ-ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇيغۇرلار بىلىشمەستىن ئۇلارنىڭ ئاشخانىللىرىغا كىرىپ قالسا ، مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ . ئەمما بەزى غەيرى مۇسۇلمان يولداشلار ، مۇسۇلمانلار چوشقا گۆشىدىن باشقىنى يىسە بۇلىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ . جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغام ۋاقتىمدا ، خەنزۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش توغرا كەپ قالدى ، سورۇندا بىرەيلەن ئىشەك گۆشنىڭ گىپىنى چىقاردى ، مەن بىلەن بارغان خەنزۇ خىزمەتدېشىم : «پالانى بار (مىنى دىمەكچى) ، ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ گىپىنى قىلما ...» دەپتى ، ھېلىقى خەنزۇ مەندىن : «ۋوي....سىلەر ئىشەك گۆشى يىمەمسىلەر ؟!» دەپ ھەيران بۇلۇپ سوراۋاتىدۇ . «ياق، يىمەيمىز!» دىسەم ، «ئەمسە ئىت گۆشىنىچۇ ؟!» دەيدۇ ، «ئۇنىمۇ يىمەيمىز !» دىسەم ، ھەيران قالدى . يەنە بىر قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرىتتا بۇلۇپ قالدىم (يەنە شۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر يېرىدەك ئىسىمدە تۇرىدۇ) . ئەتىگەنلىك تاماقنى بىز چۈشكەن مىھمانخانىدا يىمەكچى بولدۇق . قارىساق ئۆزىمىز تاللاپ يەيدىغان شەكىلدىكى تاماقلاركەن ، مەن موما ، سوغوق سەي ھەم گۆشسىز تاماقلارنى ئىزدىگەچ مۇلازىمەتچىدىن : «ئاشخاناڭلا مۇسۇلمانچىمۇ ؟! » سورىدىم ، ئۇ : « ھەئە ، مۇسۇلمانچە » دەپ ئەستايىدىل ھەم قارىماققا سەمىمي جاۋاپ بەردى (ئەمما ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم) . مەن تاماقلارنى تاللاۋېتىپ كۆزۈم سوغوق سەيلەر قاتارىغا تىزىلغان قىزىل بىر خىل گۆشكە چۈشۈپ قالدى ، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىپ سورىدىم : «بۇ نىمە گۆشى؟» ، ئۇ :«驴肉» دەپ جاۋاپ بەردى ، ھىچ بىر جىددىيلىشىش ياكى خاتا سۆزلەپ قۇيۇش كەيپىياتى يوق ئىدى . ئېنىقكى ئۇلار ئىشەك گۆشىنى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك دەپ قارايدىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق كالا ، قوي، توخۇ .... دىگەنلەرنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرارمۇ ؟! ئۇلار ئەمەس ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك كىشى ھىسابلىشىدۇ ؟! كالا گۆشى ، قوي گۆشى ، توخۇ گۆشى ... بولسىلا مۇسۇلمانچە بۇلۇپ قالامدۇ ؟!
خاتىمە
تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانماقتا ، يىمەك-ئىچمەكلىرىمىز سەرخىللاشماقتا . كىشلەرنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە بولغان ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ ، بىھالال يىمەكلىكلەر ھەر خىل شەكىللەردە ئىستىمالىمىزغا سىڭىپ كىرمەكتە . بەزىللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ نەپسىمىزنى يېڭەلمەي يەۋاتىمىز ، بەزىللىرىنى بىلمەي يەۋاتىمىز (ئەلۋەتتە ئۆزىمىز بىلىشكە تىرىشمايۋاتىمىز) . شۇنداق قىلىپ ئۇلار زورايدى ، مىۋىدىن باشقىنى خاتىرجەمراق يىيەلمەس بۇلۇپ قالدۇق ، كىشلەر كۆپراق يىمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىگە «مۇسۇلمانچە» دىگەن خەت يېزىلسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىپ ، باشقىسى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماس بولدى . ئۇ نەرسىلەرنى يىگەنلىك بىلەن بىر يەرلىرىمىزنى تىشىپ چىقمىغاچ بىلمەي يۈرىۋەردۇق ، لىكىن ھەقنى تۇنۇپ يىتەلمىدۇق ، بىر ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يانالمىدۇق ، دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولمىدى ، چۈنكى ئەقىل بۇلغاندى ، ئىمان بۇلغاندى . يەرگە چۈشۈپ توپا بۇلۇپ كەتكەن ناننى «مەينەت» دەپ يىمىگەن بىلەن ، قاچىنىڭ تېشىغا ئىھتىياتسىزلىقتىن چىقىپ كەتكەن لەغمەن چۈپىنى ئۈزۈپ ئېلۋەتكىنىمىز بىلەن ، «مۇسۇلمانچە» خېتى بار خالتىنىڭ ئىچدىلا بولسىلا ، ئۇيغۇر يىگەنلا نەرسە بولسا خاتىرجەم يەۋەردۇق . ھەي...! ئۇنى يىدۇق ، بۇنى يىدۇق ، لىكىن يەنىلا شۇ چامغۇر سالغان سۇيۇقئاشلىرىمىزنى ، كەتمەن چاپقان توپا قوللىرىمىزدا يىگەن زاغرىللىرىمىزنى ، گۆشسىز بولسىمۇ ، رەڭگى ئۇنچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك بولمىسىمۇ ، تەمى ئالاھىدە بولمىسمۇ لىكىن ھالاللىقىغا تۇلۇق ئىشەنچ قىلغىلى بۇلدىغان شۇ « گۆھەر » لىمىزنى سېغىنماي تۇرالمىدۇق .
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 09:04 PM