ئادەتتىكى ئەزا
ماڭا قاراپ كۈلمىسەڭ مەيلى، چىن كۆڭلىمنى بىلسەڭ مەيلىغۇ. كۈتكىنىمدە كەلمىسەڭ مەيلى، مىنىڭ بىلەن يۈرسەڭ مەيلىغۇ. ئاشىق دىلىم كۈيىدۇ ساڭا، مەيلى بولسا بۇ يۈرەك يارا، ياكى ماڭا بەرسەڭمۇ جازا، كۈتكىنىمنى بىلسەڭ مەيلىغۇ. تاشلىساڭمۇ ئازاپتا قۇيۇپ، كەتسەڭمۇ گەر يۈرەكنى يۇلۇپ، چىن سۆيگۈدىن كەتسەڭمۇ تۇيۇپ، مىنى ئەسلەپ يۈرسەڭ مەيلىغۇ. پەقەت ساڭا كۈيۈپ يۈرىمەن، سەن سۆيمەيسەن بۇنى بىلىمەن، ئىلاجىم يوق قانداق قىلىمەن، كۈندە كۈرۈپ يۈرسەم مەيلىغۇ. كۈڭۈل دىگەن قاناتلىق ئىكەن، گۈللەردىمۇ بار دەيدۇ تىكەن، ساڭا جېنىم پىدادۇر ئىشەن، يار دەپ يىغلاپ-كۈلسەم مەيلىغۇ. مەيلى كۈندە سىنى ئەسلىسەم، سۈرەتىڭدە كۈڭۈل بەزلىسەم، پەقەت سەندىن تېنىپ كەتمىسەم، چۈشلەرىمدە كۈلسەك مەيلىغۇ. گۈلۈمنى كۈتۈپ باققا كىرسەم گۈللەر تۇزۇپتۇ، كۈز كىرىپتۇ چۈشۈنۈپ يەتتىم. شاخ تۈۋىدە خىياللار سۈرۈپ، مەن گۈلۈمنى ئۈزۈلمەي كەتتىم. ئېچىلار دەپ كۈتتۇم گۈلۈمنى، ئىنتىزار بوپ يىڭى باھارغا. باغ ئىچىدىن پەقەت چىقمىدىم، سوۋغام گۈلدۇر پەقەتلا يارغا. يىڭى گۈللەر ئېچىلدى يەنە، رازى بولدۇم بېغىمدىن قەۋەت. كۆپ ئىزلىدىم كۈتكەن گۈلۈمنى، تاپالمىدىم شۇ گۈلنى پەقەت. تالاي كۈنلەر گۈلۈمنى كۈتۈپ، چاچلىرىمغا كىرىپ قالدى ئاق. لېكىن يۈرەك ئوتلۇق يانىدۇ، كۆزلۈرۈممۇ نۇرلۇق يەنە ساق. مەنبە-ئىجادى ئاپتور- ئابلىكىم قاراقاش
پاش قىلىش
ھەي ئىنسانچىلىق
يىـڭى ئــەزا
مەستانە ئـــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ