ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، بارلىق مىسرانىم ئەھلىگە سالام، مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرگەن بىر نەچچە
ۋاقىتتىن بېرى نۇرغۇن پايدىلىق تىمىلارنى كۆرۈپ كەلدۇق، ئەمما قىسمەن بىرلىرىمىز تىما مەزمۇنى
بىر ياقتا چەتنەپ قېلىپ ئېنكاس قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ بىر ئوبدان ياخشى تىمىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ۋە ئېغىرراق بولغاندا ئۆچۈرلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالدى.
شۇ سەۋەب ئويۇن خاراكتىرلىك يۈزىسىدىن بارلىق مۇنبەرداشلارغا تاقا -تۇقا ئېنكاس جىدىلى قىلىش
سورۇنى ھازىرلاش ئويىغا كېلىپ قالدىم،
تۆۋەندە بىر قانچە مىسال ئېلىپ قوياي:
1.مەلۇم بىر ئوي-پىكىرى روشەن مىللەت توقۇنىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تىما
(1)-ئېنكاس : بەك ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ، مىللەت مەسىلىسىدە ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن
باشلىشىمىز كېرەك.
نەقىل: ئۆزىڭىزدىن باشلىماي كىمدىن باشلايتتىڭىز ئەمىسە.
قايتۇرما: سىز نىمە دېمەكچى قېرىندىشىم؟
نەقىل: قانداق قىلساڭ قىلمامسە ، مېنىڭ نىمە ئىشىم....!!!
دېمەك، يوق ئىشلارنى مەيدانغا سۆرەپ كىرىپ ، كىشىلىك زىتىغا تىگىش بىلەن يوقىلاڭ
ئېنكاس جىدىلى باشلاندى.
2. مەلۇم ئىشقى مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن شېئىر
(1)-ئېنكاس: بەك ياخشى چىقىپتۇ ، تىل ئىپادىلەش قابىليىتىڭىزگە قايىلمەن، مۇھەببەت ئۇ ئۆلمەس تىما.
نەقىل: سىزگە بەك ياراپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ بىز قاچانغىچە مۇھەببەت ، كۈيدۇق-پىشتۇق دەپ
ياشايمىز؟
قايتۇرما: دوستۇم، كىشىلىك دۇنيا مۇھەببەتتىن، مۇھەببەت، كىشىلىك دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ
ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت.
نەقىل : ھە شۇ ، سىزدەك ئەرزىمەس بىر نىمىلەرگە كۈيۈپ يۈرىدىغانلىنىڭ ئاقىۋېتى شۇ...
شۇنداق قىلىپ تىما يوللىغۇچىنىڭ ئىلھامى ئۆز-ئورنىدا قېلىپ يەنە شۇ ئەرزىمەس ئېنكاس جىدىلى
باشلاندى...
3.مەلۇم چەتئەل چولپىنى تونۇشتۇرۇلغان تىما
(1)-ئېنكاس: چەتئەللىكلەرنىڭ تەپەككۇرى كۈچلۈك ، دۇنيا كۆز قارىشى مۇكەممەل، ئىنتىلىشى،قىممەت
قارىشى روشەن بولغاچقا تېزلا كۆزگە كۆرىنىدۇ، تەرەققىياتى تېز بولىدۇ.
نەقىل : نەدىكى قاملاشمىغان بىر نىمىنى يوللىسا ، ما ئاداشنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىپ كەتكىنىنى...
ئۇيغۇردا چولپانلىرىمىز ئازدەك ،،،ئۆزىمىزنىڭكىنى يوللاڭلار...
قايتۇرما: قېرىندىشىم ، چەتئەللىك بولسا نىمە بوپتۇ ، ئۇلاردىنمۇ ئۈگىنىدىغان ، ئۆزلەشتۈرىدىغان ،
شاكىلىنى ئىلغاپ مېغىزىنى يەيدىغان تەرەپلىرى بار ئەمەسمۇ ...
نەقىل: ۋاي سىزدەك ئاقنانچىلارنىڭ قۇبۇل قىلۋاتقانلىرى ئاز ئەمەسقۇ ، ھېلى بىرسى يالىڭاچ
كىيىنىپ چۈشكەن بىرەر چولپاننى ماختىغان بولسا ، ھېسياتىڭىز قىرىق گەز ئۆرلە بەلكىم ...
قايتۇرما: بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گەپ ئۇلارغا چوقىنىش ياكى ھېسيات مەسىلىسى ئەمەس پەقەت
بىلىپلا قويساق بولدىغۇ...نىمىگە ئۇنچە كايىپ كېتىسىز؟
نەقىل : ھازىر بىلىپ قويۇپ كېيىنچە كىرىپ كېتىشەسىلە ، ئات ، ئېشەك بىلەن يۈرسە ئېشەكنىڭ
خۇيىنى ئاپتۇ دېگەندەك...
يەنە شۇنداق قىلىپ ئورۇنسىز دە -تالاش ، زىتىغا تېگىش ، كىشىلىك كۆز-قاراشقا ھۆرمەت
قىلماسلىق بىلەن ئورۇنسىز ئېنكاس جىدىلى باشلاندى...
دېمەك، يۇقارقىدەك مىسال ئېلىپ كەلسەك ، ئەنە شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان مىساللار ھەربىر تىمىدا
كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ...بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ، بەلكىم ھەل بولماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى
ھەر ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى، تاللىشى ئوخشاش بولمىغىنىدەك...شۇڭا سىز كۈلۈڭ مەن يىغلاي، مەن
كۈلەي سىز يىغلاڭ...
قېنى ئۇنداقتا ھەرىكەتكە كېلىڭ ، تىما ئاستىغا خالىغانچە تاغدىن - باغدىن ئېنكاس يېزىشىپ
نەقىللىشىپ ، زېرىكىشلىك ۋاقىتلىرىڭىزنى ئۆتكۈزۈشكە باشلاڭ ، يامان سۆزلەر ، سىياسىيلىقى
كۈچلۈك سۆزلەردىن باشقا ھەممە گەپ-سۆزلەر پاسپورتىسز قۇبۇل قىلىنىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 06:28 PM