rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 05:59 PM 
قەشقەر شەھرىنىڭ كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش ...
مەن يىقىندا كونا شەھەر رايۇنىنىڭ يىڭىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان خىلى كۆپ كوچا -مەھەللىرىنى ئايلىنىپ كۆردۇم .
ئاساسەن بۇرۇنقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىلغان . يىڭى پۇتكەن ئۆي سىرتىغا سامان ئارلاشتۇرغان لاي سۇۋۇلۇپ بۇ كوچىلارنىڭ بۇرۇنقى خاسلىق ساقلاپ قىلىنغان .
كوچىلارغا گاز تۇربىلىرى ئورنىتىلغان . شارائىتى زور دەرجىدە ياخشىلانغان ،
ئاڭلىشىمچە بۇ قەدىمى كوچىلار ‹‹ 5 ئا ›› دەرجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايۇنى قىلىپ قۇرۇلىدىكەن . بۇنداق بولغاندا بۇ قەدىمى كوچا مەھەلىلەرنىڭ شارائىتى تىخىمۇ ياخشىلىنىدۇ .
بۇ كوچىلارنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىسەك بەك چوڭ پەرىق قىلىدۇ .
10يىل بۇرۇن يازدىكى شاشىدولارغا تۆكۈلگەن تەرەتلەردىن سىسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالاتتى . سىسىق سۇلار تىشىپ مەسلەن ؛ قارقى دەرۋازا ئاريا قاتارلىق مەھەلىلەردە ئادەم ماڭغىلى بولمايتى .
چۈنكى شۇ چاغلاردا ئۆيلەردە مەھەلىلەردە پاسكىنا سۇ ئاققۇزۇش لىنيەلىرى يوق ئىدى . ........بۇنى دىمىسەممۇ ھەممىگە ئايان .
ھازىر شارائىت كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى .