|
|
|
|
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر << قۇتادغۇبىلىك >> (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددىي، مەنىۋىي قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت،تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، <<قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ يازما نەشىرى ئۈچ قېتىم ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، گەرچە بۇ شاھانە ئەسەر نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىز ئارىسىدا قاپلىنىشى يىتەرلىك بولمىدى. مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىق مىراسى بولغان << قۇتادغۇبىلىك >> ناملىق ئەسەر ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىش ئارقىلىق ئاۋازلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، 30-ئاۋغۇست رەسمىي ھالدا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
<<قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ ئاۋازلىق نەشىرى جەمئىي ئىككى پىلاستىنكا، 17 سائەتتىن ئارتۇق ئوقۇلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپەسى، ئالگېبىرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن-سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت، پىسخولوگىيە، پىداگوگىكا، ئىستىلىستىكا، ئائىلە-نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي-سىپاھگەرلىك، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تىبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلىمى، مەدەنيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.
مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/08/80286.shtml
|
|
|
|
|
|