مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6265|ئىنكاس: 74

گۈلەن: ئاللاھقا قايتقان دادام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 22298
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 02:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا قايتقان دادام
-        مەرھۇم دادام ئايۇپ غوپۇر خاتىرىسىگە
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

دادامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە ھېلىغىچە ئىشىنەلمەيمەن. ماڭا ئۇ بىر يەرگە مېھمانغا كەتكەندەك، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. مىيىت ماشىنىسىغا چىققىنىمدا دادام ئۇخلاپ قالغاندەكلا ياتقانىكەن، ئاكىلىرىمنىڭ بۆرىدەك ھۇۋلاشلىرى، ئاچامنىڭ ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشلىرى، سىڭلىمنىڭ بوتىدەك ئېچىنىشلىق پەريادىمۇ ئۇنى ئويغۇتالمىدى. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولۇشى، كېپەنلىشىنى ۋە ئىشىكسىز، تۇڭلۇكسىز ئۆيگە دەپىن قىلىنىشىغا شاھىد بولدۇم. كۆزلۈرۈم ياش تۆكەتتى، لېكىن قەلبىمدىكى پىغان ياشقا ئوخشاش تۆكۈلەلمەيتتى. ئاۋازىم پۈتتى بىراق يۈرەكتىكى ئازاپ پۈتمىدى. كۆزلىرىم شۇنچە ياش تۆكتىيۇ قەلبىمدىكى دەرت لىقمۇ لىق پېتى قالدى.
دادامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئاق ساقاللىق موھتىرەم ئىمام دادامنىڭ ئۆلۈمىنى ھاياتىدا كۆرگەن خاسىيەتلىك ئۆلۈملەردىن دەپ خۇلاسىلىدى. خىسلەتلىك رامازان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى بولغان ئۇلۇغ جۈمەدە، بامدات نامىزىدا جاينامازدا ئولتۇرۇپ قازا قىلغان دادام جۈمە نامىزىغا كەلگەچ مىيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولدى. دادام ھەققىدە بىر قانچە ئۆلىما تەرىپلەردە بولدى. ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا قانداق سازاۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە جامائەتكە تەسىرلىك ۋەز ئېيتىلدى. جامائەتكە دادام ھەققىدە سۆزلەپ بەرگۈم بار ئېدى. جامائەتكە مۇسۇبەت مىنۇتلىرىدا ئەقلىمدىن كەچكەن، قەلبىمنى ئۆرتىگەن سۆزلەرنى يەتكۈزگۈم بار ئېدى. ئەمما پۇرسىتىم بولمىدى. پۇرسىتىم بولسا ئېدى مۇنۇلارنى دېگەن بولاتتىم.
1.        دېھقان دادام
دادامنى كىچىكىمدە دېھقان دەپ بىلەتتىم. ئەقلىمنى بىلىپ كۆرگىنىم ئېغىلدا مەرەپ تىنمايدىغان قويلىرىمىز ۋە مەھەللە بويىچە ئەڭ ئاز يېرىمىز ئېدى. ئاق قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندا بىلسەم دادام ئوپال يېزىسىنىڭ مائارىپ مۇدىرىكەندۇق. كىچىكىمدىن كىشىلەرنىڭ مېنى ئاسانلا تونۇۋېلىشاتتى ۋە نەدە كۆرسە "ئايۇپ غوپۇر مۇئەللىمنىڭ بالىسى" دەپ ئەركىلىتىشەتتى. بۇ مەندە "مۇئەللىملىك ياخشى ئىش ئىكەن، مۇئەللىم بولسا ھەممە ئادەم بىلىدىكەن، ھۆرمىتىنى قىلىدىكەن" دېگەن ئوي-خىيالنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك. بەلكىم سەبىي قەلبىمگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىنى تۇنجى بولۇپ دادام سەۋەبلىك ئېرىشكەن ئىززەت سىڭدۈرگەن بولسا كېرەك. كىچىكىمدىن ھەممە ئادەم دادامنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك، دوستىدەك بىلىنىپ ھىچكىم يات تۇيۇلمايتتى. ئۇ چاغدا رەھبەرلەرنىڭ ئىسمىغا زامانىمىزدىكىدەك خەنسۇچە ئەمەل نامى قوشۇپ ئاتالمىسا كېرەك. دادام بىر يېزىنىڭ مائارىپىغا 14 يىل مەسئۇل بولغان بولسىمۇ مەن ھىچكىمنىڭ دادامنى ئايۇپ غوپۇر، ئايۇپ غوپۇر مۇئەللىم دېگەن ئىسمىدىن باشقا بىر گەپ بىلەن ئاتاپ باققىنىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.
بالىلىق خاتىرەمدە دادامنىڭ سىماسى ئېتىزدا بۇغداي ئورۇۋاتقان، باغدا ئۈزۈم كۆمۈپ ئېچىۋاتقان، باراڭدىكى تاللارنى پۇتاۋاتقان، ئارمۇت ئۈزۈۋاتقان، ئوتياش تېرىۋاتقان ھالەتتە ساقلىنىپ قاپتۇ. ئەگەر ئاخشاملىرى جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا "مىڭ بىر كېچە"، "ئۆلۈك جانلار"، "سىيىت نوچى"، "ئابدۇرراھمان خان غوجا"، "نۇزۇگۇم"، "يۈسۈپ ئەھمەت" دېگەن داستانلارنى ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بېرىۋاتقان تۇرۇقى سېلىشتۇرما بولمىسا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىغا پاكىت بولغۇدەك ئەسلىمەم يوق بولاتتىكەن.

دادام ئوپالدىن توقۇزاق ناھىيە بازىرىغا-پارتىيە مەكتەپكە يۆتكەلگەندىن كېيىن دېھقانغا تېخىمۇ بەك ئوخشاپ كەتكەنىدى. ناھىيە بازىرىدىكى كىچىك ھويلىلىق ئۆيىمىزدە ھەممە يەم خەشەكنى سېتىۋېلىپ قوي باقاتتۇق، بىزنىڭ ئىشتەيلىك قويلار مەرەپ ھارمايتتى. ئەمەلىيەتتە شۇ بىدە، سامان، كۈنجۈرە، كېپەك ئالغان پۇلغا گۆش ئېلىپ يىسەك قوي باققاندىن ئەرزان توختايتتى. ئەمما دادام ھەممىمىزنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي قوي باقاتتى، يەر تېرىيتتى. ئىدارىدىكى بوش يەرلەرنى تۈزلەپ تېرىغاننىڭ ئۈستىگە ئوغۇزساقتىكى چوڭ ئانام چوڭ داداملارنىڭ يېرىنىمۇ تېرىپ يۇغۇشۇتۇراتتۇق. كۈزلىرى ئارمۇت ئۈزەتتۇق، ئۈزۈم كۆمەتتۇق، ئوتياشلارنى گىرەم-ئورىلارغا جايلاشتۇراتتۇق. دادام بۇنداق دېھقانچىلىق ھاياتىنى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. بىز ئالتە پەرزەنت ئىزچىل دادامنىڭ بۇنداق دېھقانچىلىق ھاياتىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنىدۇق، ئەمما ئادەتتە يوللۇق تەلەپلىرىمىزنى يەردە قويمايدىغان دادام گېپىمىزگە باشتىن ئاخىر قۇلاق سالماي كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا مەن دادامنى پارتىيە مەكتەپتە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان ئالدامچىلىق تىپىدىكى سىياسىي دەرسلەرنى ئوقۇتۇش بىلەن چارچىغان، مۇستەملىكە قىلىنغان كاللىسىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن جىسمانى ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

دادامنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇ بىنا قىلغان ئايۋان سارايلىق ئۆي، باغ-ۋارانلىق ھويلىدا ئولتۇرۇپ قايتا ئويلاندىم. باغدىكى ئوخشاپ كەتكەن  ئالما، ئەنجۈر، نەشپۈت، ئۈرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەرگە ئاغىز تەككۈزگەن مېھمانلار دادامنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. مەن دادام مۇشۇ مىۋىلەرنى ئۆزى ئۈزۈپ ئۈرۈمچىگە چىقارتمىسا، كەلگەنلىرىمدە داستىخانغا قويمىسا بېرىپ يەپ كېلىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغانىكەنمەن. مەن بازاردا ھەممىمىسى بارغۇ، پۇللا تاپسام ھەممە نەرسىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدىغۇ دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك. مېھمانلارنىڭ دادام بەرپا قىلغان باغنى تەرىپلەشلىرى، باغدا ئايلىنىپ مىۋىلەرگە زوقلۇنۇپ قاراپ كېتىشلىرى، ھويلىدىكى گۈللۈككە مەستلىكى كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى مەندە ئۇيغۇر ھاياتى، پىشقەدەم ئۇيغۇر بىلەن ياشقەدەم ئۇيغۇرنىڭ پەرقى، ھاياتنىڭ مەنىسى...قاتارلىقلار ھەققىدە باشقىچە پىكىرلەرنى ئويغاتتى.

دادام 40 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىلەن يەنىلا دېھقان ئىكەن. دادامنىڭ يەرگە، باغقا شەيدالىقى، دېھقانچىلىققا خۇمارلىقى پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ تام سوقۇپ باغ قىلىشلىرى باققاللىق قىلىپ باي بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ئىكەن. دادام نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى يەرنى قۇچاقلاپ ياشىغان بىر دېھقان مىللەتنىڭ پۇشتى بولغىنى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلاتتىكەن. ئۆزىنىڭ توپراقتىن يارالغانلىقىغا شەكسز چىنپۈتىدىغان ئۇيغۇر بوۋىلىرىمىزنىڭ يەرگە زىرائەت ئۇرۇقلىرىنلا چاچماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئىشچانلىق، خالىسلىق، مېھرىبانلىق، يارىدەم، كۆيۈم ئۇرۇقلىرىنى تېرىپتىكەن. دادام پۇل ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلماپتىكەن بەلكى ئۇيغۇرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇدۇمىنى داۋام قىلغانىكەن. دادامنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن خۇشاللىقى بەرپا قىلىشنىڭ، ئىجادىيەتنىڭ، مىھنەت مىۋىسىنىڭ خۇشاللىقى ئىكەن. دادامنىڭ خۇشاللىقى ئەجىر مىۋىسىدىن سۆيۈنگەن يۈزلەردىكى رازىمەنلىكنى، كۈلكىنى كۆرگەندىكى ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىش جىلۋىسى ئىكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى، مانا بۇ ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ كۈلكىسى! بۈگۈن شۇ دېھقاننىڭ پەرزەنتلىرى ئىدارىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ، ماشىنىلاردا غادىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىدا تەمتىرەپ تۇرغان دېھقانلارغا قاراپ ئەۋزەللىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلىۋاتىدۇ. خۇددى ئىللەت، قالاقلىق ۋە نادانلىق شۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەمدەك تۇيغۇغا چۈمۈپ ساختا ھەسرەتتىن ئۇھ تارتىۋاتىدۇ. ۋاھدەرىخ! شۇلار مەمنۇنمۇ؟ شۇلار ساغلاممۇ؟

ئەجدادلىرىمىزنىڭ قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىدىن مائارىپ ئارقىلىق بەھىرىمەن بولالمىغان بىزلەر بىلەن بوۋىلارنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن مەدىرىسەلەردە، ئېتىز بېشىدا، نەشپۈت قېشىدا تەلىم ئالغان دادىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بۇلا ئەمەستۇر بەلكىم. 60 نەچچە يىللىق مائارىپ ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇئاشلىق قىلغان بىلەن بىلىملىك قىلالمىدى. ئۇلارنى پارتىيەگە سادىق كادىر قىلدىيۇ ھاياتتىكى تۈلۈك مەنىۋىي ۋە ماددىي مۈشكۈلاتلارغا قابىل قىلالمىدى . دادامنىڭ 30 نەچچە يىل ئوپالدا مائارىپچىلىق قىلىپ ئاخىرىدا ئېتىز بىلەن مەسجىدنى تاللىشى دېھقان بوۋىلارنىڭ ئېتىز بېشىدا قىلغان ئۈنسىز تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى. مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ دېھقانلىق ھاياتىغا ئىزچىل قارشى چىقىشىمىز نېمىنىڭ ئاقىۋېتى؟
2.        "قىزىل پاچاق" دادام
دادام مىڭلىغان كادىرغا ئوخشاش پارتىيە ئەزاسى ئېدى. ئوپالدا مائارىپ مۇدىرى بولغان چاغلىرىدا ئۆيىمىزگە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى بۇنى كۆتۈرۈپ كىرىپ تۇراتتى. دادامنىڭ بۇنداق چاغلاردا جۇدۇنى ئۆرلەپ قالاتتى ۋە ھاجەتمەنلەر كەتكەندىن كېيىن قايناپ كېتەتتى. ئاڭلىشىمچە دادامنىڭ مائارىپ مۇدىرلىقىدىن تۇغقانلار ھىچ نەپكە ئېرىشەلمىگەنىكەن. بولۇپمۇ ئانام دادامنىڭ نەۋرە ئاكامنى ئوپالئارت دەپ ئاتىلىدىغان يىراق مەكتەپتىن مەھەللىمىزدىكى مەكتەپكە يۆتكەپ قويمىغىنىغا ئانام نارازى ئېدى. بىز ئالتە بالا ئچىدە دادامنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ھۆكۈمەتتىن نەپ ئالغان ھىچ بىرىمىز يوق. ئانام ۋە بەزى تۇغقانلارنىڭ نەزىرىدە دادام بەكمۇ كومۇنىست، ئاجايىپ قىزىل پاچاق ئېدى. مەنمۇ شۇنداق قارايتتىم. دادامنى كاللىسى يۇيۇلغان كىشىدەك چۈشىنەتتىم.
ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىچكىرىدە ئىشلەپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈش جەيانىدا ئابىستىراكىت ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئويۇم دادام، بوۋىلىرىم ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ كەچۈرمىشى ئۈستىگە مەركەزلىشىپ كونكىرىتلاشتى. تۈركىيەدە ھەقىقى كومۇنىستنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دادام كۆزۈمگە كومۇنىزىملىق ئىدولوگىيە بىلەن پەقەت مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەمدەك كۆرۈندى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلاردا ھالال ھارام چۈشەنچىسى يوق ئېدى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلاردا ئەخلاق كومۇنىستلارنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسى بويىچە بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئېدى. ئۇلار نىكاھنى ئىتىراپ قىلمايتتى، بالىلىرى تۇغۇلغاندا تەكبىر توۋلىنىپ ئەزان ئوقۇلمايتتى، ئۆلگەندە مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلمەيتتى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن مىللەتلەرگە ئايرىلغانلىقىغا قارشى ئېدى، ئۇلارچە مىللەت مەۋجۇد ئەمەس دۇنيادا پەقەت ئەزگۈچى ئېزىلگۈچىلا مەۋجۇد ئېدى...ۋاھاكازلار. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلارغا سېلىشتۇرسام دادام ھىچ كومۇنىسقا ئوخشىمايتتى.
دادامنىڭ "قىزىل پاچاق" ئاتىلىشى ئىتىقاد ئاساسى، مەنىۋىي ئەنئەنىسى يىمىرىلگەن، دېموكراتىيە بولمىغان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئېدى. ئەگەر دادام ياۋرۇپادا بولغان بولسا ياخشى مەمۇر سانىلىپ، يەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولاتتى. تۈركىيەدە بولغان بولسا ھالال، خالىس، ئاق كۆڭۈل، تەدبىرلىك، سالماق كىشى بولغاچقا جامائەتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ بىرەر ۋەخپىگە نازارەتچى بولغان ياكى بىرەر ۋەخپىگە خىزمەتكە كىرگەن بولاتتى. دادامنىڭ كومۇنىست، قىزىل پاچاق ئاتىلىشى ئەسلى ئۇيغۇرلاردا ياخشى ئادەمگە بېرىلىدىغان موئمىن (ئىمانلىق)، ھالال، ئادىل، خالىس، سالىھ (پاك)، دىيانەتلىك دېگەن ناملار ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىتىقادنىڭ ئورنىغا مادىدىغا چوقۇنىدىغان بىر ئىدولوگىيەنىڭ دەسستىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دادام ھۆكۈمران ئىدولوگىيەدىن نەپلىنىپ ياشىغان تۇرساكىمنىڭ قوينىدا ئىشلىسە  شۇنىڭ تەلىۋى بويىچە تەرىپلىنىدىغان گەپتە! ئۇيغۇرلار مۇنداق كىشىلەرنى دىيانەتلىك، ھالال ئادەم ئېدى، دېسە بۇنى ھاكىمىيەت ئىتىراپ قىلمايتتى. ھاكىمىيەت ئىتىراپ قىلمىغان باھا، ھۆكۈم، تەرىپلەر تېلۋىزور، گېزىت، رادىيۇ، سەھنە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا قوللۇنۇلمايتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىتىقادىنى مەنبە قىلغان تەرىپ نوپۇزلۇق سانالماي ھاكىم ئىدولوگىيەنىڭ باھاسى خەقنىڭ ئاغىزىدا مودا بولاتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇرچىمىزدىكى ئىمانلىق دېگەن مەنىدە كەلگەن موئمىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يۇۋاش، بوزەك دېگەن مەنىدىكى سۆزگە ئالمىشىشى ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە مەجبۇرى يۇۋاشلىتىلغانلىقى، بوزەك قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماي نېمە؟ دادامنىڭ پارا ئالماسلىقى ئۇنىڭ كومۇنىستلىقىدىن ئەمەس خەقنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان، ھالالدىن رىزىقلىنىپ ھارامدىن يىراق تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە پاكلىق ئەنئەنىسىگە داۋراڭسىز ۋارىسلىق قىلغىنىدىن بولغان. خىزمەت جەيانىدا ئۇرۇغ تۇققانلىرىغا يان باسماسلىقى ئاللاھ كالامىمىزدا تەلەپ قىلغان ئادىللىققا ئەمەل قىلغىنىدىن بولغان. چۈنكى دادام پۇرسەتلا بولسا مەسجىد ۋە ئېتىزنى تاللايدىغان ئۇيغۇر ئېدى، رىزىقىنى ھالال تەر تۆكۈپ يەيدىغان دېھقان ئېدى.

ئوقۇغىنىڭلارغا رەھمەت، داۋامىنى چۈشتىن كېيىن يازاي
ئەسكەرتىش:تېما بىرىكتۈرۈلدى،تېمىنىڭ تۇلۇق نۇسخىسىنى  68-قەۋەتتىن كۆرۈڭ!
-تەھرىردىن




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 03:27 PM  


ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

bugaltir بۇ ئىنكاسنى 68-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : ئاللاھقا قايتقان دادام (تولۇق نۇسخىسى) دادامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە ھېلىغىچە ئىشىنەلمەيمەن. ماڭا ئۇ بىر يەرگە مېھمانغا كەتكەندەك، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. مىيىت ماشىنىس ...
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saba01 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
bilgeyar + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 03:39:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەت بولغاي . . . . . . . . .

داۋامى كۈتىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 03:48 PM  


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13404
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 8852 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 03:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتدە قىلسۇن . قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ سايسىدە تۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن . ئاللاھ ئەپۇ قىلىشىقا نىسىپ قىلسۇن . پۇلىمىز بولسا توي قىلانمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى توينى قىلىپ قويايلى . ئاتا -ئانىمىزغا ياخشى ..............؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aysiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 03:46 PM  


ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 03:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ  بۇ تېمىسىنى ئوقۇپ  ، مەرھۇم دادامنى ئەسلەپ  قالدىم   .
گۈلەن ئەپەندىم دىگەندەك :  ‹‹   ماڭا ئۇ بىر يەرگە مېھمانغا كەتكەندەك، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ  .  ››  مەنمۇ دادامنىڭ تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتكىنىگە  ھەيران قالىمەن   .  بۇ يىل ، روزى ھېيتنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، يولدا بىرەيلەن  ‹‹  دادىڭىز ئوبدان تۇرۋاتامدۇ  ؟ ››  دەپ سورىۋىدى  ،  ئوبدان تۇرۋاتىدۇ  . دە جاۋاپ بەردىم  .  كېيىن  بۇ ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى   .
ئاللاھقا قايتقان بارلىق مۇسۇلمان دادىلار ، ئاللاھنىڭ شاپائىتىدە  بولغاي   . ئاللاھ  ئۇلارغا جەننەتتىن ئورۇن ئاتا قىلغاي  .

باش سۆرىتىمدىكىسى  ، مەرھۇم دادام مۇھەممەت ئاخۇننىڭ قەبرىسى   .
دادام 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ( جۈمە )  تۇيۇقسىز نەپەستىن قالدى  ، شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ، خوتەن شەھەر تەيۋىزىم مازىرىغا دەپنە قىلدۇق  .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 03:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 دادىڭىزنى ئاللاھ رەھم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15947
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7071 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 03:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەبىر - سەبىر  ، ئەلەكمىلۇللا  قاندان قىلىمىز ئەمدى ، ھەممىمىزنىڭ بىشىدا بار ، بىر قىرىندىشىمىزنىڭ دادىسى ۋاپات بولسا ، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولىدۇ . بوغالتىر سىزمۇ دادىڭىزنىڭ قەبىرىسىى باش سۈرەت قىلىۋاپسىز . سەۋەبى نىمە ؟

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئاتا ياتقان جايى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 1311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17370
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8077 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىم قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر.  مەنمۈ دادامنى ئەسلەپ قالدىم.

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئاتا ئانام تېخى ھايات،بۇ ئەسلىىمىنى كۆرگەندىن كيىن بەزى ئىشلار يادىمىدىن كەچتى.ئاتا ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلار ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرشىمىز كىرەككەن.يەنىلا داۋامىنى كۈتۈب ئىنكاس يازاي.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4683
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم - ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى .....

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلار! ئامىن.
ھازىر يول قويۇلغان بولسا ئىدى، گۈلەن ئەپەندىمۇ بەلكىم مەسچىد بىلەن ئېتىز ئارىسىدا يۈرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى بوپ قالار ئىدى...دېمەك، دۇتتار كىمنىڭ دېگەندەك(چاقچاق)...كومۇنىسلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىۋاتىدۇ...

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15263
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2460 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 04:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر [14]. ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن [15].»31-سۈرە 14،15-ئايەتلەر

بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش