مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6919|ئىنكاس: 167

ئەزالارنى يۇمۇردا يانپاشقا ئالىمەن تازا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۇنى ئاخسا يىگىت ئۆي كۆچمەكچى بولۇپ , ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆيدىكى مەللىلىرىنى ساندۇققا قاچىلاپ تالاغا ئەپچىقىپ بولغاندىن كىېيىن ئۇنىڭ ئايالى:
—— سىز بۇ 10 ساندۇققا قاراپ تۇرۇڭ , مەن بىرىپ ماشىنا چاقىرىپ كىلەي - دەپتۇ。
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئايالى ماشىنا چاقىرىپ قايتىپ كەلسە , ئاخسا يىگىت تىخېچە ساندۇقلارنى ساناپ يۇرگۇدەك, ئۇ ئايالىغا :
—— سىز بۇ ساندۇقلارنى 10 دېگەن ئىدىڭىز, بىىراق مەن نەچچە رەت ساناپ باقتىم, 9 لا چىقىۋاتىدۇ, - دەپتۇ。
—— توغرا ئەمەس, بۇلارنىڭ  9  ساندۇقلىقى ئىنىق تۇرمامدۇ !
—— مەن ساناپ بىرەي ئەمىسە , “。。。。。 0,1,2,3,4”  。


مۇنبىرىمىزدىكى ماتىماتىكا باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
........
___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە  مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
    ماتېماتىكا :
___ ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !


!_ كىيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ بىز دەرسلەرنى ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىمىز_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا.
   _ ياق،ياق! بىز چۈشىنەلمەيمىز_ دەپ قارشى چىقىپتۇ سەھرالىق.
   _ چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەڭلا، مەن ھەر كۈنى ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەۋەرسەم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىلەر تەبىئى ھالدا چۈشىنەلەيدىغان بولىسىلەر،_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى.
   _ ئۇنداقتا، مەن كۈندە كۈچۈكۈمنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، بىراق تېخىچە ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدىمغۇ؟_ دەپتۇ سۈمەييا ھەيرانلىق بىلەن.

سۈمەييا ئۆينى رەتلەۋېتىپ، ئېرىنىڭ ناتونۇش بىر ئايال بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تېپىۋالدى. ئۇ ئېرىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى غەزەب بىلەن سورىدى.
      ئەر قىلچە تەمتىرىمەي جاۋاب بەردى:
      - بۇ بەش يىل ئىلگىرى قىز دوستۇم بىلەن چۈشكەن رەسىم. ئۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدىلا مۇناسىۋىتىمنى ئۈزۈۋەتكەن.
      - كىمىڭنى ئالدايسەن! - سۈمەييەنىڭ ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلىدى، - مەن بۇلتۇر توقۇپ بەرگەن پوپايكا بەش يىل ئىلگىرى ئۇچاڭدا نېمىش قىلىدۇ؟!

باھادىر  سول قولدا ماشىننىڭ رولىنى ، ئوڭ قولىدا لايىقىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قېلىپ  ۋاقىراپتۇ :
   - ئىككى قول بىلەن ئىككى قول !
  باھادىر دەرھال :
   - ئەمسە ماشىنىنى  قانداق ھەيدەيمەن ، - دەپ ۋاقىراپتۇ .

ئۆل ساتىراشخانىغا كىرىپ بېشىنى چۈشۈرتۈپ،پولمۇ تۆلىمەي سىرىتقا مېڭىپتۇ .
    - پۇلنى تۆلىمەمسىز ؟ - دەپتۇ ساتىراش ھەيران بولۇپ .
   - نىمە پۇل؟ - دەپتۇ ئۆل ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھەيران بولۇپ، - گال ئۇستىراڭنى بېشىمدا بىلىۋالغىنىڭغا سەن پۇل بەرسەڭ بۇلامدىكىن تېخى .

موللا زەيدىننىڭ ئىشىكىنىڭ  قۇيرۇقى كېسىۋېلىنغاندا ،ئېشەك زار-زار قاقشاپ ھالىدىن كېتىپتۇ. بۇ چاغدا كېسىۋېلىنغان قۇيرىقى       ئۇنىڭغا :
     -قانداق چىدىماس نىمە سەن ،مېنىڭدىن بىر پۈتۈن ئېشەكنى  كېسىپ ئېلىۋەتكەندىمۇ  غىڭ قىلمىدىم . سەن بولساڭ بىر تۇتام قۇيرۇقۇڭ ئۈچۈن شۇنچىۋالا داد-پەرياد سالسىنا! -دەپتۇ.

مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئالدىغا ئۈچ قەدەم مارش!- بۇيرۇق بەردى كوماندىر. ئالتە ئەسكەر ئالدىغا چىقتى.
   - ناھايتى ياخشى ! ئەمدى ئالتىڭلار بۇ پىئانىنۇنى 3- قەۋەتكە كۆتۈرۈپ چىقىڭلار

شىركەتتىن 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغان ئەر ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالى ئەركىنازغا  ساياھەت قىلىپ كېلىش ئارزۇسىنى دەپتۇ. بىراق بۇنىڭغا ئەركىناز قوشۇلماپتۇ:
   — بۇنداق قىلساق پۇلنى ئىسراپ قىلىۋېتىمىز، مەبلەغ سالىدىغان بىر ئىشنى ئويلاپ قويدۇم.
   بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەركىناز ئىرىگە دەپتۇ:
   — مەن بۇ پۇللارنى ئىككى تۈرگە مەبلەغ قىلىپ سالدىم!
   — قايسى ئىككى تۈرگە مەبلەغ سالدىڭىز؟
   — بىرىنچى تۈر، 10 مىڭ يۈەنگە ئۆزۈمگە بىر ئالتۇن بىلەيزۈك سېتىۋالدىم؛ ئىككىنچى تۈر، قالغان 10 مىڭ يۈەنگە ئاپامغا ئاتاپ يەنە بىر بىلەيزۈك سېتىۋالدىم. مېنىڭچە بۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك سېلىنغان مەبلەغ بولدى، ئالتۇننىڭ قىممىتى بەرىبىر ئاشىدۇ ئەمەسمۇ!

يېڭىدىن توي قىلغان چوغنىڭ ئايالى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگەن چوغنىڭ ئالدىغا ئۈچ تەخسە قورۇما كەلتۈرگەندىن كېيىن دەپتۇ:
   — قورۇمىلارنى ئالدىرىماي چايناپ، مەززە قىلىپ يەڭ!
   — نېمە ئۈچۈن ئەمدى؟
   — بۇنداق قىلسىڭىز بىرىنچىدىن، قورۇمىنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز؛ ئىككىنچىدىن، تاماق ئېتىشتىكى ھۈنىرىمنى بىلىپ قالىسىز؛ ئۈچىنچىدىن، بايا قورۇمىغا ئارىلىشىپ قالغان يىڭنىنى تېپىۋالىسىز.

نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە بىمارنى يىغىپ، ئۇلارغا بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
   — بۇ بىر پىكاپ، ھەممىڭلار پىكاپقا چىقىڭلار!
   بىمارلار بىر–بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، مىدىر–سىدىر قىلماپتۇ، بۇنى كۆرگەن دوختۇر داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ:
   — نېمىشقا پىكاپنى ھەيدەپ ماڭمايسىلەر؟
   — ھېچقايسىمىزنىڭ پىراۋىسى يوق!

يېڭىلا توي قىلغان باي خىنىم ئەر-خوتۇنلارغا ئۈزۈلمەي سوۋغا-سالاملار كىلىپ تۇرۇپتۇ، بىر كۈنى ئۇلارغا بىر كونۋېرىت كەپتۇ، كونۋېرىتنىڭ ئاستى ئادېرىسىغا پەقەت <<مىنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى تېپىپ بېقىڭلار>> دەپلا يېزىقلىق ئىكەن، ئۇلار بۇنىڭ كىمنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلمەي كونۋېرىتنىڭ ئىچىنى ئېچىپ قارىسا 2دانە كىنو بېلىتى ئىكەن، باي خىنىم شۇ كەچلىكى يولدىشى بىلەن كىنوغا بېرىپ، كىنونى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئۆيگە ئوغرى كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىنى قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار ئۈستەل ئۈستىگە قارىسا بىرتال قەغەز ئۈستىگە <<ئەمدى كىملىكىمنى بىلگەنسىلەر>> دەپ يېزىقلىق خەت تۇرغانىكەن.


قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە، بىر جۈپ ئەر - ئايال ياز پەسلى بولۇۋاتقان باشقا بىر مەملىكەتكە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلمەكچى بوپتۇ. ئەرنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغاچقا، ئايالى ئېرىدىن بىر كۈن ئاۋۋال بېرىپ جايلىشىپ تۇرۇپتۇ ۋە ئەتە كېلىدىغان ئېرىنىڭ رەسمىيەتلىرىنىمۇ بېجىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلخەت يوللاپتۇ. بىراق، ئادرېستا بىر ھەرپ خاتا يېزىلىپ قالغاچقا، خەت بىر كۈن ئاۋۋال خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن يەنە بىر ئادەمگە كېتىپ قاپتۇ. ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا بىر قاراپلا، دەھشەتلىك چىرقىراپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئاۋازنى ئاڭلىغان قوشنىلىرى يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئۇلارغا ئېكراننى كۆرسىتىپتۇ: ‹‹سۆيۈملۈك ئېرىم، بۈگۈن مەن بۇ يەرگە كېلەر - كەلمەيلا، ئالدى بىلەن ئەتە سېنىڭ كېلىشىڭگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ قويدۇم، ئاندىن ماڭا ئايرىلغان يەرگە جايلاشتىم. بۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ خەقلەر دېگەندەك تونۇرغا ئوخشاش ئىسسىق ئىكەن... سېنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن... — ئايالىڭ››.


نازىلە998 سوراپتۇ:
-    ھېلىقى ئايال كاتىپىڭىزنىڭ شىركەتكە كىرگىنىگە قانچىلىك بولدى؟
ئېرى:
-    3-4 يىللار بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.
-    ئۇ قانچە ياشقا كىردى؟
-    30 دىن ئاشقاندۇ، بۇنى ئېنىق سوراپ باقماپتىمەن.
-    ئۇ چىرايلىقمۇ؟
ئادەتتىكىچە، لېكىن ھەر ھالدا بولىدۇ،
-    ئۇنىڭ كىيىم كىيىشى قانداق؟
-    ناھايىتى تېز! – دەپ ساپتۇ ئەر ئويلانمايلا

تۇنجى قېتىم چوڭ شەھەرگە كىرگەن دەتمەن بىر كۈن شەھەر ئايلىنىپ، قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، ئاشخانىغا كىرىپتۇ، تاماق تىزىملىكىگە قارىسا ھەممە تاماقلار شۇنداق قىممەت ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مۇلازىمنى چاقىرىپ سوراپتۇ:
-ئاشخاناڭلاردىكى تاماقلار بەك قىممەت ئىكەن، ئەرزانراق تامىقىڭلار يوقمۇ؟
مۇلازىم ئۇ دەتمەنگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ئەپەندىم، ئاشخانىمىزغا تۇنجى كېلىشىڭىز ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولسا ئاشخانىمىزنىڭ ھەقسىز تائاملىرىدىن تېتىپ باقامسىز؟
دەتمەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بوپ كېتىپتۇ:
-ئەلۋەتتە بولىدۇ!
مۇلازىم ئاشپەزگە قاراپ :
بۇ ئەپەندىمگە بىر قاچا مەنتەڭ!



   


تاماق ئېتىۋاتقان سۈمەييە( مۇنبىرىمىزدىكى كىچىك سۈمەييە) غودۇراپ:
-مۇشۇمۇ ئۆي بولدىمۇ؟ يا گۆشنىڭ تايىنى يوق، يا كۆكتاتنىڭ؟
ئېرى ھېجىيىپ تۇرۇپ:
-بار شارائىتتىن پايدىلىنپ بىر نىمە قىلىپ ئېتىپ تۇرمامسەن؟
تاماق پىشقاندا ئېرى غودۇراشقا باشلاپتۇ:
-مۇشۇمۇ تاماق بولدىمۇ؟ يا رەڭگى يوق، يا تەمى.
بۇ چاغدا سۈمەييە ھېجىيىپ تۇرۇپ:
-بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ بىر نىمە قىلىپ يەپ تۇرمامسىز.


-قانداق مىتىرنى مېللىمىتىر دەيمىز؟
-مىللىلار ئىشلىتىدىغان مىتىرنى  مېللىمىتىر دەيمىز!

بىر ئىت قاسساپلىق قىلىۋاتقان ئاخسا يىگىتنىڭ دۇكىنىدىن بىر پارچە گۆشنى چىشلەپ قېچىپتۇ. ئاخسا يىگىت بۇنىڭ قوشنىسى كەلگۈدىنىڭ ئىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، كەلگۈندى ئادۇۋكات ئىكەن.
ئاخسا يىگىت  كەلگۈندىگە تېلېفون ئۇرۇپ سوراپتۇ:
_ ۋەي، ئەگەر سىزنىڭ ئىتىڭىز دۇكىنىمدىن بىر پارچە گۆشنى چىشلەپ قاچسا، سىز ئۇنى تۆلەمسىز؟
كەلگۈدى: ئەلۋەتتە تۆلەيمەن، نەچچە پۇل؟
قاسساپ:  7.98 يۈەن.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قاسساپ 7.98 يۈەنلىك بىر پارچە چەكنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. بۇ چەك بىلەن يەنە بىر پارچە تالونمۇ بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «قانۇن مەسلىھەت ھەققى 150 يۈەن» دەپ يېزىلغانىكەن.



سەھرالىق دەرس سۆزلەۋېتىپ  ئاخسا يىگىتتىن سۇئال سوراپتۇ:
بىر دانە ۋاسكىتبۇل 20يۈەن  بولسا 3 دانە ۋاسكىتبۇل قانچە يۈەنگە  كېلىدۇ ؟؟؟
  ئاخسا يىگىت تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز سەھرالىققا تېلفۇن كېلىپ قاپتىكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭلار دەپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
  ھايال بولمايلا كىرىپ ھە  ئەمدى دەڭە قانچىگە كېلىدىكەن؟؟؟دەپتىكەن  .
ئاخسا يىگىت :
-مۇئەللىم ئەمدى يەنە سىزگە تېلفۇن كەلمەمدۇ دېگۈدەك...









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 05:30 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ahsayigit + 59 زاغرا پايدا قىلغان چې.
bayhenim + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
باھادىر + 30 مىللىمېتىر پەيزىكەن.
qog + 30 يىڭى يۇمۇرلاكەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 187   باھا خاتىرىسى

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11652
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمىنداق قىززىق يۇمۇرلار بۇ.مەن ئەمدى تاماق يىگەندە بەك دىققەت قىلمىسام بولمىغىدەك،چۈنكى ھىلىقى يىڭنە گىلىمدىن ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەيمىنا

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانچە-مۇنچە قىز تورداشلارنىمۇ يانپاشقا ئەپ سالغانتىم، رەنجىمىگەيسىلەر

يانپاشقا ئىلىش؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ


بۇ ئۇنچىۋالا گەپ ئەمەس. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغلاردا چىلىشلاردا رەقىپلىرىنى يانپاشقا ئىلىپ يۈزى يورۇق ئىدى.

يانپاشقا ئىلىش-- پۇتلاش،كۆتۈرۈپ تاشلاش دىگەندەك قارشى تەرەپنى يىقىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى

ھازىرغا كەلگەندە يىگىتلەر چىلىشماي تاڭسا ئوينايدىغان بولىۋالدى.
يەنى چىلىشتا يانپاشقا ئالامايدىغان تاڭسىدا قىزلارنى ۋەيران قىلىدىغان بولدى.

بۇنداق ئەھۋالدا كىم بىلەن چىلىشىمەن؟كىمنى يانپاشقا ئالىمەن؟شۇڭا مۇنبەردە يۇمۇردا بولسىمۇ يانپاشقا ئەپ تۇردۇق.

بۇ تىمىدىكى يانپاشقا ئىلىش دىگەنلىك يۇمۇردا جەڭ ئىلان قىلىمەن ياكى يۇمۇردا بەسلىشىمەن،يۇمۇردا يىقىتىمەن دىگەندەكلام گەپ

خاتا چۈشەنمەڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 07:30 PM  


سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قىزقارلىق ھەم يىڭى يۇمۇرلار ئىكەن ، بولۇپمۇ ئادۇكاتنىڭ بەكلا يارىدى ماڭا

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆمەي تۇرۇپ كۇلۋىتەي ئاۋال
بىيدەم تۇرۇپ ۋاقىت چىقرىپ ئوقامەن .........

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 05:00:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 05:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمىدىگەن ظەقىللىق ھە
ظۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دىگەندەك جاۋاپ بىرەلىپتىمەن كىچىك بولساممۇ ھى ھى ھى
مىنى ظۇنتۇپ قالماي يانپاشلاپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت
ھەممىسى يىڭى يۇمۇرلاركەن تازا كۈلىۋاپتىمەن

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 05:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-30 05:00 PM
بىزنى يانپاشقا ئالالمايلا شۇڭا قوشماپلىدە

ئەمدىشۇ، يانپاشقا ئالسام باشقىلار بىر كەلگۈدى مۇساپىرنى بوزەك قىپتۇ دەپ قالمىسۇن دەپ شۇ

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 05:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش