مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5475|ئىنكاس: 71

QQ توپى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20272
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 765 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 03:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھەربىي سەپتىن قايتىپ كېلىپ ناھىيىدىن: < ئەلىنىڭ ھەربىي سەپتە تۇرغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى، ھەم ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشى بولغان، شۇڭا كەنىتتىن بىر كىشلىك خىزمەت ئورنى بېرىلسۇن!> دېگەن ئىككى قۇر خەتنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە يېنىپ چىقتىم.
   ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئىككى-ئۈچ كۈننى كەشىمنىڭ سۇڭىغا دەسسەپ ئۆتكۈزۋەتتىم.ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كەنىت سېكىرتارىنى ئىزدەپ ئىككى كۈن ئۆتتى،بۇ ئادەمنى يا ئۆيىدە يا كەنىت ئىشخانىسىدا ئۇچرىتالمىدىم.
ئاخىرى دادامنىڭ گېپى بويىچە تاڭ ئەمدىلا يۇرىشىغا كەنىت سېكىرتارىنىڭ ئىشىك ئلدىغا بېرىپ دەرۋازىۋەن بولدۇم.دادامنىڭ دېگىنى توغرىكەن،مەن بېرىپ بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ئاۋال دەرۋازا ئېچىلىپ، ئارقدىنلا چاپاق باسقان كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ، قىپقىزىل موتسىكلىتقا مىنگەن نامان سېكىرتار چىقىپ كەلدى.
مىنىڭ ئۆزىگە قاراپ كەلگىنىمدىن ئەتگەندە ئادەمنى مالال قىلىپ نىمە ئىشى باردۇ دىگەندەك ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن سەت قاراپ موتسىكلىتنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.
_ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم نامىنىكا قانداق ئەۋالىڭىز؟
-ھە ئەلىمۇ سەن؟ھەربىي سەپتىن قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟مەندە نىمە ئىشىڭ بار ئىدى؟تىزراق دە مەن ئالدىرايمەن، مۇشۇ تاپتا ئاخشامقى سورۇننىڭ داۋامى كۈتۈپ تۇرىدۇ- دىدى ئۇ سەت ھىجىيىپ.
سىزنى تاپمىقىم سەل تەسكە توختىدى شۇڭا ئۆيىڭىزگىلا كەلگەن،مەن شۇندا دىگەچ مەيدە يانچۇقۇمدىن ناھيىدىن قىلىپ بەرگەن خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم.
ئۇ چاپاق باسقان كۆزلىرىنى خەتكە چالا-بۇلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپلا ماڭا ئۇزاتقاچ ھازىر كەنىتتە بوش ئورۇن يوق سايلامدىن كىيىن بىر گەپ بولسۇن ئۆزەم خەۋەر قىلىمەن، دىگىنىچە مېڭىشقا تەمشەلدى،ئۇنىڭ <ئۆزەم خەۋەر قىلىمەن>دىگىنىنى مىنى ئاۋەرە قىلما دىگىنى دەپ چۈشەندىم.
سېكىرتار موتسىكلىتنى ئىككى قەدەم قوزغۇتۇپ بىرەر ئىش يادىغا كەلكگەندەك توختاپ گۆشلۈك يۈزىنى يانغا بۇرىدى،توغرا يۇقرىدىن كەنتىمىزگە 4 دانە كومپىيوتىر بېرىپتۇ. ئەتە تېلگىراف ئىدارىسىدىكىلەر چىقىپ تورغا ئۇلىماقچى سەن شۇلارغا ياردەملىشىپ ھە-پە دىيشىپ بەر قالغان ئىشنى كىيىن مەسلەتلىشەرمىز،ئەتە سائەت10لاردا كەنىت باشلىقى تۇنياز تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە بار ئىشنى شۇ يەردىن باشلايمىز،- دىدى ئۇ.
ماقۇل ئەتە باراي ،،ئۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپ بولۇپلا يۇرۇپ كەتتى.
ئەتىسى تېلگىراف ئىدارىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ يۈرۈپ كومپىيوتىرنىڭ بىرنى كەنىت باشلىقى تۇنيازنىڭ ئۆيىگە،يەنە بىرىنى نامان سېكىرتارنىڭ ئۆيىگە،ئۈچۈنچىسىنى بىزنىڭ مەھەللىنىڭ باشلىقى قۇرباننىڭ ئۆيىگە،تۆتىنچىسىنى مۇئاۋىن كەنىت باشلىقى جۈمە ئەلنىيازنىڭ ئۆيىگە ئورنىتىپ تورغا مۇۋاپىقيەتلىك ئۇلاپ بولدۇق.
تىلگىراف ئىدارىسىدىكىلەر كەتكەندىن كىيىن جۈمە ئەلنىيازنىڭ ئۆيىدە بۇ تۆت ئەمەلدارغا تورغا قانداق چىقىش ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورىغا قانداق كىرىش دىگەندەك بىر قىسىم ئاددىي يەرلەرنى ئۆگەتتىم،مەھەللە  باشلىقىنىڭ توردىن ئانچە مۇنچە خەۋېرى بارىكەن ئۇنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بۇ تۆت ئەمەلدارغا بىردىنQQ ئېلىپ بەردىم،ھەم ھەمىسىنى بىر-بىرسىنىڭ QQسىغا قۇشۇپ بەرگەندىن سىرىت مەنمۇ بۇ كەنىت باشلىقلىرىنىڭ QQ لىرىنى QQ رىمغا قوشىۋالدىم.
ئەتىسىدىن باشلاپ بىچارە مەھەللە باشلىقى بىكار بولسىلا كەنىت باشلىقى، سېكىرتار، مۇئاۋىن كەنىت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ  QQ لىرىغا توردىن قىز ئىزدەپ قۇشۇپ بىرىدىكەن ھەم قانداق پاراڭلىشىشىنى ئۆگىتىدىكەن.
ئارىدىن ئون كۈنلەر ئۆتكەندە كومپىيوتىرغا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى نامراتلىقىمىزغا قارىماي خاتىرە كومپىيوتىردىن بىرنى سېتىۋېلىپ سىمسىز تور بىلەن تورغا چىقىپ يۈردۈم.ئارلاپ نامان سېكىرتارنىڭ،بەزىدە كەنىت باشلىقى ھەم مۇئاۋىن كەنىت باشلىقىنىڭQQ لىرى ئېچىلىپ قالاتتى.ئەمما قۇربان مەھەللە باشلىقىنىڭQQ رى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇچۇق تۇراتتى،قارىغاندا يۇقرىدىن بەرگەن كومپىيوتىرنىڭ پەيزىنى مۇشۇ ئادەم ھەممىدىن بەكرەك سۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي مەھەللىمىزدىكى ياشلار بەس-بەستە كومپىيوتىر سېتىۋېلىشقا باشلىدى،ھەم كومپىيوتىر سېتىۋالغانلارنىڭ سانى ئوندىن ئاشتى،تۇرۇپلا كاللامغا بىر خىيال كىلىپ بىر QQتوپى قۇرۇپ مەھەللىدىكىلەرنى قۇشۇپ قويدۇم،بۇ قاتاردا نامان سېكىرتار،تۇنياز كەنىت باشلىقى،جۈمەمۇئاۋىن كەنىت باشلىقى،ھەم قۇربان مەھەللە باشلىقىمۇ بار ئىدى.كۈندە ئاخشىمى مەھەللىمىزنىڭQQ توپى قىززىپ كىتەتتى.كىمنىڭ ئىتى كىمنى چىشلىۋالغانلىقى،كىمنىڭ قىزى بىلەن كىمنىڭ ئوغلىنىڭ تويى بولىدىغانلىقى،ئىشقىلىپ مەھەللىدىكى يېڭىلىقلاردىن مۇشۇ توپ ئارقىلىڭ خەۋەردار بولاتتىم.
كەنىت باشلىقلىرىQQ توپىغا قانداق خەت يېزىشنى بىلمىدىمۇ ياكى بىلسىمۇ كارى بولمىدىمۇ ئىشقىلىپ پاراڭلىرىمىزغا ئارلاشمايتتى.

              *                                  *                                     *                                     *

ئەتگەندىلا ئېغىلدىكى ئىنجىمارۇق ئىشەك ھاڭراپ ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتى،ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىمىمنى، كىيىپ پۇتۇمغا ساپما كەشنى سېپىپ سىرىتقا چىقىشىمغا، ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ئاز كىلىپ قالغاندەك ئانىسىدىن نەپ ئالالمىغان موزاي جېنىنىڭ بارىچە مۆرەشكە باشلىدى.قارىغاندا بۇ جانىۋارلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندەك قىلاتتى.كەشىمنى سۆرەپ باغ تەرەپتىكى تامغا يۆلەنگەن بۇلتۇرقى قوناق شېخىدىن ئىككى باغلام كۆتۈرۈپ كىلىپ ئىشەك بىلەن كالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم،ئۇلار ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويدى دە شاخنى ئىشتىھاسىزلا چايناشقا باشلىدى،ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئېرىققا چىقىپ يۈز -كۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ئۆزەمنىڭمۇ قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى سەزدىم.ئۆيگە كىرىپ پەشخۇن ئۈستىدە سەللىسى يوق موللامدەك گۆشىيىپ تۇرغان چايدانغا ناشتا قىلىش ئۈچۈن قول ئۇزاتتىم.دادام چوڭ ئاچامنىڭ ئۆيىگە كەتكىلى ئىككى كۈن بولغان ئىدى،رەھمەتلىك ئاپامدىن كىيىن قېلىپلا مۇشۇنداق غورگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈپ يۈردۈق،تۇرۇپلا ھەربىيلىكتە تۇرغان ۋاقىتتىكى يىمەي ئىسراپ قىلىۋەتكەن تاماقلار كۆز ئالدىمغا كەلدى.
شۇ خىياللار بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرسام دەرۋازا قېقىلدى،بۇ ئەتگەندە كىمدۇ بۇ دەپ دەرۋازا ئالدىغا چىقسام مەھەللە باشلىقى قۇربان ۋېلىسپىتىنى تۇتقىنىچە گىدىيىپ تۇراتتى.ئۇنىڭغا ئۇزاتقان قۇلۇم ھاۋادا قالدى.
-مىنىڭ نىمە ئىش بىلەن كەلگىنىمدىن خەۋېرىڭ بارمۇ؟ئۇ مۇغەمبەرلەرچە ھىجايدى،ياق خەۋېرىم يوق دىدىم مەنمۇ پەرۋاسىزلا..بۇنچە ئەتىگەندە بۇ ئادەمنىڭ ياخشى ئىش بىلەن كەلمەيدىغانلىقى مەھەللىدىكى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى.كەنىت باشلىقى تۇنيازكامنىڭ ئەمىلىنىڭ كەنىت بويىچە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
_ئىككىنچى ئورۇندىغۇ دەيمەن دىدىم مەن.
-شۇنى بىلىدىكەنسەنيۇ نىمىشقاQQ توپىنىڭ ئەڭ ئاستىغا تىزىپ قويدۇڭ؟
نىمە؟مەن بۇ گەپتىن يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم.بەلكىم تور ئىسمى سەۋەپلىك شۇنداق بولغاندۇ بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەسقۇ؟
-باھانە ئىزدىمە!ئاقىۋېتىڭگە ئىگە بولالماي قالما يەنە!ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كۆزۈمدىن يوقالدى.
توۋا دىدىم ئىچىمدە مۇشۇ ئىشقىمۇ ئادەمنى ئاۋارە قىلغان بارمۇ؟.
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئېتىزلىقتىن قايتىن ئۆيگە كەلسەم دادام ھازىرلا جۈمە مۇئاۋىن كەنىت باشلىقىنىڭ كىلىپ كەتكەنلىكىنى،ھەم بالىڭىز ھەربىيلىكتىن كىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىش بىجىرەلەيدىغان بولۇپ كىتىپتۇ،ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلىشنى ئۆگىنىۋالسۇن دەپ سېسىق گەپتىن ئىككى تاغار قىلىپ قۇيۇپ كەتكەنلىگىنى ئېيتتى.مۇئاۋىن كەنىت باشلىقىنىڭ قاچانلاردا چىششىغا تىگىپ قويغاندىمەن دەپ يېرىم كىچىگىچە خىيال سۈرۈپ چىقتىم.
ئەتىسى ناھيىگە كىرىپ چىقاي دەپ تەييارلىق قىلىۋاتسام تېلفۇن كىلىپ قالدى ئالسام نامان سېكىرتار،كەنىت
ئىشخانىسىغا كەل ،ئۇنىڭ تەلەپپپۇزى خېلى يامان ئەمەس ئىدى.قارىغاندا ئۆزەم ئىزدەيمەن دەۋاتقان بىر گەپ بولۇپ قالامدۇ نىمە؟بولسا كىچىكرەك بولسىمۇ بىرەر خىزمەت بەرسە مەھەللەم ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشسام،شۇ خىياللار بىلەن كەنىت ئىشخانىسىغا قانداق كىلىپ قالغىنىمنى تۇيمايلا قاپتىمەن.
ئىشىكتىن كىرىشىمگە سېكىرتارنىڭ ماڭا قاراشقا چولىسى يوق ھالدا گەپ باشلىدى.
-مەھەللىنىڭ QQ توپىنى سەن قۇردۇڭغۇ دەيمەن؟
-شۇنداق.
-دىمەك بىز تۇرغان يەردە مەھەللىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە يىغىۋېلىپ ئۆز ئالدىڭغا باشقۇرۇپ يۇردۇڭما؟تېخى ئاڭلىسام ئەبەيدۇللا قارىنىڭ ئوغلىنىڭ باشلىقلىقتىن ئېلۋېتىپ ئىسمائىلنى قىلىپ قۇيۇپسەن،ئۆز ئالدىڭغا خالىغانچە ئىش قىلىشقا كىمدىن رۇخسەت ئالدىڭ؟ئۇ سېسىق گەپلىرىدىن سۈيۈندىمۇ ئەيتاۋۇر سېمىز قورسىقىنى سىلاپ قويدى.
بۇ ئادەمنىڭ دەۋەتقىنىQQ توپىدىكى گەپلەر ئىدى،ئەبەيدۇللا قارىنىڭ ئوغلى قاھارنى توردا كۈندە بار دەپ QQ توپىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قىلىپ قويغىنىم راس، لىكىن ئۇ كىيىن تورغا چىقماس بولىۋالغاچقا ئىسمائىلنى قىلىپ قويغانتىم. بۇ ئۇنچىۋالا زىغىرلاپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەستىغۇ؟ھەم بۇلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىگىمۇ كىرمەيدىغۇ؟ئۆزەمچە ھەيران بولدۇم.
-ھە گەپ قىلمايسەنغۇ؟تېخىQQ توپى دىگەن نەرسىنىڭ ئاستىدىن سانىغاندا ئۈچۈنچى ئورۇنغا مىنى چۈشۈرۈپ قۇيۇپسەن بۇنى نىمە دەيمىز؟ئۆزەڭ ئەڭ باشقا چىقىۋاپسەن..
بۇ تور ئىسم سەۋەپلىك شۇنداق تىزىلىپ قالغان ئىش،ھەرگىزمۇ باشقا مەخسەتتە ،ياكى مەن قەستەن ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويمىدىم ،دىدىم مەن بۇغۇزۇمغا قاپسىلىپ قالغان كۈلكەمنى ئاران تۇتىۋېلىپ.
تولا مۇغەمبەرلىك قىلما!چىقىپ يىغىن ساقلا سەل تۇرۇپ كەنىت بويىچە چوڭ يىغىن ئېچىلىدۇ.
يىغىندا كەنىت باشلىقى يوقارقى ئۆستەڭ قۇرلۇشىغا بىر ھەپتىلىك ھاشارغا باردىغانلىقىمىزنى،ھەممە ئەزالارنىڭ بىر ھەپتىلىك يىمەك-ئىچمەكلىرىنى تەييار قىلىپ ئەتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاخىرىدا نامان سېكىرتار سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى:-مەھەللىمىزدە بەزى ياشلىرىمىزدا كەنىت كادىرلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق خاھىشى ئېغىرلاپ كەتكەن،ئەگەر بۇ ياش ئىشنىڭ ئالدىنى تىزدىن ئالمىسا ئاقىۋېتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ،دىدى ھەم ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى.
يىغىندىن قايتقاچ ئويلاپ قالدىم توۋا نىمە بالاغا قالغاندىمەن بۇ خەقكە؟
ئۆيگە كىلىپ دادامغا يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشۇمغا دەرۋازىدىن بويۇنداپ قاراپ مۇئاۋىن كەنىت باشلىقى جۈمە ئەلنىياز كىرىپ كەلدى ۋە دەرۋازىدىن ئىككى مىتىر كىرە-كىرمەيلا، ئەتە ھاشارغا سىلەرمۇ بارىسىلەر،بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى،بۇ نامان سېكىرتارنىڭ بۇيرۇقى.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كەينىگە ياندى.دادام ئىككىمىز تۇرۇپلا قالدۇق،مەن بىر نەرسىنى بىلگۈدەك بولغاندا ئىسىمدە قېلىشىچە مەھەللىمىزدە توك يوقكەندۇق،دادام ئۆيدىكى كالىنى سېتىپ بىر ماتۇر ئېلىپ مەھەللىنى 3يىل ھەقسىز توك بىلەن تەمىنلىگەن،شۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ ھاشىرىمىز يېزىلىق ھۆكىمەت تەرەپتىن كۆتۈرىۋېتىلگەن ئىدى.
ئاردىن نۇرغۇن يېزا باشلىقى،ھەم كەنىت باشلىقلىرى ئالماشقان بولسىمۇ ھىچقايسى بىزنى ھاشارغا ھەيدەپ باققان ئەمەس ئىدى،ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر QQ توپى سەۋەپلىك ھاشارغا ھەيدىلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
بولۇپتۇ بالام بارساڭ بارغىن،ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ھىچۋەقەسى يوق.بۇمۇ مەھەللىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشقىنىڭ بولۇپ قالار.
داداممۇ شۇنداق دەۋەتقان يەردە ماڭا نىمە ئامال،ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلاي دەپ دوقمۇشتىكى ماگزىنغا لازىملىق نەرسە-كىرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقتىم.
دوقمۇشقا ئاز قالغاندا مەھەللە باشلىقى قۇربان قارشى تەرەپتىن ۋېلىسپىتلىق كىلىپ ئۇدۇلۇمدا توختىدى.
ئەسلى سىلەرنىڭ ئۆيگە ماڭغان سەن ئۇچىراپ قالدىڭ ماۋۇنى مۇشۇ يەردىلا ساڭا بىرىپ،كەينىمگە ياناي،ئۇ مەسخىرلىك ھىجايغاچ   تۆش يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ماڭا بېرىپ كىتىپ قالدى.
خەتنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم،بۇ يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ئۇختۇرۇشى ئىدى،يەنە كىلىپ بىزنىڭ ئائىلىگە ئاتاپلا يېزىلغان ئىكەن .ئۇختۇرۇشنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىۋاتىسىلەر ھەقاچان.

                                        ئۇختۇرۇش
ئەمەت قۇرباننىڭ ئوغلى ئەلى ھەربىي سەپتىن قايتىپ كىلىپ كەنىت باشلىقلىرىنىڭ كۆزىنى بۇياپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن ئەزالارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇپ يۈرگەن.شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم ئەزالار كەنىت باشلىقلىرىنى ھەم مەھەللە باشلىقىنى كۆزگە ئىلماي بۇيرىقىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان، شۇ سەۋەپتىن ئەمەت قۇرباننىڭ ئائىلىسى ئەتىدىن باشلاپ ھەر قانداق ھاشارغا تۇلۇق قاتنىشىدۇ، ھەم مۇشۇ بىر ھەپتىلىك ھاشاردا بۇلار ئىككى كىشلىك ئىشلەپ  گۇناھىنى يۇيىدۇ.بۇيۇنتاۋلىق قىلسا بارلىق تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنىدۇ.
***يېزىلىق خەلىق ھۆكىمىتى.
**يىلى**ئاينىڭ ** كۈنى.

بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ دۇكانغىمۇ بارماي ئۆيگە قايتتىم.ئەمدىكى مەسىلە بۇ ئىشلارنى دادامغا قانداق چۈشەندۈرۈش ئىدى.بىرQQ توپىنىڭ ماڭا بولۇپمۇ بىزنىڭ ئائىلىگە بۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىرنى ئېچىپ  QQ توپىغا نەزەر سالسام ھەممە ئادەملەر تور ئىسمى بويىچە قاتار تىزىقلىق تۇراتتى،خۇددى بىرسى قەستەن قىلىپ قويغاندەك بۇ تۆت ئەمەلدارلار توپنىڭ ئەڭ ئاستىدىن ئۇرۇن ئالغان بولۇپ مىنىڭ باش سۈرىتىم ئەڭ باشتا پارقىراپ تۇراتتى.
ئاچچىقىمدا توپنى تارقىتىۋېتىش دىگەن خەتنى غەزەپ بىلەن باستىم.


مەنبە~ كارۋان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 04:10 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
كۈيلەن + 10 ئوغرىلانغان تىما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15615
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 6976 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋاننىڭ قىلمىغان ئىشى يوقكىندە ، سىكىرتاربىلەن شۇجىغا سىسىق ھاراقتىن بىرنى قۇيۇپلا ، خىزمەت ئىشىنى سۈيلىمەي ....

پايدىسى يوق چ چ توپىنىڭ پەقەتلا م،  زادى ، قەتئىي

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

"/ئارتۇق گەپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11889
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3625 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىلىدىم... توۋا... بىزدىكى كەنت مۇدىرلىرى قانچىلىك چوڭ ھوقۇقدار-ھە؟ سەۋىيەسى بولسا، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرمەي، ئۆزىلا توپ قۇرۇپ، توپ باشلىقى بولۇۋالسا بولمامدىكىنە؟

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72641
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3568
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-1-5
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:29:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-30 04:22 PM
كارۋاننىڭ قىلمىغان ئىشى يوقكىندە ، سىكىرتاربىلەن شۇجى ...

بۇرادەر  سىكېرتار بىلەن شۇجى ئىككىسى بىر ئاتالغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تۆت باشلىقنى قەتتىي ئۆستۇرۈش كىرەكئەمما كاللىسى بەك ئۆتكۈركەن بۇلانىڭ

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7820
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 4833 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىگەن قىزقارلىق ، كۈلكەمنى باسالمىغان ھالەتتە ئوقۇپ چىقتىم .



ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:40:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ھەجەپ قىززىق كەنت ئەمەلدارلىرىكەن بۇلارچ چ توپى قۇرغانغا تويغۇزىۋىتىپتىغۇ،ھاشاردا ئىشلەيدىغان گەپما ئەمدى

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79274
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3361
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما مۇنبەر نىمە بولاپ كىتىۋاتىدۇ....بىكادىن-بىكا تىما ئىنكاس ئۆچۈرلىدىغان،تىمىلار تەستىقلانمايدىغان بولاپ كىتىۋاتىدۇ.. نى-نى تەستىقلىنىۋاتقان پاخشى تىمىلاردىن مىڭ ياخشى تىمىلار ئىدى ...سىېرتتىن مىڭ دىشۋارچىلق بىلەن تورغا كىرسە يەنە شۇ دىشۋارچىلىق...
مۇنبەرداشلا قىنىمنى سىتىپ بولسىمۇ بىر مۇنبەر قۇراي..شۇ يەرگىلا كۆچىۋالمامدۇق...
ما مۇنبەردە تۇرىۋەسەك چىراي ئىپادىسى يوللىغاندەك، بارغانسىرى ئىنكاسلارنىمۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن تاللاپ يازىدىغان بولاپ كىتىدىغان ئوخشايمىز



==============================================
تەھرىردىن: ئۇ يەر بۇيەردىن كۆچۈرمەي ئۆزىڭىز ئەجىر قىلىپ يوللاڭ. ماۋۇ مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاچقا بەزى مەخسۇس خەۋەر تورىدا، مەخسۇس دىنى تورىدا  ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى ئېلان قىلغىلى بولمايدۇ. تورداشلارنىڭ ھەممىسى دىنى تور بەتلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا سىياسىغا چېتىلىدىغان، قۇيۇق دىنى پۇراقتىكى تىمىلارنى تەستىقتىن ئۆتمەيۋاتىدۇ، بۇ قانداقتۇر دىنسىزلىق بولماستىن ماۋۇ مۇنبەرگە ماس كەلمەيدۇ. ئەدەبىيات سەنئەتنى باش تېما قىلىنغان ئونۋېرسال مۇنبەردا دىنى تىمىلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپمۇ، ياخرىراق مۇلازىھىمۇ چۈشمەيدۇ، بەزىلەر دىنى خاتا بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ دىننىڭ ئوبرازىنى تۈكىدۇ. شۇڭا بەك قۇيۇق دىنى پۇراقتىكى تىمىلار تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ،سىزنىڭ تىمىڭىز    كۆچۈرلمە، دىنغا ئائىت، تەكرار ... قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تەستىقتىن ئۆتمىگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 06:53 PM  


http://1001keqa.blogbus.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4613
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس قىزقارلىق ئىكەن.

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتتاب يوللىغان ۋاقتى  2012-8-30 04:46 PM
ما مۇنبەر نىمە بولاپ كىتىۋاتىدۇ....بىكادىن-بىكا تىما ئى ...

راس  سەل پەرۋاسىزلىق بار

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش