تۈركىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى
ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركلىرى ئەسلىدە سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ مىلادىيە11-ئەسىر ئەتراپلىرىدائوتتۇرا ئاسىيادىن كىچىك ئاسىياغا كۆچۈپ كەلگەن.1299-يىل ئوسمان ئېمپىرىيەسىنى قۇرغان،1453-يىل 29-مايدا كونىستانتىنپولنى ئىشغال قىلىپ شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسىنى يوقاتقان.16-ئەسىردە گۈللەپ ياشنىغان، ھۆكۈمرانلىق قىلغان دائىرە ياۋروپا،ئاسىيا ۋە ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ قىتئەنى ھالقىغان،17-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ خاراپلىشىشقا باشلىغان.19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا ئاۋسترىيە-ھۇنگرىيە ئېمپىرىيەسى ئوسمان ئېمپىرىيەسىگە كېڭەيمىچىلىك قىلغان،بۇئاۋسترىيە-ھۇنگرىيە ئېمپىرىيەسى بىلەن چاررۇسسىيە ئېمپىرىيەسى ئوتتۇرسىدىكى ئوتتۇرا شەرققە بولغان تالىشىشنى جىددىلەشتۈرۋەتكەن.ئوسمان ئېمپىرىيەسى1914-يىلدىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقاقاتناشقان،1918-يىل مەغلۇب بولغان."ۋېرېسال تىنىچلىق شەرتنامىسى"غائاساسەن ئوسمان ئېمپىرىيەسى زور تۈكۈمدىكى زېمنىدىن ئايرىلىپ قالغان.1919-يىل مۇستاپا كامال مىللى ئازادلىق ئۇرۇشى قوزغىغان،1923-يىل 29-ئۆكتەبىر تۈركىيەجۇمھۇريىتى قۇرۇلغان.
ئاناتولىيەنىڭ قەدىمقى دەۋرى
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن نوھ ئەلەيھىسسالام كېمىسى ئارارات تېغىدا توختىغانغا قەدەر ئاناتولىيە ئىنجىل دەۋرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.خىتتىلار(Hattians)،لۇۋىلار(Luwians) ۋە ھۈررىلەر(Hurrians) ئارقا-ئارقىدىن كىچىك ئاسىيانى ئىگەللىگەن، كېيىن ئارىيانلار(Aryans) خاتتۇشاش(Hattuşaş)نى ئىشغال قىلغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1800-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1170-يىلغىچە خىتتىلەر گۈللەنگەن.
قەدىمقى دەۋردىكى ئاناتولىيە
خىتتى ئېمپىرىيەسى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى1170-يىلى گۇمران بولغاندىن كېيىن ئاناتولىيەدە ھاكىميەت بوشلۇقى پەيدا بولغان.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ھىندى-ياۋرو تىللىق مىللەتلەر ۋە "دېڭىز مىللەتلىرى" بۇرايونغا كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىشكە باشلاپ كۆچمەنلەر دولقۇنىنى ھاسىل قىلغان.فرىگلەر(Phrygians)مۇ مۇشۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدە بار بولۇپ ئۇلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى9-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرگىچە گوردىيۇم(Gordium) ئاستانە قىلغان فرىگىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.سىرىتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلىق خىتتىلەر ۋە مىكەن(Mycenaean)مەدەنيەتلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان.
ئىككى فىنىكىيە پادىشاھىنىڭ ھېكايىسى: ئەپسانىلەردە مەڭگۈ تارقالغان گوردىيۇس تۈگۈنىدىكى گوردىيۇس ۋە مىداسنىڭ ھېكايىسى ساقلىنىپ قالغان.بىراق فىنىكىلەر ناھايىتى تېزلازوراۋان قوشنىسىغا تىز پۈككەن،ئۇلار ئاساسلىقى لىدىلار ئىدى.لىدىلار تۈركىيەنىڭ غەربى قىسمىغا 100يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ بايلىقىغا كۆز تىككەن يۇنان قوشنىلىرىنىڭ دىققتىنى تارتقان.ھازىرمۇ "كروسۇس(لىدىيەنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى) قا ئوخشاش پۇلى بار"دەيدىغان تۇراقلىق ئىبارەلەر مەۋجۇد.ئەمما كروسۇس ئاخىردا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 546-يىلى پېرسىيەلىك كرۇش (Cyrus II) تەرپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 334-يىلى ئېمپىراتورئىسكەندەر ئاناتولىيەگە قەدەم باسقان.ئېمپىراتور ئىسكەندەردىن كېيىنكى بىردەۋرلەردە،تاكى رۇملۇقلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە پەيدا بولغىچە ئاناتولىيەنىڭ تارىخى بىتىنىيە(Bithynia)،بېرگاما(Bergama)،پونتۇس(Pontus)قاتارلىق ھاكىميەتلەردىن تەركىب تاپقان.
تۈركلەر
كۆكتۈرك خانلىقى(744-552) زېمىنى
تۈركلەرئەسلى ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ھۇنلار خارابلاشقاندىن كېيىن ھۇنلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ،كېيىن جۇرجانلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن.كېيىن جۇرجانلارنى يوقىتىپ مىلادىيە 550-يىلى كۆكتۈرك خانلىقىنى قۇرغان .583-يىلى كۆكتۈرك خانلىقى سۈي سۇلالىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ شەرقى تۈرك خانلىقى ۋەغەربى تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە پارچىلنىپ كەتكەن.شەرقى تۈرك خانلىقى سۈي سۇلىسى بىلەن بولغان نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتا يېڭىلىپ خارابلىشىشقا باشلىغان.ئەڭ ئاخىرى تاڭ دەۋردە، تاڭ تەيزوڭ 634-يىلى شەرقى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان،657-يىلغاكەلگەندە تاڭ سۇلالىسى سانغۇنى سۇدىڭفاڭ(苏定方)نىڭ توختاۋسىز زەربىسى ئاستىداغەربى تۈرك خانلىقىمۇ يوقالغان.تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب ئېمپىرىيەس ىئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلارنى ئىشغال قىلغان،غەربى تۈركلەرمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىنغان.840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەلگەن،شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشكەن.
ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى
مىلادىيە622-يىل ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا گۈللەنگەن،ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزباسارلىرى ئەرەب ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان،ئۇلار بىرلىككە كەلگەن جازا يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئۇمەييە سۇلالىسى،ئابباسىلارسۇلالىسى،فاتىمە سۇلالىسى قاتارلىق سۇلالىلەرنى قۇرغان ھەمدە ئىسلام دىنىنى تۈركلەرگە تارقاتقان.ئىسلام دىنىنى ئەڭ دەسلاپ قوبۇل قىلغانلار ئەرەب ئېمپىرىيسىگە بەيئەت قىلغان تۈرك قۇللار بولۇپ كېيىن بۇ تۈركلەر مىسىردا تولۇنىلار سۇلالىسىنى قۇرغان.
تولۇنىلار سۇلالىسى(905-868)،بۇ تۈركلەر ئەرەب دۇنياسىدا قۇرغان تۇنجى دۆلەت
سەلجۇق ئېمپىرىيەسى(1194-1037)
ئوغۇزلارنىڭ ئاقساقىلى سەلجۇق ئەسلىدە سىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدا تۇراتتى،كېيىن غەربى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەنۇبقا چۈشكەن،كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى1037-يىلى سەلجۇق ئېمپىرىيەسىنى قۇرغان.
سەلجۇق ئېمپىرىيەسى(1194-1037)
سەلجۇق تۈركلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان،ئۇلار قەيسەر ۋە"ئۇرۇشخۇمار" بولغاچقا ناھايىتى تېزلا خارابلاشقان بۇۋەيى سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى ئىگەللىگەن ھەم پېرسىيەدىكى ئىسپاھاننى مەركەز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان.1055-يىلى باغدادقا لەشكەر تارتىپ خەلپىنى كونترول قىلغان،شۇنىڭ بىلەن سەلجۇقلار پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى تىزگىنلىگەن.
سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ ئاتامانى توغرۇل باغدادتا سۇلتان ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغان ھەم شۇچاغدىن باشلاپ شەرقى رۇم ئېمپىرىيسىگە بولغان بويسۇندۇرۇشنى باشلىغان.1071-يىلى،سۇلتان توغرۇلنىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلان ھازىرقى مالازگىرتتا نۇسرەت قۇچقان،ئۇرۇشتىن كېيىن پۈتكۈل ئاناتولىيە پاناھسىز قېلىپ تۈركمەن قەبىلىلىرنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
سەلجۇق ئېمپىرىيىسى 1141-يىلى قاراقىتان خانلىقى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان،1194-يىلى خارەزىم شاھلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
رۇم سۇلتانلىقى(1308-1077)
رۇم سۇلتانلىقى(1308-1077) زېمنى
1077-يىل سۇلايمان رۇم سۇلتانلىقىنى قۇرغان.
1095-يىل ئۇربانII ئەھلىسەلىبنى قوزغىغان.
1221-يىل موڭغۇل ئېمپىرىيەسى خارەزىم شاھلىقىنى ۋەيران قىلغان،ئوغۇزلارنىڭ قايى قەبىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يايلاقلاردىن كىچىك ئاسىياغا قېچىپ كەلگەن،كىچىك ئاسىيادىكى سەلجۇق ئېمپىرىيەسى(رۇم سۇلتانلىقى) ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن ھەم موڭغۇللارغابەيئەت قىلىپ ئولپان تاپشۇرۇشقا باشلىغان.
1243-يىل موڭغۇللار كىچىك ئاسىيادىكى رۇم سۇلتانلىقىنى مەغلۇب قىلغان ھەم ئۇلارنى بېقىندىلىققا قوشۇۋالغان.
1308-يىل رۇم سۇلتانلىقى ھىلاكۇ قۇرغان ئىلخانىلار خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ ئۇنىڭ رۇم ئۆلكىسىگە ئايلانغان.
ئوسمان بەگلىكى (1308-1299)
رۇم سۇلتانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن سۇلتانلىق 36 كىچىك بەگلىكلەرگە پارچىلنىپ كەتكەن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمان بەگلىكى بىر قەدەر چوڭراق بەگلىك بولۇپ تەدىرجى ھالدا باشقا بەگلىكلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ھەم يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ ئوسمان ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان.
ئوسمان ئېمپىرىيسى(1922-1299)
ئوسمان ئېمپىرىيىسى تۈركلەر قۇرغان ئېمپىرىيە بولۇپ قۇرغۇچى ئوسمان Iدۇر.ئوسمانىلار دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بولۇپ كېيىن سەلجۇق ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان ھەم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان كېيىن كىچىك ئاسىياغاكۆچۈپ كۈنسېرى قۇدىرەت تاپقان.ئەڭ بەك گۈللەنگەن مەزگىلدە تەسىر كۈچى ياۋروپا،ئاسىيا ۋە ئافرىقىلارغا يەتكەن. جەنۇبى ياۋروپا،بالقان يېرىم ئارىلى،ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى كۆپ قسىم زېمنىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئېمپىرىيەنىڭ زېمىنى غەربتە جەبىلتاراق بوغۇزىدىن شەرقتە كاسپى دېڭىزى ۋەپارس قولتۇقىغا سوزۇلغان.شىمالدا ئاۋسترىيە ۋە سلوۋېنىيەگە، جەنۇبتا سۇدان ۋە يەمەنلەرگىچە يەتكەن.
شەرقى رۇم ئېمپىرىيەسى(1453-330) زېمىنى
ئوسمان ئېمپىرىيەسى شەرقى رۇم ئېمپىرىيىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن كونىستانتنپولىنى پايتەخت قىلغان ھەم شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتكەن.ھەم ئۆزىنى رۇم ئېمپىرىيىسنىڭ ۋارىسى دەپ جاكارلىغان،شۇڭا ئوسمان ئېمپىرىيىسنىڭ سۇلتانى ئۆزىنى جاھاننىڭ ئىگىسى دەپ قارىغان ،ئوسمان ئېمپىرىيەسى رۇم ئېمپىرىيىسى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىپ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
ئوسمان ئېمپىرىيەسى(1922-1299)زېمىنى
ئوسمان ئېمپىرىيەسى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەتلىرى ئالمىشىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان ھەم شەرق، غەرب مەدەنىيەتلىرنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى قاتناش يولىنى ئالتە ئەسىر كونترول قىلغان.ئۇ مەۋجۇد بولغان مەزگىللەردە ئىسلاملاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتلىرىنى نەچچە قېتىملاپ ئېلىپ بېرىپ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرنىڭ پاسىلىنى غۇۋالاشتۇرغان.ئوسمان ئېمپىرىيسىنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولۇپ ئۇنىڭ مىمارچىسى سىناننىڭ نامى تارىختا قالغان.16-ئەسىردەسۇلتان سۇلايمان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئېمپىرىيە كۈنسايىن راۋاج تاپقان،ئۇنىڭ زېمىنى 17-ئەسىردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.بارباروسانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوسمان ئېمپىرىيىسنىڭ دېڭىز ئارمىيىىسى ئوتتۇرا دېڭىزنى كونترول قىلغان.
ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ نىشانى(گېربى)
ئوسمان ئېمپىرىيسى 15-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بىردىنبىر ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ئىسلامى كۈچ ئىدى،بىراق ئوسمان ئېمپىرىيىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئاخىرغىچە تاقابىل تۇرالمىدى.ئۇ 19-ئەسىردىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئەڭ ئاخىر بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ قولىدا مەغلۇب بولدى،ئوسمان ئېمپىرىيسىى شۇنىڭ بىلەن پارچە-پارچە بولۇپ كەتتى.ئېمپىرىيە خەلقى قاتتىق ئازاپ-مۇشەقەت ئىچىدە قالدى،شۇنىڭ بىلەن مۇستاپا كامال خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ كۈرەش قىلدى ھەم غەرب كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ چېكىندۈردى.كىچىك ئاسىيادا دۆلەت قۇرۇپ خەلپە تۈزۈمىنى بىكار قىلدى ھەم دۆلەت نامىنى تۈركىيە جۇمھۇريىتىگە ئۆزگەرتتى،ئوسمان ئېمپىرىيىسى شۇنىڭ بىلەن گۇمران بولدى.
تۈركىيەجۇمھۇرىيىتى(ھازىرغىچە-1921)
ماكېدونىيەدەتۇغۇلغان مۇستاپا كامال "ياش تۈرك پارتىيەسى"نىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى يەنى زامانىۋىلاشقان بىر تۈرك مىللى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى .1923-يىلدىكى"لاۋسان شەرتنامىسى"نىڭ ئىمزالىنىشى "سېرۋېس شەرتنامىسى"نىڭ نومۇسىنى يۇدى ھەم چەتئەل كۈچلىرىنى تۈركىيە زېمىنىدىن چېكىندۈردى،ھازىرقى زاماندىكى تۈركىيەنىڭ چېگرىسى بېكىتىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى-- مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك(1938-1881)
تۈركلەرشۇندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا كىرىشتى،ئۇلار ئەنقەرەنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى ھەم ئۇنى باشكەنت قىلىپ بېكىتتى،ئىسلام سۇلتانلىق تۈزۈمنى بىكارقىلدى.مۇستاپا كامال يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتكە پرېزدېنت ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ داھىسى بولدى.شۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاتاتۈرك دېگەن فامىلە بېرىلدى.ئاتاتۈرك دېموكراتىك سىياسى تۈزۈم قۇرۇشقا كىرىشتى بىراق ئۇ يەنەھەرقانداق كۈچنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىشىشىگە قارشى تۇرشىغا يول قويمايتى ھەم ئۆزىنىڭ پىكىرىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرقانداق پىكىرنى ئاساسى جەھەتتىن قوبۇل قىلمايتى،دائىم ئۆز بېشىمچىلىق قىلاتتى.ئۇ يەنە تۈركىيە چوقۇم تۈركلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇراتتى،شۇڭا ئۇ كوردلار مەدەنىيىتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلاتتى.دەرۋەقە،ئاناتولىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبى قىسىمىدا كوردلارنىڭ بىر قېتىملىق توپىلىڭى پارتىلىدى ھەم 20-ئەسىرنى كېسىپ ئۆتكەن كۆپلىگەن توپىلاڭلارنىڭ تۇنجى قېتىملىقىغا ئايلاندى.
ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 36- سۇلتانى،ئىسلام دىنىنىڭ 100-خەلپىسى مۇھەممەد VI تۈركىيەدىن ئايرىلدى
ئېگىي دېڭىزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا،بىرلىككە كەلگەن مىللى دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى گرسسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نوپۇس ئارىسدا چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش پەيدا قىلدى.پۈتكۈل جەمىئىيەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى قايتىدىن ئۆزگەرتىلدى.ئاناتولىيە رايونىدىكى گرىكچە سۆزلەيدىغانلار كۆپلەپ كېمىگەئولتۇرۇپ گرىسسىيەگە كەتتى،گرىسسىيەدىكى مۇسۇلمانلار كۆپلەپ تۈركىيەگەكۆچتى(تۈركىيەنىڭ تۈركلىشىشى رەسمى تامانلاندى). بۇ ئىشلار جەمىئىيەتنىڭ ئامانسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ ئەرۋاھ كەنت(ئادەم يوق كەنت)لەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھەممىدىن مۇھىمى ئۇ يېڭى دۆلەتنىڭ تەرەقىياتىغا توسالغۇ بولدى.
1920-يىلدىن1930-يىللارداتۈركىيە گېرېگورىيە كالېندارىنى قوللىنىپ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئەمەس بەلكى غەرب جەمىئيىتى بىلەن بىر قېلىپقا چۈشتى.ئېلىپبە جەدىۋىلىنى ئىسلاھ قىلىپ لاتىن ھەرپلىرىنى قوللاندى،ئەرەب ھەرپلىرىنى بىكار قىلدى،تۈرك تىلىنى ئۆلچەملەشتۈردى.فەز دوپپىسنى كىيىشكە رۇخسەت قىلمىدى(بۇ باش كىيىم ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ قالدۇقى،فېئودال مۇتەئەسسىپلىكنىڭ سىموۋولى دەپ قارالدى).يەنە ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش سايلام تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقتى.ئۇندىن باشقا يەنە بارلىق تۈركلەرنىڭ چوقۇم فامىلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى،ئۇندىن بۇرۇن تۈركلەرنىڭ پەقەت ئىسمىلا بولۇپ فامىلىسى يوق ئىدى.
ئاتاتۈركىنىڭ ئىزباسارى ئىسمەت ئىنان ئېھتىياتچانلىق بىلەن تۈركىيەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغاچېتىلدۇرمىدى،بىراق ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.ئەينى ۋاقىتتا ئەرمېنىيەنىڭ چېگرىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرىسىنىڭ بەلگىسى ئىدى،تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيلىك ئورنى تۈپەيلىدىن،ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنقى بازىغائايلىنىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشتى،ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتى.ئۇندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ توختاپ قالغان دېموكراتىك جەريانى يەنە تەرەقى قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئېرىشتى.1950-يىلى دېموكراتىك پارتىيە تەختكە چىقىپ 10يىل ھاكىميەت يۈرگۈزدى.دېموكراتىك پارتىيە ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدەكامالىستلارنىڭ نازارىتىنى بىرئاز بوشاشتۇرۇپ ئەرەب تىلىدا تىلاۋەت قىلىشقا قايتارۇخسەت قىلدى.بىراق دېموكراتىك پارتىيەنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزىشىنىڭ ئالغا سىلجىشىغائەگىشىپ ئۇلارمۇ ئىسمى جىسمىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.1960-يىلدىن باشلاپ ئارمىيە تەرەپ ئارىلىشىپ ئۇلارنى تەختتىن ھەيدەپ چۈشۈردى،بىراق ئارمىيەنىڭ نازارىتى ناھايىتى قىسقىلا داۋاملىشىپ ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەتنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەم تۈركىيەنىڭ كېيىنكى كۆپ يىللىق تەرەقىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ۋە 70-يىللىرىدا تۈركىيەدە ھەرخىل پارتىيەلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى،بىراق بۇلار تۈركىيەگە ھاياتى كۈچكە تولغان دېموكراتىك سىياسى تۈزۈم ئېلىپ كېلەلمىدى.60-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئالاھىدە سولچىل رادىكاللار ۋە سىياسى زورلۇق قارىماققا مۇمكىن بولمىغان پارتىيۋى ئىتتىپاقنى ھاسىل قىلدى،بىتەرەپ پارتىيەلەر بولسا ئوڭچىللىشىپ كەتتى.1971-يىل ئارمىيە يەنە بىر قېتىم ئارىلىشىپ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە ناھايىتى تېزلا 1973-يىلنىڭ ئاخىردا ھاكىميەتنى خەلققە ئۆتكۈزۈپ بەردى.نەچچە ئايدىن كېيىن پرىزدېنت بۇلەنت ئەجەۋىت سىپرۇستىكى ئازسانلىق مىللەت بولغان تۈركلەرنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيەسىگە سىپرۇسقا كىرشىكە بۇيرۇق چۈشۈردى.بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ئەمەلىيەتتە سىپرۇسنى ئىككى سىياسى گەۋدىگە بۆلىۋەتتى،بۇ خىل ۋەزىيەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
1980-يىل ئارمىيە تەرەپ كىشلەرنى چۆچىتىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك كوممىتېتىنى قۇردى،بىراق يەنىلا 1983-يىل چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىشقا يول قويدى،نەتىجىدە تۈركىيە ۋەتەن پارتىيەسى داھىسى تورغۇت ئوزال كۆپ سانلىق بىلەتك ەئېرىشىپ تۈركىيەنى تەرقىياتنىڭ توغرا يولىغا ئېلىپ كىردى.ئوزال بىر سەزگۈرئىقتىسادشۇناس ۋە ئىسلام قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپتى بىلەن بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىسادى ۋە قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ تۈركىيەنى خەلقئارا جەمىئىيەتكە باشلاپ كىردى ھەم تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى تېز تەرقىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىكى ئىراققا زەربە بېرىش ھەرىكتىدە تۈركىيە كۆپ دۆلەت قىسىمى ھاۋائارمىيەسىنىڭ ئاناتولىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بازىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندى.پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن نەچچە مىليون ئىراق كۇردلىرى سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئاناتولىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبىغا قېچىپ بېرىۋېلىپ ئىراقنىڭ شىمالىدا كۇردلار بىخەتەر رايونى قۇرۇپ چىقتى،بۇ ئەكىسچە كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسىگە ئىلھام بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈردى،بۇ ئەھۋال شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك،تېخىمۇقاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىدى ،تۈركىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبى قىسمى ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالدى،كۇردلارنىڭ ئۇرۇشى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرلۈپ،شەرقى-جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم جايلار ئەمەلىيەتتە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈلدى،بۇ خىل ئەھۋال تاكى كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىسى ئابدۇللا تۇتۇلغۇچە داۋاملاشتى.
1993-يىلى تورغۇت ئوزالنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولىشى ھوقۇق بوشلۇقىنى پەيدا قىلدى،شۇندىن كېيىن90-يىللاردا ئاجىز بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر مەيدانغا كەلدى،نۇرغۇنلىغان سىياسى شەخىسلەر سىياسى سەھنىدىكى ئالدىراش مېھمانغا ئايلىنىپ قالدى.تانسۇ جىللەر ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال باشباقانى بولۇپ قىسقىغىنا ھاكىميەت يۈرگۈزدى ،لېكىن ئۇنىڭ كىشلەر زور ئۈمىد باغلىغان ئاياللىق ئىستىلى ۋە ئىقىتىسادى جەھەتتىكى كەسپى بىلىمىمۇ ئۇنىڭ كۇردلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكەئامال قىلالمىدى.1995-يىل يانۋاردا ئويلىمىغان يەردىن دىنى پارتىيە گۈللىنىش پارتىيەسى تەختكە چىقىپ كونا سىياسيون نەجمىدىن ئەرباقاننى باش قىلغان ھۆكۈمەت تەشكىللەندى،ھوقۇقتىن بېشى ئايلىنىپ كەتكەن گۈنللىنىش پارتىيەسىدىكىلەر ئىسلامى رادىكال بايانات ئېلان قىلدى،بۇ ئارمىيە تەرەپنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.1997-يىل دۆلەت بىخەتەرلىك كوممىتېتى گۈللىنىش پارتىيەسى ئاساسى قانۇندىكى دىننىڭ سىياسەتكەئارىلىشىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى كۆزگە ئىلمىدى دەپ جاكارلىدى،بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىداھۆكۈمەت ئىستىپا بەردى،گۈللىنىش پارتىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
1991-يىل كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى داھىسى ئابدۇللا قولغا ئېلىندى،بۇ مەزكۇر مىللەتنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارالدى،بىراق بۇ ئارزۇ بۈگۈنگىچە ئەمەلگەئاشمىدى.2001-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈركىيە ئىقتىسادىدا ۋەيران بولۇش كۆرۈلدى،دۆلەتنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ قىيىن كۈنگە قالدى،ھۆكۈمەت خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن زور سوممىلىق قەرز ئالدى.2002-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۈركىيەدە كومېدىيە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى،ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسى ھاكىميەت يۈرگۈزۈشكە باشلاپ خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى،ئۇنىڭ داھىيسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاساسى قانۇننى ئۆزگەرتىپ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلدى،كۇردلارغا تېخىمۇچوڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى بەردى ھەم ئىنسانى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى.2005-يىل يانۋاردا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەقىياتى ئىنتايىن مۇقىم بولدى،دۆلەت يېڭى تۈركىيە لىراسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى،ھەربىر پۇلنىڭ سوممىسى بىر مىليون ھەسسە كىچىكلىتىلدى.2005-يىل ئۆكتەبىردە،تۈركىيە ئىقتىسادى تىرىشىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە رەسمى سۆھبەت ئۆتكۈزىشىنى قولغا كەلتۈردى.
2007-يىل22-ئىيۇلدا بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى ئۆتكۈزۈلدى،ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسى 550ئورۇننىڭ 340غا ئېرىشتى،جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 112ئورۇنغا ئېرىشتى،مىللەت ھەرىكىتى پارتىيەسى 71 ئورۇنغا ئېرىشتى.رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى باشباقان قىلغان ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھاكىميەت يۈرگۈزدى،28-ئاۋغۇستتا،بۈيۈك دۆلەت مەجلىسى ئابدۇللا گۈلنى پرىزدېنتلىققا سايلىدى. تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى:بىلگە
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېمىنى تېما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەر ياكى گېزىت-ژۇرناللارغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 01:10 PM
|