مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 595|ئىنكاس: 6

41-قېتىملىق لېكسىيەدىن كارخانچىلارغا خوش خەۋەر (ئۈرۈمچى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35688
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3151
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 12:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

41-قېتىملىق لېكسىيەدىن كارخانچىلارغا خوش خەۋەر (ئۈرۈمچى)

مىللىي كارخانىلىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى !

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارغا مەسلىھەت بېرىش ۋە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان شىنجاڭ پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2007- يىلى 10- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە يۇلۇققان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 40 قېتىملىق چوڭ تىپتىكى كارخانىچىلار مەخسۇس لېكسىيەسى تەشكىللىدى. 30 قارارغا يېقىن باش دىرېكتور ۋە كارخانا خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرسى ئاچتى. بۇ لېكسىيە ۋە كۇرستا تەربىيەلەنگەنلەر 4000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ زور دەرىجىدە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.


ھازىر مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدا كارخانىلار بەھرىمان بولدىغان ئەۋزەل سىياسەتلەر كۆپەيمەكتە.لېكىن بىزنىڭ نۇرغۇن مىللىي كارخانىچىلىرىمىز كارخانىلارغا قارىتىلغان سىياسەت-ئۇچۇرلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياخشى تەرەققىيات پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.




لېكسىيە تېمىسى




1. كارخانىلارنىڭ قانۇنىى شەكلى ھەم قانۇنى ۋەكىلىنىڭ شىركەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى


2.سودا توختامدا كېلىپ چىقىۋاتقان ماجىرالار ھەم توختام تۈزگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


تەكلىپ قىلنغان مېھمان:


مالىيە-ئىقتىساد ئونۋېرىسستىتى قانۇن ئىنىستىتوتى ئىقتىساد-قانۇن كافىدارىسىنىڭ دوتىسنتى،سودا دېلولىرىغا قاتناشقان تەجىرىبىلىك ئادۋۇكات،ياپۇنىيەدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن ئابلاجان ئابدۇلنىياز .





6 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (113.91 KB)





ئورنى: تۇمارىس ئالي مېھمانخانىسى 8 - قەۋەت


ۋاقتى:2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (چۈشتىن كېيىن)


ۋاقتى : شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:20


ھەممىڭلارنىڭ سەمىگە، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!


شىركەت ئادرېسى: تېنچلىق يولى 318- نومۇر جىلى ئاستانە بىناسى 3-ئىشىك 903-ئىشخانا
تېلىفون نومۇرى: 2850031- 0991 18999269731






9- ئاينىڭ16 - كۈنى ئۈچىنچى قارارلىق دىرېكتور تەربىيەلەش سىنىپى دەرس باشلايدۇ.


1-قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار زاۋۇتلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا

















.


پارلان كەسپىي دىرېكتور تەربىيەلەش مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى





پارلان كەسپىي دىرېكتور تەربىيەلەش مەكتىپى (PKD) دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارغا يۈزلەنگەن تۇنجى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان شىنجاڭ پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن 2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ دىرېكتورلىرىنى ، يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان.



پارلان شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 30 قېتىمغا يېقىن چوڭ تىپتىكى مەخسۇس كارخانىچىلار لېكسىيەسى، 30 قاراردىن ئارتۇق دىرېكتورلار كۇرسى تەشكىللىگەن بولۇپ، لېكسىيە ۋە كۇرستىن ئەمەلىي نەپ ئالغانلار 3000 ئادەم قېتىمىغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تۇنجى بولۇپ تولدۇرغان. پارلان شىركىتى قۇرۇلغان ئۈچ يىل مابەينىدە ، مىللىي كارخانىلىرىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا نوقۇل لېكسىيە ۋە كۇرس ئېچىش بىلەنلا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ، كارخانىچىلارنى ، دىرېكتورلارنى، يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان مۇنتىزىم مەكتەپ _ ئۈرۈمچى پارلان كەسپىي دىرېكتور تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇرۇپ چىققان.





بۇمەكتەپ دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنىش بازىسى بولۇپ قالغۇسى .






1. (PKD) ھەققىدە

2. (PKD) نىڭ ئەۋزەللىكى

3. (PKD) نىڭ تەربىيەلىنىش ئوبيېكتى

4. (PKD) دىكى مۇتەخەسىسلەر ئوبيېكتى

5. (PKD) دىكى كۇرسانتلارنىڭ بەھرىمان بولىدىغان قوشۇمچە مۇلازىمەتلىرى

6. (PKD) دىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

7. (PKD) نىڭ باھالاش ئۇسۇلى

8. (PKD) نىڭ ھەق ئۆلچىمى

9. (PKD) دىن بېرىلىدىغان گۇۋاھنامىلەر

10. (PKD) غا تىزىملىتىشتا تەييارلايدىغان ماتېرىياللار




1. (PKD) ھەققىدە


(PKD) بولسا پارلان كەسپىي دىرېكتور تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، مەخسۇس كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى يۇقىرى ساپالىق كەسپىي باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. بۇ مەكتەپ ئىلغار ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قابىل باشقۇرغۇچىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان مەخسۇس دىرېكتور ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ، بۇ مەكتەپ ئاساسلىقى دىرېكتور ياكى يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مالىيە باشقۇرۇش، پۇل - مۇئامىلە، ماركېتىڭ ئىلمى، ئىقتىساد ، قانۇن، خەلقئارا سودا، مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ. يەنە ئۇلارنىڭ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ قارار چىقىرىش ئىقتىدارى، سودا سۆھبىتى، ئۆزئارا ھەمكارلىق، رەھبەرلىك سەنئىتى، كارخانىچى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش جەھەتلەردە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانا ساھەسىدىكى بۇ خىل بوشلۇقلارنى تولدۇرىدۇ.



2. (PKD) نىڭ ئەۋزەللىكى



(1) بۇ مەكتەپ جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ، تەجرىبىسى مول مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىدىن تەشكىللەنگەن.

(2) دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان.

(3) دەرس پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان.

(4) زامانىۋى ، ئىلغار دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.




3. (PKD) نىڭ تەربىيەلىنىش ئوبيېكتى


كارخانا لىدىرى، باش دىرېكتور، مۇئاۋېن دىرېكتور، كەسپىي باشقۇرغۇچىلار.



4. (PKD) دىكى مۇتەخەسىسلەر ئوبيېكتى


بۇ مەكتەپكە دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرغان، تەجرىبىسى مول مۇتەخەسىسلەر ، ئىقتىسادشۇناسلار، ئالىي ئىقتىسادچىلار ۋە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار تەكلىپ قىلىنغان. دەرسلەردە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت زىچ بىرلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سىردىشىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىجادچانلىق روھىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، تەپەككۇر ئارقىلىق تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.



5. (PKD) دىكى كۇرسانتلارنىڭ بەھرىمان بولىدىغان قوشۇمچە مۇلازىمەتلىرى


دەرس مەزگىلىدە بىر قىسىم داڭلىق شىركەت ۋە كۆلەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان كارخانىلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىركىتىمىز تەشكىللىگەن لېكسىيە ۋە قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇسلارغا قاتنىشىدۇ.


6. (PKD) دىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى


دەرس ۋاقتى ئالتە ئاي بولۇپ، ھەرئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 3-4 كۈن دەرس ئۆتۈلىدۇ. مۇنتىزىم دەرس ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ كارخانىلارغا ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


7. (PKD) نىڭ باھالاش ئۇسۇلى

ئوقوش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىمتىغان ئېلىنىپ ئىلمىي ماقالە يازدۇرۇلىدۇ، ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر << پارلان تورى>> دا ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە نوپۇزلۇق ژۇرناللارغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


8. (PKD) نىڭ ھەق ئۆلچىمى


ئوقۇش پۇلى 7500 يۈەن بولۇپ، دەرس ھەققى ، پايدىلىنىش ماتېرىيالى، خاتىرە رەسىم ، گۇۋاھنامە، تىزىملاش ھەققى 500 يۈەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


9. (PKD ) دىن بېرىلىدىغان گۇۋاھنامىلەر


كەسپىي دىرېكتور تەربىيەلەش كۇرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلارغا بىر تۇتاش گۇۋاھنامە تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ.



10. (PKD) غا تىزىملىتىشتا تەييارلايدىغان ماتېرىياللار


كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىككى پارچە، بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن تۆپ پارچە (كەينى كۆك رەڭلىك بولۇشى كېرەك)



ئەگەر سىزمۇ كارخانىڭىزنىڭ داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى، مۇكەممەل، ساپالىق كارخانىچى بولۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز پارلان شىركىتىنىڭ سىز ئۈچۈن ئويۇشتۇرغان لېكسىيەگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ .



VIP ئەزالىق ھەققىدە





تورىمىزغا ئەزا بولغانلار تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ :



1. لېكسىيە فىلىمىنى توردىن بىۋاستە كۆرەلەيدۇ ؛
2. سودا ئۇچۇرلىرىدىن ئالدىن خەۋەردار بولالايدۇ؛
3. كارخانىچىلار ئائىلىسىگە ئەزا بولۇپ كارخانىسىنى تەشۋىق قىلالايدۇ؛
4. لېكسىيە بېلىتى % 30 ئېتىبار قىلىنىدۇ؛





تېلىفون : 2850031 - 0991








ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 01:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىرىكتور كەسپىدە ئوقۇمدا ؟ ۋاھ  زامان تەرەققىي قىلسا ، ھەممە تۈرنىڭ ئوقۇش كەسپى ئىچىلامدۇ نمە ؟  زامان ئاخىرىدا كاللا ئىشلىمەس بولۇپ كەتتىمۇ نىمە ؟

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 01:22:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قىلغان ئېشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتاقىلسۇن.....

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 01:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسلامۇ ئەلايكۇم...ئوقوش پۇل سەل قىمەت مۇ نىمە؟..لىكىن مۇشۇنداك كارخانلار جىق ئىچىلسا ياخشى....

atuxjan.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38992
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10003
تۆھپە نۇمۇرى: 1090
توردا: 5041 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارلاق گېلەم زاۋۇتىغا 100 مىليۇن مەبلەغ سالدى دەۋاتىتى.........راس خېلى كۆلەملەشكەن  ئېلغار زاۋۇتتەك تۇرىدۇ...     بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق زاۋۇتلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.........


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   阿图什 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 04:16 PM  


atuxjan.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83610
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش