خانىم قىز
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كىرىۋېلىپ«خانىم»لىق قىياپەتكە خانىم قىز،
داغ تەگكۈزۈپ ئۇستازلىق ئىناۋەتكە خانىم قىز،
تونۇلدىڭىز تۆت كۈندە جامائەتكە، خانىم قىز،
قۇلاق سېلىڭ ئەمدى بۇ ھېكايەتكە، خانىم قىز،
نە ھېكايەت، بەلكى بىر شىكايەتكە خانىم قىز:
چىقمىدىمۇ خېرىدار، ساقايماپتۇ بېشىڭىز،
لىك-لىك قىلىپ تۇرىدۇ ئوسما قويغان قېشىڭىز،
پال-پۇل قىلىپ ھەم يەنە تۇرار دائىم تېشىڭىز،
قىياسىمچە، ئوتتۇزغا بېرىپ قاپتۇ يېشىڭىز،
يېتىپ قاپسىز قارىسام بالاغەتكە خانىم قىز.
بولۇپ سىزگە خىزمەتداش، نېمە دەرمەن يۈزۈمگە؟
«توۋا!»دېمەي ئامال يوق ياقا چىشلەپ ئۆزۈمگە،
كۆرۈندىڭىز بىر بۇزۇق پاھىشەدەك كۆزۈمگە،
رەنجىپ يۈرمەڭ ھەرگىزمۇ، «ئالا-جوقا» سۆزۈمگە،
تەنبىھ بېرەي سىزدەك بىر ھاماقەتكە خانىم قىز.
سىز كېلىپلا تۆت كۈندە كۇسۇر-كۇسۇر گەپ بولدى،
ئىشخانىنىڭ بۇلۇڭى سىزگە بەكمۇ ئەپ بولدى،
قۇچىقىغا بىراۋنىڭ تاشلانسىىڭىز«خەپ!»بولدى،
پېقىر سىزگە ياخشى گەپ-نەسىھەتنى دەپ بولدى،
تاقىتىڭىز تاق ئىكەن ئىشارەتكە خانىم قىز.
قىزارماسكەن يۈزىڭىز تەنىلەردىن،«غەيۋەت»تىن،
توختىماسكەن ئاغزىڭىز ھاياسى يوق سۆھبەتتىن،
قاراپ تۇرسا ئون ئادەم لەنەت ئوقۇپ بىر چەتتىن،
يوقكەن سىزدە زەررىچە قىزلىق نومۇس-ئىپپەتتىن،
لەنەت بولسۇن سىزدىكى«شىجائەت»كە خانىم قىز!
سىزدە تامبال دېگەننىڭ بېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
يەنە كالتە ئىشتاننىڭ ئېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
مۈشۈككەنسىز،«بەز»نىڭ كەم چېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
سىزگە«گۆش»نىڭ سۆڭىكى، يېغى يوقكەن ئاڭلىسام،
ھەيران بولدۇم سىزدىكى«ماھارەت»كە خانىم قىز.
بىرلىرىگە موكىدەك چاپلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئەر-خوتۇنلۇق يولىغا قاپلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ياتلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
ئىچىڭىزدىن سېسىپسىز-داتلىشىپسىز، ھەي ئېسىت،
شەرمەندىلىك يول ئېچىپ خىيانەتكە، خانىم قىز.
چىقتىڭىزكىن مۇنبەرگە قايسى يۈزنى كۆتۈرۈپ،
بالىلارنىڭ ئالدىدا شۇنچە سۆزنى كۆتۈرۈپ؟
باقماس سىزدەك پاسىققا ھېچكىم كۆزنى كۆتۈرۈپ!
بېرەرسىزكىن كىملەرگە ناننى-تۇزنى كۆتۈرۈپ،
قىلىپ شۇنداق خىيانەت«ئامانەت»كە خانىم قىز؟!
ئۇيالسىڭىز بولاتتى«خانىم»دېگەن ئاتاقتىن،
كۈندە ھەرخىل گەپ تاراپ ئىشخانىدىن، ياتاقتىن-
ئوچۇق كىندىك، مەيدە ھەم يەنە تېخى چاتراقتىن،
يۈزىمىزمۇ پوق بولدى سىز چاچراتقان شاتراقتىن،
بىزنى ئەجەپ قويدىڭىز ئاھانەتكە خانىم قىز.
خانىم ئەمەس، «مۇلازىم»بولۇڭ، ئىشنىڭ ئوڭى شۇ،
مېھمانساراي ئاچسىڭىز تىجارەتنىڭ چوڭى شۇ،
بايۋەچچىلەر ھەمراھتۇر، ئىڭرىشىڭىز مۇڭى شۇ،
سىزدىن كەتمەس دەسمايە، ئىشنىڭ بېشى-سوڭى شۇ،
رەسۋا بولۇپ كېتەرسىز قىيامەتكە خانىم قىز!....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 11:12 AM