قويە ، بولدى مۇدا دېگەننى
قىز –چوكانلار كىيىمگە پاتماي،
كوچىلاردا يۈرىيدۇ ساياق.
چاچلىرى ئاھ ، قاغا چاڭگىسى،
قاشلار سىزىق ، كۆپكۈكتۈر قاپاق.
« كۆرۈۋېلىڭلار مانا مەن » دەپ ،
چۇقان سالار ئۇياتلىق يەرلەر.
شۆلگەيلەرنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ،
دەيدۇ « مۇدا ! » غورۇرسىز ئەرلەر.
يۈرەك يارا ئىزا-نۇمۇستىن،
ئوچۇق قالدى قىزلار ئۇچىسى.
سۆز باشلىساڭ ئېغىز تۇۋاقلاپ،
دەيدۇ : « مۇدا ! ، يوقتۇر ھىچقىسى ».
ياقا يىرتىپ زارلىنار ھايا،
چۈشۈپ قالغان قارا قۇتىسى.
يىغلار ئاسمان، يىغلايدۇ زىمىن،
يۈرسە قىزلار ئوچۇق يۇتىسى.
ئوخشاپ قالغان ئۆزگىگە ئۇلار ،
ئوخشىمايدۇ ئۆزىگە پەقەت.
نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان،
دوراپ ياشاش خەتەرلىك ئىللەت.
قويە ، بولدى مۇدا دېگەننى،
ۋەيران قىلغان ئەلنى ، مىللەتنى.
تىكلىيەلمەس قەددىنى ھەرگىز،
تۈگەتمىسە ھەر كىم ئىللەتنى.
ئۆزلىگىدىن ئايرىلغان ئەلنىڭ،
پاكلىقىنى باسار مەينەتلەر.
قىز-ئاياللار ۋەتەندۇر ۋەتەن!
ۋەتنىڭنى قوغدا ئەركەكلەر.