مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4380|ئىنكاس: 52

ئەيىپ كىمدە (پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45400
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6606 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 01:17:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەيىپ كىمدە



47777_副本.jpg





(1)



مۇسىبەت

475785.jpg



      ئىشتىن چۈشۈش ۋاختى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،مەن يەنىلا ئىشخانىدا بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا ئولتۇراتتىم ،كۆزلىرىم يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن ئىدى ،ھېلىراقتا يىغىدىن پەس بولغان بولساممۇ لېكىن يەنىلا  ئىچ-ئىچىمدىن  بىر يىغا ئوپكەمنى ئۆرتەيتتى .


     «ئاداش، ئامىنە  دوختۇرخانىدا تۈگەپ كىتىپتۇ،بالدۇرراق بىكار بولساڭ بىللە پەتىگە بېرىپ كەلسەك»...رەنانىڭ تېلفۇنىنى قويۇپ ، ئاسمان- زىمىن قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىپ تۇرغان جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالغان ئىدىم .تېخى تۈنۈگۈنلا ئامىنەنى يوقلاپ بارغان ئىدىم ،خېلى ئوبدان تۇراتتى .ئارىدا تېخى16 سائەتمۇ ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشىنى  كىممۇ ئويلىغان .


    ئامىنە بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل ساددا ئايال ئىكەنلىگىنى بىلگەنىدىم ،تۇرمۇشتىكى خىلمۇ-خىل كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا ئۇ بىر نىمىلەرنى قىلىپ چىداپ كىتىپ باراتتى .قانداق ئىش كاللىسىدىن ئۆتمىدى تۈنۈگۈن ئۇئۆزىنىڭ ئۈيىدە ئۇيقۇ دورىسى ئىچىۋېلىپ ،ئۈلۈپ كەتكىلى قىل قالغاندا دوختۇرخانىغا ئەپ كىلىنىپ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانىدى ،خەۋەرنى ئاڭلاپلا مەنمۇ يۈگىرەپ دىگۈدەك ئۇنىڭ قېشىغا بارغان چېغىمدا،چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ئامىنە كارۋاتتا  ياتاتتى،ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە ياش ئەگىپ تۇرغان بۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئىسەدەپ كەتتى ،ماغدۇرىنىڭ يوقلىقىدىنمۇ ئىھتىمال ئاۋازىمۇ،بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ چىقاتتى.


-نېمىشقا ئاداش ؟ زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟


     سورىغان سۇئاللىرىمغا ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، يىغلاپلا جاۋاپ قايتۇراتتى ،ھېچبىر گەپ قىلغۇدەكمۇ ماجالىنىڭ يوقلىقىنى بىلگىنمدە ئۇنىڭ ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن قىزى زىلالەنى چوڭ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ يۇم- يۇم يىغلاپ كەتكەنىدىم .يولدا كىلىۋاتقاچ شۇ ھالەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلماقتا ئىدى .


     يولبۇيى كاللامدا ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىكى ئىشلارئەگىپلا تۇراتتى.ئامىنە بىلەن رەنا ئارقىلىق تۇنۇشقان ئىدىم ،بۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئاجايىپ بىرخىل مۇناسىۋەت بار ئىدى ،رەنا بىر شىركەتنىڭ سېتىش بۈلىمىدە ئىشلەيتتى. ئۆزى تۇلىمۇ قاملاشقان، ناھايىتى چىرايلىق چوكان ئىدى ،ئۇنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ئۇ ئامىنەنىڭ يولدىشى بىلەن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەريانىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىكەن .ئامىنەنىڭ ئىرىمۇ قايسىدۇر بىر شىركەتنىڭ مەخسۇس سېتىش خادىمى ئىدى ،ئۇلار مۇشۇنداق سودا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تۇنۇشۇپ ،ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتىكەن .غەيرەت رەناغا مەن ئاجرىشىپ كەتكەن دەپ بىر مۇنچە كۆڭۈلسىز تۇرمۇشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەچكە ،ئاقكۆڭۈل دوستۇم رەنا ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ ،دائىم سودا سېتىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ تىجارىتىگە يول ئېچىپ تۇرۇپتۇ ،كىم بىلسۇن بىر كۈنلەردە رەناغا بىر ئايالدىن تىلفۇن كەپتۇ ،مەن غەيرەتنىڭ ئايالى ،سىز بىلەن كۆرۈشسەم دەپ.دوستۇم ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشۈپتۇ .ئۇ دەل غەيرەتنىڭ ئايالى ئامىنە بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۇماق بىر قىزىمۇ بار ئىكەن .دوستۇم بۇ ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەندە ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بۇلۇپ ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىگى تولىمۇ قوزغالغان ئىدى ،كىيىن مەن ئامىنە بىلەن كۆرۈشۈپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇقتۇم ھەتتا ئۇنىڭ ھېلىقى ئىنساپسىز ئىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشكەن ئىدىم ،ئەمما ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدىغىنى بىچارە قىز ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى دائىملا كەچۈرۈپ كەپتۇ،مەيلى نىمىلا قىلمىسۇن ئۇرۇشۇپ سوقىشىپ بۇلۇپ يەنە يالۋۇرۇپ ئۈيىگە قايتۇرۇپ ئەپ كەپتۇ.


      ئۇنىڭ ئۈيىگە  رەنا ئىككىمىز بىللە پەتىلەپ كەلگەندە،ئىشىك ئالدىدا غەيرەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق ،ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچبىر كۆڭلى يېرىم بولغاندەك ئىپادىمۇ كۆرۈنمەيتتى.رەنا ھەق- ناھەق قارشى ئىنىق،تۇلىمۇ مۇستەققىل بىر ئايال ئىدى، ئۇ غەيرەتنى كۆرۈپلا يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى، غەيرەت دەماللىققا بۇنداق بۇلىشىنى ئويلىمىغانمۇ ،بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن رەنانى ئۇرۇش ئۈچۈن قۇلىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇپ ئەتراپتىكى كىشىلەردىن تەپتارتتىمۇ چىرايىنى شۇنچىلىك سەت پۇرۇشتۇرگەن ھالدا پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى .


     كارۋات ئۈستىدە ئۈستىگە ئاق رەخ يېپىلغان ئامىنە سۇزۇلۇپ ياتاتتى ،چارايىدىن سۇغۇقلۇق چىقىپ تۇرىدىغان ئاپىسى ئۇنىڭ بېشى تەرىپىدە زاڭىقىنى تىرەپ ئولتۇراتتى چىرايىدا نەخاپىلىق ،نە خۇشاللىقنىڭمۇ ئىپادىسى كۆرۈنمەيتتى .پەقەتلا كارۋاتنىڭ   يېنىدا ئەگىپ يۈرگەن قۇش بالىسىدەك ئانىسىنىڭ جەسىتىگە تۇلىمۇ چۇشەنمىسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ئولتۇرغان زىلالەگە قارىغان كىشىلا بۇ ئويدە مۇسىبەت بولغانلىقىنى بىلىپ يىتەتتى ،


مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي قىزنى قۇچىغىمغا ئېلىپ ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم ،ئارقىدىن نەۋرە سىڭىللىرى رەنالار ماڭا ئەگىشىپ تەڭلا يىغلشىپ كەتتى .ئوي ئىچىنى بىر ھازا يىغا قاپلىغاندىن كىيىن يەنە تىمتاسلىققا چۆكۈپ كەتتى .


ئۇنى ياتقۇزۇپ قويغان كارۋاتنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇراتتىم قۇچۇغۇمدا زىلالە ماڭا يۇلىنىپ ئۇخلاپ قالغانىدى ،مەن بالىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ياندىكى ئويگە ئەپكىرىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ يېنىدا ئولتۇراتتىم ،كەينىمدىن ئامىنەنىڭ نەۋرە سىڭلىسى زوھرە كىرىپ قۇلۇمغا بىرپارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ،


-رەيھان ھەدە  ،ئاچام تۆنۈگۈن بۇنى سىزگە بىرىپ قۇيىشىمنى تاپىلىغان ئىدى ئىچىنى زىنھار ئاچما دەپ بەك تاپىلىغاچقا ئاچمىدىم .چوڭ ئاپاملارغىمۇ كۆرسەتمىدىم،-دىگىنىچە ھېلىقى كۆنۋىرىتنى تەڭلىدى .مەن يۈرىگىم تېخىمۇ پۇچۇلانغاندەك بۇلۇپ ئالمان تالمان خەتنى يانجۇقۇمغا تىقتىم .


    -ماقۇل جېنىم ،مەن كۆرەي ئاۋال

بىر قۇچاقلىشىپ بىر ھازا يىغلاشتۇق .


     رەنا بىلەن كەچ كىرگەندە ئويگە قايتتۇق.يولبۇيى كاللامدا مۇشۇ كونۋىرىت ،ئىچىدىكى خەتلەرنى ئۇقۇشلا بار ئىدى .ئەمما مەرھۇمنىڭ دىگىنى بۇيىچە ئاۋال يالغۇز كۆرۈش ئۈچۈن رەناغىمۇ تىنماي ماڭدىم .بىز خوشلىشىپ ئويگە كىلىپلا ھوجرامغا كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ھېلىقى كونۋىرىنى قۇلۇمغا ئالدىم .

(2)



كەچمىشلەر

mn,hjkhm.jpg



«سالام رەيھان،سەن بۇ خەتنى ئۇقۇۋاتقان ۋاختىڭدا مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن كەتكەن بۇلىشىم مۇمكىن ،سەن بەلكىم زىلالەنى، سەن ئامراق ،سىنىڭ باللىرىڭ ئامراق زىلالەنى باغرىڭغا يېقىپ يىغلاپ تۇرغان بۇلىشىڭ مۇمكىن ،بىچارە قىزىم ،ئاھ نارىسىدە قىزىم ،ئۇ يالغۇز قالدى ،ئۇنىڭ بۇ ئالەمدە ھېچ نەرسىسىمۇ يوق ،ئانامنى بىلىسەن ئۇ قىزىمنى باقالمايدۇ،دادىسى ھايات تۇرسا دەيسەن ئەمما ئۇ ئۇنىڭدىن ئاللىقاچان كەچكەن .ئۇ يالغۇز قالدى ،ئەسلى بىللە ئەپ كىتەي دىۋىدىم جېنىم دوستۇم لېكىن قۇلۇم بارمىدى ھېچبىر قۇلۇم بارمىدى

.

ئاڭلا جېنىم دوستۇم،ساڭا   يۈرەك تىۋىشلىرىمنى دىمەيلا قىزىمنى ساڭا سايە قىلىشنى باشلاپتىمەن .


رەيھان مىنىڭمۇ ساڭا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئەسلى بەخىتلىك بۇلۇش،ياخشى ياشاش ھۇقۇقۇم بار بولغىيدى،ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيتىمەنكى شۇلارنى ساڭا،بۇلار ماڭا ئەزەلدىن نىسىپمۇ بۇلۇپ باقماپتۇ،


   ئەسلى بۇنداق گۇناھلىق ئىشنى قىلغۇم يوق ئىدى ،جېنىم دوستۇم ئەمما بۇ ھايات ماڭا ئۇچۇق يۈزىنى ئاچمىدى .تۇغۇلسام دادام يوق ئىكەن ،ئانام مۇ ماڭا ئوخشاشلا يالغۇز بالا ئىدى ،ئىسىمنى بىلسەم ئۇ بىر  كەسپى ئۇرۇننىڭ خىزمەتچىسى بۇلۇپ،ئىشتىن چۈشۈپ بىرىنجى قىلىدىغان ئىشى دوستلىرى بىلەن ئۇيىمىزدە ماجاڭ ئويناش ئىدى .

   مەن يالغۇز بالا بولغاچقا مەن نىمىنى دىسەم شۇنى قىلىپ بىرىپ مىنى چوڭچى ئەركە چوڭ قىلدى .مەن قاتار چايلاردا،ئانامنىڭ ماجاڭ ئوينايدىغان خەنزۇ دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ چوڭ بولدۇم ،باشقا دوستلىرىمغا ئوخشاش باغچىلاردا ئويناش ئىمكانىيىتممۇ يوق دىيەرلىك ئىدى .ئۈيىمىز خۇداغا شۈكرى باغچىغا تام تۇتاش بولغاچقا ھەر كۈنى ياتاق ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن باغچىدىكى مەنزىرىلەرگە تويماي قارايتتىم ،ئاتا-ئانىسى بىلەن تاقلاپ -سەكرىشىپ كىتىۋاتقان بالىلارنى كۆرگىنىمدە ئۇلارغا شۇنچىلىك ھەۋىسىم كىلىپ كىتەتتى.تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىسەدەپ كىتەتتىم ،ئىچىم ئاچچىقمۇ بۇلاتتى ،


    مىنىڭ دەرىسلىرىمگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەممۇ يوق تاپشۇرۇق ئىشلە دەيدىغان ئادەممۇ يوق ،مەن دەرىسلەردە ئىشقىلىپ يىتىشىپ ئۇقۇۋاتتىم ،دىگۈدەك نەتىجەم ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما سىنىپتىن قالغۇدەكمۇ نەتىجىدە ئەمەس ئىدىم ،مىنى ئەركىلەتكۈدەك ئاچا-ئاكىلىرىم ،ھەم داداممۇ بولمىغاچقا مەن ئۇغۇل بالىلادەك مىجەزدە چوڭ بۇلۇشقا باشلىدىم .

     

سىنىپتىكى ،مەھەللىلەردىكى دوستلىرىم دادىسى ئانىسى،ئاكا-ئاچا ئىنى- سىڭىللىرى بىلەن خۇشچاقچاقلىشىپ،ئوينىشىپ كەتكىنىنى كۆرسەم ئويگە كىلىپ ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ كىتەتتىم .«دادامنى تېپىپ بەر دەپ» شۇنداق چاغلاردا ئانام بىر ھازا ۋاقىراپ-جاقىرىغاندىن كىيىن ھاجەتخانىغا بىكىنىۋېلىپ چىقمايتتى .ئۇنى يىغلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ سافادا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان ئىدى.

   

مەكتەپتىن ھېرىپ كەلسەم ئوي ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق،دوۋلىلەكلىك تۇرغان يۇيۇقسىز قاچىلارغا قاراپ تۇمشۇقىمنى ئۇشلاپ يىغلاپ تاشلايتتىم ،ئانام مىھمانخانا ئويدە خوشنا دوستلىرى بىلەن ماجاڭ ئويناپ ئولتۇرغان ھالەتتە ئىدى .ھېچ ئىشلارغا ئارلاشقۇم كەلمەي ئانامنىڭ بىكار بۇلۇپ ماڭا تاماق ئەكىرىپ بىرىشىنى كۈتۈپ ياتاق ئۈيۈمگە بىكىنىپ باغچىغا قاراپ خىياللارغا غەرىق بۇلاتتىم .ئۇلار تارقاپ ئانام پەستىكى ئاشخانىدىن ياكى دوستلىرىنىڭ ئۈيىدىن ئەچىققان تاماقنى ئەپ كىرگەندە بەزىدە ئاللىقاچان ئۇخلاپ كەتكەن بۇلاتتىم .

   

ئەنە شۇنداق روھى ھالەت ئىچىدە چوڭ بولدۇم .چوڭ بۇلۇپ ئەقىل كىرگەنسىرى ماڭسام تۇرسام ئويلايدىغىنىم ،يۈرىگىمدە سېغىنىپ ،خىيالىمدا تەسەۋۇر قىلىپ سىزىپ چىققان خېزىر سۈپەت،مىھرى ئىسسىق  دادام بولدى،قۇتلۇق ھېيىت ئايەم كۈنلىرى ئىچىم تىت-تىت بۇلۇپ ئاللىنىمىلەرنى ئويلاپ كىتەتتىم.

تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ئانامنىڭ تاماكا چىكىدىغىنىنى بايقاپ قالدىم ،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ ھاجەتىخانىدىن چىقماي ئولتۇرغىنىنىڭ سەۋەبىنى بولسا چۈشنىپ يەتكەندەك ئىدىم .


    ھازىر ئويلىسام ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بۇلىدۇ،ئەينى چاغلاردا باشقىلار  ئانىسى بىلەن قولتۇقلىشىپ مېڭىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم يۈرىگىم پارا-پارا بۇلۇپ كىتەتتى .مەن مىھرى مۇھەببەتكە شۇنچىلىك مۇھتاج ئىدىم ،باشقا دوستلىرىمنىڭ ئانىلىرى ئۇلارغا«قىزىم ساڭا دەيدىغانلىرىم بار ئىدى،مەسلىھەتىم بار ئىدى» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغىنىدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىلاتتىم ،شۇنداق  قىلىپ بارا- بارا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كىتىپ بارغىنىمنى سىزەتتىم.


      كىيىن تۇلۇقسىزنى پۈتتۇرۇپلائۇ مىنى مۇشۇ رايۇندىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ  ئىشچىلىقىغا بەردى.ئۇقۇشۇم ياخشى بولمىغاچقا ئانام يول مېڭىپ پۇل خەجلەپ بۇ خىزمەتنى ماڭا تاپقانمىش ،شۇنداق قىلىپ جاپالىق خىىزمەتلەرگە چۈشۈپ كەتتىم .يوللاردىكى گۈللۈكلەرنىڭ ئۇتاش ئۇلاغچىلىق دىگەندەك ئىشلىرىنى ئۈگەندىم .خىزمەتكىمۇ پىشتىم .بارا –بارا چوڭمۇ بولدۇم  .




داۋامى ئىنكاستا  يولىنىلىدۇ.



ھۆرمەتلىك تورداشلار بۇ ئۈرۈمچىلىك بىر توردىشىمنىڭ ھەقىقى بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىىكىگە ئاساسەن  يېزىپ چىقىلدى .ھىكايە بولغان ئىكەن ئازراق مۇبالىغا ۋە تۇقۇلمىلار ئارلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ،داۋامىنى  ياخشى يېزىش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

قىممەتلىك پىكرىڭلارغا مۇھتاجمەن .بەزى ئىملا خاتلىق ۋە سۆز جۈملىلەردىكى لوگىكىلىق خاتالىقلار بولسا ئىنكاستا كۆرسىتىپ قويغايسىلەر بىۋاستە يېزىۋاتىمەن .رەخمەت

ئاپتۇردىن .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 01:37 PM  


يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5371
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:14:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بالىلىرىغا،خوتۇن-قىزلىرىغا ئىگە بولمايدىغان  نىكاھنى بىر خىل كۆڭۈل خۇشلۇقى دەپ بىلىدىغان ناكەس ماڭقۇرتلار  كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ............ توۋا شۇنداق ئادەملەردە ئىنساني تۇيغۇ دەيدىغان نەرسە يوقمىدۇ؟

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:25:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرمۇ بىر ئىككى كۈندىن كىيىن يوقاپ كەتمىسۇن ئاۋال ساقلىۋالاي. داۋامىغا تەقەززا بىز،ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:37:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىنەنىڭ ئاپىسىغا راستلا ئۆكۈندۈم جۇمۇ! بىر ئانىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئۇ!
خاپا بولماي تىزرەك يوللارسىز ئەمسە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 10:38 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئاپتورغا رەھمەت ئېيتىۋىتىپ ئالدىرماي ئوقايچۇ .
رەھمەت سىزگە .

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:00:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقا ئەمدى

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:12:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى ھىكايىدەك قىلىدۇ ،بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى كۈرۈشكە تەشنامىز ،داۋامىنى چاپسانراق يوللىسا بۇلۇپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:22:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخرىنى تىزراق يوللارسىز !!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45400
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6606 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 12:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۋامىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان ئەزىزلەرگە تەشەككۈر

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 12:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسېز داۋامىغا تەشنامەن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش