بۇشېئىرىمنى قايتىدىن ئىشلەپ يېزىپ چىقتىم بۇرۇنقىسى قۇشاق شەكىلدە ئىدى. تورداشلارنىڭ پىكرىگە مۇھتاجمەن.
يىغلايدىغان بوپ قالدىم
يايرىم ياققىن قۇلاقنى، يۈرىگىمدىن كۈي قاتتىم. ئۇنتالمىغاچ ھېچ سېنى، سىياقىڭنى ئەسلىدىم. ھەر دەقىقە ھەر ياقتا،ئىزلەپ سېنى ھارمىدىم ، ھىجران ئىچرە قان ياشقا ،تۇلۇپ كەتتى كۆزلىرىم، سەنسىز تىنىم مىڭ پارە، يىغلايدىغان بوپ قالدىم.
كۈنلەر ھەجەپ ئۆتمەكتە، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، ئاھ، شۇنچە تەس بىلىنەر، سېنى كۈتۈپ سېغىنىپ، كېپەن كىيدى پەسلىمۇ، مەن ئاشىقنى جۆر قىلىپ، ئاي -يۈلتۇزمۇ مۇكۇندى،ئازاۋىمدىن قىينىلىپ. سەنسىز تىنىم مىڭ پارە، يىغلايدىغان بوپ قالدىم.
سېغىنغاندا چىدالماي، ئۇردۇم ساڭا تېلېفۇن ھەر ئالغاندا دىدارسىز، يۈرىگىمنىڭ دىلى خۇن، ئايغا قاراپ كېچىدە، قارچۇغۇمدا قاتتى مۇڭ، ئۇنتىيالماي ئۆتمۈشنى،بۇلۇپ قالدىم ساراڭ ئوڭ، سەنسىز تىنىم مىڭ پارە، يىغلايدىغان بوپ قالدىم
پىشايۋاندا كۆك كەپتەر، ھەجەپ مۇڭلۇق ئۈنلەيدۇ، ئۇمۇ ئىزلەپ ئاشىقنى، ماڭا جۆر بوپ توۋلايدۇ. سۈرەتلىسە ھەر بىر رەت، خىياللىرىم يىغلايدۇ، ئۈمىد بىلەن ياشا دەپ، تاتلىق ھىسقا باشلايدۇ. سەنسىز تىنىم مىڭ پارە، يىغلايدىغان بوپ قالدىم
ھەي مۇھەببەت نە قىسمەت، قۇل بولساممۇ مەيلىغۇ، يىغلاپ ناخشا ئېيتىمەن،« يايرىم ھەجەپ كەتتىغۇ»، سېغىنغاچقا ھىدىڭنى، سىرلىرىمنى يايدىمغۇ، تۈگەر دېگەچ دىلدا غەم،ھەر كۈن شېئىر يازدىمغۇ. سەنسىز تىنىم مىڭ پارە، يىغلايدىغان بوپ قالدىم.
م
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 12:28 AM
|