|
|
|
|
ئادەمدەك ياشا
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەر ئەھلى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۈيۈك سالى بولسۇن !! شۇنداقلا پىقىر ئەلرازىدىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن !!
خىلى بوپتۇ. مۇنبەرگە چىقالمىغىنىمغا، گەرچە مۇنبەرگە چىقالمىغان بولساممۇ يەنىلا مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى شۇنداقلا سىلەرنى سېغىنماي تۇرالمىدىم. شۇڭا سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن !!
سىلەرگە يېڭىدىن يازغان ئىجادىيىتىمنى سۇنۇش ئارقىلىق كۆڭلۈڭلارنى ئېلىۋېلىشنى لايىق كۆردۇم .
ئادەمدەك ياشا
ئادەم بوپ يارالدىڭ ئادەمدەك ياشا ،
شەيتانغا قۇل بولماي ئادەمدەك ياشا .
تۆت كۈنلۈك دۇنيا بۇ بىلسەڭ سەن شۇنى ،
مىھمانسەن دۇنياغا ئادەمدەك ياشا .
دوست تۇتما ئۆزۈڭگە غەيۋەتغۇرلارنى ،
ھەم شىرىك قىلمىغىن ھەسەتغۇرلارنى .
چۈشەنسەڭ ئەگەردە ئۇشبۇ گۇناھنى ،
ئۆزۈڭگە ھەر بوپ ئادەمدەك ياشا .
باي بولساڭ گاداينى قىلمىغىن بوزەك ،
بايلارمۇ بىر كۈنى بوپ قالار قۇلدەك .
ئادەمسەن بوپ قالما قۇرۇق مۇردىدەك ،
شۇلارنى ببىلسەڭسەن ئادەمدەك ياشا .
ئويلىشىپ ماڭغىن سەن ھەر بىر قەدەمدە ،
ۋەدىلەر بەرمىگىن يالغان قەسەمدە .
مەڭگۈلۈك قالمايچۇ دىسەڭ ئەلەمدە ،
ئەلەمگە قالغۇچە ئادەمدەك ياشا .
قالدۇرۇپ دۇنياغا ياخشى نامىڭنى ،
ئەل ئۈچۈن ئاتار قىل ھەتتا بارىڭنى .
قەدىرلەپ بىر ئۈمۈر ئاتا _ ئاناڭنى ،
دۇنيادا ھەقىقى ئادەمدەك ياشا .
گۈل ئۈنسۇن ياسىغان گۈزەل بېغىڭدا ،
ھەمراھدۇر خۇدايىم ھەر كۈن يېنىڭدا .
زارلانماي دىسەڭ گەر ئۆلەر چېغىڭدا ،
تۆۋبە قىلىپ ئاللاھغا ئادەمدەك ياشا .
دۇنياغا ئادەمدەك تۈرەلگىنىڭ راسىت ،
ياشلىقتا ئېچىلىپ يۈرگەنلىرىڭ راسىت .
بىر كۈنى ئاللاھ دەپ ئۆلگەنلىرىڭ راسىت ،
دۇنيادىن كەتكۈچە ئادەمدەك ياشا .
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى .
2012 _ يىلى 8 _ ئاينىڭ 29 _ كۈنى .... چارشەنبە ... غۇلجا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-30 12:21 AM
|
|
|
|
|
|