ئوغىرىسىز ماكان
ئاپتۇرى؛ موللا زەيدىن
ئەلمىساقتىن تىنىچ ماكان بۇ،
سېلىنمايدۇ ئىشككە قۇلۇپ.
يۇقۇتۇشتىن يىيىلمەس ۋايىم،
مال بىساتلا تۇرسىمۇ تۇلۇق.
دىھقان ئۇيى ئوز -ئارا شۇندا،
ھا جەتمەندىن ئايرىماس نىممەت.
ئالماشتۇرۇش تەڭسىز بۇ يەردە،
قايسى ئەرزان ،قايسىسى قىممەت؟
ئېتىزلىقتا تۇنەيدۇ كەتمەن،
ئىت باقمايدۇ قۇتانلارنى ھەم.
پاسىلى يوق تۇتاش باغلارنىڭ،
ئىتىلمىگەن شۇرىلارمۇ ھەم.
ئاسمان سۇزۇك قۇياش باشقىچە،
پەرۋاز تاپقان بۇ يەردە كامال.
تەييەر دان يوق تۇخۇ -كەپتەرگە ،
ئەركىن ياشار بولمىغاچ قامال.
يۇقاپ كەتسە تۇخۇسى ئەگەر،
ئىزلەپ يۇرمەس مەھەللە قېزىپ .
پەيدا بۇلۇر بىر كۇن كەينىگە ،
ئوماق بىر توپ چۇجىنى تىزىپ.
تاۋار ئەمەس باغنىڭ نىممىتى،
شۇرۇلاردىن كىرمەس ئوماقلار.
ئازارلىشىش ياتتۇر بۇ يۇرۇتقا ،
كۇتەر سىنى ئىللىق قۇچاقلار.
بۇ ماكاندا ئوغرى زىلال سۇ،
مىۋە ھىدى كىلىدۇ ئېقىپ.
بۇران قېقىپ بەرسە ئالمىنى،
قاچار دائىم باغرىغا يېقىپ.
ئەلمىساقتىن شۇنداق ماكان بۇ،
ھايات ياشنار جەڭگى -جىدەلسىز.
روناق تاپقان ھورمەت بۇ يەردە،
مويسىپىتلەر بولغاچقا ئەزىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا molla-zaidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 11:12 PM