خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق
ئىزاھات : ئۆتكەن يىلى مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن خوتەن ناھىيسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا بىر يىل مۇقۇملۇق خىزمىتىگە چۈشۈپ،بىر يىللىق خىزمەتتىن تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقاردىم،لىكىن مۇنەۋۋەر سايلىنالمىدىم.
ئاپتورى : موللا-زەيدىن
كىسەلنىڭ ئەسكىسى بولۇر يۇقۇملۇق،
تۇپراقنىڭ ناچىرى زەيكەش يا قۇملۇق.
ئەجەبا نەچچە يىل بىلمەي كەپتىمەن،
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
ئەتتىگەن ئون تۈرلۈك خىزمەت پىلانلاپ،
چۈش بولماي كادىرلار كىتىدۇ تاراپ.
قورساق ئاچ تاماققا چاقىرار كىم دەپ،
قالىمەن تامادا ئارقىدىن قاراپ.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
كىچىسى جانلىنار ياتاقنىڭ ئىچى،
چاشقانلار كىتىرلار ئۇيقۇنى بۇزۇپ.
چۈشۈمدە بۇلۇمەن كۈ ندە باسقۇنچى،
دەل شۇئان مۇئەزىن قۇيار قۇتقۇزۇپ.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
خۇش چىراي سىكىتار،مىنجىڭ گەنسىگە،
سۆھبەتكە مەن بارسام قىلىدۇ توڭلۇق.
باشقىغا خاس ساراي،مەن ئولتۇرۇشقا،
كۆرسەتمەس پەگادىن ھەتتا بىر قوڭلۇق.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
سەنلىسە ئىگىلىپ تۇراركەن يايدەك،
ھۆرمەتلەپ يول قويساڭ قىلاركەن چوڭلۇق.
جىسمى بىر،خۇلقى مىڭ،كەتتىم بىلەلمەي،
قايسىسى ئوسىلى؟قايسىسى ئوڭلۇق.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
كەنتىگە كىلىدۇ غەۋغالار تىنماي،
تىگىنى ئاختۇرساڭ كەلمەس بىر پۇڭلۇق.
ئايرىساڭ جىدەلنى كىتەر بىرسى خوش،
بىرسىنىڭ كۆزىدىن ياغىدۇ شۇملۇق.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
بېشىڭدا قاينايدۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش،
يوقلامنى ئاختۇرۇش خاتىرنى كۆرۈش.
تۇرمۇشقا ئادەم يوق باشقۇرۇش كۆپتۇر،
ۋەزىپە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
شەھەردە بىر ئوبدان چىكىشنى تاشلاپ،
يېزىدا مىڭ قىسما ھۆنەرنى باشلاپ.
ئوقەت يوق چۇپۇلۇق تىرىنى ئاشلاپ،
تاپىنىم قىچىشسا بېشىمنى قاشلاپ.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
كۈندىزى رومالدا پۈركەپ بېشىنى،
كەچلىگى ئەگىيدۇ ئېتىپ قېشىنى.
يەپ قويۇپ شاشلىقتا مانتۇ ئېشىنى،
بىر كۈنى موللاخۇن يەرمۇ بېشىنى.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
ئەرىز قىپ ناھىيگە دەرىجە ئاتلاپ،
دات ئېيتماس كەننتىگە بىزلەرنى ياتلاپ.
نەچچە ئاي ئىشلىگەن تەربىيە قېنى؟
سالغۇڭىز كىلىدۇ بىلىدىن قاتلاپ.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
بىر موللام تۇتۇلسا بالا ئوقۇتۇپ،
بىر باخشى جىنغىمۇ توقام توقۇتۇپ.
بىرسى دەر قانۇننى كىتەي يوقۇتۇپ،
كار قىلماس ئۇلارنى تۇرساڭ قورقۇتۇپ.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
ھەپتىدە كەلمەيسەن مەخسىدىڭ نىمە ؟
خوتۇننىڭ سورىغى ئۆتەر جېنىمدىن.
كوتۇلداش ھەر ياڭزا ئايلىنىپ بېشىم،
غىزامۇ ئۆتمەيدۇ ھەتتا گېلىمدىن.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
تىنىڭدىن پۇرايدۇ يېزا پۇرىقى،
دەيدۇ ئۇ گۇناھنىڭ بولۇر سورىقى،
بەئەينى سوتچىغا ئوخشار تۇرىقى.
كۆڭلۈمگە ئاياندۇر گەپنىڭ قۇيرۇقى،
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
ۋاي توۋا بىر كەلسەم جەۋرى-جاپادا،
ئايلاندى ساق بېشىم تەنە-تاپا دا.
مۇقۇملۇق بۇزۇلۇپ مەيدان ئايرىشىپ،
كارۋاتقا رايىم يوق ياتتىم ساپا دا.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
كەنتىدە كۆپلەرنىڭ باركەن شالتىغى،
شۇڭا مەن بوپقالدىم كادىر ئارتۇقى.
مەن كىتەي ئۇلارغا مىختەك قادالماي،
خىزمەتنىڭ بولسىمۇ مىڭلاپ تارتۇقى.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
خىزمەت كۆپ ھەم ئېغىر بولسىمۇ مەيلى،
تەنقىت چوڭ باش يېغىر بولسىمۇ مەيلى.
قېچىشقا شەھەرگە چوڭ يول يوق بولسا،
تىكەنلىك يول چىغىر يول بولسىمۇ مەيلى.
خىزمەتنىڭ ئوسىلى ئىكەن مۇقۇملۇق.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم