ئاھ ! سەبىي قىزچاق
( ئەمەلىي ۋەقە )
<< ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار>>
<<يىتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار>>
بۇلتۇر 7- ئاي مەزگىللىرى ئىدى. ئانام كىسەللىك سەۋەبىدىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغاكىرىپ قالدى.
شۇ ۋاقىت دەل دىھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى بولغاچقا ،ئانامنى بىرەرسىمىز مۇقىم ئولتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىدۇق .
لېكىن پات-پات بىرەرسىمىزبېرىپ يوقلاپ تۇردۇق.مەلۇم بىر كۈنى دادام ئانامنى يوقلاش ئۈچۈن كېتىپ قايتىپ كەلگەندە بىزگە ئانام بار شۇ ياتاقتا 6 - 7 ياشلار چامىسىدىكى
بىر قىزنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇ قىزنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئۇ قىزنى ئۇرۇپ شۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .
بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئانامنى يوقلاش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. مەن ئانام بار ياتاققاكىرىپلا كۆزۈم ئەشۇ سەبىي قىزچاققا چۈشتى .
<<ئاھ ! سەبىي قىزچاق سىز ئۇ ئانىڭىز ئالدىدا سىزنى بۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىدەك نىمە گۇناھ
قىلغان بولغىيتىڭىز ؟............................... >>
ئۇ قىزچاقنى كۆرۈش بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى يىغا باستى ،بىر ئازدىن كىيىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئانام بىلەن ئەھۋاللاشتىم .
يەنىلا مىنىڭ ئەس- خىيالىم ئەشۇ سەبى قىزچاقتا ئىدى .مەن ئاخىر
بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن ئانامدىن ئاستاغىنە سورىدىم .ئانام سۆزىنى باشلاپ <<
ھەي قىزىم مەنمۇ بۇ قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۇ قىزنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن
بىلدىم .ئەسلىدە بۇ قىزنىڭ دادىسى بۇ قىزنىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ قىزدادىسىغا
قاپتىكەن .قىز تۆت ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ كىشى مۇشۇ قىزنى مانا مۇشۇنداق ھالەتكەكەلتۈرۈپ قويغان
رەزىل،ئىپلاس ئايالغا ئۆيلىنىپتىكەن .
ئانام سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئانامدىن"ئانا دوختۇرلار بۇ قىزنىڭ كېسىلىگە نىمە دەپ دىئاگنۇزقويدى" دەپ سورىدىم . ئانام << ئۇنى بىلمىدىم لېكىن ئۇ قىزسىيەلمەيۋاتىدۇ ......>> دېدى. مەن يەنە << نىمە سەۋەپتىن ؟>>دەپ ھەيران بولۇپ سورىدىم .ئانام << ئالدىرىماڭ ھازىر چۈشەندۈرۈپ قويىمەن>> دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
ئۇ قىزنىڭ بۇ 3 - قېتىم زەربە يىيىشى ئىكەن. بىرىنجى قېتىم ئۆگەي ئانىسى قولىنى سۇندۇرۇۋېتىپتىكەن .سەۋەبى ئاددىلا قاچا يۇيمىغانلىق ئىكەن .
ئىككىنجى قېتىم:كاللىسىنى چۈمۈچ بىلەن ئۇرۇپ يېرىۋېتىپتىكەن . سەۋەبى يەنىلا شۇ ئاددىي ئۆي
سۈپۈرمىگەنلىك ئىكەن ......
ئۈچۈنجى قېتىملىقى بولسا ئۇ ئايال ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇ قىزىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇئايالنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەن . ئۇئايال ئادىتى بۇيىچە ئۇقىزنى چاي قاينىتىشقا بۇيرۇپ
قۇيۇپ ئۆزى ئانىسى بىلەن بىرگە ئېتىزغا چىقىپ كىتىپتۇ. ئۇ سەبىي قىزچاق ئانىسى بۇيرىغان ئىشنى قىلىپ بۇلۇپلا ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئۇ قىزنىڭ ئۇخلاپقالغانلىقىنى كۆرۈپتۇدە:
ئۇنى سىلكىشلەپ نىمە ئۈچۈن بۇيرىغان ئىشنى قىلىپ قاچىلارنى يۇيمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇقىزنى سىيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ.نەتىجىدە ئۇ قىزدىن قان توختىماي ئۇلار قورقۇپ كىتىپ ئۇ قىز بىلەن ئۆيدەكىچىككىنەبىر نەۋرىسىنى قالدۇرۇپ ئۆزلىرى باشقا جايلا رغامۈكۈنۈۋاپتۇ.
ئاندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ داداسى شۇكۈنى بازارغا چىققان ئىكەن .شۇڭا قايتقان ۋاختىداباللىرىمنى بىر يولدىلا ئېلىپ كىتەي دەپ قېيىن ئانىسىنىڭكىگە كەپتۇ ،ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا قىزىنىڭ ئۈلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارلىقىدا يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .ئۇئىلگىرىمۇ ئۇ ئايالنىڭ قىزىغا شۇنداق زەربە بەرگەنلىكىنى كۆرگەچكە ئۇ بۇ ئىشنىمۇئايالىدىن گۇمانلىنىپ ئايالىنىڭ بۇ ئىشلىرىغا سەۋىر قىلالمىغان ھالدا ساقچىغامەلۇم قىلىپ قۇيۇپ قىزىنى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇ. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇئايال بۇ ئىشنى ئۇ قىز يېقىلىپ چۈشۈپ شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ. بۇ ئىش بىلەن مىنىڭ مۇناسىۋىتىم يوق دەپ ئىقرار قىلماپتۇ .لېكىن ساقچىلار ئۇ قىزدىن ۋەقە جەريانىنى سورىغاندا ئۇ قىز ئۇ ئىشنى ئاشۇ ئايالنىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتتى .قىزىم ئەھۋال ماناشۇ ،
قىزنىڭ بۇ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغان بۈۋى مەريەم ئىسىملىك دوختۇر بۇ قىزنى بېقىۋالماقچى >> دېدى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ .
مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم تېخىمۇ ئۆرتىنىپ كەتتى ۋە ئويلۇنۇپ قالدىم ، بۇئەھۋاللارغا دادىسى مەيلى دەپ تۇرغانمىدۇ ؟ شۇنچىلىك ئەھۋاللاربولغىچە نىمە ئۈچۈن ئۇ رەزىل ، ئىپلاس ئايال بىلەن ئاجرىشىپ كەتمىگەندۇ ؟ مەن بۇ خىياللارنى كەچكەندىنكېيىن ئانامدىن << ئانىا ،بۇ قىزنىڭ دادىسى نىمە ئۈچۈن بۇ ئايال بىلەن بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قېتىملىق ۋەقە سادىر بولغاندىلا
ئاجرىشىپ كەتمىگەندۇ ؟>> دەپ سورىدىم .ئانام << قىزىم،بۇ قىزنىڭدادىسى ئىنتايىن يۇۋاش ئىكىەن سىز بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيسىز . ئەر كىشى يۇۋاش بولۇپ قالسا ئەنە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ >>دىدى چۈشەندۈرۈپ .
ئاھ ! سەبىي قىزچاق سىز ئەمدىلا ئاق قارىنى پەرق ئىتىپ ھايات يولىڭىزنى تونۇپبولغۇچە ئادەم قېلىپىدىن چىققان بىر زالىم ئايالنىڭ قولىدا شۇنچىلىك زەربىلەرگەئۇچراپسىز . بۇ سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ، دوسلىرىڭىز بىلەن ئەركىن ئوينايدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەسمىدى ؟
ئەي قىزچاق. سەۋر قىلىڭ ئاللاھ سىزگە بۇنىڭدىن كىيىن بەختلىك كۈنلەرنى كەلتۈرۈپ بەرگەي ،كۈنلىرىڭىز خوشال - خوراملىقتا ئۆتكەي !
ھەي زالىم ،ئىپلاس ئايال سىز نىمە دىگەن قەبىھ ،شۇنچىلىك كىچىك بىر نارىسىدىگەئەجەپ چوڭ زۇلۇملارنى سېلىپسىز . سىز بۇ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز ؟ ئەگەر سىز ئۆلۈپ كېتىپ ياكى ئاجرىشىپ كېتىپ بالىلىرىڭىز ئەنە شۇنداقباشقىلارنىڭ قولىغا قېلىپ ئازاپلارغا ئۇچرىسا چىداپ تۇرالامسىز ؟ بۇنىڭغايۈرۈكىڭىز چىدىيالامدۇ ؟ سىز نىمە ئۈچۈن ئېغىزىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغان ئەنە شۇسەبىي قىزچاققا زۇلۇم قىلىسىز ؟ سىز گەرچە ئۇ قىزنى تۇغمىغان بولسىڭىزمۇ ئۇ ئۆزپەرزەنتىڭىزگە ئوخشاش ئەمەسمۇ ؟ سىز زادى قانداق ئانا ؟ بۇ رەزىل قىلمىشلارغاۋىجدانىڭىز قانداق يول قويدى ؟
ئەي ! ئايال ، ئاللاھ سىزگە بۇ قىلمىشىڭىزنىڭ جازاسىنى خالىسا بۇ دۇنيادا ، خالىسائۇ دۇنيادا بەرگەي ، بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىڭىز خارلىقتا ئۆتكەي !
ئاپتۇرى : ئادىلە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 09:50 PM