رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ناخشا تېكىستېى
ئويلاپ قوي ئاشىقنى مەجنۇن قىلغانلار،
ئوتىدا كۆيدۈرۈپ مەپتۇن قىلغانلار.
ئاشىقنىڭ يۈرۈكى قالمىسۇن يىغلاپ،
ئوت بولۇپ تەڭ كۆيگىن ئوتنى سالغانلار.
يالغۇزلۇق دەرىت ئەلەم ئاشىقلار ئۈچۈن،
بولمايدۇ مەشۇقسىز يۈرۈكى پۈتۈن.
مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ روھى مازاردا،
يىغلايدۇ كۆڭلۈمنى بىلمەس دەپ نىچۈن.
كەم ئەمەس ھەر كېمگە يېگىت ياكى قىز،
پەقەتلا چىن سۆيگۈ تارتېدۇ يىلتىز.
ھەقىقى ئاشىقلار خۇددى بىر ياقۇت،
غەنيېمەت تېپىلماس ئىزلىسەڭ ھەرگىز.
پۇشايمان
تاشلىدى بىۋاپا مېنى خار قىلىپ،
ئەلەملىك يىغلايمەن ھىجران چۆلىدە.
قەلبىمنىڭ تۆرىدىن ئاڭا جاي بىرىپ،
كۆتكەنتىم ھەقىقى سۆيگۈ ئەسلىدە.
نەقىلاي تەغدىرىم شۇنداق كاج تۇرسا،
يىغلىماي نە ئىلاج ئازاپلار ئۇرسا.
شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل يارىم دەپتىمەن،
بىلەلمەي ئارقىمدىن تۇزاقلار قۇرسا.
جېنىمغا پۇشايمان بولماقتا زۇلۇم،
گۈل ئەمەس تىكەننى ئۈزگەنكەن قولۇم.
كېملەردىن ئاغرىناي دىمەي مۇشۇنداق،
تۇسالغان ئوخشايدۇ مۇھاببەت يولۇم.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ