مىنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ
ئەجىبا يەنە مىنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ؟
مىنىڭ دوستۇمدىن راستچىللىق ھەم سەمىمىيلىك تەلەپ قىلغىنىم خاتامۇ؟
بىرەر ئىشنى خاتا قىلغىنىڭنى ساڭا دىگىنىم بۇ مىنىڭ خاتالىقىممۇ؟
بىرەر ئىشتا سەندىن ئاغرىنىپ قالسام سەۋەپنى مەندىنلا ئىزدەيسەن، يەنە دوست تۇرساق بىر-بىرىمىزنى چۈشەنسەك نىمە بولىدۇ دەيسەن، مىنى ئىچى تار، بىر ئىشنى توغرا چۈشەنمەيدىغان قاتارغا چىقىرىۋىتىسەن.
بىر قېتىم، بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ خاتا قىلغانلىقىڭنى ئىتىراپ قىلمايسەن، قانداقلا ئىش بولسۇن سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدەيسەن.
بۇرۇن دوستلۇق، دوستۇم دىگەن ئۇقۇمغا شۇنچىلىك ئىشىنەتتىم. ئۇلار ئۈچۈن جېنىمنىمۇ ئايىمىغۇدەك دەرىجىدە ئىشىنەتتىم، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ بەك يۈكسەك دەرىجىدە ئويلاپ كەتكەنلىكىمنى، ھېچ قانداق بىر ئىشنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، بارا-بارا مىنىڭ دوستلۇق دىگەن ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچەم بۇرۇنقىدىن زور پەرىقلىنىدىغان بولدى.
سەن يەنە بىر دوستۇم بولغاچقىلا مەن يەنە دوستلۇققا ئىشەندىم.ساڭا ئىشەندىم. سىنىڭ ھۆرمىتىڭنى قىلدىم.دوستلۇق مىھرىمنى يەتكۈزدۈم. لىكىن مەن ئاخىرى يەنىلا ئىش بىلمەيدىغان، بىر ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەيدىغان، كىچىكىنە ئىشلارنى چوڭايتىۋىتىدىغان ئادەمگە ئايلاندىم.
توغرا مەن شۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن خاپا بولدۇم. سىنىڭ شۇ كىچىككىنە ئىشنى قىلمىغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس سەمىمى بولمىغىنىڭغا خاپا بولدۇم. شۇ كىچىككىنە ئىشنى قىلالماي تۇرۇپ يەنە مەندىن كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن مەندىن رەنجىدى دەيسەن. توغرا، مەن سەندىن چوڭ بىر ئىشلارنى تەلەپ قىلمىدىم ھەم قىلمايمەن، شۇ كىچىككىنە ئىشلارنى قىلىشىڭنى، سەمىمىي بۇلۇشىڭنى ئۈمۈد قىلغان. بوپتۇ، تۇيۇقسىز ئىشىڭ چىقىپ قالغانمۇ بولسۇن، كىيىن مەن سورىغاندا، مۇنداق ئىش بوپ قالدى دىسەڭلا بۇلدىغۇ. ئالدىراشلىقىڭنى، ئۈزۈڭنى نەچچە پارچە قىلالالماي قالغىنىڭنى، ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلىكى، ئىش ئورنىڭدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلىكى................. شۇلارنى دەيسەن، باھانىلەر شۇنچە كۆپ، يەنە مىنى توغرا چۈشەنمىدىڭ دەپ رەنجىيسەن، قاقشايسەن، شۇنچە كۆپ گەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا بىر ئېغىز «خاپا بولما» دەۋەتسەڭ نىمە بولۇپ كىتىدۇ.
تۈنۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. شۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن سەندىن رەنجىپ قالدىم، شۇ ئىشنى قىلمىغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، سەمىمىي بولمىغىنىڭ ئۈچۈن رەنجىدىم. سىنىڭ يەنە ئالدىراش بوپ قالغىنىڭنى، ھەممە ئىشنىڭ ساڭىلا قالغانلىقىنى ئاڭلاش ئەمەس پەقەتلا بىر ئېغىز «خاپا بولما» دىيىشنىڭنى كۈتكەن ئىدىم. لىكىن سەن يەنە بەك كۆپ سۆزلىدىڭ، مىنى «ئىش بىلمەيدىغان، كۆڭلى-كۆكسى تار، بىر ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەيدىغان» يەنە بەك، بەك كۆپ سۆزلىدىڭ. مەنمۇ ئاچچىقىمدا «مەن شۇنداق ئەسكى بولغاندىكىن مەندەك دوستۇڭدىن كىچىپلا كەت، سەن بىلەن دوست بۇلۇشنى خالايدىغانلار بەك كۆپقۇ، مەندەك ئەسكى دوستۇڭدىن كىچىپ شۇلار بىلەن دوست بۇلىۋالغىن» دېدىم، شۇ گەپ بىلەن يەنە «ئىچى تار، باشقىلارنى چۈشەنمەيدىغان، ھالىغا يەتمەيدىغان» بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن سەنمۇ مىنى بۇندىن كىيىن ئىزدىمەيدىغانلىقىڭنى دېدىڭ، مەنمۇ شۇنداق دېدىم. سەنمۇ مىنى ئىزدىمەيدىغان، ئىزدەشمەيدىغان بولدۇق، دوستلىقىمىزنى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇق.
پەقەت شۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن شۇنچىلىك دىيىشىپ كەتتۇق، سەن كىچىككىنە ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغان ھەم قىلالمىغان شۇ ئىش ئۈچۈن شۇنچىلىك دىيشىپ كەتتۇق. پەقەت سەن بىر ئېغىزلا «خاپا بولما» دىگەن بولساڭ ئۇنچىلىك بوپ كەتمەيتتۇق. ھەم مەن ئۈچۈن ئۇ ئىشنى قىلىپ بىرىشىڭمۇ مۇھىم ئەمەستى، ماڭا پەقەت سەمىمىيلىكلا مۇھىم ئىدى.
شۇلارنى دىيىشىپ بولۇپ ئاچچىقىمدا ئولتۇرسام سەن ئاۋازلىق «ئاۋازلىق كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى»غا كىرىپ بۇ توغۇرلۇق سۆزلىدىڭ، كىچىككىنە، ئەڭ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى، تالاشقۇدەك ئىش يوقلىقىنى، كەڭ قورساق بۇلۇش كىرەكلىكىنى.........................شۇنچە سۆزلىدىڭ، ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك سۆزلىدىڭ، يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدىڭ، باشقىلارغا ناخشا قۇيۇپ بەردىڭ، ناخشا بىلەن بىللە سىنىڭ يىغاڭنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇم، ھەممىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. گەرچە ئۆزۈمنى خاتا قىلدىم دەپ ئويلىمىساممۇ، لىكىن سىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ گەپ قىلىشىڭ ماڭا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ قانداق، بىردەمدىن كىيىن يەنە ، تاماق يەپ بولدىڭمۇ، يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيلى دەپ تېلفۇن قىلدىم. سەن ئىنىڭنى ئىزدەۋاتقىنىڭنى، ھازىر كىلەلمەيدىغانلىقىڭنى دېدىڭ. شۇنداق قىلىپ يەنە يارىشىپ قالغان بولدۇق. دوستلۇقنىڭمۇ مىھرى شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، چىدىماق تەس ئىكەن شۇ.
بۈگۈن باشقا بىر ئىشنى سەۋەپ قىلىپ ئىش ئورنىڭغا بىر دوستۇم بىلەن باردىم، ياخشى كۈرۈشتۇق، پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، بۇنىڭدىن خوش بولدۇم. لىكىن ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلارنى يەنە دىيىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ مەن تېخى يىڭى تۇنۇشقان، ئەمدىلەتتىن يېقىن ئۈتۈۋاتقان، مىنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئالدىدا ئۇ ئىشلارنى بۇرمىلاپ دىيىشىڭنىڭ، ئۇنىڭغا يىغلاپ دەرت تۈكۈپ بىرىشىڭ توغرىمۇ؟ مەن سىنى شۇنچە يىغلاتقۇدەك، يېنىڭغا بارغانلارغىمۇ، ئاۋازلىق كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىگۈدەك كۆڭلۈڭگە شۇنچىلىك ئازار بەردىممۇ؟
توغرا سەن بايا دىدىڭ، سەندە بار كۆڭۈل مەندىمۇ بار.شۇنىڭغا ئوخشاش سەندە بار كۆڭۈل ھەم مەندىمۇ بار. تۇنۇشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مىنىڭ سىرتقى قىياپىتىمنىلا تۇنۇيدۇ، «مىنى كىچىك بالىدەكلا، باشقىلارغا يول قۇيۇشنى بىلمەيدۇ، بوينى قاتتىق، كىبىرى چوڭ» دەپ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار %100 مىنى خاتا قىلدى دەپ چۈشىنىدۇ. لىكىن سەن ھەممىنى بىلىسەن، مىنىڭ بەزىدە شۇنداق ئېغىر بېسىق، ھەم سىنىڭمۇ ھۆرمىتىڭنىمۇ قىلىدىغانلىقىمنى ساڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ، لىكىن سەن بىلەتتىڭ.
سەن ئۇلارغا مىنىڭ خاتالىقىمنىلا سۆزلىدىڭ، دوستلۇق توغرىسىدا، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك توغرىسىدا سۆزلىدىڭ. لىكىن سەمىمىيلىك ھەم ۋەدىسىدە تۇرۇش توغۇرلۇق ھېچنىمە دىمىدىڭ. ئالدىراشلىقىڭ تۈپەيلىدىن زارلىنىپ شۇنچە كۆپ خەتلەرنى يېزىشتىن ئىرىنمىدىڭيۇ-لىكىن بىر ئېغىز پەقەتلا بىر ئېغىز «خاپا بولما» دىگەن گەپنى دىمىدىڭ.
تۈنۈگۈمكى ئۇ ئىشنى مەن ئالدىڭغا بارغاندىن كىيىن ئۆتكەن ئىشلارنى دىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. لىكىن مەن بۈگۈن ئۇ ئىشلارنى سەن باشقا بىر دوستۇمغا دەۋاتقان ۋاقتىڭدا ئاچچىقلاپ ئۇ يەردىن چىكەتتىم. خوشمۇ دىمەستىن ئىشىكنى زەرىب بىلەن يېپىپلا چىكەتتىم. پەقەت ئىشىڭنىلا ئەمەس، قەلبىمدە دوستۇمغا ھەم دوستلارغا ئېچىلغان دوستلۇق ئىشىكنىمۇ يېپىپ چىكەتتىم. بەلكىم ئىككىڭلار ئولتۇرۇپ يەنە «ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، بىر ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەيدۇ» دىيىشكەنسىلەر. بەلكىم مەن راستىنلا سىلەر دىگەندەك باشقىلارنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن ياكى باشقىلار، يەنى سىلەر مىنى چۈشەنمەيۋاتقانسىلەر، مىنىڭچە ئەمدى بۇنى بىلىشنىڭ ھەم دىيىشىشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى.
تۈنۈگۈن سەن دوستۇڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دىلىنى رەنجىمەڭلار دەپ سۆزلىدىڭ. شۇ گەپلەرگە مەنمۇ قۇشۇمچە قىلىپ قۇياي
دوستۇڭلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەڭلار، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەڭلار مەيلى چوڭ ئىش بولسۇن ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ۋەدەڭلاردا تۇرۇڭلار، گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ شۇ ئىشنى قىلىش سىلەرنىڭ دوستۇڭلارغا قىلغان ھۆرمىتىڭلار ھەم دوستلۇققا بولغان سەمىمىيىتىڭلار بولىدۇ.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 06:22 PM