مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 4

پارچىلار (ئۆڭمەس) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79876
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارچىلار

مەخمۇت ئاۋۇت (ئۆڭمەس)

ھاياتتۇر شاۋقۇنلۇق بىر ئەزىم دەريا،
توختىماي ئاقىدۇ يۈگەنسىز گويا؛
قۇيۇلار ھامىنى كەڭرى دېڭىزغا،
قىممەتتۇر ئىنسانغا بۇ يورۇق دۇنيا.

ھورمەتكە سازاۋەر ئۇلۇقدۇر دېھقان،
ھالاللىق نىمەتچۈن تۆكىدۇ تەر-قان؛
تارتسىمۇ مىڭ جاپا چەكمەيدۇ پىغان،
ھۆرمىتى ئاۋامنىڭ كۆڭلىدە گۈلخان.

بىرەر ۋاق ئاش-نېنىڭ بولسىمۇ كەمچىل،
پەرزەنىتكە تەربىيەڭ بولمىسۇن كەمچىل؛
نەسىھەت-ساۋاقنى ئاشتىن ئەزىز بىل،
شۇندىلا ئەۋلادىڭ ئۆتۈدۇ ئىجىل.

ئاناڭنى ئىززەتلە، كۆتۈر بېشىڭدا،
بارىدا بېقىۋال ئۇنى قېشىڭدا؛
كەلمەيدۇ ئورنىغا ئۇ كەتكەنچاغدا،
ئۆرتەيدۇ پۇشايمان ئىچى-تېشىڭدا.

ئاتاڭنى ئۆزۈڭگە يۆلەنچۈك چاغلا،
بارىدا بوستاندۇر باياۋان، تاغلار؛
ئۇ كەتسە قۇرۇيدۇ،توزۇيدۇ باغلار،
كۆپۈيەر دەردىڭمۇ يىقىلىپ تاغلار.

توغرىنى ھۆرمەتلە ئاڭا قۇلاق سال،
خاتانى توغرىلا، ئاڭا ئۇلاق سال؛
چۈشەنمەي ئەگەشسەڭ بولىسەن ئوسال،
يوللىرىڭ داۋاندۇر، كۆز ئاچماس ئىقبال.

ئۆز يارىڭ-ئايالىڭ يېتەر ھالىڭغا،
شىرىكتۇر ئۇ سېنىڭ ئاھۇ-زارىڭغا؛
كۆڭلۈڭنى ئوۋلىغان ئەشۇ بايقۇشلار،
چۈشكەندە باشقا كۈن قاچار يىراققا.

يوقسىزلىق ھاياتتا قىينىسىمۇ گەر،
قالمىغىن ھارامغا قول سۇنۇپلا زەر؛
شەيتانغا باش ئېگىپ ئازساڭ يولۇڭدىن،
ئەل-ئاۋام ئالدىدا بولۇر يۈزۈڭ يەر.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىغان پارچىلاركەن . يەنىمۇ يىرشىڭ ياىشى يازالايسىز مەن ئىشنىمەن.

ئادىل ئابابەكرى.

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7616
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،مەن بەك ياختۇردۇم رەھمەت.

باشقىلار سىنىڭدىن ئەقىللىق ئەمەس  بەلكى  تىرىشچان.....

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3861
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز يارىڭ-ئايالىڭ يېتەر ھالىڭغا،
شىرىكتۇر ئۇ سېنىڭ ئاھۇ-زارىڭغا؛
كۆڭلۈڭنى ئوۋلىغان ئەشۇ بايقۇشلار،
چۈشكەندە باشقا كۈن قاچار يىراققا.


ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4615
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىنىمنى ئورىدى بىر شۇملۇق كىلىپ،
ئىچىمگە شەيتەننىڭ ۋەسۋەسى كىرىپ.
ئەجەل سۇرىسە قىشىڭدىن ئىلىپ،
ئاھ ئۇرما ئۆلۈم بار ھەربىر بەندىدە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش