ئانا تىل
(قۇتلۇق ھاجىم «شەۋقى»نىڭ شۇ نامىلىق غەزىلىگە مۇخەممەس)
ئانا تىلىنى بارچە تىللەر ئالدىغە قويغۇم كېلۇر،
باسقىلى تارىخ بېتىگە تامغەسېن ئويغۇم كېلۇر،
بارچە ئېقلىملەر ئارا ھەم تۆھپەسېن يايغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىلگەن كىشنىڭ ئىززەتېن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
(ئارمېنىم يوق) ئانا تىلچۈن، باشىمە بولسا جۇدا،
شۇل جۇدالىقتا دېيۈرمەن ئانا تىلدا «ئەلۋىدا!...»
سەندە ۋىجدان بولسا قوغدا (ساپلىقىغا قىل دۇئا؟!...)
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكا يۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
خىلمۇ – خىل مىللەت، ئۇرۇق نەسلى بىلەن رەڭدار جاھان،
رېشتە شۇ تىل ئورتاقلىقى (توپلىشىپ تۇتقان ماكان)،
«ئۆتۈشۈش» بولغان ئەزەلدىن، بولسا «ئەبجەش» بىل توپان؟!...
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.
ئاپتۇرى: يېڭشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتتىن قاسىمجان غۇپۇر (دېھقان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 02:12 PM