مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 8

ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى

مەھمۇتجان ياسىن


ئەدەبىي ئەسەر تىلى يازغۇچىنىڭ رىئال دۇنيادىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىشى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەردە ئەسەر تىلى مەۋجۇت بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە ئەسەر تىلىنى ئىپادىلاش ۋاستىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئالدى بىلەن ئىشلىتىلگەن تىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ، تىل بىلەن بايان قىلىنىدىغان بولغاچقا شۇ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تىل سىستېمىسىغا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىكى تىل ئۆز ئانا تىلىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ئەسەردىكى ئەسەر تىلى بولسا شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، دىنى، ئۆرپ-ئادىتى، ياشاش شەكلى ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ھاياتىنى يىلتىز قىلغان بولىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە بار بولغان مەيلى قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇ ئەسەرنىڭ تىل جەھەتتىن قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.

ئەدەبىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكلىرى ئىچىدىن تىلنى قېزىپ چىقىرىشتۇر. يازغۇچى گەرچە كاللىسىدا تەپەككۇر قىلسىمۇ يەنىلا تىلدا ئىپادىلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئىجادىيەت يەنىلا تىل پائالىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلۈك شانلىق تارىخىدا ئەزەلدىن ئەدەبىيات-سەنئەتكە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن. مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ موللىقى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئىپادىلەش شەكلى كۆپ خىل، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىگىچە سىڭىشكەن بۈيۈك ئەسەرلىرى بىلەن تىلىمىزنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ بىيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭمۇ چوقىسىغا ئېلىپ چىققان بۈيۈك شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋائى شائىرلىق بۇرچىدىن ئۇيغۇر تىلىنى بىيىتىپ، زىننەتلەپ بەرگەن بولسا، مىللىي كىملىك پەزىلىتىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان بىر ئىجادىيەت قورغانىدا ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى «پارىس تىلى شەكەرىست، تۈركىي تىلى ھۈنەرىست» دەپ ئىپادىلىنىۋاتقان، پۈتۈن يازغۇچى شائىرلار ئۆز ئانا تىلىدىن كېچىپ پارىس تىلىدا ئىجادىيەت قىلىۋاتقان بىر مۇھىتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆز ئانا تىلىدا تەۋرەنمەي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان نەۋائى بىزگە بۇندىن 600 يىل بۇرۇنلا ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە قالدۇرۇپ كەتكەن مول ئىجادىيەت مېۋىلىرىدە باشقا تىللارنىڭ زادىلا ئارىلىشىپ قالمىغانلىقى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇر ئىسپاتلايدۇ.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخى، ھاياتى ۋە پۈتۈن ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدە ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات بولسا ئۆزىنى ئىپادىلەشتە تىلنى ۋاسىتە قىلغان بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ مول بولغان بايلىقى ۋە يۇقىرى ئىپادىلەش كۈچى بىلەن بىزگە زور بەدىئىي ۋە تارىخىي مىراسلارنى قالدۇرغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكىدەك شالغۇتلىشىش ۋە ئازلاپ كېتىشى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ كۈنسىرى ئاجىزلاپ مېڭىشى بىزنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئېغىز تىلىدا ساقلانغىنى بىلەن يازما ئەدەبىياتىدا بىيىيدۇ. تىل-ئەدەبىياتنىڭ بىرىنجى ئېلېمىنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەدىئىي ئەدەبىياتتا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ.

شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئەسەر تىلى شۇ مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ھەقىقىي ئامبىرىدۇر. ئېغىز تىلى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، ئۆزگىرىپ مۇھىتلارنىڭ تەسىرىدە ھەرخىل ئۆزگەرگىنى بىلەن بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى يازما ئەدەبىيات ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.

ئىپادىلەش كۈچى كۈنسىرى تۆۋەنلەۋاتقان، سانى ئازىيىۋاتقان، شالغۇتلىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى كىرىزىسى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى بىۋاسىتە تىلىمىزنىڭ ھەرقايسى فۇنكىسىيەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسەر تىلىدىكى شالغۇتلۇق، تويۇنماسلىق، ئىزدەنمەسلىك قاتارلىق بىر تۈركۈم ھادىسىلەر بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۈنۈمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي، بەلكى تىلىمىزنىڭمۇ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىدۇ. ئەسەر تىلىدىكى شالغۇتلۇق بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان ئېغىز تىلىمىزنىڭ بۇزۇلىشىنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى:

خالاپ ئىچكەن لاتقاق سۇ جامى مەيدىن ياخشىراق،

پۇت تاپسا ئارام يالاڭ ئاياق يۈر ئۇ خەيدىن ياخشىراق.

ئىشتىھايىڭنى ئاچسا كۆمەچ ئۇننى قوقاسقا كۆمگۈلۈك،

ئۇ خالىماي يەپ كېكىرگەن بەتتەر سەيدىن ياخشىراق.

بۇ يەردىكى «خەي، سەي» قاتارلىق سۆزلەر تىلىمىزغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر بولۇپ، بۇنداق شالغۇت تىللارنىڭ شېئىرلاردا، يازما ئەدەبىياتتا ئەسەر تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى تىلىمىزغا شالغۇتلۇق ۋە بۇزۇلۇشتىن باشقا ھىچنىمە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئاپتۇر بۇ يەردە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن قاپىيە ۋە پىكىر قوغلاشقانكى، ئۆزى قوللىنىۋاتقان ئەسە ر تىلىنىڭ ساپلىقىغا سەل قارىغان. بۇنداق ئەھۋال بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە خېلى سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنداق مىساللارنى بىز يەنە تالايلاپ ئېلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق مەيلى ئېغىز تىلىمىزدا بولسۇن ياكى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن شالغۇتلىشىش، بۇزۇلۇش، ئازلاش يوقاپ كېتىش قاتارلىق كىرىزىسلارغا ەولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنداق پاجىئەلەرگە يولۇقىشى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەسەر تىلى بىلەن يەنىلا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە. ھازىر بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان زور بىر قىسىم سۆزلەر ئەرەپ تىلى ۋە پارىس تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى دىنىي ھاياتىمىزدىن كەلگەن بولسا پارىس تىلى پۈتۈنلەي ئېغىزىمىزغا ئەسەر تىلى ئارقىلىق كۆچكەن. چۈنكى تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋىي باغلىنىشىمىز بولمىغان پارىسلار ئۆز ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بىزنى ئىزچىل غىدىقلاپ تۇرغان. ئوبۇلقاسىم فىردەۋىس، سەئىدى، شىرازى، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق پارىس مۇتەپەككۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىزدە تويۇنغۇدەك دەرىجىدە قوبۇل قىلىنغان بولغاچقا نۇرغۇن سۆزلەر ئەسەر تىلى ئارقىلىق ئېغىزىمىزغا ۋە ئەدەبىياتىمىزغا سىڭىشكەن. بۇنداق بولۇشى ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە.

تىل تەتقىقاتى تۇرغۇنلۇق ھالەتكە ئۆتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق ئۆز ئەسەرلىرىدە تىلىمىزنى ئاسراۋاتقان، قوغداۋاتقان، ھەتتا بىيىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ بارلىقى بىزنى تەسەللىيگە ئۈندەيدۇ. بۇلاردىن يازغۇچىلاردىن ياسىنجان سادىق چوغلاننى، شائىرلاردىن ئوسمانجان ساۋۇتنى مىسالغا ئېلىشىمىز مۇمكىن. ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ 20 نەچچە يىللىق مول ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئىككى بۈيۈك سەمەرىسى «جاللات خېنىم» ۋە «باھادىرنامە» ناملىق تارىخىي رومانلىرى بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى تىل تەتقىقات نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگىدۇر. بۇ رومانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ زور قىسمى، بەدىئىيلىكى، تارىخىي چىنلىقى، ۋەقەلىك قۇراشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئىزچىللىقىدىن باشقا ئەسەر تىلغا بولغان قېتىرقىنىش، قېزىش، ساپلىقىنى قوغداش ۋە يېڭى ئىستىمال كۈچىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن كەلگەن. ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ ئەسەرلىرىدە ئەيى دەۋرنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىگە شۇنداقلا تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. 14-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈن قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنداقلا ئەسەرلىرىنىڭ تىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن، ئەسەرلىرىنىڭ تىلدا شۇنداق جىپسلاشقان ۋە شۇ دەۋرنىڭ قويۇق پۇرىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى تىلىمىزدا ئىستىمالدىن قالغان ۋە قېلىۋاتقان نۇرغۇن سۆزلەرنى يېڭى بىر ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە قىلغان. يازغۇچى بۇ رومانلىرىدا ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئادىتىنى ئەينى ئەكس ئەتتۈرگەندىن باشقا ئىزچىل تىلىنىڭ ساپلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقى بۇ رومانلارنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىدە تاپقاچقا بىز بۇ يەردە مىسال ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق. بۇ رومانلارنى كىتاپخان ئازلاۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يەنىلا قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشى ئانا تىلغا بولغان سېغىنىش ۋە ئېچىرقاشتىن دېسەك ھىچ لاپ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ رومانلاردىكى ئەينى دەۋردىكى تىل زوقىمىزنى قوزغايدۇ، بىزگە تىلىمىزنىڭ بايلىقىنى، گۈزەللىكىنى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئۆزلۈكسىز ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ جەھەتتە ياسىنجان سادىق چوغلان مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يازغۇچىدۇر.

شېئىرىيەت قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بەدىئىي ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم شېئىرىيەت تىل سەنئىتى تىلنىڭ ئوبرازچانلىقى، گۈزەللىكى ۋە مەنا ئىپادىلەشچانلىقى شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۈگۈنكىدەك كىكەچلىشىۋاتقان، ئىستىمال ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاجىزلاۋاتقان شېئىرىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ شېئىرغا بولغان قايناق ھېسسىياتى ۋە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت بىلەن تىلىمىزنى بىيىتىۋاتقان، ساقلاۋاتقان، يېڭى-يېڭى سۆزلەرنى بىزگە ياساپ بېرىۋاتقان شائىرىمىز ئوسمانجان ساۋۇت بىزنىڭ يەنە بىر ئۈلگىمىزدۇر. ئۆز مىللىتىنىڭ جانلىق تىلىنى، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان تىللارنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىش، شۇنداقلا يېڭىدىن يېڭى سۆزلەرنى ياساش ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىلىدىكى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تەرەپ. شائىر ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدۇ، گۈزەللىكنى ئىپادىلەش كۈچىنى، ئىستىمال قىممىتىنى، بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي دىنىي ۋە قايناق ھېسسىياتى بىلەن شېئىرلىرىدا نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «ئۆزىنىڭ زەنجىر ئالماش قاپىيەتلىك شېئىرلىرى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت ئۇسۇل ئويناۋاتقان رەققاسقا ئوخشايدۇ. ئوسمانجان ساۋۇت شېئىر يېزىشقا تۇتۇنغاندا سانسىزلىغان يېڭى سۆزلەر ۋە توق قاپىيەلەر مېنى قاچان ئىشلىتىسەن دەپ تەلمۇرۇپ تۇرىدۇ» دىيىشلىرى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس. تۆۋەندە بىز شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىغا قاراپ باقايلى:

شۇنداق بىز نام شۆھرەت قوغلاشماقتىمىز،

ئەپ ئىزدەپ، ئىلجىيىپ (سىلجىپ دېگەن مەنىدە)... ئېڭىشىپ يەرگە.

ــ دوستۇمغا

ئۇچتىڭىز چېقىن سىڭارى سىز لېكىن،

ھەر كۆڭۈلنىڭ دىلبىرى لەيلىۋىشى(يار، دىلبەر دېگەن مەنىدە).

ــ ئەسلەش

ئۇتامغان، ئىھتىمال، خۇشپۇراق ئەترە،

يېرىلدى دىماقلار ئاڭقىدى(پۇرىماق دېگەن مەنىدە) ئىپار.

ــ تاشقا تامغان تامچىلار

يارىم ماڭا باغلاندى، مەن يارىمغا باغلاندىم،

كۈيلەرىمدە يوق ئەمدى چارچاڭ، قىرتاق، كىرەش تەم.

كۆركلەر كۈلگەنگە يۈرىگىم مەپتۇن،

گۈللەرنى ئالىمەن بۇژغۇندىن ئۈلگۈپ(ئۈزۈپ دېگەن مەنىدە).

ــ كۆيگەن جان

يۇقارقى مىسرالاردىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇتقا خاس شېئىرىي تىللار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى يېڭى ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە قىلغان سۆزلەردۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ خەلق تىلىمىزدا يەنە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ياساپ چىقىش تامامەن مۇمكىن. بىزنى ئۇزاق ئەجداتلارغا باغلاپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر تىلدۇر. قەدىمكى يازما يادىكارلىقلارىمىز ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز بىزنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى، گۈزەللىكى، بايلىقى تەرەپلەردە تەمىن ئېتىدۇ. يەنە ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى مۇنۇ بىر كۇپلىتقا قاراپ باقايلى:

زامان دېگەن تۇتىشىدۇ تاكى تۇمۇغقا،     (تۇمۇغ-دوزاق)

چەرخى ئۇنىڭ مىجىپ ئۆتەر تەنلەرنى ھامان.

كىرگۈزەرمىز بۇ قاۋاننى قانداق سۇتۇققا، (سۇتۇق-قېلىپ، ئەندىزە، يول)

ئۈمىدلىرىم سەرسان بولدى جاھان ۋە جاھان.

ــ(كەلمەكتىمىز كەلگۈسى دەپ گۈزەل بىر جانان)

بۇ كۇپلىتتىكى تۇمۇغ ۋە سۇتۇق دېگەن ئىككى سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆز ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قىسقىسى ئوسمانجان ساۋۇت بۈگۈنكى ھايات شائىرلار ئىچىدە تىلىمىزغا ئەڭ باي، ئەڭ سادىق، مەسئۈلىيەتچان ۋە پىداكار شائىرىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئۆز مىسرالىرىدا تاللىغان، تاۋلىغان يېڭى-يېڭى ياسىغان سۆزلۈكلەر بىزنىڭ بەدىئىي ۋە ئاغزاكى تىلىمىزدا يەنىلا قوللىنىشچانلىققا ئىگە.

بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى شۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە خەلق ئېغىز تىلىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى تەكىتلەشكە تىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى ئەسەرلىرىمىزدە چوقۇم دىئالىكت-شىۋىلەر بولىشى لازىم. دىئالىكت-شىۋىلەرنىڭ قوللىنىلىشى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىل بايلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قىلماي، يەنە بىر مىللەتنىڭ تىل خاسلىقىنى قوغداپ تۇرغۇچى مەزمۇت قورغان. بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەسەر تىلى تىلىمىزغا ئىجابىي خىزمەت قىلسۇنكى شالغۇتلۇق، كىكەچلىك، بۇزۇلۇش ئېلىپ كەلمىسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئانا تىلغا سادىق بولۇشى، پىششىق بولۇشى، ئۆگىنىشى لازىم. تىل بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ جېنىدۇر، ئەدەبىي ئەسەر تىلى قويۇق ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھىتىدا ياشىغان ۋە ياشايدىغان مىللىتىمىزنىڭ ئۆز تىلىدۇر. تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىزنىڭ قەرزىمىزدۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 01:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2323
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 03:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىسرانىمدا دەل مانا مۇشۇنداق ئەدەبىي تىل توغرىسىدىكى تېمىلار كەمدەك قىلاتتى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، مەيلى تېما يازايلى، مەيلى ئىنكاس يازايلى، مانا مۇشۇ ئەدەبىي تىلدىن تولۇق پايدىلىنالىغان بولساق، قىلغان تەپەككۇرلىرىمىزنى، ئىخچام مەزمۇنلۇق، ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلىگەن بولساق، مول تىل بايلىقىمىزنى تولۇق نامايەن قىلالىغان بولاتتۇق.
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر، مەن بۇ تېمىنى ساقلىۋالاي دىگەنتىم، قانداق ساقلىغىلى بولىدىكىن بىلمىدىم.
(تېمىدىكى خەت شەكلى ماڭا نورمال كۆرۈنمىدى، بەك تەستە ئوقۇپ چىقتىم، بۇ تېمىنىڭ نورمال ىەتتىكى ئادرىسى بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.)

پويىزنىڭ گۈدۈك چالغىنى، سىزگە ھارقاچان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتكىنى!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6006
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 04:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوڭشاش كېرەككەن ....ئۇڭشاپ بولغاندىن كېيىن ئىنكاسىمىنى يازاي

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 936
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13063
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5042 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 05:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دەل ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلى ھەركىتى بىلەن قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئەلشىر نەۋائىنى مەن بارلىق كىلاسسىكلاردىن ئۈستۈن قۇيۇپ كەلگەن ئىدىم . يازمىڭىزغا رەھمەت !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 08:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلنى قوغداش ھەر بىرمىزنىڭ مۇقەدەس مەجبۇريىتى .بەكلا ياخشى يوللاپسىز رەىمەت ھارمىغايسىز.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 09:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى
مەھمۇتجان ياسىن

ئەدەبىي ئەسەر تىلى يازغۇچىنىڭ رىئال دۇنيادىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىشى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەردە ئەسەر تىلى مەۋجۇت بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە ئەسەر تىلىنى ئىپادىلاش ۋاستىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئالدى بىلەن ئىشلىتىلگەن تىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ، تىل بىلەن بايان قىلىنىدىغان بولغاچقا شۇ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تىل سىستېمىسىغا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىكى تىل ئۆز ئانا تىلىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ئەسەردىكى ئەسەر تىلى بولسا شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، دىنى، ئۆرپ-ئادىتى، ياشاش شەكلى ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ھاياتىنى يىلتىز قىلغان بولىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە بار بولغان مەيلى قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇ ئەسەرنىڭ تىل جەھەتتىن قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.
ئەدەبىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكلىرى ئىچىدىن تىلنى قېزىپ چىقىرىشتۇر. يازغۇچى گەرچە كاللىسىدا تەپەككۇر قىلسىمۇ يەنىلا تىلدا ئىپادىلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئىجادىيەت يەنىلا تىل پائالىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلۈك شانلىق تارىخىدا ئەزەلدىن ئەدەبىيات-سەنئەتكە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن. مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بەدىئىي مىراسلىرىنىڭ موللىقى بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئىپادىلەش شەكلى كۆپ خىل، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىگىچە سىڭىشكەن بۈيۈك ئەسەرلىرى بىلەن تىلىمىزنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ بىيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭمۇ چوقىسىغا ئېلىپ چىققان بۈيۈك شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋائى شائىرلىق بۇرچىدىن ئۇيغۇر تىلىنى بىيىتىپ، زىننەتلەپ بەرگەن بولسا، مىللىي كىملىك پەزىلىتىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان بىر ئىجادىيەت قورغانىدا ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى «پارىس تىلى شەكەرىست، تۈركىي تىلى ھۈنەرىست» دەپ ئىپادىلىنىۋاتقان، پۈتۈن يازغۇچى شائىرلار ئۆز ئانا تىلىدىن كېچىپ پارىس تىلىدا ئىجادىيەت قىلىۋاتقان بىر مۇھىتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆز ئانا تىلىدا تەۋرەنمەي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان نەۋائى بىزگە بۇندىن 600 يىل بۇرۇنلا ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە قالدۇرۇپ كەتكەن مول ئىجادىيەت مېۋىلىرىدە باشقا تىللارنىڭ زادىلا ئارىلىشىپ قالمىغانلىقى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇر ئىسپاتلايدۇ.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخى، ھاياتى ۋە پۈتۈن ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدە ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات بولسا ئۆزىنى ئىپادىلەشتە تىلنى ۋاسىتە قىلغان بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ مول بولغان بايلىقى ۋە يۇقىرى ئىپادىلەش كۈچى بىلەن بىزگە زور بەدىئىي ۋە تارىخىي مىراسلارنى قالدۇرغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكىدەك شالغۇتلىشىش ۋە ئازلاپ كېتىشى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ كۈنسىرى ئاجىزلاپ مېڭىشى بىزنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئېغىز تىلىدا ساقلانغىنى بىلەن يازما ئەدەبىياتىدا بىيىيدۇ. تىل-ئەدەبىياتنىڭ بىرىنجى ئېلېمىنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەدىئىي ئەدەبىياتتا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ.
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئەسەر تىلى شۇ مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ھەقىقىي ئامبىرىدۇر. ئېغىز تىلى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، ئۆزگىرىپ مۇھىتلارنىڭ تەسىرىدە ھەرخىل ئۆزگەرگىنى بىلەن بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى يازما ئەدەبىيات ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.
ئىپادىلەش كۈچى كۈنسىرى تۆۋەنلەۋاتقان، سانى ئازىيىۋاتقان، شالغۇتلىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى كىرىزىسى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى بىۋاسىتە تىلىمىزنىڭ ھەرقايسى فۇنكىسىيەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسەر تىلىدىكى شالغۇتلۇق، تويۇنماسلىق، ئىزدەنمەسلىك قاتارلىق بىر تۈركۈم ھادىسىلەر بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۈنۈمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي، بەلكى تىلىمىزنىڭمۇ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىدۇ. ئەسەر تىلىدىكى شالغۇتلۇق بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان ئېغىز تىلىمىزنىڭ بۇزۇلىشىنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى:
خالاپ ئىچكەن لاتقاق سۇ جامى مەيدىن ياخشىراق،
پۇت تاپسا ئارام يالاڭ ئاياق يۈر ئۇ خەيدىن ياخشىراق.
ئىشتىھايىڭنى ئاچسا كۆمەچ ئۇننى قوقاسقا كۆمگۈلۈك،
ئۇ خالىماي يەپ كېكىرگەن بەتتەر سەيدىن ياخشىراق.
بۇ يەردىكى «خەي، سەي» قاتارلىق سۆزلەر تىلىمىزغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر بولۇپ، بۇنداق شالغۇت تىللارنىڭ شېئىرلاردا، يازما ئەدەبىياتتا ئەسەر تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى تىلىمىزغا شالغۇتلۇق ۋە بۇزۇلۇشتىن باشقا ھىچنىمە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئاپتۇر بۇ يەردە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن قاپىيە ۋە پىكىر قوغلاشقانكى، ئۆزى قوللىنىۋاتقان ئەسە ر تىلىنىڭ ساپلىقىغا سەل قارىغان. بۇنداق ئەھۋال بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە خېلى سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنداق مىساللارنى بىز يەنە تالايلاپ ئېلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق مەيلى ئېغىز تىلىمىزدا بولسۇن ياكى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن شالغۇتلىشىش، بۇزۇلۇش، ئازلاش يوقاپ كېتىش قاتارلىق كىرىزىسلارغا ەولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنداق پاجىئەلەرگە يولۇقىشى بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەسەر تىلى بىلەن يەنىلا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە. ھازىر بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان زور بىر قىسىم سۆزلەر ئەرەپ تىلى ۋە پارىس تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى دىنىي ھاياتىمىزدىن كەلگەن بولسا پارىس تىلى پۈتۈنلەي ئېغىزىمىزغا ئەسەر تىلى ئارقىلىق كۆچكەن. چۈنكى تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋىي باغلىنىشىمىز بولمىغان پارىسلار ئۆز ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بىزنى ئىزچىل غىدىقلاپ تۇرغان. ئوبۇلقاسىم فىردەۋىس، سەئىدى، شىرازى، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق پارىس مۇتەپەككۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىزدە تويۇنغۇدەك دەرىجىدە قوبۇل قىلىنغان بولغاچقا نۇرغۇن سۆزلەر ئەسەر تىلى ئارقىلىق ئېغىزىمىزغا ۋە ئەدەبىياتىمىزغا سىڭىشكەن. بۇنداق بولۇشى ئۆز ئانا تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە.
تىل تەتقىقاتى تۇرغۇنلۇق ھالەتكە ئۆتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق ئۆز ئەسەرلىرىدە تىلىمىزنى ئاسراۋاتقان، قوغداۋاتقان، ھەتتا بىيىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ بارلىقى بىزنى تەسەللىيگە ئۈندەيدۇ. بۇلاردىن يازغۇچىلاردىن ياسىنجان سادىق چوغلاننى، شائىرلاردىن ئوسمانجان ساۋۇتنى مىسالغا ئېلىشىمىز مۇمكىن. ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ 20 نەچچە يىللىق مول ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئىككى بۈيۈك سەمەرىسى «جاللات خېنىم» ۋە «باھادىرنامە» ناملىق تارىخىي رومانلىرى بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى تىل تەتقىقات نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگىدۇر. بۇ رومانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ زور قىسمى، بەدىئىيلىكى، تارىخىي چىنلىقى، ۋەقەلىك قۇراشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئىزچىللىقىدىن باشقا ئەسەر تىلغا بولغان قېتىرقىنىش، قېزىش، ساپلىقىنى قوغداش ۋە يېڭى ئىستىمال كۈچىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن كەلگەن. ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ ئەسەرلىرىدە ئەيى دەۋرنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىگە شۇنداقلا تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. 14-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈن قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنداقلا ئەسەرلىرىنىڭ تىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن، ئەسەرلىرىنىڭ تىلدا شۇنداق جىپسلاشقان ۋە شۇ دەۋرنىڭ قويۇق پۇرىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى تىلىمىزدا ئىستىمالدىن قالغان ۋە قېلىۋاتقان نۇرغۇن سۆزلەرنى يېڭى بىر ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە قىلغان. يازغۇچى بۇ رومانلىرىدا ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئادىتىنى ئەينى ئەكس ئەتتۈرگەندىن باشقا ئىزچىل تىلىنىڭ ساپلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقى بۇ رومانلارنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىدە تاپقاچقا بىز بۇ يەردە مىسال ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق. بۇ رومانلارنى كىتاپخان ئازلاۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يەنىلا قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشى ئانا تىلغا بولغان سېغىنىش ۋە ئېچىرقاشتىن دېسەك ھىچ لاپ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ رومانلاردىكى ئەينى دەۋردىكى تىل زوقىمىزنى قوزغايدۇ، بىزگە تىلىمىزنىڭ بايلىقىنى، گۈزەللىكىنى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئۆزلۈكسىز ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ جەھەتتە ياسىنجان سادىق چوغلان مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يازغۇچىدۇر.
شېئىرىيەت قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بەدىئىي ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم شېئىرىيەت تىل سەنئىتى تىلنىڭ ئوبرازچانلىقى، گۈزەللىكى ۋە مەنا ئىپادىلەشچانلىقى شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۈگۈنكىدەك كىكەچلىشىۋاتقان، ئىستىمال ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاجىزلاۋاتقان شېئىرىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ شېئىرغا بولغان قايناق ھېسسىياتى ۋە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت بىلەن تىلىمىزنى بىيىتىۋاتقان، ساقلاۋاتقان، يېڭى-يېڭى سۆزلەرنى بىزگە ياساپ بېرىۋاتقان شائىرىمىز ئوسمانجان ساۋۇت بىزنىڭ يەنە بىر ئۈلگىمىزدۇر. ئۆز مىللىتىنىڭ جانلىق تىلىنى، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان تىللارنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىش، شۇنداقلا يېڭىدىن يېڭى سۆزلەرنى ياساش ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىلىدىكى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تەرەپ. شائىر ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدۇ، گۈزەللىكنى ئىپادىلەش كۈچىنى، ئىستىمال قىممىتىنى، بالاغىتىنى ۋە پاساھىتىنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي دىنىي ۋە قايناق ھېسسىياتى بىلەن شېئىرلىرىدا نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «ئۆزىنىڭ زەنجىر ئالماش قاپىيەتلىك شېئىرلىرى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت ئۇسۇل ئويناۋاتقان رەققاسقا ئوخشايدۇ. ئوسمانجان ساۋۇت شېئىر يېزىشقا تۇتۇنغاندا سانسىزلىغان يېڭى سۆزلەر ۋە توق قاپىيەلەر مېنى قاچان ئىشلىتىسەن دەپ تەلمۇرۇپ تۇرىدۇ» دىيىشلىرى ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس. تۆۋەندە بىز شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىغا قاراپ باقايلى:
شۇنداق بىز نام شۆھرەت قوغلاشماقتىمىز،
ئەپ ئىزدەپ، ئىلجىيىپ (سىلجىپ دېگەن مەنىدە)... ئېڭىشىپ يەرگە.
ــ دوستۇمغا
ئۇچتىڭىز چېقىن سىڭارى سىز لېكىن،
ھەر كۆڭۈلنىڭ دىلبىرى لەيلىۋىشى(يار، دىلبەر دېگەن مەنىدە).
ــ ئەسلەش
ئۇتامغان، ئىھتىمال، خۇشپۇراق ئەترە،
يېرىلدى دىماقلار ئاڭقىدى(پۇرىماق دېگەن مەنىدە) ئىپار.
ــ تاشقا تامغان تامچىلار
يارىم ماڭا باغلاندى، مەن يارىمغا باغلاندىم،
كۈيلەرىمدە يوق ئەمدى چارچاڭ، قىرتاق، كىرەش تەم.
كۆركلەر كۈلگەنگە يۈرىگىم مەپتۇن،
گۈللەرنى ئالىمەن بۇژغۇندىن ئۈلگۈپ(ئۈزۈپ دېگەن مەنىدە).
ــ كۆيگەن جان
يۇقارقى مىسرالاردىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇتقا خاس شېئىرىي تىللار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى يېڭى ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە قىلغان سۆزلەردۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ خەلق تىلىمىزدا يەنە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ياساپ چىقىش تامامەن مۇمكىن. بىزنى ئۇزاق ئەجداتلارغا باغلاپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر تىلدۇر. قەدىمكى يازما يادىكارلىقلارىمىز ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز بىزنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى، گۈزەللىكى، بايلىقى تەرەپلەردە تەمىن ئېتىدۇ. يەنە ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى مۇنۇ بىر كۇپلىتقا قاراپ باقايلى:
زامان دېگەن تۇتىشىدۇ تاكى تۇمۇغقا،     (تۇمۇغ-دوزاق)
چەرخى ئۇنىڭ مىجىپ ئۆتەر تەنلەرنى ھامان.
كىرگۈزەرمىز بۇ قاۋاننى قانداق سۇتۇققا، (سۇتۇق-قېلىپ، ئەندىزە، يول)
ئۈمىدلىرىم سەرسان بولدى جاھان ۋە جاھان.
ــ(كەلمەكتىمىز كەلگۈسى دەپ گۈزەل بىر جانان)
بۇ كۇپلىتتىكى تۇمۇغ ۋە سۇتۇق دېگەن ئىككى سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆز ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قىسقىسى ئوسمانجان ساۋۇت بۈگۈنكى ھايات شائىرلار ئىچىدە تىلىمىزغا ئەڭ باي، ئەڭ سادىق، مەسئۈلىيەتچان ۋە پىداكار شائىرىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئۆز مىسرالىرىدا تاللىغان، تاۋلىغان يېڭى-يېڭى ياسىغان سۆزلۈكلەر بىزنىڭ بەدىئىي ۋە ئاغزاكى تىلىمىزدا يەنىلا قوللىنىشچانلىققا ئىگە.
بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئەسەر تىلى شۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە خەلق ئېغىز تىلىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى تەكىتلەشكە تىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى ئەسەرلىرىمىزدە چوقۇم دىئالىكت-شىۋىلەر بولىشى لازىم. دىئالىكت-شىۋىلەرنىڭ قوللىنىلىشى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىل بايلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قىلماي، يەنە بىر مىللەتنىڭ تىل خاسلىقىنى قوغداپ تۇرغۇچى مەزمۇت قورغان. بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەسەر تىلى تىلىمىزغا ئىجابىي خىزمەت قىلسۇنكى شالغۇتلۇق، كىكەچلىك، بۇزۇلۇش ئېلىپ كەلمىسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئانا تىلغا سادىق بولۇشى، پىششىق بولۇشى، ئۆگىنىشى لازىم. تىل بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ جېنىدۇر، ئەدەبىي ئەسەر تىلى قويۇق ئەدەبىيات-سەنئەت مۇھىتىدا ياشىغان ۋە ياشايدىغان مىللىتىمىزنىڭ ئۆز تىلىدۇر. تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىزنىڭ قەرزىمىزدۇر.


1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 09:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاغزىمىزدىلا قوغدىماي، ئەمەلىيەتتىمۇ قوغدايلى بۇ تىلنى!

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83555
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 11:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
تەۋپىق روھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:43:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭلار   !!!   مەندە  ئىلىكتىرونلۇق  نوسخىسى  بار  كىيىن  ئەۋەتىپ بىرەي 877015142غا  خەت قالدۇرۇڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش