|
|
|
|
سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئامېرىكىدىن دەرھال ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-ئاۋغۇست خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ۋەكىللىرى ئامېرىكىدىن سۇرىيەدە دەرھال قىسمەن ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ۋەكىللىرى دېيىشىچە، سۇرىيە دائىرلىرى قوزغىلاڭچىلار ئىگىلەپ تۇرغان شەھەرلەرگە ھاۋا ھۇجۇمى سالمىقىنى كۈچەيتكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ھازىر سۇرىيەدە ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە كۈچى ۋە ئېغىر تىپلىق توپ ئوقلىرىدىن ئايرىلسا، ئۇزۇنغىچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
غەرب ئاخباراتلىرى سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، دەمەشىق شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دارىيە بازىرىدا 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 320 ئادەم قازا قىلغان، نۆۋەتتە 200 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان، باشقا 120 ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىكەن، كۆپ قىسىمىنى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېتىپ تاشلىغان. سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى يەنە كۆپلىگەن ۋېدىئولارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قان دېغى بار رەت-رەت جەسەتلەرنى كۆرسەتكەن، كۆپ قىسىمى ياش بالىلار ئىكەن. سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يەرلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى بىلدۈرۈشىچە، دارىيە بازىرى سۈننىي مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان بازار بولۇپ، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ بازارنى قامال قىلىپ، بارلىق تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلىغان، ئاندىن ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن قالايمىقان بومباردىمان قىلغان. كېيىن ئەسكەرلەر كىرىپ پۇقرالارنى قىرغىن قىلغان.
مەنبە- ئوكيان تورى نەپرەت تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hapjuma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 12:10 PM
|
|
|
|
|
|