ئاشىقنامە
(نەسىرلەر توپلىمى)
ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمن
كىرىش سۆز
تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىچكىرى تولۇق ئىمتاھىنىسىمۇ ئاخىرلاسقان چاغلار . ھەممىمىز نەتىجە كۈتۈپ خىيالغا پاتقان ئىدۇق . بەزىلىرىمىز قايسىبىر شەھەنىڭ ئىگىز قەۋەتلىك بىنالىرىنى چۈشىسەك ،بەزىلىرىمىز نۇمۇرىمىزنىڭ تۆۋەن بۇلۇپ قېلىشىدىن ، دوستلارنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتۇق . بولۇپمۇ مەن ھەممىدىن بەكرەك مۇرەككەپ خىيالغا پاتقان ئىدىم . چۈنكى ئاتا –ئانام مەندىن قانچە ئۈمىد كۈتكەن بولسا ،بەزى ئىچى يامان كۆرەلمەسلەر مىنىڭ ئۈتىشىمگە ئىشەنمەي نەچچە مىڭلاپ پۇلىنى ، ھەتتا قۇلاقلىرىنى دوغا تىككەن ، يۈزۈمدىن –يۈزۈمگە :«سەن ئۆتسەڭ مەكتەپ تارىخىدا مۆجىزە بولىدۇ .»دىيىشكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلۇغ ئاللادىن ماڭا ئاسانلىق بىرىشىنى ، دوست دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتماسلىقنى تىلەپ تۇراتتىم .
مانا . نومۇرمۇ ئىلان قىلىنىپ ،نۇمۇر چېكى تۇرغۇزۇلدى . ئۆتكەنلەر خۇشال بولۇپ ئىسىل شەھەرلەرنىڭ رەت-رەت بىنالىرىنى ،ئاسفالىت يوللىرىنى ئويلىسا ، ماڭا ئۆتەلمەسلىك بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى . شۇنداق ئەمەسمۇ ، ئىچكىرى تۇلۇق بىردىن –بىر چىقىش يولى بولمىسىمۇ ئەمما مىنىڭ بىر يىللىق تىرىشچانلىقلىرىم ، كىچىنى تاڭغا ئۇلاپ كىتاپ كۈرۈشلىرىم ، مۇشۇ ئىمتاھان ئۈچۈن تىل –ھاقارەتلەر چىداشلىق بىرىشىمنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى پەقەت ۋە پەقەت 0.5نۇمۇر بىلەن ئاخىرلاشقان ، ئەشۇ كۆرەلمەسنىڭ ناغرا –دۇمبىقىغا كۈي ھازىرلىغان ئىدىم . ئامال قانچە ، مىنىڭ مەغلۇبىتىم ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ غەلبىسى ، بۇ ھاياتلىقنىڭ تەبئىي قانۇنىيىتى .
رەقىپلەرنىڭ كۈلكە ساداسى ئىچىدە ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق چۈشكۈنلىك دەرياسىنىڭ يولۇچىسى بولدۇم . ھەممە نەرسىدىن بىزار بولۇپ ،ياتاق ئۈيۈمدىن چىقمايدىغان ،چىقساممۇ ھېچكىمگە گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم . ئاپامنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمۇ ، دادامنىڭ تەسەللىيلىرىمۇ ماڭا كار قىلمايتتى . ئاخىر ئۇلارمۇ مىنى ئۆزۈمگە قويىۋەتتى . 40نەچچە يىللىق ئۆمۈر مەنزىلىدە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دادامنىڭ مىنىڭ بۇ چۈشكۈنلىشىشىمنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىكەن .
شۇنداق چۈشكۈنلىككە پاتقان چاغدا سىنالغان دوسىت ھەقىقى دوست دىگەندەك ، مىنىڭ چۈشكۈن قەلبىمگە تەسەللىي بەرگەن ، ماڭا ھەمراھ بولغان شۇ قىز ماڭا ھەقىقى دوستۇم بىلىنەتتى . ئۇ مىنى تاماق يىيىشكە ، سىرتلارنى ئايلىنىشىقا ،بىرگە توپ ئويناشقا تەكلىپ قىلاتتى . يا بولمىسا مەن بىلەن بىرلىكتە كومپىيوتىر ئوينايتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ماڭا ھاياتىمدىكى تۇنجى مۇھەببەتنى ، قىز –ئوغۇللار ئارىسىدىكى دوسلۇقتىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى ھىس قىلدۇردى .
8-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەن خۇش خەۋەر مىنى ،ئاتا-ئانامنى ھەم ئۇنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى . كۈلۈش نۆۋىتى ، دوغا تىكىلگەن قۇلاق ، پۇللارنى سوراش نۆۋىتى ئەمدى ماڭا كەلگەن ئىدى .جېجىياڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى قولۇمغا ئىلېپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن چاغلىرىمدا خۇشاللىق ياشلىرىم مەڭزىمدە دومىلايتتى ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :« يىغلىما ، نىمىشقا يىغلايسەن ؟ ھازىر يىغلاش ئەمەس كۈلىشىڭ كىرەك ، قارا ،مەن ساڭا ئۈمىدسىز شەيتان دىگەنغۇ . راستمىكەن ؟ »دەپ يېشىمنى سۈرتەتتى .
دىمىسىمۇ مەن خۇشال بۇلۇشقا ، مەغرۇر قىياپەتتە يۈرۈشكە ھەقلىق ئىدىم . كىچىك ۋاختىمدىكى شوخلىقلىرىمغا قاراپ مىنى پوچى- كەپسىز قاتارىغا ، ئاتامنى بالا تەربىيەلەشنى بىلمەيدىغان يارامسىز قاتارىغا چىقارغان ئەشۇ «بىلەرمەن »لەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ چاقىرىق قەغىزىمنى بىرمر- بىر كۆرسىتىشكە ، ماڭا ئاتىغان قۇلاق ، پۇللارنى بىرمۇ –بىر سوراشقا ھازىرنىڭ ئۆزىدە سالاھىيىتىم تامامەن تۇشاتتى .
شۇنداق قىلىپ ماڭىدىغان ۋاختىممۇ يېقىنلاپ قالدى ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقىلى بارغان كۈنى ئاسماندىكى تولۇن ئاي ئۇنىڭ تۇنۇشقاندىن بۇيانقى تۇنجى كۆز يېشىغا ، كۆزلىرىدە ياش ، لەۋلىرىدە تەبەسسۇم ھالەتتە ماڭا :« ماڭا سىنىڭ قەيەردە بولىشىڭ مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى يۈرىگىڭنىڭ كىمگە سۇقىشى »دىگەن سۆزىگە گۇۋاھ بولدى . مەن بۇ ئاشىقنامىنىڭ دەسلەپكى باشلانمىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتپ تۇرۇپ :« ماڭا ئىشەن ،مەن چۇقۇم بۇ ئاشىقنامىنى بەش پارچە قىلىپ يېزىپ چىقىمەن ، ھەم ئۇنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن .»دىدىم .
شۇنداق قىلىپ يۈرىگىمگە ھىجراننى تېڭىپ ، ئاشىقنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخسىنى ئېلىپ جېجىياڭغا يولغا چىقتىم .دىگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ توپلامنىڭ بىرىنجى پارچىسى بولغان «ئاشىقنامە » نى پۈتكۈزدىم . ئەمما ئۇنىڭغا كۆرسىتىش نىسىپ بولمىدى . مەن دىگەن سۆزۈمگە ئەمەل قىلىپ ئىككىنجى پارچىغا تۇتۇش قىلدىم ،بىر يىلدىن كىيىن ئۇمۇ پۈتتى .
ئارىدىن 6-7يىل ئۆتۈپتۇ . بۈگۈن يەنە شۇ نامىلىرىمنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ شۇ ساددا قەسەملىرىمنى ،تۇنجى مۇھەببىتىمگە بەرگەن ۋەدىلىرىمنى ئەسكە بىر قارىسا بىرسىنىڭ بىكارچىلىقتا سۆزلىگەن قۇرۇق گىپىگە ، بىر قارىسا مەشىق ئەسەرلىرىگە ،يەنە بىر قارىسا ساددا بىر بالىنىڭ ھايات ھەققىدىكى ئىزدىنىش خاتىرىسىگە ئوخشاپ قالىدىغان بۇ يازمىلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم . يەنە بىر تۇرۇپ ئەشۇ گۆدەكلىكتىكى تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ يالدامىسى بولغان بۇ خاتىرىنى ،ساددىلىقتىكى ھىسلارنى ، ئاشىق –مەشۇق دىسە تاھىر –زۆھرە ، غېرىپ –سەنەم ،مۇھەببەت دىسە ئەشۇ تۇنجى مۇھەببىتىمدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھەم ئويلاش مۇمكىن بولمىغان تار تەسەۋۋۇر بىلەن ئىزدەنگەن چاغلىرىمدىكى دەسلەپكى مىۋىلەرنى ئىلىم ئەھلىلىرىگە كۆرسىتىشتىن ئۇيىلىپمۇ قالدىم .
بىراق بۇ قانداقلا بولمىسۇن بىر ۋەدە ،گەرچە مەن ۋەدە بەرگەن شۇ قىز ئاللىقاچان شۇ ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنىڭ يېنىغا كەتكەن ، مەنمۇ ئۆز بەختىم ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان بولساممۇ ، شۇ تۇنجى مۇھەببىتىمىزنىڭ ،پاك –غۇبارسىزلىقتىكى ساددا قەسەملىرىمنىڭ ئەمەلىيتىنى كۆپچىلىككە سۇنماقچى بولدۇم .
دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ، بالىلىقتىكى ھىسلىرىمغا ئوتاقلىشىشىنى سورايمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
ئابدۇقادىر .
ئاشىقنامە
مۇقەددىمە
«-ئاشىقلىق سۈيۈملۈك ئازاپ ؟!!!
ئۇنداقتا سەندىن سۇراپ باقاي :سەن بۇ ئازاپنىڭ شىرىنلىكىنى تاپالىدىڭمۇ ؟ بۇ ئازاپ دېڭىزى بەكمۇ كەڭ ، بۇ دېڭىزدا بۇران –چاپقۇنلارنىڭ زەربىسى ، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇشىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خىرىس قىلىشى تۇرغانلا گەپ ، بۇنى بىلەمسەن ؟ شۇلارشا بەرداشلىق بىرەلەمسەن ؟ بۇ دېڭىزدىن ئۈزۈپ چىقىشقا كۈزۈڭ يىتەمدۇ ؟
-مىنى بوش چاغلاۋاتامسەن ؟ مىنى بىلى بوش ،ئاسانلا بەل قۇيىۋېتىدىغان ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟
خاتالاشتىڭ قىزچاق ؛ سەن دىگەندەك مەن بۇ ئازاپنىڭ شىرىنلىكىنى تاپالىدىم شۇنداقلا تاپالايمەن .
قارا ،مىسرالىرىمغا ،
سىنى كۈيلەپ پۈتكەن قەسىدىلىرىمگە ،
ئەشۇ ئاددىي سۆزلەر تەكتىگە يۇشۇرۇنغان ھىسلارغا ،
يۈرىگىمدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇھەببەت ناخشىسىغا ،
قەلب گۈلزارلىقىمدىكى كىپىنەكنىڭ نەغمىسىگە....
بۇلار يىتەرلىكمۇ ؟ ياق .
ئەمما مەن تىرىشىمەن ، داۋاملىق ئىزدەيمەن .
خۇددى سەن ئېيتقاندەك بۇ دېڭىزدىن مەنزىلگە يىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ، شۇنداقلا دېڭىزغا كىرگەنلىكى ئادەمنىڭ تاھىر بۇلىشى ناتايىن ، خۇددى :
مىسرالار تىزسىلا شائىر ئەمەستۇر ،
گەپ قىلغان ھەممسى ماھىر ئەمەستۇر ،
ھەركىشى بىلىدۇ سۇدا ئۈزۈشنى ،
ھۆل پېتى تۇرسىلا تاھىر ئەمەستۇر.
دىگەندەك .
مەن نامۇ نىشانسىز كەلمىدىم ، سىنى ئىزلەيمەن . نىيىتىم خالىس ،ئۇلۇغ ئاللادىن سەپىرىمنى ئۇتۇقلۇق قىلىشنى تىلەيمەن .
دەيدىغىنىم :
مەن خۇتەنلىك بىرنى بىر دەيمەن .
مەيلى قانچىلىك خەتەرلىك بولسىمۇ مەن يانمايمەن .
ئىرادەمدىن قايتمايمەن .
(1)
كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئاقماقتا ، ئانا تۇپراق ئۇنى ئۆز قوينىدا پەپىلىمەكتە .
ياشلىرىم سىنى ئەسلەتتى . مارجانلىرىڭنى سېغىندىم .
مىسكىن قەلبىمگە ھىسداشلىق يىپىنى باغلىغىن ، ھىجران ياشلىرى ئۇنىڭدا رەتلەنسۇن .
(2)
قانداق چاغدا يازغان شىئېر ئەڭ تەسىرلىك ، ئەڭ مۇڭلۇق ؟
يۈرەكلەر ئاشىقلىق ئوتىدا ئۆرتىنىپ ،پىراقلاردا تۈگەشكەندە .
(3)
ئادەم ئاتا –سادىق ۋاپادار ، باتۇر ، ئۇنىڭغا قۇشۇلغان ئەقىل پاراسىتى ، گۈل قۇشۇلغان جاسارىتى .
ھاۋا ئانا - گۈزەل چىراي ،ئەخلاق بىلەن ئادەم ئاتىنى لال قىلغان .
ئەي، ئۇلۇغ رەببىم ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قىلىپ ياراتقان كامالىتىڭگە ئاپىرىن . ئىنسانىيەتكە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى پاچقان ھىممىتىڭگە تەشەككۈر .
دېڭىز ئەشۇ مۇھەببەتتىن يارالغانمۇ ؟ پۇلات شۇلاردىن تاۋلانغانمۇ ؟
(4)
مۇھەببەت –چوڭقۇر ئازاپ دېڭىزى .
مۇھەببەت – گۈزەل جەننەتتىن سوۋغات .
مۇھەببەت ناخشىسى – گۈزەل يېقىملىق ،مۇڭلۇق تەبىئەت سىمفونىيىسى .
مۇھەببەت شىئېرى –ئازاپ دېڭىزىدىكى مەرۋايىت .
مۇھەببەت قەسىدىسى – جەننەتتىكى خۇشاللىق جاكارنامىسى .
(5)
بىز ئايرىلدۇق .
بۇلبۇل كۆز ياشلىرى ئارقىلىق گۈلگە خوش دىگەندە ، گۈل ئازاپ ھىجراننى يۈرىگىگە ئويغاندا سەن يىراقلارغا يول ئېلىپ مىنى ھىجران چۆلىگە تاشلىدىڭ .
ئارقاڭدىن قاراپ تۇرۇپ ئۆز –ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم :
- ياق ،دىلبىرىم، بىز ئايرىلمىدۇق . سەن ماڭا سىمايىڭنى قالدۇردۇڭ ، مەن ئەقىدەمنى يوللۇق تۇتتۇم .
سەن يۈرىگىڭدىن ئەسلىگىن ، مەن قەلبىمدىن سېغىنىمەن .
(6)
پاھ ، كەچكى شەپەق نىمىدىگەن چىرايلىق !!
خۇددى سىنىڭ بىر جۈپ سۆيگۈ ئۇچقۇنى چاقنىغان خۇمار كۆزۈڭدەك ،
ھىجران ئۇتىدا ئۆرتەنگەن يۈرۈگۈمدەك .
نىمىدىگەن قىزىل !
سىنىڭ مەڭزىڭدەك .
ھەقىقەتەن نۇرلۇق !
چولپاننى خىجىل قىلغان يۈزۈڭدەك .
(7)
زىندانغا چۈشۈشتىن قورقمايمەن . مۇھەببىتىم ماڭا ئەركىنلىك بىرىدۇ .
شاھ –سۇلتانلارنىڭ قىينىشىدىن قورقمايمەن . سۆيگۈم مىنى بەزلەيدۇ .
زىندانىڭدىن قورقىمەن . ۋەھىمە مىنى ئازاپلايدۇ .
قىينىشىڭدىن يېقىلىمەن ، ھىجران مىنى جازالايدۇ .
(8)
كۆزۈمگە قارىما ،كۈل بولىسەن .
يۈرۈگۈمىنى تىڭشىما، گاس بولىسەن .
سۆزلىرىمنى ئاڭلىما، چۈشەنمەيسەن .
مۇھەببىتىمنى خارلىما ،ئازاپلانمايسەن .
(9)
مەن يىغلىمىدىم .
بۇ ياش ئەمەس .
كۆزلىرىمدىن ئاققىنى يۈرىگىمدىن ئېتىلىپ چىققان تەلپۈنۈش ئوتلىرىنىڭ پارچىسى .
ئالدىڭدا يىغلاشتىن ئۇيۇلىمەن .
ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ بىلەن تىكىلسەڭ ياشلىرىم قۇرۇپ كىتىدۇ .
كۈلۈشتىن قورقىمەن .
قاپاقلىرىڭ تۈرۈلگەندە بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ ،شادلىق قۇياشىم ۋەھىمە بۇلۇتى ئارىسىغا مۆكۈدۇ .
(10)
گۈللەر ئارىسىدا سىنى كۆردۈم . بىر تۈپ گۈلنى قېنىپ- قېنىپ پۇرىدىڭ .
شۇ چاغدا شۇلارنى ئويلىدۇم :
شەبنەمگە ئايلانسامكەن ، سەن پۇرىغان گۈل بىلەن ساڭا يېپىشسامكەن . ..
لېكىن ئۆكۈنمەيمەن .
چۈنكى مىنىڭ قۇرىغان شەبنەم بۇلۇپ سىنىڭدىن تىزلا ئايرىلىپ كەتكىم يوق .
(11)
خىيالىمدا سەن بىلەن سىرداشماقتىمەن .
سۇئاللىرىڭ ئاددىي ، جاۋابىم ئىخچام ئىدى .
-سەن ماڭا ئاشىقمۇ ؟
- ھەئە .(بۇندىن باشقا جاۋاپ يوق )
-مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازىمۇ سەن ؟
- ھەئە .(جان لازىممۇ؟ مانا يۈرەك . «يۈرەكتىن چىقمىغان جاۋاپ»)
-مەندىن نىمە كۈتمەكچى ؟
- بۇ سۆيگۈ تاماسىز .
-بۇ كۈتۈشلەردىن نىمىنى ئىستىمەكچى؟
- سىنى چۈشۈنۈشنى.
- ئۆزۈڭنى چۈشەنمەمسەن ؟
-ياق .
-نىمىشقا ؟
-چۈنكى باشقلىلارنى چۈشىنىشنى ئىستىسەڭ سەنمۇ چۈشىنىشكە ئېرىشىسەن .
(12)
قۇلۇمدا قەدىمىي تارىخ ، ناتۇنۇش يېزىقلار ، چۈشىنىكسىز بەلگىلەر . تۇلىمۇ ناتۇنۇش .
لېكىن شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چاقنىغان« مىھىر –ۋاپا ،ساداقەت» نى تۇنۇدۇم .
چۈنكى بۇ تارىخنىڭ تۇنۇشى .مەن تۇنىمىسام بولماس .
(13)
باشقىلار مۇھەببتىنى دېڭىزدەك چوڭقۇر ،دەريادەك دولقۇنلۇق دەيدىكەن .
بىراق مەن نىمە دىيىشنى ، قانداق تەرىپلەشنى بىلمىدىم . چۈنكى مىنىڭ مۇھەببىتىم ئۇنچىلىك ئاددىي ، ئۇنداق شىرىن ئەمەس .
دوستلار سەمىگە :
داۋامى داۋاملىق ھوزۇرىڭلاردا بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 11:29 AM