ئالدىن ئېيتىلغان بىشارەتلەر
1. «ئېلىم-پەن قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقالىشى مۈمكىن ئەمەس»(1967-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى) — لى.فىلىست دوكتۇر، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كەشپىياتچىسى ۋە سىمسىز تېلگىراف ئاتىسى.
2. «يەرشارى ئالەمنىڭ مەركىزى» (مىلادىي 2-ئەسىر) — تولېمې، قەدىمقى يۇنانىستان (گېرىتسىيە)ئاستىرونومى.
3. «باشقىلارنى ئۆيىڭگە كومپىوتېر سەپلە دېيىشىمىزگە ئاساسىمىز يوق»(1979-يىل)— كېنىس.ئورسېىن،DEC (سىفىرلىق ئۈسكۈنە شېركىتى) باش لېدىرى ۋە ئاساس سالغۇچىسى.
4.« ئايروپىلان قىزىقارلىق نەرسە، بىراق، ھەربىي ئىشلاردا ھېچقانداق ئىشىلتىلىش قىممىتى يوق» (1911-يىل) — فېردىناند.فېرسون، فىرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مارشالى، ھەربىي ئىشلار سىتراتىگىيىچىسى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قوماندانى.
5. «بارلىق كەشپىياتلار كەشىپ قىلىنىپ بولدى» (1899-يىل) — چارلىز.دوئېر، ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسى باشلىقى.
6.«تېلۋېزور بازارغا سېلىنىپ ئالتە ئايدىن كىيىن، يەنە بازار تېپىشى مۈمكىن ئەمەس.كىشىلەر كۈندە قوراشتۇرما قاپقا قاراپ ئولتۇرىۋېرپ، ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭدىن زېرىكشىدۇ» (1946-يىل) — دالېر.زانۇك، 20-ئەسىر فوكۇس شېركىتى باش لېدىرى.
7.« كۆپ قىسىم كىشىلەرئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماكا چېكىش پايدىلىق» (1969-يىل) –G.مايك تاننا دوكتۇر، لوس ئانجىلىستىكى نوپوزلۇق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى.
ئېھتىمال سىز، ئالدىن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىڭىزدا كۈلكىلىك ھېس قىلىشىڭىز مۈمكىن، بىراق، ئەينى ۋاقىتتا بۇلار ھەقىقەت دەپ قارالغان ئىدى، شۇڭا، بىلىشىڭىز كېرەككى، بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىماڭ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن، ھېچكىمنىڭ كېسىپلا ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقى يوق. ھەقىقىي پاجىئە شۇكى، كىشىدە ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى، تۇرمۇش، خىزمەتتە «باتۇرلۇق» كۆرسەتمەسلىكى، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلماسلىقى، قەددىنى رۇسلىماسلىقىدۇر.
«فىلتەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى» 2009-يىل 5-ئايلىق كىيىنكى سانىدىن ياۋائات تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 10:41 AM